akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1820|ئىنكاس: 41

شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى مۇسابىقە خەۋىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئۇچقۇنى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-21 18:55  

  ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !

دىيارىمىز ۋاقتى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى سائەت 14:00 دە ، جۇڭگۇ ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ  24-ئايلانمىسىنىڭ بىر مەيدان مۇسابىقىسى ئېلىپ بىرىلىپ ،  شىنجاڭ داۋانچېڭ ناخۇەن كۇماندىسى مېھمان مەيداندا ، خونەن شىياڭتاۋ كۇماندىسى بىلەن مۇسابىقە ئوينىدى ،   90 مېنۇتلۇق مۇسابىقە جەريانىدا ئىككى تەرەپ توپ ئۇرالماي ،نەتىجىدە  0:0 تەڭلىشىپ بىر نومۇردىن ئېلىپ قايتىشتى . ئالدىنقى قېتىملىق ئۇچۇرشۇشتا ، شىنجاڭ كۇماندىسى مېھمان مەيداندا 2:1  نەيىجە بىلەن خونەن شىياڭتاۋغا ئۇتتۇرۋەتكەن . يەھيا يەنىلا ئاساسلىق ئەزا بۇلۇپ مەيدانغا چىقتى  ، ئىپادىسى خېلى ياخشى بۇلدى ، بىر قېتىملىق قاپقىغا ئورغان توپىنى قارشى تەرەپ ۋارتاسى تۇتىۋالدى .  نۆۋەتتە شىنجاڭ كۇماندىسى جۇڭگۇ  ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىدە ،6 ئۇتۇپ ، 10 تەڭلىشىپ ، 8 ئۇتتۇرۇپ ، 20 توپ ئۇرۇش ، 21 توپ كەتكۈزۈش بىلەن 28 نۇمۇر ئېلىپ  9- ئورۇندا تۇرماقتا .


  شىنجاڭ داۋانچېڭ ناخۇەن كۇماندىسىنىڭ مەيدانغا چىققان ئەزالار تىزىملىكى
  قاپقىچى : 12-نۇمۇر گۇجۈن جې
بېكلەر :2-نۇمۇر جاڭجې، 3-نۇمۇر كاپىتان سەيشى، 22-نۇمۇر  يەنجىيۈ
ئۇتتۇرا مەيدان  : 29-نۇمۇر  يەھيا، 6-نۇمۇر  ۋېيسېن تې، 8-نۇمۇر  ۋاڭ كاڭ  ،11-نۇمۇر شۈچېڭ
ھۇجۇم  :16- نۇمۇر توجېيۇەن ، 38- نۇمۇر   ئالەن ، 37- نۇمۇر   خۇاڭ لۇڭ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-9-21 18:49:59 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزدىن كۈندىن كۈنگە سۆيۈنىۋاتىمەن جۇمۇ!!!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-9-21 18:50:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆپ  رەخمەت ئۇچقۇنى قېرىندىشىم تېمىنى  تەھرىرلەپ  قۇيۇپسىز  ،
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-9-21 18:56:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ablatjan يوللىغان ۋاقتى  2014-9-21 18:49
سىزدىن كۈندىن كۈنگە سۆيۈنىۋاتىمەن جۇمۇ!!!

رەخمەت جۇمۇ ،  سىزنى بۇلسىمۇ خۇش قىپتىمەن ،   قىزىقىش دىسىلە ئابلەتجان .  يەنە مەسىلىلەر مەۋجۇت  بۇپ تۇرىدۇ ،خەت ۋە قۇر ئارلىقلىرىنى تەڭشەپ بۇلالماي ،  باشقۇرغۇچىلارغا سەل ئاۋارچىلىق تېپىپ بىرۋاتقاندەك  ھىس  قىلىپ  قالدىم ،  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-9-21 19:08:36 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھاھاھا مىنىڭ تېلېفۇنۇمنىڭ خېتىنىمۇ يوغان قىلۋەتتىڭىز
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-9-21 19:18:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   XATKAR886 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-21 19:19  

خونەن شىياڭتاۋ كوماندىسى بىلەن شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى كوماندىسى دىسىڭىز توپتوغرا بۇلىدۇ.

جوڭگو بىرلەشمىسىدە كۇلۇپ نامى ۋە قىسقارتىلما  نامى توغىرىسىدا مۇنداق قائىدە بار .
تولۇق ئاتىلىشى :

تەۋە بولغان مەمۇرى رايوننىڭ نامى   +كۇلۇپ نامى + كوماندا نامىنى سىتىۋالغان ئورۇننىڭ ئىسمى +كوماندىسى


شۇڭلاشقا ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىگە قاتناشقان شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ تولۇق ئاتىلىشى بولسا :

شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى كۇلۇبى  داۋانچىڭ ناخۇەن كوماندىسى


قىسقارتىلما ئىسىمنىڭ ئاتىلىشى : شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى كوماندىسى

تەۋە بولغان مەمۇرى رايوننىڭ نامى +كۇلۇپ نامى ياكى كوماندا نامىنى سىتىۋالغان ئورۇننىڭ ئىسمى
لىكىن  قىسقارتىلما ئىسىمنىڭ ئۇزۇنلىقى يەتتە خەنزۇچە خەتتىن جىق بولۇپ كەتمەسلىكى كىرەك .

ئۇنىڭدىن باشقا يەنە سىتىۋالغان ئورۇننىڭ نامىنى ئىشلەتكەندە پەقەت كارخانىنىڭ نامىنى ياكى بىرەر ماركىنى ئىشلىتىشكە بولىدۇ ، لىكىن بىرەر تاۋار ياكى مۇلازىمەتنىڭ نامى قوشۇلۇپ قالسا بولمايدۇ .
.



بۇ قىتىملىق شىنجاڭ كوماندىىسىنىڭ نامىنى  ئۈرۈمچى داۋانچىڭ ناخۇەن ھاراقچىلىق چەكلىك شىركىتى سىتىۋالغان .

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-9-21 19:26:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
XATKAR886 يوللىغان ۋاقتى  2014-9-21 19:18
خونەن شىياڭتاۋ كوماندىسى بىلەن شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىز ...


پاھ، ماۋۇ شاتكار قارىممۇ مۇھەررىر بولۇپ كېتىپتۇ دېسە...
دېگەن؛ىرىڭىز تامامەن توغرا، چۈنكى... تامامەن توغرا...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-9-21 19:27:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   honda تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-21 19:30  

شىنجاڭ كۇماندىسى مېھمان مەيداندا 2:1  نەيىجە بىلەن خونەن شىياڭتاۋغا ئۇتتۇرۋەتكەن .

==========
بۈگۈنمۇ  مېھمان مەيدان ئالدىنقى قېتىممۇ مېھمان مەيدان خاتا بوپ قاپتۇ.
ئالدىنقى قېتىمقىسى  ساھىبخان مەيدان.


رەسىمدىكى ۋىۋىسكىدا  شىنجاڭ تەڭرىتاغ كوماندىسى دەپ بولغانكىن، شۇ بويىچە ئاتايلى.
تېمىغا شىنجاڭ تەڭرىتاغ دەپ يېزىپ مەزمۇنغا ئارتۇق قوتىۋېلىش بىھاجەت.





1.jpg
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-9-21 19:38:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
honda يوللىغان ۋاقتى  2014-9-21 19:27
شىنجاڭ كۇماندىسى مېھمان مەيداندا 2:1  نەيىجە بىلەن خونە ...

ھە   بۇپتۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-9-21 19:43:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە تەڭلىشىپتىغۇ بۇيىلپىزلا.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-9-21 19:56:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
XATKAR886 يوللىغان ۋاقتى  2014-9-21 19:18
خونەن شىياڭتاۋ كوماندىسى بىلەن شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىز ...

ئەسكەرتكىنىڭىزگە رەخمەت شاتكار  ، بۇ دىگەنلىرىڭىزنى مەنمۇ بىلىمەن ، لىكىن ،  ‹ شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى › بۇلسا  كۇلۇبنىڭ ھەقىقى ئاتىلىشى . كۇماندا نامىنى شىنجاڭ داۋانچېڭ ناخۇەن ھاراقچىلىق شىركىتى سېتىۋالغانكەن ،  شۇڭا داۋانچېڭ ناخۇەن كۇماندىسى دەپ ، يەنە بىرى بۇ كۇماندا ھازىرچە شىنجاڭدا بىردىنبىر كەسپى پۇتبول كۇماندىسى بۇلغانلىقى ئۈچۈن  قىسقارتىپ شىنجاڭ كۇماندىسى دەپ ئاتىلىپ  كىلۋاتىدۇ ، بۇ  كۇماندىنىڭ مۇسابىقىلىرىنى  ئاساسەن تۇلۇق كۆرۋاتىمەن ، دىققەت قىلىپ باقتىم  چۈشەندۈرۈشلەردىمۇ كېيىنكى ئاتىلىشلاردا ئاتاپ كېلۋاتىدۇ ، تەڭرىتاغ يىلپىزى كۇماندىسى دەپ چۈشەندۈرگەننى ئاڭلاپ باقمىدىم ، تەڭرىتاغ يىلپىزى  دىگەن نامىنى كۇلۇبنىڭ ئىسمىنى ئاتاشتا ئىشلىتىدىكەن .  شۇڭا مەنمۇ  قىسقارتىپ شۇنداق ئالدىم
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-9-21 19:56:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارى قاتناشمايۋاتىدىغۇ خېلى بوپ قالدى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 18:20

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش