ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 2736 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ablatjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-9-25 14:09
ئۇ شۇنداق بىر "ھۇجۇمچى"، ئۇ شۇنداق بىر كومېدىيەلىك ۋە تىراگېدىيەلىك شەخس.
ئۇنىڭ مەيدانغا چىققىنىنى كۆرگەندە ئۇ تەۋە كوماندىنىڭ توپ مەستانىلىرىنىڭ كۆزىگە ياش تولىدۇ، خۇشاللىقىدىن دەمسىز؟ توۋا دەڭە، قايغۇرۇپ ياش تۆكىدۇ. قارشى تەرەپ مەستانىلىرى بولسا قىقاس - سۈرەن سالىدۇ، سەۋەبى، ئۆزىنىڭ كوماندىسىغا بىر "جاسۇس" قوشۇلۇپ، مەيداندىكى ئەزاسى 12 گە يەتكەنلىكى ئۈچۈن...
مېنى ئاشۇرۇۋەتتى دەۋاتامسىز؟ ياقەي، مەن تېخى ئۇنىڭ ئاران ئوندىن بىر سۈپىتىنى دېدىم. مىلاننىڭ مۇسابىقىسىنى ئازراقلا كۆرۈپ باققان، مىلانغا دىققەت قىلىدىغان ھەر قانداق بىر كىشى ئۇنىڭ ئازابلىشىغا يولۇققان. ئۇ دەل مىلاننىڭ ھازىرقى كاپىتانى، روھىي تۈۋرۈكى، كەم بولسا پۈتۈنلەي بولۇۋېرىدىغان ماھىرى، "خىسلەتلىك ھۇجۇمچى" ---- دانىئېل بونېرادۇر.
ئۇنى نېمىشقا "ھۇجۇمچى" دەيمىز: ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ كوماندىسىنىڭ مۇداپىئە سېپىغا كەلتۈرگەن بېسىمى ھەر ۋاقىت قارشى تەرەپنىڭ ھەرقانداق ماھىرىدىن كۈچلۈك.
ئۇ 1981 - يىلى تۇغۇلغان. 2002 - يىلى كاناۋارونىڭ ئورنىنى بېسىش ئۈچۈن پارماغا يۆتكەلگەن. ئۇ 2004 - يىللىردىكى ياۋروپا ياشلار لوڭقىسىدىكى ئىپادىسى بىلەن كېيىنكى بىر ئەۋلاد "تۆمۈر بېك"، نېستانىڭ ۋارىسى دەپ قارالغان ۋە 2006 - يىلى يازدا 2 يېرىم مىليون ياۋرولۇق باھادا مىلانغا قېتىلغان.
ئۇنىڭ مىلاندىكى سەككىز يىلىنى "يۇقىرى ئۈمىد كۈتۈلگەن، لېكىن ئىزچىل ئۆزىنى ئىزدەپ يۈرگەن" سەككىز يىل دېيىشكە بولىدۇ. ئۇنىڭ ئوڭ بېك ئورۇندىكى ئىپادىسىنى خېلى يامان ئەمەس دېيەلىسەكمۇ، ئوتتۇرا بېكتىكى ۋاقىتلىرىنى "ئاپەت" دەپ خاراكتېرلەشكە بولىدۇ. ئۇنىڭغا ئالەيگىرى بەك ئامراق ئىدى، باشقا تىرېنېرلارمۇ ئۇنى ئاجايىپ ياخشى كۆرەتتى.
تۆۋەندىكى بىرقانچە يۇمۇر ئارقىلىق ئۇنىڭ مۇشۇ 8 يىلىنى ئەسلەشكە، ئۇنىڭغا باھا بېرىشكە بولىدۇ:
1. مۇخبىر: بونېرا ئەپەندىم، ئەگەر ئالەيگىرى بىلەن دادىڭىز تەڭلا سۇغا چۈشۈپ كەتسە، سىز ئاۋۋال كىمنى قۇتقۇزىسىز؟
بونېرا: ئالەيگىرىنى...
مۇخبىر: يائاللا، سىز نېمە دېگەن كەسكىن. ئەمىسە دادىڭىزچۇ؟
بونېرا: ئالەيگىرى دادام تۇرسا.
2. مۇخبىر: ھازىرقى مىلاندا ئەڭ كەم بولسا بولمايدىغان كىشى كىم؟ ئالەيگىرىمۇ، ئىبرايىموۋىچمۇ؟
بونېرا: پاتو.
مۇخبىر: چاقچاقمۇ يا؟
بونېرا: ياقەي، ئۇ مەيدانغا چىقىمىسا پۈتۈن مەيدان بويىچە ئەڭ تۆۋن نومۇرغا ئېرىشىدىغان ماھىر مەن بولۇپ قالمامدىم.
3. مۇخبىر: بونېرا ئەپەندىم، سىز مىلاننىڭ مۇداپىيەسىگە يېتەكچىلىك قىلىپ بىرەر لوڭقا ئالالارسىزمۇ؟
بونېرا: پات يېقىندا ئالىمەن.
مۇخبىر كۆزلىرىنى چەكچەيتىپ: توۋا دەڭە...
بونېرا: ئالەيگىرى دادام مېنى ئەتىكى ياشلار كوماندىمىزنىڭ مۇسابىقىسىگە سالىدىغان بولدى...
مانا، بۇ بونېرانىڭ مىلاندىكى رولى ۋە ئورنىنىڭ قىسقىچە كارتىنىسى....
2011 - يىلى 1 - ئاينىڭ 9 - كۈنى مىلان ئۆز مەيدانىدا ئۇدىنىېس بىلەن 4 تە 4 تەڭلەشتى. مىلان كەتكۈزۈپ قويغان 4 توپنىڭ ئۈچىدە بونېرانىڭ ياكى بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك خاتالىقى بار... قېنى ئۆزۈڭلار كۆرۈپ باھا بېرىپ بېقىڭلار... بۇ پەقەت ئۇنىڭ خاتالىقلىرىنىڭ مىڭدىن بىرى...
|
|