تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

پۇتبول كۇلۇبى

نىيە ۋاسكىتبول كۇلۇبى
كۆرۈش: 1303|ئىنكاس: 23

بارسىلونادا توپ تەپكەن گوللاندىيىلىكلەر !!!~

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى

   ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم !!~ بارسىلونادا ئەزەلدىن مۇنەۋۋەر توپچىلار ئۈزۈلۈپ قالغان ئەمەس . شۇ مۇنەۋۋەر توپچىلار ئىچىدە گوللاندىيە توپچىلىرىنىڭ بارسىلوناغا قوشقان تۆھپىلىرىمۇ ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدۇ . مەن تۆۋەندە بارسىلونادا توپ تەپكەن گوللاندىيىلىك توپچىلارنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن .

   1 . يوھان .  كىرويېف        (     1973-يىلىدىن 1978-يىلغىچە     )

1.jpg

   1973-يىلى 8-ئاينىڭ 22-كۈنى ، كىرويېف رەسمىي تۈردە بارسىلونا بىلەن توختام ئىمزالىغان . كىرويېف بارسىلوناغا قوشۇلغان بىرىنچى يىلىلا بىرلەشمە لوڭقىسىنىڭ چىمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرگەن . كېيىنكى تۆت يىل ئىچىدە كىرويېف بارسىلونا بىلەن بىرلىكتە بىر قېتىم بىرلەشمە چىمپىيونلۇقى ۋە بىر قىتىم شاھلىق لوڭقىسى چىمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرگەن . 1978-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى بارسىلونادا رەسمىي چېكىنگەنلىكىنى ئېلان قىلغان .

   2 . يوھان . نېسكېنىس      (     1974-يىلىدىن 1979-يىلىغىچە     )

2.jpg

   يوھان . نېسكېنىس 1974-يىلى بارسىلوناغا قوشۇلۇپ ، كىرويېف بىلەن قايتا سەبداشلىق ھاياتىنى باشلىغان . ئۇ بارسىلونادا ، بىر قېتىم ياۋروپا غالىپلار لوڭقىسى چىمپىيونلىقى ۋە بىر قېتىم شاھلىق لوڭقىسى چىمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرگەن . شۇنداقلا  ‹‹  ئىسپانىيە يىللىق پۇتبول پۇتبول ئەپەندىسى ›› شەرىپىگە ئېرىشكەن تۇنجى چەتئەللىك توپچى بولۇپ قالغان . ئۇ بارسىلونادىكى 5 پەسىللىك پۇتبولچىلىق ھاياتىدا 141 مەيدان مۇسابىقىغە قاتنىشىپ 35 توپ ئۇرغان .

   3 . رونالدو . كومان      (     1989-يىلىدىن 1995-يىلىغىچە     )

3.jpg

   كومان 1989-يىلى بارسىلوناغا قوشۇلغان . بارسىلونادىكى كومان پەقەت مۇستەھكەم مۇداپىيسى بىلەن داڭلىق بولۇپلا قالماي ، ئۇرۇپ كىرگۈزگەن نادىر توپلىرى بىلەنمۇ كىشىلەرنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان . ئۇ بارسىلونادىكى پۇتبولچىلىق ھاياتىدا 192 مەيدان مۇسابىقىغە قاتنىشىپ 67 توپ ئۇرۇپ كىرگۈزگەن . كىشىلەر قەلبىدىن ھېلىھەم ئۆچمىگەن 1992-يىلدىكى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدىكى ھەل قىلغۇچ توپى بىلەن بارسىلونانىڭ ياۋروپا ئۇزغۇنى بولۇش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان ، شۇنداقلا بارسىلونا پۇتبول مەستانىلىرى قەلبىدىكى مەڭگۈلۈك قەھرىمانغا ئايلانغان . شۇ مەزگىلدىكى بىردىنبىر ئوخشىمىغان ئىككى كۇلۇبتا ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىنى كۆتۈرگەن توپچى بولۇپ قالغان .

   4 . رېچارد . ۋېزگې     (     1991-يىلىدىن 1993-يىلىغىچە     )

4.jpg

   كىچىكلا نام قازانغان ‹‹ ئالتۇن ئۆسمۈر ›› رېچارد . ۋېزگې ، بېرىگكامپ ۋە بىرايىن . رويلار بىلەن ‹‹ يېڭى ئۈچ قىلىچۋاز ›› دەپ تەرىپلەنگەن . 1993 - 1991 -يىلىغىچە بارسىلونادا توپ تەپكەن ۋېزگې ، ‹‹ چۈش كوماندىسى ›› نىڭ ئاساسلىق تۆھپىكارلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ .

   5 . دېبور ئاكا-ئۇكىلار     (    1999-يىلىدىن 2000-يىلىغىچە ، 1999-يىلدىن 2003-يىلىغىچە     )

5.jpg

   دېبور ئاكا-ئۇكىلار گوللاندىيە دۆلەت كوماندىسى ۋە بارسىلونا كوماندىسىدىكى داڭلىق قوشكېزەك توپچىلار . ئىنىسى رونالدو . دېبورنىڭ مەيداندىكى ئورنى ھۇجۇمسىمان ئوتتۇرا مەيدان ۋە ھۇجۇمچى . ئاكىسى فىرانك بولسا ئوتتۇرا مۇداپىيىچى بولۇپ ، ئوڭ قانات مۇداپىيە ئورنىدىكى ئىپادىسىمۇ ئىنتايىن قالتىس . كەسپى ھاياتىدا ئاكىسى فىرانكنىڭ ئۇتۇقلىرى ئىنىسىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ . 1998-يىلىدىكى فىرانسىيە دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدىكى دېبورنىڭ ئىپادىسى ھەممىنىڭ كۆزىنى چاقناتقان .

   6 . جوردى . كىرويېف     (      1993-يىلىدىن 1996-يىلىغىچە     )

6.jpg

   1974-يىلى تۇغۇلغان كىچىك كىرويېف دەسلەپكى مەزگىللەردە زور ئۈمىدلىك چولپان دەپ قارالغان ، ئۇنىڭ بارسىلونادىكى قىسقىغىنە ھاياتى دادىسىغا سېلىشتۇرۇشقا ھەقىقەتەن ئاجىز كېلىدۇ . دادىسىنىڭ بارسىلونا تېرىنېرلىقىدىن ئايرىلىشىغا ئەگىشىپ كىچىك كىرويېف بارسىلونادىن ئايرىلىپ ، مانچىستېر بىرلەشمىسىگە قوشۇلىدۇ . لېكىن كۆپىنچە ۋاقتى سېرتا كۇلۇبىدا ئىجارە ھالەتتە توپ تېپىش بىلەن ئۆتىدۇ . 2000-يىلى ئالاۋېس كۇلۇبىغا قوشۇلىدۇ ، بىراق بۇ كۇلۇبنىڭ دەرىجە چۈشۈپ كېتىشى كىچىك كىرويېفنى يەنە سەرگەردانلىق يولىغا ھەمراھ قىلىپ قويىدۇ ۋە ئىسپانىيىلىكلەر كۇلۇبىغا قوشۇلىدۇ . 2006-يىلىغا كەلگەندە سەرگەردانلىقنىڭ داۋامى ئوكرائىنا مىتالورگ كۇلۇبىغا مەركەزلىشىدۇ . ئەپسۇس ، بۇ كۇلۇبغا قوشۇلۇپ ئۇزۇن بولماي يارىلىنىپ ، ئاخىرى چېكىنىشنى قارار قىلىدۇ . ھازىر كىچىك كىرويېف دادىسىنىڭ نامىدىن پايدىلىنىپ پۇل تېپىشقا كىرىزىپ كەتتى . ھازىر ئۇ ئىسپانىيەدە كىرويېف نامىدىكى ئاياق تىجارىتىنى قىلماقتا .


   7 . داننى . موللېر     (     1988-يىلى     )

7.jpg

   داننى . موللېر كىشىلەرگە تازا تونۇشلۇق ئەمەس . كىرويېفنىڭ بارسىلونا تېرىنېرلىقىنى قولىغا ئېلىشى بىلەن بىر قىسىم گوللاندىيەلىك توپچىلار لاماسسىيا ۋە بارسىلونا كوماندىلىرى تەركىبىگە قوشۇلۇشقا باشلىغان . داننى . موللېرمۇ دەل مۇشۇلارنىڭ بىرسى . داننى . موللېر شۇ ۋاقتىدا كىرويېفنىڭ قىزىنىڭ ئوغۇل دوستى ئىدى . لېكىن بارسىلونا بىرىنچى كوماندىسىغا ئۆرلىشىگە توسالغۇ بولۇۋاتقان كۈچلۈك رەقىبى دەل بىلانوۋا ئىدى . كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئۇنىڭ كىرويېفنىڭ قىزى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزۈلۈشى ۋە ئىپادىسىنىڭ بىلانوۋاغا يەتمەسلىكى سەۋەبىدىن بارسىلونادىن ئايرىلغان .

   8 . مايكول . رېزگېر     (     1997-يىلىدىن 2004-يىلىغىچە     )

8.gif

   مايكول . رېزگېر گوللاندىيە زەردارى ئاياكېس كوماندىسى مەشىق بازىسىدىن چىققان مۇنەۋۋەر توپچىلارنىڭ بىرى . ئۇ 12 ياش ۋاقتىدا ئاياكېس ئۆسمۈرلەر كوماندىسىغا تاللانغان . 1990-يىلى ئاياكېس بىرىنچى كوماندىسىغا ئۆرلەپ چىققان . 1996-يىلىغا كەلگەندە ئىتالىيە بىرلەشمىسى زەردارى مىلان كۇلۇبىغا يۆتكەلگەن . بىراق يارىلىنىش ۋە مىلان شەھرىگە كۆنەلمەسلىك سەۋەبىدىن ئىپادىسى تازا تۇراقلىق بولمىغان . مىلاندىكى مۇۋاپىقىيەتسىز بىر پەسىلنى ئۆتكۈزۈپ بولۇپ ، بارسىلونا قوشۇلغان . ئۇ بارسىلوناغا كەلگەندىن كېيىن ھەقىقى تۈردە ئۆزىنى نامايان قىلىپ ، بارسىلونا مەستانىلىرىنى قايىل قىلغان . ئۇ بارسىلونادىكى يەتتە يىللىق كەسپىي ھاياتىدا 2 قېتىم بىرلەشمە چىمپىيونلۇقى ۋە بىر قېتىم شاھلىق لوڭقىسى چىمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرگەن .

   9 . رود . خېسىپ     (     1997-يىلىدىن 2000-يىلىغىچە     )

9.jpg

   رود ، خېسىپ 8 يېشىدا گوللاندىيە زەردارى ئېيىنخوۋېن كۇلۇبى ئۆسمۈرلەر كوماندىسىغا قوشۇلغان . 1997-يىلىغا كەلگەندە بارسىلونا كۇلۇبىغا قوشۇلۇپ ، بارسىلونا مەستانىلىرى قەلبىدىكى تۆھپىكار قاپقىچىغا ئايلانغان . 1998-يىلى 4-ئاينىڭ29-كۈنى ، بۇ بارسىلونا قاپقىچىسى بارسىلونانىڭ تارىخىنىڭ بىر قىسىمىغا ئايلانغان . ئۇنىڭ مالوركا توپچىسى ئېسكورېسانىڭ تەپكەن نوقتا توپىنى توسۇۋېلىشى ، بارسىلونانى 39 يىلدىن كېيىنكى يەنە بىر قېتىملىق قوش تاج كىيىش شەرىپىگە ئېرىشتۈرگەن .

   10 . ۋېنىستون . بوگاردې     (     1997-يىلىدىن 2000-يىلىغىچە     )

11.jpg

   1998 \ 1997 -يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە بوگاردې مىلانغا قوشۇلغان . لېكىن بۇ مۇداپىيىچى مىلاندىكى مۇداپىيەچى ئورنىدىكى رىقابەتنىڭ كۈچلۈك بولۇشى سەۋەبىدىن 3 ئايدىن كېيىنلا بارسىلونا كۇلۇبىغا قوشۇلغان . ئۇ يۇرتىدىكى تۆۋەن دەرىجىلىك بىرلەشمىدە پۇتبولچىلىق ھاياتىنى باشلىغان . شۇ ۋاقىتتىكى بوگاردې ھۇجۇمچى بولۇپ ، توپ ئۇرۇش ئۈنىمىنىڭ يۇقىرىلىقى بىلەن ئاياكېس كوماندىسىنىڭ دېققىتىنى تارتقان . ئاياكېس كوماندىسىغا قوشۇلغاندىن كېيىن ئۇنىڭ مۇداپىيە ئېڭىنىڭ يۇقىرىلىقى بىلەن ئوتتۇرا مۇداپىيىچى ئورنىنى سىناق تارىقىسىدە ئويناپ تېرىنېرنىڭ ئېتراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن ۋە شۇندىن بۇيان ئوتتۇرا مۇداپىيىچى بولۇپ ، كەسپىي ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە ئوتتۇرا مۇداپىيىچى بولۇپ ئوينىغان . ئۇ بارسىلونادىن ئايرىلغاندىن كېيىن چېلسىغا قوشۇلۇپ ، چېلسىدىن چېكىنگەن . ئۇ ھازىر گوللاندىيىدىكى ھەر خىل روك مۇزىكا كېچىلىكلىرىنىڭ ئۇيۇشتۇرغۇچىسى .

   11 . بودۋېن . زېندېن     (     1998-يىلىدىن 2000-يىلىغىچە     )

10.jpg

   1997-يىلى زېندېن گوللاندىيە بىرلەشمىسى ‹‹ يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر ماھىر ›› شەرىپىگە ئېرىشكەن . 1998-يىلى فىرانسىيە دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسغا قاتناشقان . دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدىن كېيىنلا بارسىلوناغا قوشۇلغان . بارسىلونادىكى ئىپادىسىمۇ ئىنتايىن ياخشى بولغان . ھەممەيلەنگە تونۇشلۇق بولغان بۇ چولپان چېلسى ، لىۋېرپول قاتارلىق داڭلىق كوماندىلاردىمۇ توپ تەپكەن . كېيىن ئۇ بېنتېسنىڭ ياردەمچىسى بولۇپ چېلسىنى يېتەكلىگەن .

   12 . فېلىپ . كوكۇ     (     1998-يىلىدىن 2004-يىلىغىچە     )

12.jpg

  ئۇ  1999 \ 1998-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە بارسىلوناغا قوشۇلغان . ئۇ بارسىلونا بىلەن بىرلىكتە بىر قېتىم بىرلەشمە چىمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرگەن . ئۇنىڭ ئوتتۇرا مەيداننى كونتىرول قىلىشى ، ئارقا بەلدىكى قاتتىق مۇداپىيىسى ، يىراقتىن توپ ئۇرۇش ئۈنىمىنىڭ يۇقىرىلىقى بۇ كۆپ قىرىق جەڭچىنى تېلا بارسىلونانىڭ بىر ھۆجەيرىسىگە ئايلاندۇردى . كوكۇ ھەممىگە تونۇشلۇق بارسىلونا جەڭچىسى . 2004-يىلى 6-ئايدا ئۇ بارسىلونادىن ئايرىلىپ كونا ئائىلىسى ئېيىنخوۋېن كۇلۇبىغا قايتىدۇ . ئۇ بارسىلونادىكى 6 پەسىل جەريانىدا ، 203 مەيدان بىرلەشمە مۇسابىقىسىغا قاتنىشىپ 31 توپ ئۇرغان . ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىدا 42 مەيدان مۇسابىقىغا قاتنىشپ 5 توپ ئۇرغان . ئۇيۇشما لوڭقىسى مۇسابىقىسىغا 5 مەيدان قاتنىشىپ 1 توپ ئۇرغان .

   13 . پاترېك . كىلويۋېرت     (     1998-يىلىدىن 2004-يىلىغىچە     )

13.jpg

   كىلويىۋېرتنىڭ بارسىلونا قوشۇلۇشى بارسىلونا ھۇجۇم سېپىگە يېڭىچە ھاياتى كۈچ بېغىشلىغان . ئۇ بارسىلوناغا قوشۇلغان بىرىنچى پەسلىلا كوماندا بىلەن بىرلىكتە بىرلەشمە چىمپىيونلۇق لوڭقىسىنى كۆتۈرگەن . ئۇنىڭ بارسىلونادىكى پۇتبولچىلىق ھاياتىنى مۇۋاپىقىيەتلىك بولدى دەپ قاراشقا بولىدۇ . كىشىلەر تەرىپىدىن ئىشەنچلىك چولپان سانالغان بۇ چولپان ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بۇرۇنقى ئىپادىسىگە قايتالماي ، بىر نەچچە كۇلۇب ئالمىشىپ ئاخىرى ئېيىنخوۋېنغا قايىتىپ توپ تەپكەن .

   14 . مارك . ئوۋېرماس     (     2000-يىلىدىن 2004-يىلىغىچە     )

14.jpg

   2000-يىلى بۇ ‹‹ ئۇچقۇر پالۋان ›› 36 مىليون ياۋرولۇق يۇقىرى باھا بىلەن ئارسىنال كۇلۇبىدىن بارسىلوناغا قوشۇلغان ، شۇنداقلا شۇ ۋاقىتتىكى يۆتكۈلۈش باھاسى ئەڭ يۇقىرى گوللاندىيىلىك توپچى ۋە بارسىلونادىكى يۆتكۈلۈش باھاسى ئەڭ يۇقىرى توپچى بولۇپ قالغان . 2004-يىلى 7-ئاينىڭ26-كۈنى ، مارك ئوۋېرماس بارسىلونادا يارىلىنىش سەۋەبىدىن رەسمىي چېكىنگەنلىكىنى ئېلان قىلغان . بۇ 31 ياشلىق چولپان مۇشۇنداق بالدۇرلا چىملىقتىن ئايرىلغان . ئۇ مۇخبېرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا : ‹‹ مېنىڭ پۇتبولچىلىق ھاياتىم ئاخىرلاشتى . مېنىڭ تىزىمنىڭ يارىلىنىشى ماڭا كۆپ قولايسىزلىقلارنى ئېلىپ كەلدى ۋە ئەسلىدىكى ئىپادەمنى تېپىشىمغا ئەڭ چوڭ توسالغۇ بولدى . مېنىڭ بارسىلونا كۇلۇبى بىلەن يەنە بىر يىللىق توختامىم بار . لېكىن مەن بۇ بىر يىللىق توختام ئۈچۈن ھېچ قانداق ھەق تەلەپ قىلمايمەن !~ ›› دەپ ئىپادە بىلدۈرگەن .

   15 . ۋان . بىرونكخوست     (     2003-يىلىدىن 2007-يىلىغىچە     )

15.jpg

   2004 \ 2003-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە ، ۋان . بىرنكخوست ئارسىنالدىن بارسىلوناغا قوشۇلغان . ئۇ بارسىلوناغا قوشۇلغان تۇنجى پەسىلدىن باشلاپلا بارسىلونانىڭ سول قانات مۇداپىيە ئورنىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىپ تېزلا مەيداندىكى ئورنىنى مۇستەھكەملىگەن . ۋان . بىرونكخوست كۆپ قىرلىق جەڭچى بولۇپ ئوتتۇرا مەيداندىكى ھەر قايسى ئورۇنلارنىڭ ھۆددىسىدىنمۇ تامامەن چىقىپ كېتەلەيدۇ . رېجىكاردنىڭ كېتىشى بىلەن بۇ ئەڭ ئاخىرقى گوللاندىيە جەڭچىسى ئاز ۋاقىت ئۆتۈپلا بارسىئلونادىن ئايرىلغان .

   16 . ئېدگار . سىتېۋېن . داۋدېس     (     2004 -يىلى    )

16.jpg

   2004-يىلى ، داۋدېس كۇلۇب بىلەن مۇئاش مەسىلىسىدە بىرلىككە كېلەلمىگەنلىكتىن ، قىشلىق يۆتكۈلۈش بازىرىدا بارسىلوناغا ئىجارىگە بىرىۋېتىلدى . گەرچە داۋدېسنىڭ بارسىلوناندىكى كۈنلىرى ئىنتايىن قىسقا بولغان بولسىمۇ ، لېكىن بارسىلونا مەستانىلىرىنىڭ ياقتۇرۇشىغا مۇيەسسەر بولدى . 2004-يىلى داۋدېسنىڭ يۇۋېنتۇس كۇلۇبى بىلەن بولغان توختامى توشقانىدى . بارسىلونا بىلەن ئېنتېر ئىككىسى داۋدېسنى قوشۇۋېلىشقا ئاتلانغانىدى ، بىراق ئېنتېرنىڭ بېرىدىغان مۇئاشى بارسىلونادىن يۇقىرى بولغانلىقتىن داۋدېس ئېنتېرنى تاللىغانىدى .

   17 . ۋان . بوممېل      (     2005-يىلىدىن 2006-يىلىغىچە     )

17.jpg

   2005-يىلى ، بۇ ‹‹ كېچىكىپ ئېچىلغان گۈل ›› بارسىلوناغا ئەركىن توپچى ھالەتتە قوشۇلدى . قاۋۇل بەستى ، ئالاھىدە تېخىنىكىسى ، كۈزىتىش ئىقتىدارىنىڭ ئالاھىدە بولۇشى بىلەن بارسىلونا جەڭ سېپىدىكى موھىم ھالقىلىق جەڭچى بولۇپ قالغانىدى . ۋان . بوممېل بارسىلونادىكى بۇ بىر يىللىق پۇتبول ھاياتىدا بىرلەشمە ۋە ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىنى كۆتۈردى . كېيىنكى پەسىل زاپاس بولۇشنى خالىمىغان بۇ جەڭچى بايرېن مىيونخىن كۇلۇبىغا يۆتكۈلۈپ كەتتى .

   18 . ئىبراھىم . ئافېللاي     (    2010-يىلىدىن ھازىرغىچە     )

18.jpg

   2010-يىلى 12-ئاينىڭ 26-كۈنى ، ئىبراھىم . ئافىللاي 4 مىليون ياۋرولۇق باھا بىلەن بارسىلوناغا قوشۇلدى ۋە 2015-يىلىغىچە توختام تۈزدى . بارسىلونادەك ھۇجۇم سېپى كۈچلۈك كوماندىدا ئافىللاي تېخى نوتا ئەزا ئىدى . پېدرونىڭ زاپاس ئەزاسى سۈپىتىدە بىر قانچە مەيدان مۇسابىقىغە قاتنىشىپ بارسىلونا مەستانىلىرىنىڭ ئېتراپ قىلىشىغا ئېرىشتى . 2011-يىلى 9-ئايدا ئافىللاينىڭ تىزى يارىلىنىپ 6 ئاي دەم ئېلىشقا توغرا كەلدى . ئەمدىلا بارسىلونا سېپىگە سىڭىشىۋاتقان ۋە ئاساسى ئورۇن ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان بۇ توپچى ئۈچۈن بۇ يارىلىنىش كۆپ نەرسىدىن مەھروم قىلىشى مۆمكىن ئىدى . 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى شارىك04 كوماندىسىغا ئىجارە شەكلىدە قوشۇلۇپ ، يارىلىنىش ۋە 04شارىك كۇلۇبى دوختۇرىدىن نارازى بولۇش سەۋەبلىك 2013-يىلى 2-ئاينىڭ 26-كۈنى بارسىلوناغا قايتىپ كەلدى . ھازىر ئۇ گىرىتسىيە بىرلەشمىسى زەردارى ئولىمپىكىياس كۇلۇبىغا بىر يىللىق ئىجارىگە بىرىۋېتىلدى . بارسىلونادىكى بىردىنبىر گوللاندىيىلىك ئافىلاي ئېسىل ئىپادىسى بىلەن بارسىلونا سېپىدىن يەنە ئورۇن ئالالامدۇ-يوق ؟؟ بۇنى پەقەت ۋاقىت بەلگىلەيدۇ .



باھالاش

قاتناشقانلار سانى 3مۇنبەر پۇلى +150 يىغىش سەۋەبى
januzay + 50 قوللاش!
missi2 + 50 قالتىس!
XATKAR886 + 50 قوللاش!

باھا خاتىرىسى

ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئافىلاي ئەمدى باشقا كۇلۇپقا يۆتكەلمىسە  بولمىدى   
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئافىلاي بىلەن دەيۋىستىن باشقىنى تۇنمايدىكەنمەن
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كوكۇغا ھەممىدىن بەكرەك قايىلمەن. ئۇ ھەقتىكى تېماممۇ پات يېقىندا روياپقا چىققۇسى. كوماننىڭ يىراقتىن تەپكەن ھېلىقى توپى تاھازىرغىچە ئېسىمدە
 ئىگىسى| ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ablatjan يوللىغان ۋاقتى  2014-9-20 15:43
كوكۇغا ھەممىدىن بەكرەك قايىلمەن. ئۇ ھەقتىكى تېماممۇ پا ...

تېمىڭىزنى ساقلايمىز !!~ كوكۇنىڭ مەيلى ئارسىنال ۋە مەيلى بارسىلونادىكى ئىپادىسى ھەقىقەتەن قالتىس بولغان .
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئافىللاي زايە كەتتى
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئافىللەي بارىسلونادىن ئايرىلىپ بۇلدىغۇ
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئافىلاي بارسىلونادىن ئىجارە شەكلىدە كىتىپتىكەندە.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
laqin1 يوللىغان ۋاقتى  2014-9-20 16:26
ئافىلاي بارسىلونادىن ئىجارە شەكلىدە كىتىپتىكەندە.

بۇ يىل ساتىمىز دەپ يەنە بىر يىللىق ئىجارىگە بېرىۋەتتى . بولسا بارسىلونادا قېپ قالسا بولاتتى . ھازىر بارسىلونادىكى بىردىنبىر مۇسۇلمان توپچى مۇشۇ بولۇپ قالدىغۇ دەيمەن .
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يكۇم مۇنبەرداشلار؟ مەن مۇنبەرگە سىرىتتىن قاتنىشىپ زىيارەت قىلۋاتقىلى 5يىلدىن ئاشتى. بىر يىرىم ئاينىڭ ئالدىدا مۇنبەرگە رەسمى ئەزا بوپ كىرگەن،ھەم ئازدۇر-كۆپتۇر تىمىلارنىمۇ يوللىغان .مۇنبەردىكى ئىسمىم    سۈكۈت998  ئېدى. بىراق مەخپى نۇمۇرنى ئۇنتۇپ قىلىش سەۋەبىدن  مۇنبەرگە كىرەلمىدىم. قانداق قىلسام  مەخپى نۇمۇرنى قايىتتۇرۇپ ئەكىلەلەيمەن؟
مۇشۇ ھەقتە مەسلىھەت بەرسەڭلار
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەرداشلار؟ مەن مۇنبەرگە سىرىتتىن قاتنىشىپ زىيارەت قىلۋاتقىلى 5يىلدىن ئاشتى. بىر يىرىم ئاينىڭ ئالدىدا مۇنبەرگە رەسمى ئەزا بوپ كىرگەن،ھەم ئازدۇر-كۆپتۇر تىمىلارنىمۇ يوللىغان .مۇنبەردىكى ئىسمىم    سۈكۈت998  ئېدى. بىراق مەخپى نۇمۇرنى ئۇنتۇپ قىلىش سەۋەبىدن  مۇنبەرگە كىرەلمىدىم. قانداق قىلسام  مەخپى نۇمۇرنى قايىتتۇرۇپ ئەكىلەلەيمەن؟
مۇشۇ ھەقتە مەسلىھەت بەرسەڭلار.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|رەسىمسىز نۇسخا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

GMT+8, 2014-9-23 12:19 , Processed in 0.115138 second(s), 24 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش