ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 719 |
تۆھپىسى: سەر |
|
سوخۇ تەنتەربىيەسى خەۋىرى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى ئىتالىيەلىك داڭلىق ھۇجۇمچى، ئىختىيارى توپ ماھىرى پىئېرو ھىندىستانغا يېتىپ كەلدى. بۇ يەردە خېلىدىن بۇيان كۈتۈپ تۇرغان ھىندىستان توپ مەستانىلىرى ئەينى چاغدىكى بۇ «تاغىل ئات شاھزادىسى »نى قىزغىن قارشى ئالدى. پىئېرو 1993-يىلدىن 2012 يىلغىچە ئىتالىيەنىڭ زەردارى يۇۋېنتۇس كوماندىسدا توپ ئوينىغان. جەمئىي 705 مەيدان مۇسابىقىغا قاتنىشىپ كۇلۇب تارىخىدىكى ئەڭ كۆپ مەيدانغا چىققان پۇتبولچى بولۇپ قالغان. 289 توپ كىرگۈزۈپ ئوخشاشلا يۇۋېنتۇس تارىخىدىكى ئەڭ كۆپ توپ كىرگۈزگەن پۇتبولچى دېگەن شەرەپلىك نامغا مۇيەسسەر بولغان. ياۋروپا سەھنىسدە قالتىس شۆھرەت قازانغان پىئېرو 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى يۇۋېنتۇس كوماندىسىدىن ئايرىلىپ ئاۋىستىرالىيە بىرلەشمىسىدىكى سېدنىي كولۇبىغا يۆتكەلگەن. يېقىندا بۇ كوماندىدىن ئايرىلىپ ھېندىستان دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىكى بىر كولۇب بىلەن توختام ئىمزالىغان. بۇ ئېھتىمال پىئېرونىڭ كەسپىي ھاياتى
دىكى ئاخىرقى بېكىتى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن !
|
|