تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

پۇتبول كۇلۇبى

نىيە ۋاسكىتبول كۇلۇبى
كۆرۈش: 3459|ئىنكاس: 80

ئىسپانىيە بىرلەشمىسى 4-ئايلانمىسى

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 00:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سۈبھى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-21 11:07  

A6KEBERC00DE0005.jpg

بۈگۈن ئىسپانىيە بىرلەشمىسى ئوينالدى... رېئال مادرىد 8-2 نەتىجە بىلەن لاكىرونىيە كوماندىسىنى قىرغىن قىلدى...  پۈتۈن سەپ بويىچە ئىپادە ئالاھىدە ياخشى بولدى...مۇسابىقىنىڭ تۇنجى توپىنى رونالدو 29 مىنۇت بولغاندا كاللا بىلەن كىرگۈزدى. ئارقىدىنلا رودىرېگىز يىراقتىن توپ ئۇردى.  41 مىنۇت بولغاندا ۋارتارنىڭ سەۋەنلىكى تۈپەيلى رونالدو يەنە بىرنى ئۇردى..  كېيىنكى يېرىم مەيداندا بېل ئوماق ھالدا ئوخشاش ئورۇندا ئىككىنى كىرگۈزدى....ئارقىدىن رونالدو يەنە بىرنى كىرگۈدى.  ئېرنەنىس مەيدانغا چىقىپ يىراقتىن ئىككى تېپىپ ئىككى دۇنياۋى سەۋىيەلىك توپ ئۇردى...... قارشى تەرەپ ئىككى توپ ئۇردى. شۇنداق قىلىپ مادرىد غەلبە قىلدى!  ھۇررا مادىرىد!



A6KEBFEE00DE0005.jpg
A6KFO6B500DE0005.jpg
A6KGSLGF00DE0005.jpg

مادىرىد ئاتلېتكا2-2 سېرتا
ئاتلېتكا تەڭلەشتى...

مالاگا2-2 ئىسپانىيىلىكلەر
گېرانادا1-0 بىلباۋ ئاتلېتكا

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2مۇنبەر پۇلى +100 يىغىش سەۋەبى
turgunjan + 50 قالتىس!
ئازغۇن + 50 قالتىس!

باھا خاتىرىسى

ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 03:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tagderem تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-21 13:57  

ئەنچىلودى بۇ مەيدان مۇسابىقىدە  ھىس قىلىشىمچە ئۈچ قىتىملىق ئۆزگەرتىش ئىلىپ باردى .

4231 سىناق قىلىنغان بۇ مۇسابىقىدە     كەيپىيات  باشلىنىپ ئۇنچىۋالامۇ جىددىيمۇ  ئەمەس ،   تاكى 20 مىنۇتلار ئەتراپىغا  بارغۇچە   مادىرىت  ‹‹سۇس ›› ئوينىدى  ،  ئالدىراش يوق  .   (    پەقەت  ئىككى قىتىملىق خەتەرلىك ھۇجۇم تەشكىللىدىغۇ دەيمەن   )   بۇ قىتىم    ئىككى قاناتنىڭ كەينىدىكى يان بىكلەر    ھۇجۇمغا مايىل مارسىلۇ بىلەن پىشقەدەم ئەزايىمىز ئاربىلويا بولغاچقا  مادىرىت باشلىنىشىدا  كۆپرەك  رونالدۇ تەرەپتىن  ھۇجۇم تەشكىللەپ كۆرۈپ باقتى  ...مادىرىتتىكى   تۇنجى كىچىك  ئۆزگىرىش راموسنىڭ   قارشى تەرەپ چەكلەنگەن رايۇنى ئەتراپىدا پەيدا بولۇشقا باشلىغىنىدىن باشلاپ كۆرۈلدى .     ئالدى بىلەن يىقىنقى مەزگىلدىكى مۇسابىقىلەرگە  ئوخشاش    بىل بىلەن كىرىستئان  ئورۇن ئالماشتۇردى   ،     قالغانلاردا چوڭ ئۆزگىرىش يوق .    لىكىن جامۇسنىڭ ئاكتىپلىقى ئالدىنقى يىرىم مەيداندىكى ئەڭ يارقىن نوقتا مىنىڭچە .   ئۇ   مادىرىت  يىرىم مەيدانىدىن   بىر قوللۇق ھۇجۇم تەشكىللىشى نەتىجىسىدە  رونالدۇ پۈتۈنلەي ئۆزىنىڭ تېخنىكىسى ئارقىلىق تۇنجى توپنى كىرگۈزدى .  شۇنىڭدىن باشلاپ ئون مىنۇت ئىچىدە   مادىرىتلىقلارنىڭ پۇرسەت يارىتىشى بىلەن تۇتىشى تەڭ نىىسبەتتە دىگۈدەك  بولدى  .   
ئالدىنقى مەيدان بۇ ۋاقىتلاردا  بىنزىمانىڭ داۋاملىق ئوتتۇرا مەيدانغا يىنىۋىلىشى  ( بۇ ئاساسلىق سەۋەپ )  مادىرىتلىقلارنىڭ  تەكشى چىكىنىشى  رودىگىرىسنىڭ  ئاكتىپلىقى  ... قوشۇلۇپ  سەپسالغان ئادەمگە مادىرىت  بىر قارىماققا 433 دەك ئويناۋاتقاندەكمۇ تەسىر بىرىدۇ   .   ئالدىنقى مەيدان   مادىرىت پۇرسەتنى ئىسراپ قىلمىغان ئون مىنۇتتا  ياخشى ئوينىدى ،  قالغان ۋاقىتلاردا نورمال دىيىشكە بولىدۇ .  

لاكىرونىيەنىڭ بىر توپ قايتۇرۋىلىشى  مۇسابىقىنى  ئون مىنۇت ئەتراپىدا  قىززىتتى   .  لاكىرونىيە  ساھىپخان كەيپىياتتىن پايدىلىنىپ مادىرىتلىقلارنى ئاز تولا  جىددىيلەشتۈرگەنمۇ بولدى  .  بۇ ۋاقىتتا     ئەنچىلودى ئوتتۇرا ھۇجۇم بىنزىمانى چۈشۈرۋىتىپ  ،  ئىلارمەندىنى چىقىرىپلا  مادىرىتنىڭ بۇ مەيداندىكى ئىككىنچى ئۆزگىرىشىنى  بارلىققا كەلتۈردى  .(  بۇ مەيداندىكى ئەڭ چوڭ ئۆزگىرىش )     ئالدىدا  سۈرئەت ۋە قىستۇرلۇپ كىرىشتە دۇنياغا داڭلىق ئىككى  مۇنەۋۋەر توپچىلار ، ئىلارمەندىنىڭ  ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى   توپ كونتىرىل قىلىش بولغان  ئىككى ئارقا بەلنىڭ ئارسىغا قىستۇرلىشى  بىلەن ئارقا مەيدانمۇ  خاتىرجەم ،     ئىككى يان بىكنىڭ   جانلىنىپ كىتىشىمۇ شۇ ۋاقىتتىن باشلاندى . سەپ شەكلى بىر قارىماققا   442 غا ئۆزگەردى .  

ئۈچۈنچى ئۆزگىرىش  ئىسكونىڭ  مەيدانغا چىقىشى  ---- بىلنىڭ ئىككى توپىدىن كىيىن  تامامەن خاتىرجەم بولۇپ ، سىغىزىدىن ‹‹قارس›› چىقىرىپ ئولتۇرغان   ئەنچىلودى   پۇرسەتنى قولدىن بەرگۈسى كەلمەي  داۋاملىق    بۇ مەيداندا   تاكتىكا سىنىقى ئىلىپ باردى .   كىچىك پۇرچاقنىڭ چىقىشى   ئەنچىلودىنىڭ ئۇنىڭ مادىرىتقا تىزىرەك  ماسلىشىپ كىتىشىنى ئۈمۈد قىلۋاتقانلىقىدىنكەن دەپ چۈشەندىم .

بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ماڭا ئەڭ تەسىر قىلغان ئادەم  قالپاق كىيگەن رونالدۇ  ئەمەس ،   قىسقا ۋاقىتتىلا ئىككى پۇرسەتنى چىڭ تۇتقان بىلمۇ ئەمەس ، ئاخىردىكى ئىرنەندىسمۇ ئەمەس . . .  ئۇ كولۇمبىيىلىك .   

پۈتۈن مۇسابىقىدە  ئاساسەن بۇ  يىڭى 10 - نۇمۇردىن كۆزۈمنى ئۈزمىدىم دىسەممۇ بولىدۇ .  بۇ بالدىكى ئاكتىپلىق  دىمارىيانى   ، توپ ئۇرۇشتىكى سەزگۈسى  كاكانى ، پاس بىرىشتە  ئۆزىلنى ئەسلىتىدىكەن .  گەرچە   دىمارىيادەك  تىز ،  ئۆزىلدەك  پاسنى يەڭگىل ، قولدا تاشلىغاندەك بىرەلمىسىمۇ ، كاكادەك تۇيۇقسىز بۆسۈپ كىرىشى بولمىسىمۇ   ..لىكىن ئەمدىلا 22 ياشقا كىرگەن بۇ شاكىچىكتە ئۇلارنىڭ سايىسىنى تامامەن ئۇچراتقىلى بولدىكەن .   توپسىز ۋاقىتتىكى  قۇرۇق ئورۇنغا يۈگىرىشى  ئۆزىنىڭ ئارقا مەيداندىن باشلاپ ھۇجۇم تەشكىللىشىگە قاراپ  مەن سىغىنغان ئۆزىلنى كۆرگەندەك بولدۇم  ، مۇداپىئەگە  تىز قايتىشى ئاكتىپلىقىنى كۆرۈپ دىمارىيا ئىسىمگە كىلىپ قالدى .  ئەمدى چۈشەنگەندەك بولۋاتىمەن .   موناكۇ  بىز تونىمايدىغان ۋاقىتلاردىلا   45 مىليۇنغا بىكارغا سىتۋالماپتىكەن  ئەسلى   .

  مادىرىتتا خېلى بىر مەزگىللەرگىچە  پۇت دەسسەپ  تۇرالىسىلا ،   ھازىرقى بازار باھاسىدا  بۇنىڭ  80 مىليۇنلۇق باھاسى  ‹‹ئوغىدىن قىممەت ››   ئاڭلانسىمۇ  بۇ بالىنىڭ يىشىغا  فىلىرىندۇنىڭ  ‹ بەتخەجلىكىگە ›   نىسبەتەن  ،  بۇ باھاغا   يەنىلا   ئەرزىگۈدەك .   جەنۇبىي ئامرىكىلىق توپچىلارنىڭ پۇت ئاستى تېخنىكىسىنىڭ ياخشىلىقى  ھەممىگە ئايان . بۇ بالا تىرىشسىلا  خېلى ئىش تىرىيدۇ ، گەپ ئۆزىدە  ...تىرىشقىن  كولۇمبىيىلىك يېڭى ئۈمۈدۈم سەندە  !   

قىززىق تۇيغۇ  ، كىچىك پۇرچاقمۇ بىرەنى ئۇرۋالسا بولاتتى دەپ ئويلاپ  10 سىكۇنت ئۆتمەيلا  توپ كىرگۈزۋىدى  ئۆزۈمگە ئۆزۈم كۈلۈپ كىتىپتىمەن .  

بۇ مەيداندىكى ئەنچىلودىنىڭ تاكتىكىسىنى ئەڭ چۈشەنمىگەن ئادەم بىنزىما بولسا كىرەك  ، بىچچارە  تىرىشچانلىقىغا قاراپ  ئىچىمۇ ئاغرىيدىكەن  ئادەمنىڭ  لىكىنزە ...
ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 00:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۈگۈن پىچەت ئوينىۋەتتى مادرېد ...
 ئىگىسى| ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 00:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
dilhux يوللىغان ۋاقتى  2014-9-21 00:03
بۈگۈن پىچەت ئوينىۋەتتى مادرېد ...

گېپىڭ راست بولسا رەسىم قوشىۋەتكىنە.... قەتئىي چىقىرالمىدىم...
ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 00:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنكاسىمنى ئۆچۈرۋىتەيمىكى ...
 ئىگىسى| ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 00:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
dilhux يوللىغان ۋاقتى  2014-9-21 00:04
ئىنكاسىمنى ئۆچۈرۋىتەيمىكى ...

يوقاپلا كەتتىڭ... ئاران كەلگەندە شاپائەت قىلىپ كەتكىن...
ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 00:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوخخو .... مۇنداق ئىشلار بولناپكەتتىما ، مەن گىرمان بىرلەشمىسى كۆرەپ ئوتىراپتىمەن يا .....3 قىزىل كارتا چىقاردى بىر رىپىر
ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 00:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۈبھى يوللىغان ۋاقتى  2014-9-21 00:06
يوقاپلا كەتتىڭ... ئاران كەلگەندە شاپائەت قىلىپ كەت ...

ما لىۋېرپول نىڭ مۇسابىقىسىنى كۆرىدىغانغا قاتتىق تەييارلىق قىلىۋاتقان ، سەل ساقلاپ تۇرە ، ھىلىككىچە مادرېدلىقلار ئۆزى ياغدۇرۋىتىدۇ رەسىمنى ...
ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 00:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۈگۈن ئالامەت ياخشى ئوينىۋەتتى مادىرىد.
ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 00:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مادرىت  نەچچە ۋاقىتىت ئۇرمىغان  توپنى بۈگۈن بىراقلا ئۇرۋىتىپتىغۇ.
 ئىگىسى| ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 00:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
dilhux يوللىغان ۋاقتى  2014-9-21 00:08
ما لىۋېرپول نىڭ مۇسابىقىسىنى كۆرىدىغانغا قاتتىق تەيي ...

no, ئۇنداق قىلمىغىن!    بۇنداق قىلمىغىن!   كاجىمما! دىلخۇشكا!
ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 00:09 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دى موللام 。سەل تۇرۇپ غەربى ھامنى يېڭەلەرمۇ يا , مۇلاھىزە تېمىسىنى يازماس بوپ كەتتىڭلارغۇ? كۇلگەن ئىپادە
ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 00:10 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   يارايسىلە   قالپاق  كېيىپتۇ  مانا   رونالدو     توپ  ئۇرۇش  ماشىنسى.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|رەسىمسىز نۇسخا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

GMT+8, 2014-9-23 06:10 , Processed in 0.102314 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش