ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !!!!
دىيارىمىز ۋاقتى 9-ئاينىڭ 27-كۈنى سائەت 13:00 دە ، جۇڭگۇ ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ 25-ئايلانمىسىنىڭ بىر مەيدان مۇسابىقىسى ئېلىپ بىرىلىپ ، شىنجاڭ داۋانچېڭ ناخۇەن كۇماندىسى مېھمان مەيداندا ، تىيەنجىن سۇڭجىياڭ كۇماندىسى بىلەن مۇسابىقە ئوينىدى ، بۇ قېتىم شىنجاڭ داۋانچېڭ ناخۇەن كۇماندىسىدىن 3-نۇمۇرلۇق سەيشى ۋە 6-نۇمۇرلۇق چەتئەللىك ماھىر ۋېيسېنتې سېرىق كارتا يىغىلىپ قېلىش بىلەن مەيدانغا چىقالماي ، كۇماندىنىڭ ئارقا سەپ مۇداپىئەسى بىر ئاز ئاجىز بۇلۇپ قالدى ، مۇسابىقىدە تىيەنجىن سۇڭجىياڭ كۇماندىسى ماھىرى قىزىل كارتا بېرىشكە بۇلىدىغان قايدىگە خىلاپ ھەركەت ئىشلىگەن بۇلسىمۇ رېپىر سېرىق كارتا بىلەن ئاگاھلاندۇردى ، ئالدىنقى يېرىم مەيدانغا قۇشۇپ بېرىلگەن ۋاقىتتا تىيەنجىن سۇڭجىياڭ كۇماندىسىنىڭ چەتئەللىك ماھىرى بىر كاللا توپ ئۇردى ، كېيىنكى يېرىم مەيدان ئاخىرلىشاي دىگەندىمۇ تىيەنجىن كۇماندىسىدىن 26-نۇمۇرلۇق ماھىرى فەن بو چۈن نىڭ بىر توپ ئۇرۇشى بىلەن 2:0 نەتىجە بىلەن شىنجاڭ كۇماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى . ئىككى كۇماندا ، بىرلەشمىنىڭ 10-ئايلانمىسىدا ئۇچراشقان بۇلۇپ ، شىنجاڭ داۋانچېڭ ناخۇەن كۇماندىسى ساھىبخان مەيداندا ، 2:1 نەتىجە بىلەن تىيەنجىن سۇڭجىياڭ كۇماندىسىنى يەڭگەن . يەھيا يەنىلا ئاساسلىق ئەزا بۇلۇپ مەيدانغا چىقتى ، ئىپادىسى ئادەتتىكىچە بۇلدى ، 80 نەچچىنچى مېنۇتتا مۇستاپا ئالەننىڭ ئورنىغا ئالمىشىپ مەيدانغا چىقتى . نۆۋەتتە شىنجاڭ كۇماندىسى جۇڭگۇ ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىدە ،6 ئۇتۇپ ، 10 تەڭلىشىپ ، 9 ئۇتتۇرۇپ ، 20 توپ ئۇرۇپ 23 توپ كەتكۈزدى ، بۇ ئايلانما ئاخىرلاشقاندا 10-ئورۇنغا چۈشۈپ قىلىش ئېھتىماللىقى بار .
شىنجاڭ داۋانچېڭ ناخۇەن كۇماندىسىنىڭ مەيدانغا چىققان ئەزالار تىزىملىكى
قاپقىچى : 12-نۇمۇر گۇجۈن جې
بېكلەر : 2-نۇمۇر جاڭجې ، 23-نۇمۇر ۋاڭ ۋېى چېڭ 22،-نۇمۇر يەنجىيۈ
ئۇتتۇرا مەيدان : 29-نۇمۇر يەھيا، 8-نۇمۇر ۋاڭ كاڭ ،11 -نۇمۇر شۈچېڭ ، 21-نۇمۇر توڭ شىياۋ شېڭ
ھۇجۇم : 9-نۇمۇر جىننى ، 38- نۇمۇر ئالەن ، 37- نۇمۇر خۇاڭ لۇڭ |