akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1186|ئىنكاس: 22

2020-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
سىنا تەنتەربىيىسىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى بېيجىڭ ۋاقتى  9-ئاينىڭ 19-كۈنى كەچ شىۋىتسارىيىدە 2020-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسى ئۆتكۈزۈلىدىغان جايلارنى ئېلان قىلغان. ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىگە ئەزا دۆلەتلەردىن 12دۆلەتنىڭ 13شەھىرى مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلىدىغان شەھەر قىلىپ تاللاندى. بۇنىڭ ئىچىدە ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە بىلەن ئىككى مەيدان يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە لوندۇننىڭ يېڭى ۋىمبۇلىي پۇتبول مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ.
ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ چۈشەندۈرىشىگە ئاساسلانغاندا بارلىق دۆلەتلەر تاللاش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان بولۇپ ساھىبخان دۆلەتلەرمۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس، بۇ  شۇنىڭدىن دىرەك بېرىدۇكى مەلۇم  ساھىبخان دۆلەتلەرمۇ تاللاش مۇسابىقىسىدىن ئۈزۈپ چىقالمىسا ياۋروپا لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە باسقۇچىغا قاتنىشالمايدىغان ئەھۋال كېلىپ چىقىشى مۇمكىن. بۇ يەنە پىلاتىنىنىڭ ‹‹ ياۋروپا لوڭقىسىنى ياۋروپالاشتۇرۇش›› ئىدىيىسىنىڭ يەنىمۇ ئەمەلىيلىشىشكە قاراپ ماڭغانلىقىدىن دىرەك بېرىدۇ.
بۇ قېتىمقى ياۋروپا لوڭقىسىنى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان 13 شەھەر تۆۋەندىكىچە:
ئەنگىلىيە پايتەختى لوندۇن، ئەزەربەيجان پايتەختى باكۇ، ئىرلاندىيە پايتەختى دۇبلىن، ئىتالىيە پايتەختى رىم، دانىيە پايتەختى كوپېنھاگېن، گوللاندىيە پايتەختى ئامىستېردام، ۋىنگىرىيە پايتەختى بۇداپېشىت،بىلگىيە پايتەختى بىريۇسسىل، رۇمىنىيە پايتەختى بۇخارىسىت، گېرمانىيەنىڭ مىيۇنخېن شەھىرى، روسىيەنىڭ سانكېت-پىتىربۇرۇگ شەھىرى، ئىسپانىيەنىڭ بىلبائو شەھىرى، ئەنگىلىيەنىڭ گىلازگو شەھەرلىرىدىن ئىبارەت. ۋىمبۇلىي مەيدانىدىن باشقا قالغان 12شەھەردىكى مەيدانلارنىڭ ھەربىرسى 3مەيدان گۇرۇپپا مۇسابىقىسى ۋە بىر مەيدان شاللاش مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
16كۈچلۈكلەرنىڭ شاللاش مۇسابىقىسى ئايرىم -ئايرىم ئامىستېردام،بۇخارېسىت،كوپېنھاگېن، دۇبلىن گىلازگو،بىلبائو، بۇداپېشىت،بىريۇسسىل شەھەرلىرىدە، 8كۈچلۈكلەرنىڭ شاللاش مۇسابىقىسى بولسا  مىيۇنخېن،باكۇ، سانكېت-پىتىربۇرۇگ ۋە رىم شەھەرلىرىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ.

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-9-19 22:36:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-9-19 22:52:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭچە ساھىبخان دۆلەتلەرنىڭمۇ تاللاش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش كېرەكلىكى ئادىللىق بۇپتۇ .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-9-19 22:53:36 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنداق ئىلىپ بارسىمۇ بولدىكەن
مۇنبىرىمىزنىڭ تەرجىمە سۈرئىتى خىلى تىز جىمۇ باياكۆرگەنتم بۇخەۋەرنى كەسپى بولمىساقمۇ ئۇلاردىن تىز
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-9-19 22:58:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساھىپخان كوماندا شاللانسا بۇلاممايتۇ ئۇ ~!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-9-19 22:59:04 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۈركىيەنى سىرتتا قالدۇرغىنى نىمىسى، ئەزەربەيجاندىن نەرى كەم تۈركىيەنىڭ ؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-9-19 23:21:04 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۈركىيەنىڭ  ساھىبخان مەيدانىدىن قورقىدىغان ئوخشايدۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-9-19 23:24:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چوڭ ئىسلاھات ئىلىپ بادىمۇ نىمە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-9-20 00:06:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنىڭدىن كىيىن مۇشۇ ئىسلاھات بويىچە ئۆتكۈزۈلەمدىكەن ياكى مۇشۇ بىر نۆۋەتمۇ ؟ تەپسىلىرەك چۈشەندۈرۋەتكەن بولسىڭىز ياخشى بولاتتىكەن .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-9-20 00:12:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجەپ كۆپ دۆلەتلەردە ئۆتكۈزۈلدىكىنا؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-9-20 09:05:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز بىلەن بولغان ۋاقىت پەرقى قاملاشمايدۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-9-20 10:10:32 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ablatjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-20 10:19  
رىپىر يوللىغان ۋاقتى  2014-9-19 22:59
تۈركىيەنى سىرتتا قالدۇرغىنى نىمىسى، ئەزەربەيجاندىن ن ...


تۈركىيەلا ئەمەس پورتۇگالىيە، چېخ، پولشا، شېۋىتسىيە، شېۋىتسارىيە، گېرىتسىيە قاتارلىق مۇھىم دۆلەتلەرمۇ يوق ئىكەن. شۇنىڭغا قارىغاندا دۆلەتنىڭ ئەمەلىي كۈچى، پۇتبول مەدەنىيىتىنى بەك مۇھىم ئورۇنغا قويماپتۇ.
  ئەزەربەيجانغا كەلسەك، پىلاتىنىنىڭ ئىسلاھاتى بويىچە يېڭى، ئاجىز دۆلەتلەرگىمۇ پۇرسەت ۋە نەپ بېرىشنىڭ مەھسۇلى بولۇشى مۇمكىن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 12:10

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش