تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

پۇتبول كۇلۇبى

نىيە ۋاسكىتبول كۇلۇبى
كۆرۈش: 1066|ئىنكاس: 28

ئارسىنال بىلەن لېۋىرپۇل پىدرونى تالىشىش سىپىگە قوشۇلدى.

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
‹ دۇنيا تەنتەربىيە خەۋىرى › نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا ئىتالىيە بىرلەشمىسىدىكى يۇۋىنتۇس كۇلۇبى 1-ئايدىكى قىشلىق يۆتكىلىش بازىرىدا 15مىليون-20مىليون ياۋرۇ ئەتراپىدا بارسىلونا كۇلۇبىدىكى ئىسپانىيەلىك توپچى پىدرونى قوشۇۋالماقچى بولىۋاتقان بولۇپ لىكىن بۇ سودىغا ئېنگلاند بىرلەشمىسىدىكى ئارسىنال بىلەن لېۋىرپۇل كۇلۇبىمۇ قوشۇلغان. 10-ئايدا سۇئارىزنىڭ چەكلەش ۋاقتى توشىدۇ، سۇئارىز مەيدانغا قايتىپ كەلگەندىن كىيىن مىسسى، نىيمار، سۇئارىز ھوجۇم سىپى شەكىللىنىدىغان بولۇپ، يىڭىدىن يىتىشىپ چىققان ئەزا مۇنىرمۇ پىدرونىڭ ئورنىغا خىرىس ئېلىپ كىلىدۇ. پىدرونىڭ ھازىر كۇلۇبتىكى كۈنلىرى ئانچە كۆڭۈللۈك ئەمەس.
پىدرونىڭ توختامى يەنە ئىككى يىلدىن كىيىن توشىدىغان بولۇپ، يۇۋىنتۇس، ئارسىنال، لېۋىرپۇل قاتارلىق كۇلۇبلار پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ پىدرونى قوشۇۋالماقچى.
ئەنگىلىيە ‹ كۈندىلىك تىز خەۋەرلەر › نىڭ خەۋىرىدە ئارسىنال بىلەن لېۋىرپۇل پىدرونىڭ ھازىرقى ئەھۋالىغا دىققەت قىلىشقا باشلىدى دىيىلگەن. لېۋىرپۇل بۇ يىل سۇئارىزنى ساتقاندىن كىيىن بالوتتىلىنى قوشۇۋالدى، لىكىن ئۇلار بالوتتىلىنىڭ سۇئارىزنىڭ ئورنىنى بىسىشىدىن گۇمانلىنىۋاتقان بولۇپ تىزرەك ھوجۇم ئۈنىمى يۇقىرى بولغان توپچىدىن بىرنى كىرگۈزۈپ سۇئارىزنىڭ ئورنىنى تولۇقلىماقچى، شۇڭا ئۇلار پىدروغا دىققەت قىلىشقا باشلىغان. ئارسىنالمۇ ياخشىراق بىر ھوجۇمچى ئېزدەۋاتقان بولۇپ ئۇلارمۇ پىدروغا دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرگەن.
‹ كۈندىلىك تىز خەۋەرلەر › نىڭ دىيىشىچە ئارسىنال بىلەن لېۋىرپۇل 1-ئايدىكى قىشلىق يۆتكىلىش بازىرىدا پىدرونى يۆتكىمەكچى بولسىمۇ بارسىلونا تەرەپنىڭ پىدرونى قويۇپ بىرىشى ئاسان ئەمەس، 2010-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى، 2012-يىللىق ياۋرۇپا لوڭقىسى جەريانىدا پىدرونى ئىسپانىيە كوماندىسىدىكى رولى چوڭ بولغان، گۇ سۇمبۇل ۋاقتىدىمۇ پىدرونى ئەتىۋارلاپ ئىشلەتكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە بارسىلونا كۇلۇبى ئىككى پەسىل توپچى قوشۇۋالالمايدۇ.
بۇ يىل 4-ئايدا مانچېستېر بىرلەشمىسى يۇقىرى مۇئاش بىلەن پىدرونى قوشۇۋالماقچى بولغان لىكىن پىدرو رەت قىلىۋەتكەن.
پىدرونىڭ توختىمى 2016-يىلى توشىدىغان بولۇپ ھازىر توختام ئۇزارتىدىغان ياخشى ۋاقىت لىكىن بارسىلونا تەرەپنىڭ توختام ئۇزارتىش خەۋىرى يوق. پىدرومۇ توختام ئۇزارتىشنى ئويلاپ باقمىغان.
U7880P6T12D7337957F44DT20140919100350.jpg
ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەگەردە بۇمۇ ئارسىنالغا كەلسە ئۆزىل راستىنلا كەتكۈدەك.
تىللو دەپ بىر بالا بائىدى ھەجەپ مەيدانغا چىقمايدىيا
ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مانچېستېر بىرلەشمىسى ئۇزغۇنلۇققا قاتنىشالمىغانلىقى ئۈچۈن رەت قىلغان بولۇشى مۇمكىن،
پىدىروغا بېرىلگەن پۇرسەت بۇندىن كېيىن بارا بارا تارىيىدۇ،شۇڭا بارسېلونادىن كەتكىنىمۇ
بىر ھېساپتا ياخشى،ھەر قانداق بىر كۇلۇپقا ئورۇندۇقتا ئولتۇرىدىغانغىمۇ ئادەم لازىم،لىكىن
ھېچ قانداق توپچىنىڭ ئورۇندۇق باققۇسى يوق،پىدىروغا ئوخشاش ياخشى ئويناۋاتقان توپچىنىڭ
تېخىمۇ شۇنداق،بۇ بارسېلونادىن ئايرىلسا ئارسېنالغا قوشۇلىشى ئېھتىمالغا يېقىن،چۈنكى ئارسېنال
بىلەن بارسېلونا ئىلىم بىرىمدە بىر بىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى خېلى يېقىن.
ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
7RoNALDo يوللىغان ۋاقتى  2014-9-19 14:06
ئەگەردە بۇمۇ ئارسىنالغا كەلسە ئۆزىل راستىنلا كەتكۈدەك ...

تىللۇنى ئ‍ىجارگە بىرۋەتكەندۇ
ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
7RoNALDo يوللىغان ۋاقتى  2014-9-19 14:06
ئەگەردە بۇمۇ ئارسىنالغا كەلسە ئۆزىل راستىنلا كەتكۈدەك ...

تىللۇنى ئ‍ىجارگە بىرۋەتكەندۇ
ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لىۋىرپولغا كەلسە بولىدۇ ، سۇئارىسنى بەگەندىن كىيىن
ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پىدرۇنى لىۋىرپولغا سىتىپ بەرسەك بولامۇ ئارسىنالغىمۇ ئەجەپ بىشىم قاتتى بوپتۇ پۇلنى قايسى كۆپ بەرسە شۇنىڭغىلا سىتىپلا قۇتۇلىنى بولدى.
ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ئارسىنالغا كەلسە ئېچىلىپ كىتەلەيدۇ ..
ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئارسىنالغا بارسا ياخشى بولاتتى، يا بولمىسا ئۇزىلگە تېگىشسەك ئازراق ئۇستەك بېرىپ
ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لىۋىرپۇل سىتىۋالسا ياخشى بولاتتى بۇنى .
ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھېچ يەرگە بارمايدۇ . ئىككىنچى كوماندىدىن چىققان شاكىچىكلەرنىڭ مۇسابىقە تەقرىبىسى كەمچىل . پېدرو چوڭ مۇسابىقىلەردە يەنىلا ھالقىلىق ئەزا بولالايدۇ . جازا مۇددەت توشقىچە بارسىلونا توپچى ساتمايدۇ ...
ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسلى   سانچىسنىڭ   ئورنىغا   مۇشۇ  كىتىدىغان  گەپتى،  نەدىكى  بىر  قائىدىلەرنى   چىقىرىپ  ....  ھەي.....
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|رەسىمسىز نۇسخا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

GMT+8, 2014-9-23 12:19 , Processed in 0.086946 second(s), 22 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش