تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

پۇتبول كۇلۇبى

نىيە ۋاسكىتبول كۇلۇبى
كۆرۈش: 903|ئىنكاس: 25

خانلىق مادرىد ۋارانى بىلەن توختام ئۇزارتتى.

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەلبارىس تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-19 11:55  

2014-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى خانلىق مادرىد ئورگان تورىدا فىرانسىيە پۇتبۇلچىسى ۋارانى بىلەن توختام ئۇزارتقانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئۇنىڭ يىڭى توختامى 2020-يىلى 6-ئاينىڭ 30-كۈنى توشىدۇ.
U7880P6T12D7337444F44DT20140918204656.jpg
ۋارانى 1993-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى تۇغۇلغان بولۇپ، بوي ئىگىزلىكى 191 سانتىمىتىر، ئىغىرلىقى 85 كىلوگىرام، مەيداندىكى ئورنى مۇداپىيەچى، ئۇ 2011-يىلى 10مىليون ياۋرۇ يۆتكىلىش ھەققى بىلەن مادرىدقا قوشۇلغان بولۇپ، 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى تۇنجى قىتىم مەيدانغا چىققان. ۋارانى مادرىد ئۈچۈن 74 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 4 توپ ئۇرغان. ۋارانى مادرىدقا كەلگەن تۇنجى پەسىل 15 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 2 توپ ئۇرغان، 2012-2013 مۇسابىقە پەسلى 33 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 2 توپ ئۇرغان، ئالدىنقى پەسىل يارلىنىش سەۋەبىدىن 23 مەيدان مۇسابىقىگە قاتناشقان.
ۋارانىنىڭ نام چىقارغان ۋاقتى بولسا 2012-2013-يىللىق ئىسپانىيە شاھلىق لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ يىرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە مادرىد بىلەن بارسىلونا ئوتتۇرسىدا ئىلىپ بىرىلغان مۇسابىقىدە ئىپادىسى قالتىس بولۇپ 1 توپ ئۇرغان. ۋارانى ھازىر فىرانسىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ ئەزاسى، ۋارانى بۇ يىل فىرانسىيە دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن دۇنيا لوڭقىسى پۇتبۇل مۇسابىقىسىگە قاتناشقان.
مورىنئو مادرىدتىكى ۋاقتىدا ۋارانىنى ئەتىۋارلاپ ئىشلەتكەن بولۇپ، ئۇ چىلسىغا قايتقاندىن كىيىن نەچچە قىتىم مادرىد تەرەپكە ۋارانىنى قوشۇۋىلىش تەكلىپى ئەۋەتكەن بولۇپ، لىكىن مادرىد تەرەپ ئۇنىڭ تەكلىپىنى رەت قىلىۋەتكەن.
ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ مۇداپىيەچىلەرنىڭ تۇنۇشتۇرلىشىنى يازغاندا  xمەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ xتوپ ئۇرغان دەپ يازىدىكەنمىز،نىمىشقا xxمەيدان مۇسابىقىدە xxخەتەرلىك توپنى بىر تەرەپ قىلۋەتكەن دەپ سىتاستىكا چىقارمايمىز،ياكى پۇتبولچىلارنىڭ سەۋىيەسىنى ۋارتارغائۇرغان توپ بىلەنلا ئۆلچەمدۇق.ئەسلىدە ئوتتۇرا بىك دىگەن توپ ئۇرمىسا ئاندىنمۇشۇنداق بۇلاتتى.
ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مورىنىيونىڭ قولىدا يەنە بىر مەزگىل تۇرغان بولسا بۇ ۋاقىتىقىچە داڭدار بىكلەردىن بۇلۇپ كىتەتتى ، مۇداپىيە ئاساسى كۈچلۈك ، چەكلەنگەن رايۇن بۇلامدۇ ياكى باشقا يەر بۇلامدۇ يەكمۇ يەك قالغان ئەھۋالدا قورقىماي پۇت سالدىغان بىك ، پۇت سىلىشىمۇ ئاساسەن ئۆلچەملىك ، مورىنىيونىڭ قول ئاستىدا بولغان بولسا بۇ كەمگە ھۇجۇمغىمۇ ، كاللا توپقىمۇ راۋۇرۇس قىلىپ تەربىلەپ بۇلاتتى
ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە ئازراق چوڭ بۇلۇپ،،تېخنىكىسىنى ۋايىغا يەتكۈزسە مادىرىتتىن ئىككىنچى تىياگو سىلۋانى كۈرىمىز...

شۇنىڭ بىلەن راموستىن كىيىنكى كۈنلەر بۇنىڭ بىلەن ئىتىلىشى مۇمكىن..بۇنىڭ تېخى ھۇجۇم ئالاھدىلىكىمۇ بار.
غەيرەت قىل....
ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىستخپالى با توپ چى بۇ گۇي
ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۆتكىلىش بازىدا بۇنى سېتىۋېتىمىز دەپ بەك  ئەنسىرەتكەنتى، ئاخىرى مۇشۇ پەسىل بولسىمۇ تۇتۇپ تۇرىدىغان بولدۇق. فىلورىنتىنو دېگەن ئوشرى ئاز-تولا ئەنچىلوتتىنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ قويغان بولسىدى..... تېرىنىرلارنىڭ ئۇزاق تۇرالماي پېشىنى قېقىپ كېتىپ قېلىشى مۇشۇ قېرىنى كاساپىتىدىن بولىۋاتىدۇ..... ھەي... پۇل دېگەن يامان نەرسىكەن جۇمۇ ...
ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   xah-diyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-19 12:12  

ھەپتىسىگە قانچە ياۋرو ئالىدىغاندۇ بۇ؟مىنىڭچە فىلورېنتو نەچچە يىلغا قالماي بۇنىمۇ يولغا سېلىپ قويىشى مۇمكىن.
ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   UMuT_0998 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-19 12:42  

بۇ بالىنىڭ توختام ئۇزارتقىنى ياخشى بوپتۇ . مادىرىد مەستانىلىرىغا خوش خەۋەركەن 。

ۋارانىنىڭ ئىسىل كۆرنۇشلىرى

ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بويمۇ خىلى باكەن بۇنىڭدا.
ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنىڭ تېخى ھۇجۇم ئالاھدىلىكىمۇ بار
ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مورىنىيو ئۆزى بايقاپ يىتشتۈرۈپ چىققان ، كەلگۈسىدە مادىرد شۇنداقلام ۋىرانسىيەنىڭ قابىل توپچىلىردىن بۇلۇپ قالغۇسى .
ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېقىندا بىرەر پۇتبولچى تازا چاقنىسا يۇقىرى باھادا ئېلىپ بۇنىمۇ يولغا سېپ قويۇشى مۆمكىن !!~ تەلۋە ئالىمەنلا دېسە ئابلاباي چۈپەيلىك قىلمايدۇ جۇمۇ ... كېلەر يىلى چېلسىدا كۆرۈپ قالامدۇق تېخى ، بىر نېمە دەپ بولمايدۇ !!~
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|رەسىمسىز نۇسخا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

GMT+8, 2014-9-23 12:18 , Processed in 0.091593 second(s), 23 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش