akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 2102|ئىنكاس: 43

Milan!Milan!مەڭگۈ ئەستىن چىقماس مۇڭ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سەبرى22 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-23 11:54  



“Milan Milan,solo con te。”سانسىزلىغان كىشىلەر ھەمىشە قىزىل قار بايراقنىڭ ئاستىدا بۇ ناخشىنى ئۈنلۈك ئېيتىشىدۇ. مىلان شەھرىنىڭ ئايىرىلماس بىر  قىسمى بۇلۇپ مەۋجۇتلىقىنى  ساقلاۋاتقان كۆك قارا قۇشۇننىڭ سادىق مەستانىلىرى“AMALA”بۇ سۆزنى دائىم ئېغىزىدىن چۈشۈرمەيدۇ.بۇ يەردە مەستانىلەر ئەسەبىيلىككە تولغان.  مۇھەببەت ۋە جاسارەت  ئۇلارغا ھەمراھ بۇلۇپ ،تالاي يىللارنى،ئاچچىق سوغۇقلارنى .بوران چاپقۇنلارنى كەلگۈسىگە  بولغان ئۈمۈد ۋە ئاخىرغىچە بەل قۇيۋەتمەسلىكتەك ئاجايىپ مۇھەببەتنىڭ تەسرىدە بۈگۈنگە ئۇلاشتۇردى.
كۈچلۈك ۋاڭ چۇڭغا تولغان دۇلىن شەھرى،  "يۇۋىن" "يۇۋىن" "يۇۋىنتىس"دەپ توۋلاشقا باشلىغاندا پۈتكۈل ئالپىس تېغىنى بىر ئالدىغان ھەيۋەتلىك سادا .لىگىليا دىڭىز ياقىسى،سامپۇدىلىيادىكى ماتىروسلارنىڭ بىرلىكتە ناخشا توۋلاشلىرى،كۆك ئاسماننىڭ قەرىدىكى كۆك بۈركۈتنىڭ ئۇدىنىسقا  قاراپ تەلپۈنىشى،ناپلىس،فىلورىنسا،ئاپىنىن مەستانىلىرىنىڭ ئۈزۈلمەس مىلودىيەلىرى،پەقەت  بىرلا خىل  سەۋەپ. غورۇر ئىپتىخارىنىڭ مەڭگۈلۈك  بەلگىسى بولغان ،ئۈزىمۇ ئېيتىپ  بىرىشكە ئاجىزلىق قىلدىغان ۋە مەستانىلىكنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىنى يارىتىشقا سەۋەپ بولغان   ئاشۇ سۈيۈملۈك 11كىشىگە  ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدا غەلبە  ئۈچۈن تىنىم تاپماي ھەركەت قىلۋاتقان بىر تۈركۈم كىشلەرنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن قوللىرىنى پۇلاڭلاتقىنىچە مەدەت  بەرمەكتە.

مۇزىكا پۇتبولنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى.ئېنىقكى كوماندا ناخشىسى بۇ كۇلۇپقا ۋەكىل بۇلىدىغان مۇھىم  بەلگە.كوماندا مەدىنيەتنىڭ  بىر قىسمى.شۇنى  ئىتراپ قىلىش زۆرۈرركى ئۇلارنىڭ شۆھرىتى ۋە تەسىرى ھەممىلا يەردە.

ئىتالىيەگە تەۋە ئون نەچچە كۇلۇپنىڭ كوماندا ناخشىلىرى ،ئۇلار بىلەن ھەمىشە بىرلىكتە.
ئىلغار مەدىنيەتكە تۇتاشقان بۇ ناخشىلارنىڭ تەرتىپى يوق.ھەر بىر كوماندىنىڭ ئۈزگىچە ئالاھىلىككە تولغان ناخشىلىرى شۇ دەقىقىدە مەستانىلەرنىڭ قەلبىدە مەڭگۈلۈك ھاياتى كۈچىنى ساقلاپ قالغان.بۇنىڭ باھاسى ۋە قىممىتى يوق ئەلۋەتتە.
نەچچە ئون مىڭ مەستانىلەر بىرلا ۋاقىتتا ئوخشاش بىر تىنىقتا كوماندا ناخشىسىنى ئېيتقاندا ،ھاياجان قەلىبلەر ئىنسان بىلىشكە ئاجىزلىق قىلدىغان  ئۆزگىچە رېتىمدا سىزنى قاتتىق تەسىرلەندۈرىدۇ.مانا  بۇ مەستانىلەرنىڭ كوماندىسىغا بولغان  مەدەت ۋە مۇھەببەت قارىشىدۇر.



1.1 《Milan Milan》ئاس-مىلان
“Milan Milan solo con te !Milan Milan sempre per te!”بۇ ناخشا ئېيتىلىشى  بىلەن پۈتۈن  قىزىل قارا قۇشۇننىڭ مەستانلىرى قۇيۇق قايناق ھىسياتتا سانسىرونى قاينام تاشقىنلىققا چۆمدۈرىدۇ.قىزغىنلىق مەدەتنىڭ باشلىنىشى.
خۇددى ئۇيۇل تاشلارغا مەڭگۈلۈك ئابىدە سۈپىتىدە سىزىپ قويغاندەك،مىلان ئەزمەتلىرىنىڭ سىماسى ،ئۇلارنىڭ شۆھرىتى،بىردىن -بىرىدىن قولغا كەلتۈرگەن چىمپىيونلۇقى دەل مۇشۇ زىمندا.
بۇ ناخشىنىڭ تارقىلىشى دائىرسى پۈتۈن دۇنيانى بىر ئالغان.سانسىرو،كونا تىرانفورت،ئافىنانىڭ ئولىمپىك تەنتەربىيە مەيدانى،يەنە  بېيجىڭدىكى قۇش چاڭگىسى  مەيدانى.....قاتارلىق نۇرغۇن زىمىندا بۇ ناخشا ياڭرىغان.پۈتكۈل دۇنياغا شۆھرىتىنى نامايەن قىلغان.بۇ ئۇلارنىڭ كوماندا ناخشىسى،شۇنداقلا ئۇلارنىڭ شۆھرىتى.مەغلۇپ بولسۇن ياكى غەلبە قىلسۇن قىزىل قارا  قۇشۇن ئەزمەتلىرى باش ئىگىپ باققان ئەمەس.ئوخشاش  بىر يولدا مەستانىلەر بىلەن ئەڭ يۇقىرى پەللىنى ياراتقان.بىراق مىلاننىڭ بۈگۈنكى نەتىجىسى ھەممىنى  ئەپسۇسلاندۇرسىمۇ ئەمما  مەستانىلەرنىڭ مەڭگۈلۈك ئارزۇ ئىستەكلىرى ئۇلار  بىلەن مەڭگۈ بىللە.
“Milan Milan solo con te !Milan Milan sempre per te!”



2 《PazzaInter》《C`e solo inter》 ئىنتىر مىلان.
"سىز بىلەمسىز؟ئاشۇ بىر توپنىڭ كىرىشى بىلەن مەن ھاياتىمنى قايتىدىن باشلايمەن،"《PazzaInter》سانىدىنىڭ ناخشىسى باشلاندى.سانىدى دىمەك ئىنتىر دىمەكتۇر.
.ئەگەر  شەكىللىك ۋە قېلىپلاشقان ناخشا تېكىستى بار دەپ قارىساق،ئۇنداقتا ھىچقايسىسى بۇلارنىڭ  ئالدىغا ئۆتەلىگەن ئەمەس.
يۇلتۇزنىڭ كۆزنى چاقنىتىدىغان نۇرى بىردىن  بىردىن ئىنتىرغا قاراپ ئۈمۈد باغلايدۇ.شۇڭىلاشقا ئىنتىرنىڭ جەڭچىلىرىمۇ ئەزەلدىن جەڭدىن ۋاز كەچكەن ئەمەس.مەستانىلەرنىڭ مۇھەببىتىمۇ ئۇلارنى ئەسلا يالغۇز قويغان ئەمەس.
مادىرىت كېچىسىدىكى مەڭگۈلۈك ئەسلىمە،شەرەپ ۋە ئىپتىخارغا يۇغۇرۇلغان نەتىجە.سانىدى بىلەن مايكوننىڭ قۇچاغلىشىپ تەبرىكلىشى 45يىللىق كۈتۈشنى ئاخىرى رىئاللىققا ئايلاندۇردى.مانا بۇ  ئىنتىرنىڭ تەسۋىرلىگۈسىز بىر تەرىپى.چۈنكى  ئۇلار  ھەمىشە "بىز ھەرگىز كۈچىمىزدىن  مەھرۇم بولمايمىز"دىيىشىدۇ.

ساسۇلۇ بىلەن بولغان مۇسابىقىدە تۈمەنلىگەن ئاۋاز 《PazzaInter》بۇز سۆزنى ئىككى يىلدىن كىيىن ئاخىرى مىئاززادا ئەسەبىيلەرچە ياڭراتتى.مەستانىلەر ئۈزىلىرىنىڭ يېڭى بايرىمىنى تەبرىكلەشتى.ئىنتىر مىلان 7-0نەتىجىلىك چوڭ نۇمۇر پەرقى بىلەن رەقىبىنى ساراڭلارچە قىرغىن قىلدى.
"سۈيۈملۈك ئىنتىر ،پەقەت سىنىلا ياخشى كۈرىمەن".

!AMALA!PAZZAINTER!AMALA!
دەرۋەقە بۇ ناخشا كىيىن 《PazzaInter》ئىنىتىرنىڭ يېڭى ناخشىسى قىلىپ  بېكىتىلدى.ئەمما بۇ ناخشا مەستانىلەرنىڭ قەلبىدىكى ئىلگىركى ناخشىنىڭ  ئورنىنى ئالالمىدى.ناخشىغا ئورناپ كەتكەن چۇڭقۇر ھىسيات،ئىنتىر مىلاننىڭ ھىكايىسىنى سۆزلەيتى.بۇنىڭدا چۇڭقۇر پەخىرلىنىش بار،كۆك قارا قۇشۇننىڭ ئۈزىگە خاس ئالاھىدىلىكى بار.
بۇ ناخشىنى  دەسلەپتە جۇسىپ ،پۇشىسىك يىزىپ بەرگەن.ئۇ ئىنتىر مىلاننىڭ ئىلگىركى  مۇئاۋىن رەئىسى.
ئۇ ئىلگىرى بۇ قۇرلارنى يىزىپ قالدۇرغان."بىز چىمپىيونلۇقتىن مەھرۇم قالساق بولمايدۇ،شۇنداقلا ب دەرىجىگە چۈشۈپ كەتسەك بولمايدۇ،"بىر خىل  غورور،بىر خىل ئىشەنچ،
يۈز يىل ئىلگىرى يىزىلغان بۇ سۆز تا ھازىرغىچە داۋام ئەتمەكتە.بىر  شەھەردە تەڭ مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرۇش دەل  بۇنىڭ غەيرىتىدىن  كەلسە كېرەك.



3 《Juventuslandia》《storia di un grande amore》يۇۋىنتنتىس
Juventuslandia,Juventus  ئەلۋەتتە بۇ ناخشىنىڭ  باش پىرسۇناژى دەل يۇۋىنتىستۇر.-   landia بۇ يەرمۇ زىمىن،ھىكايەتلەردىكى تەسىرات.بىزنىڭ زىمىنىمىز يۇۋىنتىس.بىزنىڭ  ماكانىمىز!شۇنداق «يۇۋىنتىسلاندىيە"مانا بۇ سۆز ناخشا تېكىستىنىڭ ئاساسى مەزمۇنى.
نۇرغۇنلىغان يۇۋىنتىس مەستانىلىرى ئاددى قىلىپ،بۇ ئەڭ دەسلەپكى خوشاللىقىنىڭ باشلىنىشى دەيدۇ.بۇ دەۋرەقە مەستانىلەرنىڭ بۇ كوماندىنى مەڭگۈ ياخشى كۈرىدىغانلىقىغا ئىسپات  بۇلالايدۇ.
چىمپىيونلۇق ھەقىقەتەن مۇھىم.يۇۋىنتىس ئىتالىيە بىرلەشمىسىدە چىمپىيونلۇققا ئەڭ كۆپ ئىرىشكەن كۇلۇپ.ئەمما پۇتبولنىڭ كىشلەرنى تەسىرلەندۈرگىنى پەقەت بۇ  بىر خىل  شەكىلدىلا بۇلۇپ قالماستىن ،يەنە نۇرغۇن تەرەپلىرى سىزگە خوشاللىق ئاتاقىلىدۇ.
بۇنىڭغا ئوخشاش شەرەپ  ۋە چىمپىيونلۇققا تۇيۇنۇپ كەتكەن  كوماندىنىڭ ئىزنالىرى ناخشا تېكىستىدە ئەينەن يىزىقلىق.
چىمپىيونلۇق مەۋجۇت بولمىغان،لوڭقىغا ئىرىشەلمىگەن،شان شۆھرەت بولمىغان بولسىمۇ،پەقەت  مەستانىلەر بۇ كوماندىنى قوللاپ بەرسىلا يەنە ئوخشاش خوشاللىق تاپالايدۇ.ھەم مەڭگۈ سۈيەلەيدۇ.

بىر كىچىك بالا،دادىسنىڭ قۇلىنى تۇتۇپ تۇرۇپ،كۆپچىلىك بىلەن بىرگە ئېيتىدۇ:"يۇۋىن،يۇۋىن،يۇۋىنتىسلاندىيە"پۈتۈن دۇلىننىڭ دەم ئېلىش كۈنى!
"يۇۋىن،يۇۋىن،يۇۋىنتىسلاندىيە"دۇلىن ھەپتىنىڭ يەتتنچى كۈنى سىلەرگە غەلبە تىلەيدۇ.

《Juventuslandia》,《storia di un grande amore》بۇنىڭغا ئوخشاش كونا ناخشا تېكىستىدە ،قايناق ھىسيات،تەسۋىرلىگۈسىز مۇھەببەت ۋە ھەمكارلىق روھى بار.
"يۇۋىن ،سەن بىر ئۇلۇغ مۇھەببەت.ئاق رەڭ قارا رەڭنى قۇچاقلىماقتا.كىشلەر ئورنىدىن تۇرغىنىدا بۇ يەرنىڭ نامىنى ئىپتىخار ئىچىدە تىلغا ئالىدۇ.سەن مىنىڭ ھىكايەم!يۇۋىن  سىنى ھەرۋاقىت ياخشى كۈرىمەن.”Juve per sempre sara'"
بۇ ناخشا مانا مۇشۇنداق شانلىق بىر كۇلۇپنىڭ ناخشىسى،بىر مەزگىللىك شانلىق تارىخ،بىر خىل ئۇلۇغ مۇھەببەت.

4.”Juve per sempre sara'فىلورىنسا

 5 《RomaRomaRoma》رىم

6 《Vola Lazio Vola》لازىيو

7 《vinci per noi》بىز  غەلبىگە مۇھتاج،ئۇدىنىس

 8 《ForzaDoria》سامپۇدۇلىيا


9 《Nino d'Angelo》ناپلىس

10 《Forza Parma》

شۇنداق ئۇلارنىڭمۇ ناخشىسىدا  بىر خىل ھىكايە بار. تۈگىمەس مۇھەببەت  بار،غەلبىگە  بولغان ئىنتىلىش ئازاپ ئۇقىبەتكە قارشى چىدام غەيرەت بار.ئەڭ مۇھىمى كوماندىسىنى مەڭگۈ قوللىيالايدىغان سادىق يۈرىكى بار.مەڭگۈلۈك مۇڭ  ئۇلارنىڭ ھاياتىدىن داۋاملىق يېڭىچە مەنالارنى قازىدۇ.ئىشەنىچ ۋە ۋاز كەچمەسلىك ھاياتنىڭ گۈزەلىككىنى تۇنىتىدۇ.
دىمەكچى بولغىنىم بىزنىڭ  قەلبىمىزدىمۇ مەڭگۈلۈك مۇڭ بولسۇن.ھاياتقا كۇلۇپ قارايدىغان،ئازاپلارغا  بەرداش قەيسەر يۈرەك بولسۇن.ياخشى كۆرگەن كوماندىڭىز  مەيلى قانداقلا ئەھۋالدا قالمىسۇن ھەمىشە پۈتۈن ۋۇجۇدىڭىز بىلەن قوللىيالايدىغان سەۋىرچانلىق بولسۇن.مەڭگۈلۈك ناخشىلارنىڭ تېكىستى ئېغىزىڭىزدا ئەمەس ۋۇجۇدىڭىزدا بولسۇن.

يوللىغۇچى سەبرى 22
مىزاننىڭ 23-كۈنى -
                              سەھەر

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +50 يىغىش سەۋەبى
turgunjan + 50 قالتىس!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-9-23 07:49:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھايات خۇددى AC مىلەنگە ئوخشايىدۇ . مىلانىڭ ياراتقان شانلىق تارىخى خۇددى ئۆسمۈلۈك چاغلىرمدىن باشلاماڭا ھەمرا، دەۋىر ئالمىشىپ مىلانىڭ ھازىرقى ھالىتىنى كۆرۈپ تۇساممۇ ئوخشاشلا مىلان روھى مەن بىلەن بىللە. شۇڭا دەيمەن ھايات مىلان .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-9-23 07:54:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاس مىلەندە شۆۋچىنكو ۋە سىدروف توپ تەپكەن چاغلار قالتىس چاغلار ئىدى.......
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-9-23 08:13:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   laqin1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-23 08:14  

مىلەن كولۇبىنى مەنسۇر بايغا ئوخشاش  بايدىن بىرسى قولغا ئىلىپ تۈزۈك رەتلەپ قالسا  بۇرۇنقى ياۋرۇپانىڭ غوجىسىغا ئايلىنالايتى .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-9-23 08:42:23 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك بەك  ئېسىل  تېما  يوللاپسىز  ،    بوسا   ئىسپان  بىرلەشمىسىنىڭكىنىمۇ  يوللاپ  قويغان  بوسىڭىز  بەك  خوشال  بولاپ  كىتەتتىم .     
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-9-23 08:46:50 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئ‍وقۇپ تازا چۇشىنىپ كىتەپمىدىم ، شۇ ناخشىلارنىڭ ئ‍ويغۇرچە تەرجىمىسىما ؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-9-23 09:30:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   UMuT_0998 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-23 10:02  

ئابلەتجان كۆرسە خوش بولۇپ كىتىدىغان بولدى ئەتىگەندە مۇنبەرنى بىشىغا كىيىپ ....لىكىن راس مۇڭ مىلاننىڭ كۈلۇپ ناخشىسى ئۇنىڭدىن قالسا ئىنتىرنىڭكى يەنە بىزنىڭ مادىرىد نىڭ ھالا مادىرىد مۇشۇ !
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-9-23 09:48:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېسىل تېما بوپتۇ  نادىرلانسا بولغۇدەك
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-9-23 10:23:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېسىل تېما ...  مىلاننىڭ ناخشىسى بىرخىل پەيزى ،
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-9-23 11:08:10 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئارسنالنىڭمۇ  بىر  خىل  پەيزى  ، مادەرتنىڭمۇ  پىچەت  لىكىن  تازا  ۋاراڭ  چۇرۇڭ  ئەمەس  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-9-23 11:08:11 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئارسنالنىڭمۇ  بىر  خىل  پەيزى  ، مادەرتنىڭمۇ  پىچەت  لىكىن  تازا  ۋاراڭ  چۇرۇڭ  ئەمەس  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-9-23 11:24:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
UMuT_0998 يوللىغان ۋاقتى  2014-9-23 09:30
ئابلەتجان كۆرسە خوش بولۇپ كىتىدىغان بولدى ئەتىگەندە م ...

خۇش بولدۇم...
لېكىنزە، بېشىمغا كىيىدىغان يېشىمدىن ۋە ۋاقتىمدىن ھالقىپ كېتىپ قالدىم دە....

سەبرى بۇرادەر، رەھمەت سىزگە.....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-28 22:25

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش