akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 2596|ئىنكاس: 55

قايتۇرما ھۇجۇمنىڭ بايانى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ablatjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-26 10:20  

   قايتۇرما ھۇجۇم بۈگۈنكى پۇتبول دۇنياسىدا ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان، قوللىنىلىدىغان مۇھىم تاكتىكىلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.
   پۇتبول جەڭ، ئۇنىڭدا ھۇجۇممۇ بار، مۇداپىيەمۇ بار. پۇتبول يەنە سەنئەت ئۇنىڭدا تەسەۋۋۇر، ئىقتىدار ھەتتا كۈچمۇ بار. بىرازىلىيە، ئىسپانىيە ۋە گېرمانىيەگە ئوخشاش دۆلەت كوماندىلىرى، بارسېلونا، بايرېن، يۇۋېنتۇس، ئارسېنالغا ئوخشاش كۇلۇبلار توختاۋسىز توپ كونتىرول قىلىش، ھۇجۇم قىلىش بىلەن داڭق چىقارغان بولسا، ئىتالىيە، گوللاندىيە قاتارلىق دۆلەت كوماندىلىرى، رېئال مادرىد، مىلان ۋە چېلسىغا ئوخشاش كۇلۇبلار قايتۇرما ھۇجۇم بىلەن شەرەپ قازاندى.
بىز ھەممىمىز قايتۇرما ھۇجۇم، قايتۇرما ھۇجۇم، دەپ ئېغىزىمىزدىن چۈشۈرمەيمىز، ئەمىسە قايتۇرما ھۇجۇم دېگەن زادى نېمە؟ ئۇنىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە كەمچىلىكى نېمە؟ بۈگۈنكى تېمىدا مۇشۇ توغرىلىق توختىلىمىز.
قايتۇرما ھۇجۇم دېگىنىمىز، كوماندا تەڭپۇلۇقىنى ئەڭ مۇھىم نىشان، ناھايىتى مۇستەھكەم بولغان مۇداپىيەنى ئارقا تىرەك ۋە ئاساس قىلىپ، نۆۋىتى تېپىلغاندا ئەڭ تېز سۈرئەت بىلەن ئەڭ ئۈنۈملۈك پاستىن، قارشى تەرەپنىڭ يوچۇقىدىن ئۇستىلىق بىلەن پايدىلىنىپ، قىسقا مۇددەت ئىچىدە ھۇجۇم قوزغايدىغان تاكتىكىدۇر.
ئەزەلدىن تارتىپلا مۇداپىئەنى سەنئەت دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ كەلگەن ئىتالىيەلىكلەر قايتۇرما ھۇجۇمدىن ئىبارەت تاكتىكىنى تەرەققىي قىلدۇردى ۋە كۆپ قېتىم بۇ تاكتىكىنىڭ مېغىزنى چاقتى.

قايتۇرما ھۇجۇم تاكتىكىسىدا ئەڭ مۇھىم نەرسە نېمە؟ ئۇ بولسىمۇ مۇداپىئە.
مۇداپىئە قايتۇرما ھۇجۇمنىڭ يادروسى. تاكتىكا ئىسىمىدىن كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى، ئۇ ئاۋۋال قارشى تەرەپنىڭ ھۇجۇمىنى توسۇپ، مۇۋەپپىقىيەت قازانغاندىن كېيىن، ئاندىن ھۇجۇمغا يول ئالىدىغان ئۇسۇلدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن قايتۇرما ھۇجۇم تاكتىكىسنىڭ تۆۋەندىكى بىر قانچە شەرتىنى بىلىۋېلىش تولىمۇ زۆرۈر:
1. شەرت: مۇداپىئە مۇستەھكەم بولۇشى كېرەك. مۇداپىئە ئورۇنلاشتۇرمىسى ئەقىلگە مۇۋاپىق، زىچ، قاراتمىلىقى كۈچلۈك بولۇشى كېرەك. پەقەت 4 – 5 بېكلا ئەمەس بەلكى ئوتتۇرا مەيدان ماھىرلىرى، ھەتتا ھۇجۇمچىلارمۇ بەلگىلىك دەرىجىدىكى مۇداپىيەگە قاتنىشىپ، كۆپ قاتلاملىق مۇداپى سېپىنى ھاسىل قىلىشى كېرەك.
2. شەرت: كوماندىدا سۈرئىتى تېز، بۆسۈپ ئۆتۈش ئىقتىدارى كۈچلۈك، شۇنداقلا ئەجەللىك پاس بېرەلەيدىغان ماھىردىن ئىككى – ئۈچى بولۇشى كېرەك. قۇيۇندەك چاپىدىغان بىرەر ماھىرنىڭ بولۇش بولماسلىقى قايتۇرما ھۇجۇمنىڭ سۈپىتىنى ۋە غەلىبە قىلىش – قىلالماسلىقىنى بەلگىلەيدۇ. سۈرئىتى تېز ماھىر قارشى تەرەپنىڭ چەكلەنگەن رايونىغا ئەڭ تېز سۈرئەتتە يېتىپ بېرىپ نومۇر ئېلىش شارائىتى يارىتىپ، ياكى سەپداشلىرىغا پاس بېرىدۇ، ياكى ئۆزى نومۇر ئالىدۇ.
3. شەرت: ھۇجۇم يۆنىلىشى ئېنىق، پاسنىڭ توغرا بېرىلىش نىسبىتى پەۋقۇلاددە يۇقىرى، ئىنتىزام چىڭ بولۇشى كېرەك. قايتۇرما ھۇجۇم ماھىيەتتە چاقماق تېزلىكىدىكى ھۇجۇمدۇر. ئۇ ئادەتتە باشلىنىپ ئاخىرلاشقانغا قەدەر پەقەت 10 نەچچە سېكۇنتتىلا كەتكەچكە، تىرېنېر چوقۇم مۇۋاپىق بولغان قايتۇرما ھۇجۇم شەكلىدىن بىر قانچىنى راۋۇرۇس تەييارلىشى، ماھىرلارمۇ تىرېنېرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىش كۆرۈشى، توپ ئېلىپ مېڭىش، توپسىز يۈگۈرەش، ۋاقتىدا پاس بېرىش قاتارلىقلاردا چوقۇم سەگەك بولۇشى كېرەك. بىرەر سېكۇنت ئۇيان – بۇيان بولۇپ كېتىشمۇ، قايتۇرما ھۇجۇمنى پۈتۈنلەي كۆپۈككە ئايلاندۇرىۋېتىدۇ، ھەتتا قارشى تەرەپكە ياخشى پۇرسەت يارىتىپ قويىدۇ.
قايتۇرما ھۇجۇمنىڭ ماس كېلىش دائىرىسى
  قايتۇرما ھۇجۇم دەسلەپتە بارىلىققا كەلگەندىن تارتىپ، پۈتۈنلەي دېگۈدەك ئاجىز كوماندىلارنىڭ «پاتىنېنتى» دەپ قارالغانىدى. بىراق، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بەزى كۈچلۈك كوماندىلارمۇ ئارقا – ئارقىدىن بۇ تاكتىكىنى ئىشلىتىپ ئۈنۈمىنى كۆردى. دېمەك، مەلۇم كوماندا ئەگەر بۇ سەپ شەكلىنى ئىشلىتىشنى ياخشى كۆرسە، كوماندىنىڭ شارائىتى بۇنىڭغا يار بەرسە بۇ تاكتىكىنى ئىشلىتىشكە بولىدۇ. لېكىن، بۇ سەپ شەكلى كۆپىنچە ھاللاردا ئاجىز كوماندىلارنىڭ كۈچلۈك كوماندىلارنى يېڭىشىنىڭ تىلتۇمارى بولغاچقا، مۇسابىقىلەردە كۈچلۈك كوماندا ئامالسىز قايتۇرما ھۇجۇم تاكتىكىسىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇر بولىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى: قارشى تەرەپ ئاكتىپ ھۇجۇمنى تاشلىۋېتىپ، پۈتۈن سەپ بويىچە مۇداپىيە قىلىۋېلىپ، قارشى تەرەپنىڭ ھۇجۇم قىلىشىنى كۈتىدىغان ئەھۋال تەبىئيلا كۆرۈلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن كۈچلۈك كوماندا يەنىلا توپ كونترول قىلىپ، قارشى تەرەپنى چەكلەنگەن رايونغا قىستاپ، بېسىپ ھۇجۇم قىلىپ، ئۆزى قايتۇرما ھۇجۇمدىن پەخەس بولىدۇ.
ئەلۋەتتە، ھەرقانداق نەرسىنىڭ ئىككى تەرىپى بولىدۇ، ئەمىسە قايتۇرما ھۇجۇمنىڭ ئەيىبى نەدە؟
1. قايتۇرما ھۇجۇم ھۇجۇمنى ئىككىنچى ئورۇنغا قويۇپ، توپ كونتىرول قىلىش ھوقۇقىنى قارشى تەرەپكە بېرىۋەتكەچكە، قارشى تەرەپنىڭ ھۇجۇم پۇرسىتى بىرقەدەر كۆپ بولىدۇ، ئەگەر مۇداپىيەدە ئازراقلا يوچۇق كۆرۈلۈپ قالسا، توپ كەتكۈزۈپ قويۇشى مۇمكىن. نومۇر ئارقىدا قالغاندىن كېيىن يەنە قايتۇرما ھۇجۇم تاكتىكىسىنى تاللاش ئۆزىنى ئۆلۈمگە تۇرۇپ بەرگەنلىكتۇر.
2. قايتۇرما ھۇجۇم جەريانىدىكى بەزى كىچىككىنە سەۋەنلىك ئومۇمىي ھۇجۇمنى يوققا چىقىرىۋېتىش بىلەن تەڭ، قارشى تەرەپنى ياخشى بولغان ھۇجۇم پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەپ قويۇشى مۇمكىن.
3. يۇقىرىدا دېيىلگەندەك، قايتۇرما ھۇجۇم تاكتىكىسىنىڭ ماھىرلارغا قويىدىغان تېخنىكا، ئىنتىزام ۋە بەدەن سۈپىتى ئۆلچىمى بەك يۇقىرى بولغاچقا، ماھىرلارنىڭ يارىلىنىش نىسبىتى بىر ئاز يۇقىرىلاپ كېتىدۇ.



بىرقىسىم نادىر قايتۇرما ھۇجۇملار رەسىملىرى

رېئال مادرىدنىڭ قايتۇرما ھۇجۇمى، ئۆزىل بەر|گەن پاس ۋە ...

رېئال مادرىدنىڭ قايتۇرما ھۇجۇمى، ئۆزىل بەر|گەن پاس ۋە   ...




ئىتالىيەنىڭ گېرمانىيەگە قىلغان ئەڭ ناىر بىې قرتىملىق ...

ئىتالىيەنىڭ گېرمانىيەگە قىلغان ئەڭ ناىر بىې قرتىملىق   ...
03.jpg 04.jpg


دۇنيا تارىخىدىكى قايتۇرما ھۇجۇم پېشىۋالىرى
1. قايتۇرما ھۇجۇم ئاتىسى – پوزو.
پوزو (1886 - 1968) 20 – ئەسىرنىڭ 30 – يىللىرىدىكى داڭلىق تىرېنېر بولۇپ، ئىتالىيە كوماندىسىنى يېتەكلەپ، 1934 – يىلىدىكى  1938 – يىلىدىكى دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولغان.
ئۇ ئىلگىرى مانچېستىر بىرلەشمە كوماندىسىنىڭ مۇداپىيەگە مەخسۇس ئىككى ئوتتۇرا بېك قويغىنى كۆرۈپ، كۆڭلىگە بىر ئەقىل كەلگەن، يەنى، مۇداپىئەگە رەقىبىگە قارىغاندا بىر ئادەمنى ئوشۇق قويۇپ، ئىتالىيەنىڭ پولات قۇرۇلمىلىق بېتون مۇداپىيەسىگە ئاساس سالغان. ئۇ پۈتكۈل پۇتبول دۇنياسى ئېتراپ قىلغان قايتۇرما ھۇجۇم ئاتىسىدۇر.

05.jpg
2. پۈتۈن سەپ بويىچە مۇداپىئە ۋە ھۇجۇم قىلىش پېشىۋاسى - مىچېلىس
مىچېلىس (1928 - 2005) گوللاندىيە ۋە بارسېلونا توپ مەستانىلىرىگە ناتونۇش ئەمەس. ئۇ 1974 – يىلى گوللاندىيە كوماندىسنى يېتەكلەپ دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسدا ئىككىنچى، 1988 – يىللىق ياۋروپا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە چېمپىيون قىلغان. ئاياكىس كۇلۇبىنى 1971 – يىلى ياۋروپانىڭ ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى ساھىبغا، بارسېلونانى 1974 – يىلى ئىسپانىيە بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئىگە قىلغان.
ئۇ جاھاننى تاڭ قالدۇرغان ئومۇمىي سەپ بويىچە مۇداپىئە ۋە ھۇجۇم قىلىش سەپ شەكلىنى ۋايىغا يەتكۈزگەن، مەيدانكى 11 ماھىر خۇددى 1 ئادەمدەك ماسلاشقان. پاس يولى ئېنىق، مۇداپىيە قاتتىق بولغان، كىرۇيىف ئۇنىڭ يېتەكلىشىدە ئەڭ زور چوققىغا چىققان. ئۇنىڭ بۇ سەپ شەكلى كېيىنچە گوللاندىيە ۋە كىرۇيىف ئارقىلىق بارسېلوناغا ئۇدۇم قىلىپ، تاھازىرغىچە دۇنيا پۇتبول مۇنبىرىدە چاقنىماقتا.

09.jpg
3. فىرانسىيە ئىپتىخارى – ياكۇئېت
ياكۇئېتنىڭ (1941 -) بۇ تىزىملىكتە ئۈچىنچىلىككە تىزىلىشىدىن بەلكىم نۇرغۇن كىشىلەر ھەيران قالغان بولۇشى مۇمكىن، شۇ تاپتا مەنمۇ ھەيران. لېكىن ئۇنىڭ، 90 – يىللارنىڭ ئاخىرىدىكى خېلىلا پۇقراۋىي فىرانسىيە كوماندىسىنى تەڭشەپ، ئاشۇ ۋاقىتلاردىكى ئەڭ مۇكەممەل، ئەڭ تەڭپۇڭ بىر كوماندىغا ئايلاندۇرغانلىقى ۋە مۇشۇ كوماندىنى يېتەكلەپ بىرازىلىيە كوماندىسىنى يەڭگەنلىكى ھەرگىزمۇ تاسادىپيلىق ئەمەس.
ئۇنىڭ بىلانكا باشچىلىقىدىكى مۇداپىيە سېپىنىڭ ئالدىغا پېتىت بىلەن دې شامپىستىن ئىبارەت ئىككى «گۆش توغراش ماشنىسى» نى قويۇپ، ئۇلارنى مەخسۇس ئارقا سەپنى ۋە زىدانىنى قوغداشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، فىرانسىيەنىڭ مۇداپىيەسىنى سۇ كىرمەس ھالەتكە ئېلىپ كېلىشى تارىىتىكى ئەڭ مەشھۇر پۇتبول رىۋايەتلىرىنىڭ بىرىدۇ. شۇ قېتىملىق مۇسابىقىدە فىرانسىيە بىر نۇقتا توپ ۋە بىر ھەرىكەتچان توپ كەتكۈزۈپ قويۇپ، 15 توپ كىرگۈزۈپ، مۇداپىيەسىنىڭ نەقەدەر چىڭ ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى.
ئەڭ مۇھىمى، ئۇنىڭ قايتۇرما ھۇجۇم ئىدىيەسى ۋە ئوتتۇرا مەيدان مۇداپىيەسىدىكى تاكتىكىسى تاھازىرغىچە نۇرغۇن تىرېنېرلارنىڭ ئۆگىنىدىغان، پايدىلىنىدىغان جانلىق دەرسى بولماقتا.

10.jpg
4. قايتۇرما ھۇجۇم پىرى – مۇرىنىئو
مۇرىنىئو (1963) بۈگۈنكى زاماندىكى ئەڭ مەشھۇر تىرېنېرلارنىڭ بىرى، شۇنداقلا، پىشقان تاكتىكا ئۇستىسى. قايتۇرما ھۇجۇم ئۇنىڭ ئەڭ ۋەكىللىك تاكتىكىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، 2010 – يىلى ئېنتىر مىلاننى يېتەكلىگەندە مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن كۈچلۈك بارسېلونا ۋە بايرېننى يېڭىپ، دۇنيا پۇتبول تارىخىدىكى قايتۇرما ھۇجۇمغا ئائىت مەخسۇس سەھىپىدىن بىرنى ئاچتى. ئۇ ئۆزىنىڭ مۇداپىيەدىكى ئۆزگىچىلىكى، ھۇجۇمدىكى قەتئىيلىكى بىلەن قايتۇرما ھۇجۇمنىڭ ھەر خىل شەكىللىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. قول ئاستىدىكى دىروگبادىن ئىبراھىموۋىچقىچە، بالوتېلىدىن رونالدوغىچە بولغان ئوخشىمىغان ماھىرلارنىڭ ئوخشىمىغان بەدەن شارائىتىغا قارىماي، ئوخشاش بولغان قايتارما ھۇجۇم ئۈنۈمىنى قولغا كەلتۈردى.

06.jpg
5. قايتارما ھۇجۇمنىڭ يېڭىچە تەبىرى – ئەنچېلوتى
ئەنچېلوتى (1959) ئىتالىيەنىڭ 21 - ئەسىردىكى ئەڭ مۇھىم تىرېنېرلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، تاكتىكا ئۇستىسى، دەپ تەرىپلىنىدۇ. ئۇ ئىتالىيە، ئىنگىلاند، فىرانسىيە، ئىسپانىيە قاتارلىق بىرلەشمىلەرنىڭ ھەممىسىدە تۇرۇپ باققان بولغاچقا، ھەر خىل شارائىتتىكى ۋە ھەر خىل ئېقىمدىكى پۇتبول قانۇنىيىتىگە پىششىق. بولۇپمۇ ئۇنىڭ مىلاندا ئىجاد قىلغان «4321» دىن ئىبارەت «روژدېستوۋا ئارچىسى سەپ شەكلى» ئۇنىڭ قايتۇرما ھۇجۇم تاكتىكىسىنىڭ جەۋھىرىدۇر. جەمئىي 7 ماھىرنى مۇداپىيەگە، ھۇجۇمچىنى توپسىز يۈگۈرۈشكە، بىر ئالدى بەلنى ھۇجۇم تەشكىللەشكە، يەنە بىر ئالدى بەلنى (كاكا) ئاساسلىق نومۇر ئېلىشقا قويۇش ئۇنىڭ يېڭىچە ئەندىزىسى بولۇپ، 2007 – يىللىق ياۋروپا ئۇزغۇنلۇقى مىلانغا دەل مۇشۇ تاكتىكا بىلەن قولغا كەلگەن. ئۇ يەنە مۇشۇ تاكتىكىسى بىلەن 2014 – يىلى گېرمانىيە كۇلۇبلىرىدىن، بولۇپمۇ بايرېندىن مادرىدنىڭ قانلىق قىساسىنى ئېلىپ، قايتارما ھۇجۇمنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم كۆرسىتىپ قويغان.

07.jpg
6. مۇداپىئە شاھى – كاپېلو
كاپېلو (1946) دۇنيادىكى ئەڭ مەشھۇر تىرېنېرلارنىڭ بىرى. ئۇنىڭ مىلان، يۇۋېنتۇس، رىم ۋە مادرىدتىكى ئۇتۇقى ھەممىزگە ئايان. ئۇنىڭ يەنە «1 دە 0 شۇناش» دەيدىغان مەسخىرىلىك نامى بار. ئۇ ئۆمرىنى ئاساسەن دېگۈدەك كوماندىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاش، مۇداپىيەدە يېڭىلىق يارىتىشقا ئاتىغان. ئۇ پۈتكۈل كوماندىدىكىلەرنى مۇداپىيەگە ئاكتىپ قاتنىشىشقا بۇيرىغان. ھەتتا، رونالدونىمۇ ئۆز مەيدانىغىچە كېلىپ مۇداپىئە قىلمىدى، دەپ بارا – بارا ئاساسلىق ئەزالار تىزىملىكىدىن چىقىرىۋەتكەن. 1994 – يىلى نۇرغۇن ئاساسلىق ماھىرلىرى يارىلانغان مىلاننى يېتەكلەپ، كۈچلۈك بارسېلونا كۇلۇبىنى 4 دە 0 نەتىجە بىلەن يېڭىپ، ياۋروپا ئۇزغۇنلىقىغا ئېرىشىشى ئۇنىڭ تاكتىكا جەھەتتىكى يۈكسەك قابىلىيىتىنى نامايان قىلغان.

08.jpg

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 10مۇنبەر پۇلى +455 يىغىش سەۋەبى
9مۇرادىل + 50
پەرۋەر + 50 قالتىس!
باقاۋۇل + 50 قالتىس!
تۈمەن + 50 قالتىس!
كۈلكە + 5 ئەتراپلىق
چىملىق + 50 قالتىس!
تۈرۈك2 + 50 قالتىس!
kapsizbala + 50 قالتىس!
UMuT_0998 + 50 قايتارما ھۇجۇمنىڭ ماھ.
ئەلشىر + 50 قالتىس!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-9-24 23:31:43 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باقاۋۇل يوللىغان ۋاقتى  2014-9-24 23:18
قالتىس تىمىدىن يەنە بىرسىنى مەيدانغا كەلتۈرۈپسىلە ، ئ ...

ۋۇي ھاجىكا، بار ئىكەنلا ھە سىلى... سىلىنىڭ مۇشۇ ئىنكاسلىرىنى ساقلىغىلى ئىككى كۈن بولدى. يوقاپ كەتتىلىغۇ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-9-23 02:21:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابلەتجاننىڭ تىمىلىرىنى ئوقۇش بىرخىل ھوزۇر ، ئادەم ئۆزىنى ھۆججەتلىك فىلىم كۆرىۋاتقانداق ھىس قىلىپ قالىدۇ  .  ئەزەلدىن مۇنبەردە كام بولىۋاتقان پۇتبول بىلىملىرى ھەم  تارىخ سىزنىڭ تىمىلىرىڭىز بىلەن  تولۇقلىنىپ ماڭىدىغان بولدى .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-9-23 02:40:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابلەتجان مىلانولۇقلارنىڭ پەخرى...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-9-23 04:53:28 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلۋېلىشقا تىگىشلىك بىلىملەركەن رەھمەت سىزگە ئابلەتجان، بۇ تېرىنىرلارنىڭ ئىچدە ئەڭ يامىنى ئەنچىلوتىمىكى دەيمە بىر خىل تەمكىن تاكتىكىلىرنىڭ جېنى بار ئۇنۇملۇك
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-9-23 07:01:18 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قۇرساقتا ئ‍ۇماچ كۇپەرەك بۇلسا ياخشى نەرسىلەرنى يازغىلى بۇلىدۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-9-23 07:51:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قالتىس يىزىپسىز قايتۇرما ھۇجۇم توغرىسدا خىلى كۆپ بىلىمگە ئىگە بولىۋالدىم..
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-9-23 08:03:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مول مەزمۇنلۇق تىما بوپتۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-9-23 08:05:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قايتۇرما ھۇجۇمنىڭ غەلبىلىك بۇلۇشىدىكى ئامىل مۇداپىيە بىلەن ھۇجۇمغا تەڭ ماسلاشقان بۇلۇش تېرىنىرنىڭ تاكتىكا ئورونلاشتۇرشى مۇھىم رول ئويناش بىلەن بىرگە توپچىلار يەنى بۇتاكتىكىنى ئىجىرا قىلغۇچىلار كۆپ تەرەپتىن يىتىشكەن يۇقۇرى ماھارەت تەلەپ قىلىدۇ.بۇلارنىڭ ھەمىسى قايتۇرماھۇجۇمنىڭ غەلبىلىك بۇلىشغا مۇيىم تەسىر كۆرسىتىدۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-9-23 09:59:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مانا  ئابلەتجان نادىر تېمىدىن بىرنى يېزۋىتىپتۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-9-23 10:02:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   rahman123 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-23 10:03  

رەھمەت ئابلەتجان، قايتۇرما ھۇجۇم ھەققىدىكى ئۇقۇمنى يۈزەكى چۈشۈنىپ يۈرۈپتىمەن ئەمەسمۇ؟ مۇشۇنداق تېمىلارنى كۆپلەپ يوللاپ تۇرۇشىڭىزنى چىن دىلىمدىن ئۈمىت قىلىمەن.سىزدىن سورايدىغان سۇئالىم بار ئىدى، ۋاقتىڭىز يەتكەندە جاۋاپ يېزىپ قويارسىزمۇ؟
ئادەتتە سېرىق كارتا ئىككى بولغاندا قىزىلغا ئالمىشىپ بۇ ئەزا مەيداندىن چۈشۈرۋېتىلىدۇ، 1. كېيىنكى مەيدانغا چىقىش چىقالماسلىق مۇقىم بولامدۇ ياكى رىپىر بەلگىلەمدۇ؟ ( مەيدانغا چىقىش پۇرسىتى بىرلا مەيدان قالدۇرۇلامدۇ؟). 2، مەسىلەن بىر ئەزا 4-ئايلانمىدا بىر سېرىق كارتا ئالدى، 5-ئايلانمىدا مەلۇم سەۋەپلەر بىلەن مەيدانغا چىقمىدى، سېرىق كارتانىڭ ۋاقتى ئۆتكەن ھېساپلىنامدۇ؟ 3. كۇلۇپتىكى سېرىق كارتا دۆلەت كوماندىسىغا تەسىر كۆرسىتەمدۇ؟ ( كۇلۇپ مۇسابىقىسىدە بىر تال سېرىق كارتا ئالدى، ئارقىدىنلا دۆلەت كوماندىسى مۇسابىقىسىگە قاتناشتى دېمەكچى). 4.     2013-2014-يىللىق مۇسابىقىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئايلانمىسىدا ئالغان جازا كارتىلىرى 2014-2015-يىللىق مۇسابىقىسىدە يەنە جازا بېرىلەمدۇ؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-9-23 10:05:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆپ تەشەككۇر بىزگە شۇندا ياخشى بىلىم لەنى سوغا قىلغىنىڭىزغا شۇندا مەمنۇن بولدۇم
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-9-23 10:19:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
rahman123 يوللىغان ۋاقتى  2014-9-23 10:02
رەھمەت ئابلەتجان، قايتۇرما ھۇجۇم ھەققىدىكى ئۇقۇمنى يۈ ...

مەن بىلگىنىمنى دەپ باقاي ...  
ئادەتتە ھەرقانداق مۇسابىقىدە بىر قىزىل كارتا ،ياكى ئىككى سېرىق ‹بىر قىزىل› كارتىغا تەڭ ، مۇشۇنداق ئەھۋالدا كۇلۇپ ياكى دۆلەت مۇسابىقىسى بولسۇن چۇقۇم كىينكى بىرمەيدان مۇسابىقىدىن توختايدۇ.
  مەسلەن ئىسپانيە بىرلەشمىسدە بولسا پۇتۇن بىرلەشمە تۈگۈگىچە بولغان ئارلقىتا ئىستىمال قىلغان سېرىق كارتىسى 5كە يەتسە چۇقۇم بىرمەيدان توختايدۇ .  بۇنىڭدا يەنە ‹كارتا يۇيۇش›دەيدىغان بىر ‹ھۇنەر›بار .  مەسلەن  :سىزنىڭ يىگەن كارتىڭىز 4 بولدى ،كىيىكى مەيداندا سىز ئاجىز كوماندا بېلەن مۇسابقە ئوينىماقچى ،سىز بولمىسڭىزمۇ كوماندىكى سەبداشلىرڭىز ئۇ كوماندىنى يىڭەلەيدۇ ،شۇڭا سىز مۇشۇ ۋاقىتتا سېرىق كارتىدىن بىرنى ئىستىمال قىلسز ،سىېرق كارتىڭىز 5بولدى كىيىنكى مەيدان توختايسىز ،ئاندىن ھەممىسى يېڭدىن ماڭىدۇ .
كۇلۇپتا يىگەن سېرىق ياكى قىزىل كارتا ،ھەم دۆلەت كوماندىسدا يىگەن سېرق ياكى قىزىل كارتا ئۆز-ئارا تەسىر قىلمايدۇ . ئىككىسى ئايرىم -ئايرىم مۇسابىقە .
مىنىڭ بىلشىمچە مۇسابىقىدىن چەكلەنمىسلا كىيىكى يىللىق بىرلەشمە تەرتىپىگە تەسىرى بولمايدۇ ...  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-5-10 22:33

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش