ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 1846 |
تۆھپىسى: سەر |
|
دىيارىمىز ۋاقتى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى 00:45 مىنۇت ئۆتكەندە ،2014-2015 -يىللىق ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسىنىڭ ف گۇرۇپىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقىسى ئېلىپ بىرىلدى ، بارىسلونا ساھىبخاب مەيداندا گېرىتسىيە رىغابەت كۇماندىسىنى كۈتىۋالدى ، مۇسابىقە باشلىنىپ 28 مېنۇت بۇلغاندا ،مىسسىنىڭ بىر ئىختىيارى توپ تاشلىشى بىلەن بارىسلونا مۇداپىئەچىسى پىك كاللا توپ ئۇرۇپ مۇسابىقىدىكى بىردىن بىر ھالقىلىپ ،توپنى كىرگۈزدى ،كېيىن ئىككى تەرەپ كەسكىن تىركەشكەن بۇلسىمۇ توپ كىرمەي ،ئاخىردا بارىسلونا 1:0 نەتىجە بىلەن غەلبە قىلدى ، بۇ ئىككى كۇماندىنىڭ تۇنجى قېتىملىق ئۇچۇرشىشى بۇلۇپ ، ئىنرىكمۇ بارىسلوناغا تېرىنىرلىق قىلىپ ،بارىسلونادىكى تۇنجى ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىنىڭ غەلبىسىنى قولغا كەلتۈردى . بارىسلونا يىقىنقى 27 مەيدان ياۋرۇپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسى ساھىبخان مەيداندا پەقەت بىر مەيدان ئۇتتۇرغان ، ئالدىنقى پەسىلدە ساھىبخان مەيداندا تۆت ئۇتۇپ بىر تەڭلەشكەن . گىرىتسىيىلىكلەر پەقەت ئۈچ قېتىم ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسىگە قاتنىشالىغان بۇلۇپ ،2011-12 مۇسابىقە پەسلىدە سەككىز كۈشلۈككە كىرگەن ، بۇ قېتىملىق سالاھىيەت مۇسابىقىسىدە ، ئىككى ئۇتۇپ ئىككى تەڭلىشىپ ئۇتتۇرمىغان، ياۋرۇپادىكى رەسمى مۇسابىقىلەردە ، مىھمان مەيداندا 5 تەڭلىشىپ 3 ئۇتتۇرۇپ ئۇتۇپ باقمىغان . ۋارتار پائېردو ئىلگىرى بارىسلونادا 8يىل تەربىلەنگەن بۇلسىمۇ ، بىرىنچى كۇماندىغا چىقالمىغان . ف گۇرۇپىدىكى يەنە بىر مۇسابىقىدە ، پارىژ سانىت گىرمان ، گۇللاندىيەنىڭ زەردارى ئاجاكىس بىلەن مۇسابىقىلەشتى ، مۇسابىقە باشلىنىپ 14 مېنۇت بۇلغاندا كاۋانى بىر توپ ئۇرۇپ ئۈستۈنلۇككە ئۆتكەن بۇلسىمۇ ، ئاجاكىس بىر ئىختىيارى توپ ئۇرۇپ ، نەتىجىدە 1:1 قىلىپ تەڭلەشتى . رەسمى مۇسابىقىلەردە بۇ ئىككى كۇماندىمۇ ئۆز ئارا ئۇچۇرشۇپ باقمىغان ، ئاجاكىس ياۋروپا سەھنىسىدە 20 قېتىم فىرانسىيە ئا دەرىجىدىكى كۇلۇبلار بىلەن تۇتۇشۇپ باققان بۇلۇپ ،10 مەيدان ئۇتۇپ 4 تەڭلىشىپ 6 ئۇتتۇرغان . پارىژ بۇلسا گۇللاندىيە ئا دەرىجىدىكى كۇماندىلار بىلەن پەقەت بىر قېتىم ئۇچۇرشۇپ 4:0 نەتىجە بىلەن تېۋىنتېنى يەڭگەن (2008-2009 ) . http://player.cntv.cn/flashplayer/players/htmls/smallwindow.html?pid=5455fc44414f43c3af61f077c18dc76a |
|