ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 40 |
تۆھپىسى: سەر |
|
خان جەمەتى مادرىت كوماندىسى 8دە2نەتىجە بىلەن لاكىلونىيەكوماندىسىنى قىرغىن قىلغاندىن كىيىن يازلىق يۆتكىلىشتە مادرىتقا ئىجارە شەكلىدە قىتىلغان (كىچىك پۇرچاق)ئېرنەندىس زاپاس ئەزا قاتارىدا مەيدانغا چىقتى،ۋە قىسقىغىنە 13مىنۇت ئوينىغان مۇسابىقىدە 2توپ كىرگۈزدى. ئۇنىڭ ئىپادىسىدىن قاتتىق رازى بولغان مادرىت يۇقرى قاتلىمى ئۇنى رەسمى ھالدا سىتىۋىلىشنى پىلانلىدى، مادرىت 23مىليۇن ياۋرۇ چىقارسىلا ئىرنەندىسنى سىتىۋالالايدىكەن.
تاراتقۇلارنىڭ خەۋرىگە قارىغاندا ئارسىنال بىلەن مادرىت قىىشلىق يۆتكىلىش بازىرىدا ھىدرانىڭ ئارسىنالغا يۆتكىلىش ئىشىدا دەسلەپكى قەدەمدە بىردەكلىك ھاسىل قىلغان. ھىدرانىڭ يۆتكىلىش ھەققى 11مىليۇن فونتستىرلىڭ ئەتراپىدا بولىدىكەن، ئەگەر ھەممە ئىشلار ئوڭوشلۇق بولسا ھىدرا كىلەر يىلى 1-ئايدا خەلىپە مەيدانىدا ئارسىنال ئۈچۈن توپ تىپىدىكەن.
ئىسپانىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋرىگە قارىغاندا خان جەمەتى مادىرىت كولۇبى يىقىندا كولۇپ پايچەكلىرىنىڭ ئومۇمى يىغىننى ئاچقان،يىغىنغا789نەپەر پايچىك قاتناشقان، كولۇپنىڭ رەئىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن فىلورىنتۇ سۈز قىلدى ھەمدە كولۇپتا يىقىنقى بىر مەزگىلدىكى يۈز بەرگەن ھەر خىل ئىشلار توغرىسىدا پايچىكلارغا چۈشەنچە بەردى ،ھەم كاشىلياسنى ئاقلىدى .ئالۇنسۇنىڭ يۆتكىلشى توغرىسىدا توختۇلۇپ ئالۇنسۇنىڭ كوماندىدىن ئايرىلىشى پۈتۈنلەي ئۆزىنىڭ تاللىشى ئىكەنلىكىنى ،ئۆزى ۋە كولۇپ يۇقرى قاتلىمدىكىلەرنىڭ ئۇنىڭ قارارىغا ھۆرمەت قىلىپ ئۇنىڭ يۆتكىلىشىگە قوشۇلغانلىقىنى ئىيىتتى. |
|