akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1703|ئىنكاس: 33

‹‹ ئوتتۇرا مەيدان ماتورى ›› نى ئەسلەپ......

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   shevchenko تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-25 07:18  

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى! ئۇزۇندىن بۇيان، شاۋى ئالونسۇنىڭ ئىلگىرىكى ئىش-ئىزلىرى توغرىسىدا ئازراق بىر نەرسە يىزىپ بېقىش خىيالىم بار ئىدى . بىراق مۇقۇم ۋاقىت چىقىرىپ بۇنى يازىدىغانغا ئىمكان بولماي قالدى . چۈنكى شۇ توغرىسىدا ئازىراق ماتىرىيال ئىزدىنىپ، راۋرۇس پۈتۈرۈپ چىقىرىش ئۈچۈن مەلۇم جەريان كىتىدىكەن . مانا بۈگۈن شۇ خىيالىمنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن بۇ تىمىنى يىزىپ مۇنبەر ئەھلىگە سۇندۇم. ئازدۇر كۆپتۇر سەۋەنلىكلەر بولسا توغرا چۈشىنىشىڭلارنى سورايمەن .

يىقىندىلا مادرىدتىن بايرىن كۇلۇبىغا يۆتكەلگەن شاۋى ئالونسۇ مەيلى لىۋىرپۇل مەستانىلىرى بولسۇن مەيلى مادرىد مەستانىلىرى بولسۇن ھەممىمىزنىڭ ياقتۇرىشىغا ئېرىشكەن مۇنەۋۋەر پۇتبولچى . ھەم دۇنيا پۇتبول سەھنىسىدىكى داڭدار ئوتتۇرا مەيدان توپچىلىرىنىڭ بىرى. مەن تۆۋەندە ئۇنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالىنى سىلەرگە سۇنماقچى .

تۇغۇلغان ۋاقتى : 1981-يىلى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى                    توپ تەپكەن كۇلۇپلار : خانلىق جەمىيەت، لىۋىرپۇل، مادرىد
دۆلىتى : ئىسپانىيە                                                                   ھازىرقى كوماندىسى : بەيرىن مىيۇنخىن
يۇرتى : تولۇسا                                                                         كۇلۇب كوماندا كىيىم نۇمۇرى : 3-نۇمۇر
بوي ئېگىزلىكى : 183 سانتىمىتىر                                               دۆلەت كوماندا كىيىم نۇمۇرى : 14-نۇمۇر
ئېغىرلىقى : 75 كىلوگىرام                                                          مەيدان ئورنى : ئارقا بەل، ئوتتۇرا مەيدان



    شاۋى ئالونسۇ 1981-يىلى 11-ئاينىڭ-25-كۈنى ئىسپانىيەنىڭ شىمالىدىكى سىباستىيان شەھىرىنىڭ تولۇسا دىگەن بازىرىدا دۇنياغا كەلگەن . ئۇ ئۆسمۈرلۈك چاغلىرىدىلا دادىسىنىڭ تەسىرى بىلەن پۇتبولغا ئىشتىياق باغلىغان. دائىم دىگۈدەك ئاكىسى بىلەن بىرلىكتە باغچىغا بىرىپ توپ تىپەتتى. بالىلىق قەلبىگە، كىيىن داڭلىق پۇتبولچى بولۇش گۈزەل ئارزۇسىنى پۈككەنىدى . شۇ ئارزۇ ۋە نىشاننىڭ تۈرتكىسىدە توختىماي تىرىشىپ پۇتبول مەشىق قىلدى. شۇ ئاساستا بارا-بارا تەرەققىي قىلىشقا باشلىدى. ئۇنىڭ مىجەز-خارەكتىرى باشقا بالىلارغا ئوخشىمايدىغان بولۇپ، كىچىك بالا بولسىمۇ ناھايىتى ئېغىر-بىسىق تەمكىن ئىدى. شۇڭا باشقا بالىلاردىن ئالاھىدە پەرىقلىنەتتى. ھەممىسى دىگۈدەك ئۇنى ياقتۇراتتى. ئون نەچچە ياشلارغا كىرگەندە ئۇ ئالاھىدە توپ تىپىش ماھارىتى ۋە ئىقتىدارى بىلەن ئاستا-ئاستا چاقناشقا باشلىغان. ئۇ بارسىلونا شەھىرىدە ھاياتىنىڭ دەسلەپكى ئالتە يىلىنى ئۆتكۈزگەندىن كىيىن، ئۆزىنىڭ يۇرتىغا قايىتقان. ھەمدە يۇرتىدىكى لاكونسا كوماندىسىدا توپ تەپكەن. كىيىن ئاكىسى بىلەن بىللە خانلىق جەمئىيەت كوماندىسى بىلەن توختاملىشىپ، ئۆزىنىڭ كەسپى پۇتبولچىلىق ھاياتىنى باشلىغان.

728da9773912b31b3af587b58618367adbb4e195.jpg

    ئۇ 1999/2000 يىلدىكى مۇسابىقە پەسلىدە خانلىق جەمئىيەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن 14 قىتىم مەيدانغا چىققان. 2000/2001 يىلدىكى مۇسابىقە پەسلىدە B دەرىجىدىكى ئەيبار كوماندىسىغا ئىجارە بىرىلگەن. كىيىن خانلىق جەمئىيەت كوماندىسى دەرىجە چۈشۈپ كىتىش گىرداۋىغا بىرىپ قالغان. شۇ مەزگىلدىكى خانلىق جەمئىيەتنىڭ مەشقاۋۇلى بولسا ئىلگىرىكى لىۋىرپۇلنىڭ سابىق توپچىسى جون توشىك ئىدى. شۇ ۋاقىتتا بۇ تېرنىر كىيىنكى يىرىم پەسىلدە دەرھال ئەيبار كوماندىسىدىكى ئالونسۇنى قايتۇرۇپ كىلىدۇ. ھەم ئۇنىڭغا قاتتىق ئىشىنىپ، ئۇنى بىراقلا كوماندا كاپىتانى قىلىپ تەيىنلەپ دەرىجە ساقلاپ قىلىشنى ئۈمۈد قىلىدۇ. ئالونسۇمۇ بۇ تېرنىرنىڭ ئىشەنچىسىنى يەردە قويماي بارلىق كۈچى بىلەن تىرىشىپ ئوينايدۇ. كىيىن تىرنىرنىڭ ئۈمۈد قىلغىنىدەك كوماندا ئوڭۇشلۇق ھالدا دەرىجە ساقلاپ قالىدۇ. شۇ چاغلاردا ئالونسۇ تىخى پىشىپ يىتىلمىگەن 19 ياشلىق بالا ئىدى. توشىك ئالونسۇنى ماختاپ مۇنداق دىگەن : ‹‹ ئۇ مەيداندا بولسىلا، ھەربىر ئەزا توپنى قالتىس ئويناپ كىتەتتى، ئۇ كوماندىغا ئىشەنچ ئاتا قىلالايدۇ. ››
    2002/2003 يىلدىكى مۇسابىقە پەسلىدە خانلىق جەمئىيەت كوماندىسى بىرلەشمىنىڭ ئىككىنجىلىكىگە ئېرىشكەن. ئالونسۇمۇ پەيدىن-پەي كوماندىنىڭ غوللۇق ئەزاسىغا ئايلانغان. 2003/2004 يىلدىكى ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىدا خانلىق جەمئىيەت كوماندىسى يۇۋىنتۇس، گالاتا ساراي، ئولىمپىياكىس كوماندىلىرى بىلەن بىر گۇرۇپقا بۆلۈنگەن. گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە 2 ئۇتۇپ 3 تەڭلىشىپ بىر ئۇتتۇرۇپ 9 نۇمۇر بىلەن ئوڭۇشلۇق ھالدا گۇرۇپپىدىن چىققان. شاللاش مۇسابىقىسىدە لىئون كوماندىسى بىلەن ئۇچراپ، ئومۇمى نۇمۇر 2 دە 0 نەتىجە بىلەن شاللىنىپ كەتكەن. بىراق بۇ ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسى ئالونسۇنىڭ كەسپى ھاياتىدىكى مۇھىم بۇرۇلۇشلارنىڭ بىرى بولۇپ قالغان.
    ئالونسۇ كىچىكىدىن باشلاپلا ئۆز يۇرتىدىكى كوماندىدا توپ ئويناپ تەرەققىي قىلغاچقا، ئۇنىڭغا شان-شەرەپ ۋە ئۈمۈد-ئارزۇلارنى ھەدىيە قىلغان. ئۇ ئۆز تىرىشچانلىقىغا تايىنىپ، ھايات يولىنى ئاچقان. ئاخىرىدا بۇ بەدەل تۆلەشلەر ئۇنىڭغا زور خۇشاللىق ۋە بەخىت-ئامەتلەرنى ئېلىپ كەلگەن. ناھايىتى تىزلا ئۆسمۈر چولپانغا ئايلانغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە زەردار كوماندىلارنىڭ نەزىرى ئۇنىڭغا تىكىلدى. شۇ مەزگىللەردە يۆتكىلىش بازىرىدىكى قىززىق نۇقتىلارنىڭ بىرىگە ئايلانغان.

6d282c9f-6e4f-401e-8cee-37d98c02ea5e_500.jpg

    مادرىد، مانچىستىر بىرلەشمىسى، لىۋىرپۇل كوماندىلىرى ئۇنى سىتىۋىلىش ئويىدا بولغان. شۇ چاغدا ئۇنىڭغا ئەڭ يىقىنلاشقىنى لىۋىرپۇل بولۇپ قالغان. بىنتىزنىڭ ئۇنى يۆتكەپ كىلىشكە ئالاھىدە ئىتىبار بىرىشى ھەم ئۇنى قىتىۋىلىش ئويىنىڭ كۈچلۈكلىكى بىلەن 2004-يىلى 8-ئايدا 10 مىليۇن 500 مىڭ فۇنىستىرلىڭ باھا بىلەن مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا ئەنفىلىد مەيدانىغا يۆتكەپ كەلگەن. شۇنىڭ بىلەن ئالونسۇ پۇتبولچىلىق ھاياتىنىڭ ئالتۇن دەرىگە قەدەم قويغان.



    ئۇ 2004-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى بولتۇن بىلەن بولغان مۇسابىقىدە تۇنجى قىتىم مەيدانغا چىققان. تۇنجى توپىنى بولسا 2004-يىلى 10-ئاينىڭ 16-كۈنى فۇلھام بىلەن بولغان مۇسابىقىدە كىرگۈزگەن. ئۇ گەرچە ئىنگىلاندقا يىڭى كەلگەن بولسىمۇ، لىكىن ئۇ ناھايىتى تىزلا بۇ مۇھىتقا كۆنۈپ كەتكەن. ھەم توپ مەستانىلىرىگە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان. ئۇ ئۆزىنىڭ ئالاھىدە بولغان سەزگۈرلۈكى ۋە زىرەكلىكى بىلەن كوماندىنىڭ ئاساسلىق ئەزاسىغا ئايلانغان. ھەم لىۋىرپۇل مەستانىلىرنىڭ قوللىشى ۋە ئالقىشىغا ئېرىشكەن. 2005-يىلدىكى ‹‹ ئىستانبۇل مۆجىزىسى ›› نىڭ شاھىتلىرىدىن بىرى بولۇپ قالغان.



    ئۇ لىۋىرپۇلدا بەش يىل توپ تىپىش جەريانىدا نۇرغۇنلىغان شان-شۆھرەتلەرگە نائىل بولغان. ھەم تېرنىر ۋە كوماندا ئەزالىرىنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن. ئىنسان ھاياتىدا ھەرخىل تاساددىپىلىقلارغا ئۇچراپ تۇرىدۇ. كەلگۈسىنىڭ قانداق بولىشى ھەم ئەتىدە نېمە ئىشلارنىڭ كۈتىۋاتقانلىقىنىمۇ بىلگىلى بولمايدۇ. ھەممە ئىش تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بىلەن راۋاجلىنىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش ئالونسۇنىڭمۇ لىۋىرپۇلدىكى كۈنلىرى ساناقلىقلا قالغانىدى. 2009-يىلى 8-ئاينىڭ 5-كۈنى ياۋرۇپادىكى زەردار كۇلۇپ خانلىق مادرىد كوماندىسى 30 مىليۇن ياۋرۇلۇق باھا بىلەن ئالونسۇنى بىرنابۇ پۇتبول مەيدانىغا يۆتكەپ كەلدى.

3.jpg

    ئۇ مادرىدقا كىلىپلا كوماندىنىڭ ئوتتۇرا مەيدان ماتورىغا ئايلاندى. ئۇ مورىنھۇنىڭ سەپ شەكلىدە كەم بولسا بولمايدىغان ئەزانىڭ بىرسى ئىدى. مورىنھۇمۇ ئۇنى ئەتىۋارلاپ ئىشلەتكەن. 2011-يىلى ئۇ مادرىد بىلەن بىرلىكتە شاھلىق لوڭقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە بارسىلونانى يىڭىپ چىمپىيون بولغان. بۇ بولسا ئۇنىڭ مادرىدقا كىلىپ قولغا كەلتۈرگەن تۇنجى لوڭقىسى ئىدى. 2012-يىلى يەنە بىرلەشمە چىمپىيونى بولدى. ئۇ مەيلى قەيەرگە بارسۇن شۇ يەردە كوماندىنىڭ غوللۇق ئەزاسى سۈپىتىدە كوماندىغا كۈچ ئاتا قىلالايدۇ ۋە غەلبىگە ئېلىپ ماڭالايدۇ.  



    ئۇنىڭ باشقىلارغا بەرگەن ئۆلچەملىك پاسلىرى، يىراقنى كۆزىتىش ئىقتىدارىنىڭ يۇقىرلىقى بىلەن مادرىدتىمۇ ئوخشاشلا ھۆرمەت ۋە ئابرۇيغا مۇيەسسەر بولغانىدى. مادرىدنىڭ ئۇزغۇنلۇقتىكى 10-لوڭقىنى قولغا كەلتۈرشىگە زور تۆھپىلەرنى قوشقان.



    ۋاقىت ئاتقان ئوقتۇر. ۋاقىت ئەنە شۇنداق كۆزنى تۇمۇپ ئاشقۇچە ھەممە نەرسىنى ئۆزگەرتىۋىتىدۇ. بۈگۈن بىخ سۈرۈپ چىققان نوتا ئەتىسى قارىسىڭىز كىشىلەرگە سايە تاشلاپ تۇرغان مەجنۇنتالغا ئايلىنىدۇ. بىزگە بەزىدە قايغۇ-ھەسرەت، پۇشايمانلاردا قالدۇرۇپ يىغلاتسا، بەزىدە بەخىت ۋە خۇشاللىقلارنى ئېلىپ كىلىپ يۈرەكلەرنى يايرىتىدۇ. تۈنۈگۈن تىخى كىچىك بىر بالا بولغان بولسىڭىز، ئەتىسى بولسا مەيدىڭىزگە چۈشۈپ تۇرغان ئاپئاق ساقالنى كۆرىسىز. شۇ چاغدا ئىلگىرىكى ئۆتمۈشلىرىڭىزنى ئەسلەپ ۋاقىتنىڭ ھەقىقەتەن رەھىمسىزلىكىنى ھىس قىلىپ چوڭقۇر ئۇھ تارتىپ قويىسىز.
    مانا تۈنۈگۈنلا تىخى تولوسا بازىرىنىڭ تار كوچىلىرىدا دۇنيادىن بىغەم توپ تىپىپ يۈرگەن بالا بۇگۈنكى كۈندە پۇتبولچىلىق ھاياتى ئاخىرغا بېرىپ قالغان پىشقەدەم توپچى بولۇپ قالدى. ئۇ قىسقىغىنە پۇتبولچىلىق ھاياتىدا ئېرىشىشكە تىگىشلىك بولغان بارلىق شان-شۆھرەت ۋە نام-ئابرۇيلارنىڭ ھەممىسىگە ئېرىشتى.



    2014-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى ئۇ مادرىدتىكى بەش يىلىنى تاماملاپ، 10مىليۇن ياۋرۇلۇق باھا بىلەن بەيرىن مىيۇنخىن كوماندىسىغا يۆتكەلدى. ھەم بارلىق مادرىد مەستانىلىرى بىلەن خوشلاشتى. مادرىد مەستانىلىرىمۇ ئۇنى ھۆرمەت بىلەن ئۇزۇتۇپ قويدى. بارلىق مادرىد مەستانىلىرى ئۇنىڭ بىرنابۇ پۇتبول مەيدانىدا قالدۇرغان گۈزەل ئەسلىمىلىرنى ياد ئېتىدۇ ۋە ئۇنىڭغا تەشەككۇر ئېيتىدۇ.



ئالونسۇنىڭ كەسپى ھاياتىدا ئېرىشكەن شەرەپلىرى :

2004/2005 مۇسابىقە پەسلى : ياۋرۇپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى، ياۋرۇپا دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى
2005/2006 مۇسابىقە پەسلى : ئىنگىلاند رايونلار لوڭقىسى، ئىنگىلاند ئۇيۇشما لوڭقىسى
2008-يىلى : ياۋرۇپا لوڭقىسى چىمپىيونى
2010-يىلى : دۇنيا لوڭقىسى چىمپىيونى
2010/2011 مۇسابىقە پەسلى : ئىسپانىيە شاھلىق لوڭقىسى چىمپىيونى
2011/2012 مۇسابىقە پەسلى : ئىسپانىيە بىرلەشمە لوڭقىسى چىمپىيونى
2012-يىلى : ياۋرۇپا لوڭقىسى چىمپىيونى
2012/2013 مۇسابىقە پەسلى : ئىسپانىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى
2013/2014 مۇسابىقە پەسلى : ياۋرۇپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى، ياۋرۇپا دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى


چىملىق



باھالاش

قاتناشقانلار سانى 6مۇنبەر پۇلى +315 يىغىش سەۋەبى
تۇمشۇق + 50 قالتىس!
داۋىس + 35 قالتىس!
ئابلەتجان + 50 قوللاش!
ئەلشىر + 50
تۈرۈك2 + 30
shevchenko + 100 قالتىس!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-9-25 09:10:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجرىڭىزگە بارىكاللا، خېلى كۆپ ئەجىر قىلىپسىز، مۇشۇنداق نادىر تېمىلارنى كۆپرەك يوللاپ تۇرىشىڭىزنى ئارزۇ قىلىمەن. رەھمەت سىزگە.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-9-25 09:20:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىمىڭىز ياخشى چىقىپتۇ، لىكىن تىم يوللاشتىن بۇرۇن رەسىمنى ئامال بار كومپيۇتىرىڭىزغا چۈشۈرۈپ، مۇنبەر ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ مۇنبەر بوشلۇقىغا چىقىرىپ ئاندىن يوللاڭ، يەنە بىر رەسىمىڭىزنى تاپالمىدىم، ئىككى رەسىمنى مۇنبەر بوشلۇقى ئارقىلىق چىقىرىپ قويدۇم.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-9-25 09:22:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لېۋىرپۇلدا ئوينىغاندىمۇ قالتىس ئوينىغان ئىدى، مادرىدقا يۆتكەلگەندە سەل ئەنسىرەپ قالغان ئىدىم ، چۈنكى بىر قىسىم ماھىرلار كۇلۇب ئالماشقان ھامان ئىپادىسىنى يوقۇتۇپ قويىدىغان ئىشلار بەك كۆپ بولىدۇ ئەمەسمۇ. مادرىدتىمۇ خېلى شۆھرەت قازانغاندى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-9-25 09:55:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹ ئىستانبۇل مۆجىزىسى ›قايسۇ .ئىش بۇ ياشكىچىك بولغاندىنكىن  بۇرۇنقى ئىشلانى بىلىپ كەتمەيدىكەنمىز
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-9-25 09:59:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجىرلىك تېما بوپتۇ، بۇرادەر...
  2006 - يىللىرى ئىدى، پۇتبول سەۋىيەم تازا يۇقىرى ئەمەسمۇ قانداق، دۇنيادا ئىككى پۇتبولچىنى پەقەت پۇتبولچىدەك، چولپاندەك ھېس قىلمايتتىم... بىرى، مۇشۇ ئالۇنسو، يەنە بىرى ئىنگىلاندلىق جو كول ئىدى...
  كېيىنچە، ئۇنىڭ رېئال مادرىدتىكى ئىپادىسىنى جىق كۆرۈپ باشتىكى ئويۇمغا كۈلۈپ تاشلىغانىدىم... كولنىڭ چېلسىدىكى بەزى مۇسابىقىلىرىنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا "غۇم" ساقلىمايدىغان بولدۇم...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-9-25 10:08:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسىل تىما بولۇپتۇ. داۋاملىق مۇشۇنداق تىمىلارنى يوللاپ تۇرۇڭ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-9-25 10:14:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالونسۇنىڭ  بەيرىن مىيۇنخىنغا يۆتكىلىشى بەك تۇيۇقسىزلام بولدى ، مادىرد مەستانىلىرى سىنى ئۇنۇتمايدۇ. كەسپى ھاياتىڭنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىلىردا ئات كۈچنىڭنىڭ تېخىمۇ يۇقۇرى بۇلۇشىنى ئۈمۈت قىلىمەن ، ئوتتۇرا مەيدان ماتۇرى.
         

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-9-25 10:18:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۈرۈك2 يوللىغان ۋاقتى  2014-9-25 09:55
‹ ئىستانبۇل مۆجىزىسى ›قايسۇ .ئىش بۇ ياشكىچىك بولغاندىن ...

مىلەن بىلەن ئوينىغان مۇسابىقە...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-9-25 10:21:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ablatjan يوللىغان ۋاقتى  2014-9-25 09:59
ئەجىرلىك تېما بوپتۇ، بۇرادەر...
  2006 - يىللىرى ئىدى، پۇت ...

بەزى ئىشلاغا ئالدىراپ باھا بەرمىگۈلۈك بولمىسا ئازىدىغان گەپ ..ھاھا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-9-25 10:40:16 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجرىڭىزگە  بارىكاللا!
ئىنتايىن ياخشى  ،  تىما بولۇپتۇ.
  باللار  مۇشۇ «ئىستانبول كىچىسى»  دىگەن  ئاتالغۇنى  بىر چۈشەندۈرۈپ قويساڭلار ، نۇرغۇن تىمىلاردا  مۇشۇ  ئاتالغۇنى ئۇچراتتىم.لىكىن  نىمگە ۋەكىللىك  قىلدىغانلىقىنى  بىلەلمىدىم.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-9-25 10:42:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالونسونىڭ ئىپادىسى ياخشى بولىۋاتىدۇ ، مۇھىم مۇسابىقىلەردە ئاساسلىق بولۇپ مەيدانغا چىقىپ ، پاس بىرىش ۋە مۇداپىيەسىمۇ خىلى ياخشى ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-5-11 08:44

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش