elan orni : 13999092457elan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1789|ئىنكاس: 50

مىسسى ۋە 400 توپ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئۇچقۇنى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-27 23:10  

       ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەرداشلار ، ھەممىڭلارنىڭ ئىشلىرىغا ئۇتۇقلار بولسون!   مىنڭمۇ مىسسى تۇغۇرلۇق بىرەر تېما يوللۇغۇم كەلدى ،شۇڭا.....  
     
    مەستانىلەر تۆت كۆزى بىلەن كۈتۈۋاتقان مۇسابىقىلەردىن بىرى  9-ئاينىڭ 28-كۈنى سەھەر سائەت 10:00 دا، 2014-2015 مۇسابىقە پەسلى ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسى ئالتىنچى ئايلانمىسنىڭ بىر مەيدان قىزىق نۇقتىغا ئايلانغان مۇسابىقىسى ئېلىپ بېرىلىدۇ. يەنى بارسېلونا كوماندىسى ئۆز مەيدانى نوكامپۇدا گىرانادا كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ. بارسېلونا كوماندىسنىڭ مەشقاۋۇلى ئىنرىك مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان ئەزالار چوڭ تىزىملىكىنى تېخى ئېلان قىلمىغان بولۇپ، بارسېلونا كوماندىسغا يېڭىدىن يۆتكىلىپ كەلگەن ۋېرمالىن ھازىر ساقايغان. سۇئارېز بولسا داۋاملىق مۇسابىقىدىن چەكلىنىش باسقۇچدا تۇرىۋېتىپتۇ. يەنە بىر ماھىر ماسىپ يارىلانغان بولغاچقا مەيدانغا چىقالمايدىكەن. ئىككى كوماندا ئىسپانىيە بىرلەشمە تارىخىدا جەمىئىي 40 مەيدان مۇسابىقىلىشىپ باققان ،بۇنىڭ ئىچىدە بارسېلونا كوماندىسى 31 مەيدان يېڭىپ ،تۆت مەيدان تەڭلىشىپ ،بەش مەيدان ئۇتتۇرغان. 103 توپ كىرگۈزۈپ ،39 توپ كەتكۈزگەن، بۇ جەھەتتە مۇتلەق ئۈستۈنلۈككە ئىگە. بارسېلونا كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا گىرانادا كوماندىسى بىلەن 20 مەيدان ئويناپ تولۇق يەڭگەن ، 75 توپ كىرگۈزۈپ پەقەت 18 توپ كەتكۈزۈپ قويغان. گىرانادا كوماندىسنىڭ ئالدىنقى قېتىم بارسېلونا ئۈستىدىن نومۇر ئالغان ۋاقتى بولسا 1973-1974 مۇسابىقە پەسلى بولۇپ، شۇ چاغدا ئىككى كوماندا 1 : 1 نەتىجە بىلەن تەڭلىشىپ بىر نومۇردىن ئالغان. گىرانادا كوماندىسنىڭ بارسېلونا كوماندىسنى يەڭگەن مۇسابىقىسى 1971-1972 مۇسابىقە پەسلىنىڭ 29-ئايلانمىسدا ئۆز مەيدانىدا 2 : 0 نەتىجە بىلەن يەڭگەن. ئالدىنقى پەسىلدىكى بىرلەشمە مۇسابىقىدە بارسېلونا كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا 4 : 0 ، مېھمان مەيداندا 1 : 0 قوش يەڭگەن.

بۇ پەسىلدىكى ئالدىنقى ئايلانما مۇسابىقىدە بارسېلونا كوماندىسى ئويلىمىغان يەردىن مالاگا كوماندىسى بىلەن تەڭلەشكەندىن كېيىن بىرىنچىلىك ئورنىنى قولدىن بېرىپ قويدى. ئەمما ئىنرىك باشچىلىقىدىكى بۇ كوماندا يېڭى پەسىل باشلانغاندىن بېرى بىر مەيدان مۇسابىقىدىمۇ توپ كەتكۈزۈپ باقمىدى ، بارسېلونا كوماندىسنىڭ بۇنداق ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىشىنى يېڭى كەلگەن ۋاراتار بىراۋونىڭ تۆھپىسىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ ئەلۋەتتە! چىلىلىق بۇ ۋاراتار چاققان ھەرىكەتلىرى بىلەن توپ توسۇپ بەش مەيدان مۇسابىقىدە بىرمۇ توپ كەتكۈزۈپ قويمىدى. مۇبادا گىرانادا كوماندىسى بىلەن ئوينىلىدىغان مۇسابىقىدە بىراۋو ئوخشاشلا قالتىس تۇرۇپ توپ كەتكۈزۈپ قويمىسا، ئۇ چاغدا بىراۋو بارسېلونا كوماندىسنىڭ 1970-1971 مۇسابىقە پەسلىدىكى ۋە 1977-1978 مۇسابىقە پەسلىدىكى ئىككى ۋاراتارنىڭ ئالتە مەيدان ئۇدا توپ كەتكۈزمەسلىك رېكورتى بىلەن تەڭلىشىدۇ. يېڭى پەسىل باشلىنىپ ھازىر ياۋروپا بەش چوڭ بىرلەشمىسى ئىچىدە ئىتالىيە بىرلەشمىسىدىكى يۇۋېنتۇس كوماندىسنىڭ ۋاراتارى بۇفۇن ۋە بارسېلونا كوماندىسنىڭ ۋاراتارى بىراۋو بۇ ئىككىسى پەقەت توپ كەتكۈزۈپ قويمىغان ۋاراتار بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بىراۋو بەش مەيدان، بۇفۇن تۆت مەيدان مۇسابىقىگە قاتناشتى.
ئالدىنقى ئايلانما مۇسابىقىدە «توپ كىرگۈزۈش ماشىنىسى» دەپ نام ئالغان داڭلىق چولپان مېسسى توپ كىرگۈزەلمىدى. مېسسى بارسېلونا كەسپىي ھاياتىدا ھازىرغا قەدەر 357 توپ كىرگۈزۈپ بولغان. ئارگېنتىنا دۆلەت كوماندىسدا بولسا 42 توپ كىرگۈزگەن ،ھەممىسىنى قوشقاندا ھازىرغا قەدەر مېسسىنىڭ كىرگۈزگەن ئومومىي توپ سانى 399 غا يەتكەن. ئەگەر مېسسى بۇ ئايلانمىدا پەقەت بىر توپلا ئۇرىۋەتسە مېسسىنىڭ جەمىئي توپ سانى 400 گە يېتىدۇ، ھازىر ھەرقايسى تاراتقۇلار: «مېسسى 400 توپ ئۆتكىلىدىن ئۈتۈش ئالدىدا تۇرماقتا» دەپ خەۋەر ئېلان قىلىشقا باشلىدى، بۇ مېسسىگە نىسبەتەن پەقەت ۋاقىت مەسلىسى خالاس!
غەلبە تىرىشقانلارغا ، توختاۋسىز ئالغا ئىلگىرلىگۈچىلەرگە مەنسۈپ . ئالغا !!!  مىسسسسسسسسسسسسسسسى.........!!!!!!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-9-27 23:15:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
400   500   600 ............ئۈچۈن ئالغا؟غەلبە تىرىشچانلارغا مەنسۈپ، ھەرگىزمۇ ئۇرۇشقاقلارغا مەنسۇپ ئەمەس.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-9-27 23:15:41 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىسسى غەيرەت قىل. بولسا قالپاق كىيىۋەت.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-9-27 23:23:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە يىرىم سائەتتىن كىيىن كۆرىمىز مىسسىنىڭ ئىپادىسىنى.....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-9-27 23:26:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يىل مەرگەنلىك چىكىتنىڭ ئوخشايدۇ  ،   داۋاملىق توپ ئۇرۇپ مىڭىشىڭنى ئۈمىد قىلىمەن  .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-9-27 23:28:55 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېسسىغا خېلى بوپ قالدى توپ ئۇرماي پاس چىقىرۋاتقىلى...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-9-27 23:29:32 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قايسى توردىن كۈرمىز  يوللۇۋەتمەمسىلە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-9-27 23:33:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   honda تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-27 23:38  

http://www.nur.cn/news/2014/09/187383.shtml

مېسسى 400 توپ ئۆتكىلىدىن ئۆتۈش ئالدىدا تۇرماقتا

ماناق كۆچۈرگەن تېما  بولغانكىن.
سەل  كىچىك پېئىلراق بولاپ، خەقنىڭ  ئەجىرىگە ھۆمەت قىلىپ مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قوياڭلار.

ئۆزەڭلار قىلمىغان نەرسىنى ئەركىشى بولغانكىن نومۇس قىلىڭلار، خەقنىڭ ئەجرىنى ئەكەپلا
مېنىڭمۇ  تېما  يوللىغۇم  كەپ قالدى  دەپ يوللاشتىن..

كۆچۈرسە مەيلى، نۇردىن كۆچۈرسە  بولمايدۇ  دېمىدۇق.
ئەر كىشى بولغانكىن، ئۆزۈڭلار قىلمىغاننى، مەن قىلدىم دەپ يۈزسىزلىك قىلماي، مەنبەنى ئەسكەرتىپ قويۇڭلار،
مەنبەنى ئەسكەرتمىسەڭلارمۇ، ئۆزۈڭلار قىلمىغانكىن مەن قىلدىم دەپ تۇرىۋالماڭلار.
ئەجىرنى خەق سىڭدۈرگەنكىن.  ئەركىشىگە قىلمىغاننى، قىلدىم دىسە بەك سەت تۇرىدۇ، گەرچە كىچىك ئىش بولسىمۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-9-27 23:34:58 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-9-27 23:39:14 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
honda يوللىغان ۋاقتى  2014-9-27 23:33
http://www.nur.cn/news/2014/09/187383.shtml

مېسسى 400 توپ ئۆتكىلىدىن ئۆتۈش  ...

خوندا بۇرادەر،گېپىڭىز يوللۇق....
  سىزمۇ ھەر ۋاقىت مۇشۇنداق خەۋەرلەرنىڭ پاتنېت ھوقۇقى بىلەنلا ھەپىلەشمەي، باشقا تېمىلارغىمۇ نەزەر تاشلاپ بېقىڭ... سىزنىڭ خېلى خېلى ياخشى تېمىلارغا ئىنكاس يازغىنىڭىزنى ئۇچرىتىپ باقمىدىم، داۋاملىق دېگۈدەك مۇشۇنداق ئاددىي خەۋەرلەرنىڭ تەۋەلىك مەسىلىسىنى داۋراڭ قىلىۋەرمەي، باشقا ياخشى نەرسىلەرنىمۇ قوللاپ قويايلى، تەنىقد بىلەن تەڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشمۇ بولسۇن...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-9-27 23:45:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆرۈش ئادىرسىنى بىلىدىغانلار بارمۇ ؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-9-27 23:45:59 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-3-20 12:35

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش