تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

پۇتبول كۇلۇبى

كۆرۈش: 2351|ئىنكاس: 38

تەڭرىتاغ ئوغلانى پورتۇگالىيەگە ئاتلاندى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ablatjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-26 10:04  

ئەڭ يېڭى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، سابىق تاشئالما كوماندىسىنىڭ غوللۇق ئەزاسى، شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ غوللۇق ئوڭ بېكى مەھمۇدجان 24 - سېنتەبىر پورتۇگالىيەنىڭ مافرا كۇلۇبى بىلەن رەسمىي توختاملاشقان.  مەھمۇدجانمۇ ئۆزىنىڭ مىكرو بىلوگىدا بۇ خەۋەرنى ئىسپاتلىغان.
  مەھمۇدجان 2012 - يىلىدىكى مەملىكەتلىك ب دەرىجىلىكلەر مۇسابىقىسىدە ئۆزىنىڭ قالتىس ماھارىتى بىلەن كۆپچىلىكنى ھەيران قالدۇرغان بولۇپ، بۇ يىل 8 - ئايدا مافرا كۇلۇبىغا سىناق مەشىق ئۈچۈن بارغان ۋە قالتىس ئىپادىسى بىلەن كەسپىي توختامغا ئېرىشكەن.
   مافرا كۇلۇبى 1965 - يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، پورتۇگالىيەنىڭ ئۈچىنچى دەرىجىلىك بىرلەشمىسىدىكى كوماندا ھېسابلىنىدۇ، 12 يىل ئىلگىرى مەزكۇر بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونى بولغان. كۇلۇب پايتەخت لىسسابوندا. بۇ كۇلۇبتا يەنە جۇڭگولۇق ماھىرلاردىن خەن پېڭفېي، ۋاڭ جىنلياڭ ۋە چېن جيايۈدىن ئىبارەت ئۈچ ماھىرمۇ بار. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بۇ كۇلۇبنىڭ %50 پېيىنى گۇاڭدۇڭلۇق ياڭ چى دېگەن سودىگەر تىزگىنلەيدىكەن.
   بۇ ئېرجاتتىن كېيىن پورتۇگالىيەگە بارغان ئىككىنچى شىنجاڭلىق ماھىر ھېسابلىنىدۇ، ئېرجات بۇ يىل بىرىنچى ئايدا پورتۇگالىيەنىڭ ئىككىنچى دەرىجىلىك بىرلەشمىسدىكى گوندۇمار كۇلۇبىغا قېتىلغانىدى.

مەخمۇتجاننىڭ قسىقىچە تەرجىمىھالى
يان بېك
1994-يىلى1-ئاينىڭ 15-كۈنى تۇغۇلغان
بوي ئىگىزلىكى : 174 سانتىمېتىر
«شىنجاڭ سۇڭچىڭلىڭ پۇتبول مەكتىپى»نى پۈتتۈرگەن ، مەملىكەتلىك 17 ياشلىقلار پۇتبول مۇسابىقىسىدە 2- بولغان ، 2011-يىلى قازاقىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن «ئاستانە شاڭخې لوڭقىسى» نى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىدە 3- بولغان، 2011-يىلى 10-ئايدا 7-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك «شەھەرلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى » نىڭ پۇتبول تۈرىدە 9- بولغان .
2012 - يىلى تاشئالما كۇلۇبىغا تاللىنىپ مەملىكەتلىك ب دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىگە قاتناشقان.
2013 - شىنجاڭ كوماندىسى تەركىبىدە مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا قاتناشقان.

مەنبە:http://news.hexun.com/2014-09-25/168839159.html



168839161.jpg

مافرا

مافرا
ۋاقتى: 2014-9-25 22:56:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غەيرەت قىل ~!
ۋاقتى: 2014-9-25 22:59:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى خەۋەر،داۋاملىق تىرىشقىن
ۋاقتى: 2014-9-25 23:02:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ بالا يان بېكمۇ...مەن بۇرۇن ئانچە دىققەت قىلماپتىكەنمەن بۇ بالىغا،
قارماققا چاققان،ھۇجۇمغا مايىل يان بېكتەك قىلدۇ..خۇددى بارسادىكى ئالبا دەك....
ۋاقتى: 2014-9-25 23:09:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ياخشى   ، تىرىشقىن مەخمۇتجان ، ھەممىمىز سىنىڭ ئىشلىرىڭنىڭ ئۇتۇقلۇق بۇلىشىنى تىلەيمىز      .                                                                                                                   بۇ بالا ، ياۋرۇپا سەھنىسىگە رەسمى قەدەم قۇيغان تۇنجى ئۇيغۇر پۇتبۇلچىغۇ دەيمەن .                       ئابلەتجان ، بۇلسا مەخمۇتجاننىڭ تەرجمھالىنى يۇللاپ  قۇيمامسىز .
ۋاقتى: 2014-9-25 23:18:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى خەۋەرلەر ئۈزۈلمەيۋاتىدۇ ، ئەزمەتلىرىمىز مۇشۇندقلا تەرەققىي قىلسا ، يىقىن كەلگۈسىدە ياۋرۇپا كۇلۇپلىرىغا ، ئەزمەتلىرىمىز ئۈچۈن ھۇررا توۋلايمىز !!!!!!!!!
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-9-25 23:18:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ablatjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-25 23:19  
جاغىستاي120 يوللىغان ۋاقتى  2014-9-25 23:09
ناھايىتى ياخشى   ، تىرىشقىن مەخمۇتجان ، ھەممىمىز س ...


تەرجىمىھالىنى يوللاپ، تەھرىرلەپ قويدۇم.
ياۋروپاغا چىققان شىنجاڭلىق تۇنجى ئۇيغۇر تەنھەرىكەتچى بولۇشى مۇمكىن، لېكىن ئۇيغۇر تەنھەرىكەتچىنىڭ بىرىنچىسى دېيەلمەيمىز...
ۋاقتى: 2014-9-25 23:20:02 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بولسا پورتو، لىسابون،بېنفىكالارغا يۆتكىلىپ چاڭ چىقىرۋەتسە، كېيىن مادرىدقا يا بارسىلوناغا يۆتكەلسە، ھازىر پېتشمىغانلار كېيىن بىرگە ئولتۇرۇپ تەڭ توۋلىساق....
سۈرە خىيالنى باج ئالمىغاندىكىن....
ۋاقتى: 2014-9-25 23:20:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاھ خۇشخەۋەركەنغۇ، تېرىشىپ تالانتىڭنى جارى قىلدۇرۇپ ئۇيغۇرلارنى تۇنۇتۇپ قۇيشىڭنى ئۇمۇد قىلمە
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-9-25 23:22:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زېرەك يوللىغان ۋاقتى  2014-9-25 23:20
بولسا پورتو، لىسابون،بېنفىكالارغا يۆتكىلىپ چاڭ چىقىر ...

مانا، ماۋۇ ئىنكاسىڭىز خېلى ئوغۇل بالىنىڭ ئىنكاسىغا ئوخشاپتۇ...
ۋاقتى: 2014-9-25 23:25:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخىشى بوپتۇ ،تىرشقىن مەخمۇتجان ئاللاھ ئىشلىرىڭغا  ئاسانلىق بەرسۇن
ۋاقتى: 2014-9-25 23:27:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ablatjan يوللىغان ۋاقتى  2014-9-25 23:18
تەرجىمىھالىنى يوللاپ، تەھرىرلەپ قويدۇم.
ياۋروپاغا چ ...

ھە  بىلدىم ، مەنمۇ شۇنداق دىمەكچى ، گەپنى ئېنىق قىلماپتىمەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|رەسىمسىز نۇسخا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

GMT+8, 2014-12-29 20:12 , Processed in 0.115992 second(s), 23 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش