ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 2459 |
تۆھپىسى: سەر |
|
ئەسسالاممۇ ئەلەيكوم قېرىنداشلار.
بايا مىكرو بىلوگ ئارلاۋېتىپ بىر خەۋەرنى كۈرۈپ قالدىم . خېنەن قۇرلۇش كۇلۇبىدا توپ تىپىۋاتقان قېرىندىشىمىز ئابدۇۋەلى مۇسابىقىدىن ئىلگىركى تەكشۈرۈشتە مۇسكۇل مەلھىمى(瘦肉精نى مۇشۇنداق تەرجىمە قىلدىم خاتا بولسا تۈزىتىپ قۇياسىلەر) يەۋالغان دەپ چىقىپ قاپتۇ ، ھازىر تېخى ئابدۇۋېلىغا بولغان جازا ئېلان قىلىنماپتۇ ، لىكىن ئابدۇۋېلى مۇسابىقىگە قاتنىشالمايدىكە.
مۇسكۇل مەلھىمى دىگەن بۇ نەرسىنىڭ تەركىبى روھلاندۇرۇش دورىسىغا ئوخشاپ كىتىدىغان بۇلۇپ ،ئادەتتە قوي كالا چوشقا دىگەندەك ھايۋاناتلارنىڭ يېمىغا قۇشۇپ بىرىلىپ ئۇلارنىڭ بەدىنىدىكى ياغنى كىمەيتىپ قارا گۆش نىسبىتىنى ئاشۇرىدۇ، ھەمدە مۇسكۇلنى تىز سۈرەتتە يۇغانتىدۇ ، بۇ ئارقىلىق ئاز چىقىم بىلەن كۆپ پايدا ئالغىلى بۇلىدۇ ، لىكىن ئادەم بەدىنىگە زىيانلىق.
ئۆتكەن يىلى مۇشۇ مەزگىلدە لۇنىڭ كۇلۇبىنىڭ بىر توپچىسىمۇ مۇشۇنداق چىققان بۇلۇپ ،شۇ ۋاقىتتا توپچىغا 5000 يۈئەن كۇلۇپقا 20000يۈئەن جەرىمانە قۇيۇلغان ھەمدە ئاگاھلاندۇرۇش بىرىلگەن .
قارىغاندا ئابدۇۋېلى سىرىتتا تاماق يىگەن ۋاقىتتا دىققەت قىلماي ، تەركىبىدە مۇسكۇل مەلھىمى كۆپ بولغان گۆشنى يەپ سالغان ئوخشايدۇ، شۇڭلاشقا قېرىنداشلىرىمىز سىرىتتا تاماق يىگەندە ئالاھىدە دىققەت قىلساق ، ئامال بار ئىشەنچىلىك ئاشخانىلاردا غىزالانساق . ئاشخانا ئاچىدىغان قېرىنداشلىرىمىزمۇ ئاشخانىدا ئىشلىتىدىغان گۆشنىڭ كىلىش مەنبەسىگە دىققەت قىلساق، ئازغىنە پايدىنى دەپ ناچار ئىشەنچىسىز گۆشلەرنى ئىشلەتمىسەك ، ئاخىرەتتە ھەر قانداق ئىشنىڭ سورىقى باردۇر... |
|