تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

پۇتبول كۇلۇبى

نىيە ۋاسكىتبول كۇلۇبى
كۆرۈش: 832|ئىنكاس: 49

مۇنبەرداشلار كۈلىۋىلىڭلار.

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
بۈگۈن يەنە ئىچىم پۇشۇپ يۇمۇر سۆزلىگىم كىلىپ قالدى، توغرا چۈشىنەرسىلەر.

1.ئابلەتجان بىر كۈنى رادىئو ئىستانسسىغا تىلفۇن قىلىپ رىياسەتچىگە دەپتۇ؛ مەن بىر ئىشنى دىمەكچىتىم. رىياسەتچى سوراپتۇ؛ نىمە ئۇچۇر بىرەتتىڭىز؟ ئابلەتجان يولدىن بىر پورتمال تىپىۋالغانتىم، ئىچىدە ئىككى مىڭ يۈەن بار ئىكەن.... رىياسەتچى سوراپتۇ؛ پورتمالنىڭ ئىگىسىنى ئىزدەمسىز؟ ئابلەتجان؛ ياق، خۇشاللىقىمدا ناخشا تەلەپ قىلاي دىگەنتىم دەپتۇ.

2.سىپتامىش قەشقەرگە كىلىپ ساياھەت قىلماقچى بولۇپ قەشقەرگە كەپتۇ. قەشقەرگە كىلىپ قەشقەردە سىسىق گەپ قىلىدىكەن دەپ ئاڭلىغان دىققەت قىلاي دەپ ئويلاپ بازارغا چىقىپ قوغۇن ئالماقچى بولۇپتۇ. ئۇ قوغۇن سىتىۋاتقان بىر ئايالنىڭ يىنىغا كىلىپ قوغۇندىن بىرنى تاللاپ ئىلىپ بولۇپ سوراپ قاپتۇ؛ ھەدە، بۇ قوغۇن ئالا چىقماس؟ ئايال گەپ قىلمايلا سىپتامىشنىڭ ماشىنىسىغا چىقىپ ئولتۇرۇپتۇ، سىپتامىش ھەيران قىلىپ؛ ھەدە، مەن قوغۇننى ئالدىم، سىز نىمىشقا ماشىنىغا چىقىۋالىسىز ؟ دىسە. ئۇ ئايال سىپتامىشقا قاراپ؛ ماشىنىنى 2-دوختۇرخانىغا ھەيدىسە، قوغۇننى سىتىغا سىلىپ تەكشۈرۈپ بىرەي دەپتۇ.
غىققىدە بولۇپ قالغان سىپتامىش ئەتىسى ئەتىگەن يەنە بازارغا چىقىپتۇ، تۈنۈگۈن سىسىق گەپ ئاڭلىۋالدىم، بۈگۈن دىققەت قىلاي دەپ ئويلاپ كىتىۋاتقان سىپتامىش پاچاق سىتىۋاتقان بىرەيلەننى كۆرۈپ پاچاق يىگۈسى كەپتۇ ھەمدە؛ ماڭا پاچاقتىن تۆتنى دەپ ساقلاپ ئولتۇرۇپتۇ. پاچاق بىردەمدىلا چىقىپتۇ، سىپتامىش پاچاقنى يەي دەپ قولىغا ئالسا بۇ پاچاقلار مۇزدەك تۇرغان، شۇڭا ئۆزىنى تۇتالماي سوراپتۇ؛ بۇ پاچاقلار سوغۇق تۇرىدىغۇ ؟ پاچاق ساتىدىغان ئادەم؛ ھاۋا سوۋۇپ قالدى ئەمەسمۇ، ئەمدى پاچاققا پايپاق كەيدۈرۈپ ساتقىلى بولمىغاندىكىن يەۋەرسە دەپتۇ.

3.مەھمۇدىيەنىڭ ئايالى دوستىغا تىلفۇن قىلىپ يىغلاپ كىتىپتۇ.‹  ئاداش، بۈگۈن مەھمۇدىيە تۇغۇلغان كۈنۈمگە بىر سوۋغا بەرگەنتى ئۇنىڭغا پاتمىدىم. ›
دوستى ئۇنىڭغا تەسەللى بىرىپ ‹ كۆڭلۈڭنى يىرىم قىلما، بىرەر ئاي ئورۇقلىساڭ ئۇ كىيىمگە پاتىسەن › دەپتۇ، لىكىن مەھمۇدىيەنىڭ ئايالى تىخىمۇ يىغلاپ كىتىپ ‹ نىمە كىيىم ئۇ، ئۇنىڭ سوۋغا قىلغىنى تويوتا ماركىلىق ماشىنا › دەپتۇ.

4.داۋىس بىر كۈنى ئاكىسىدىن ‹ ئاكا بىر مەسلىھەت بارتى سورىسام بولامدۇ › دەپ سوراپتۇ. ئاكىسى ‹ ھە سورىيە › دىسە، داۋىس ‹ ئەتە قىز دوستۇم دوستلىرى بىلەن يىغىلىش قىلىدىكەن، مىنى ھەم ئوماقلىقى چىقىپ تۇرىدىغان، ھەم ئەرلىكى چىقىپ تۇرىدىغان كىيىم كىيىڭ دىگەن. چاپاننى تىپىپ بولدۇم. قانداق ئىشتان كىيسەم بولار؟› دەپ سوراپتۇ. ئاكىسى ‹ ئېغى ئوچۇق ئىشتان كەي ئەمسە، ھەم ئوماق ھەم ئەرلىكى چىقىپ تۇرىدۇ › دەپتۇ.

5.شاتكار ھايۋاناتلار باغچىسىنىڭ ئىشخانىسىغا ئاچچىقلاپ ئۈسسۈپلا كىرىپ ‹ ھايۋاناتلارنى قوغداش ئىشخانىسى مۇشۇ ؟ › دەپ سورىسا، خىزمەتچى خادىم دەرھال ‹ توغرا ،سىزنى كىم بوزەك قىلدى ؟› دەپ سوراپتۇ.

6.ئۇچقۇنى، باقاۋۇل، ئەلبارىس ئۈچەيلەن ئىتالىيەگە مۇسابىقە كۆرگىلى بارماقچى بولۇپ پاراخۇتتا سەپەرگە چىقىپتۇ. ئۇلار ئولتۇرغان پاراخۇت بوران-چاپقۇندا قىلىپ پاراخۇتتىكى مۇشۇ ئۈچەيلەندىن باشقا ھەممىسى چۆكۈپ كىتىپتۇ. بۇلار ناھايىتى تەستە بىر ئارالغا چىقىۋاپتۇ. ئۇلار ئارالغا چىقىپ قارىسا ئارالدا نۇرغۇن بۆرە تۇرغىدەك، بۆرىلەرنىڭ كەينىدە بىر ئادەم باركەن ئۇلار ‹ بىزنى قۇتقۇزىۋىلىڭ › دەپتۇ. ئۇ ئادەم ‹ ماۋۇ تاغنىڭ كەينىدە بىر باغ بار، ھەر بىرىڭلار ئوندىن مىۋە ئىلىپ كىلىڭلار › دەپتۇ.
ئەلبارىس ئون تال ئالما ئىلىپ كەپتۇ. ھىلىقى ئادەم ‹ بۇ ئالمىلارنىڭ ھەممىنى يەۋىتىسەن، ئەگەر بىرەر تىۋىش چىقارساڭ بۆرىلەرگە تالىتىۋىتىمەن › دەپتۇ. ئەلبارىس 9 ئالمىنى يەپ بولۇپ ئونىنچىسىنى يەۋاتقاندا كىكىرىپ ساپتۇ شۇنىڭ بىلەن ھىلىقى ئادەم ئۇنى بۆرىگە تالىتىۋىتىپتۇ. بىردەمدىن كىيىن ئۇچقۇنى ئون تال بۆلجۈرگەن ئېلىپ كەپتۇ، ئۇ توققۇزنى يەپ بولۇپ ئونىنچىسىنى يەۋاتقاندا كۈلۈپ ساپتۇ شۇنىڭ بىلەن ئۇمۇ بۆرىلەرگە يەم بوپتۇ. ئىككەيلەن ئۇ دۇنيادا ئۇچۇرشۇپ قاپتۇ. ئەلبارىس ‹ مەنغۇ ئون ئالمىنى يەپ بولالماي بۆرىگە تالىنىپ كەتتىم، سەن نىمىشقا ئاخىرىقى بۆلجۈرگەننى يەۋىتىپ كۈلۈپ كىتىسەن ؟ › دىسە ئۇچقۇنى ‹ بايا مەن مىۋىلەرنى ئېلىپ بولۇپ كەينىمگە قارىسام باقاۋۇل ئون دانە تاۋۇزنى ھارۋىغا بىسىپ ئېلىپ كىلىۋىتىپتىكەن، ئۇنىڭ ئاقىۋىتىنى ئويلاپ كۈلۈپ سالدىم › دەپتۇ.
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇمۇرلار بەك كەپتۇ ھەم بەك قىزىقارلىقكەن رەھمەت لىكىن قىرىنداشلارغا شۇنى ئەسكەرتىپ قويۇشنى لايىق تاپتىم مەن قەشقەردە تۇغۇلۇپ 26 ياشقا كىردىم سىسىق گەپ قىلىدىغانلار بەك ئاز ساندا ئەمما كۆپچىلىك كىشىلەر مۇلايىم ئاق كۆڭۈل كىلىدۇ تورداشلارنىڭ ئارتۇقچە چۈشەنمەسلىكىنى سورايمەن ئەمىلىيەتتە ئەشۇ سىسىق گەپ كۈلكىلىك بولغىنى بىلەن بىراۋغا ئازاپ ھەم ئازار مۇسۇلمان كىشى مۇسۇلمان كىشىگە ئازار بەرمەس مۇنبىرىمىزدە 40 ياشقا كىرىپمۇ 4 ياشلىق بالىچىلىك ئەقىل تاپماي بىر بىرىگە ئازار بىرىۋاتقان ئۇيغۇر قىرىنداشلارغا ھەيرانمەن غەپلەت ئۇيقۇسىدا ئۇخلاۋەرمەيلى مەستانىچىلىك يولىدا بولغىنى ياخشى پۇتبۇلنى كۇلۇپنى ياخشى كۆرسەك بولىدۇ لىكىن قان قىرىنداشلىق مىھىر مۇھەببەتتىن يۇقىرى كۆرمەيلى بىر بىرمىزگە ئازار بىرىشمەيلى ھىچ بولمىغاندا ئۆلۈپ كەتسەك تاۋۇتۇمىزنى كۆتۈرۈپ ماڭىدغان يەنە شۇ 4 ئۇيغۇر قىرىندىشىمىز رونالدو مىسسى ئۇچى بۇچىلار بىزگە بىر ۋاراق تازلىق قەغىزگە ئەسقاتمايدۇ.....
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پۇتبولغا مۇناسىۋەتلىك يۇمۇرلار بولسۇن ، مۇنبەردىن چەتنەپ كېتپسىز
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك قىززىقكەن
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
6- يۇمۇرنى بەك كەلتۇرۋېتىپسىز جۇمۇ مەن مۇشۇ يۇمۇرنى تۇنجى ئاڭلىغان چاغدا بىر كۈن كۇلۇپلا يۈرگەن مۇشۇنداق قىزىق يۇمۇرلارنى داۋاملىق يوللاپ تۇرارسىز دوستۇم..
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھۇخاخا بەك قىزىقكەن بۇلۇپمۇ داۋىسنىڭ
 ئىگىسى| ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋىس يوللىغان ۋاقتى  2014-9-18 18:11
پۇتبولغا مۇناسىۋەتلىك يۇمۇرلار بولسۇن ، مۇنبەردىن چەت ...

ئىغىر كەلمىگندۇ قىرىندىشىم
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
RKO يوللىغان ۋاقتى  2014-9-18 18:15
ئىغىر كەلمىگندۇ قىرىندىشىم

غۇلجىغا ،قەشقەرگە بېرىپ ھەر گەپلەرنى كۆتۈرۈپ كەلدۇق بۇ كونا يۇمۇرلار ئېغىر كىلەمتى
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۇلۋاتىمەن
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
1-ئوقوپ بىر ھازاغىچە تازا كۈلۈپتىمەن.
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
UMuT_0998 يوللىغان ۋاقتى  2014-9-18 18:29
1-ئوقوپ بىر ھازاغىچە تازا كۈلۈپتىمەن.

قارىم، كۈلۈۋېرىپ چىشلىرى چۈشۈپ قالمىسۇن يانا ....
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‏پەرۋەرنى تۇيۇقسىز جىن ئەپ قىچىپ رونالدونىڭ قان مەستانىسى قىپ قويۇپتۇ شۇ كۇنلەردە مىسسى قەشقەرگە ساياھەتكە كەپتۇدە  پەرۋەر ھەركۇنى دىگۇدەك مىسسى ئىمزا قويدۇرۇش ئۇچۇن مىسسى چۇشكەن ياتاقنىڭ ئالدىدا ساقلاپ تۇرىدىكەن ئۇدا يەتتە كۇن شۇنداق قىلپ سەككىزىنچى كۇنىگە كەلگەندە پەرۋەردىن سوراپتۇ نىمىشقا ھەركۇنى كىلىسەن دەپ سورىسا پەرۋەر ئىككى كۇندىن كىيىن كەلمەيمەن دەپ  مىسسى ئەجەپلىنپ سوراپتۇ نىمىشقا ؟
‏پەرۋەر سىزنىڭ 10دانە ئىمزايىڭىزغا رونالدونىڭ 1ئىمزاسىنى تىگىشكىلى بولىدىكەن شۇڭا .....
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ablatjan يوللىغان ۋاقتى  2014-9-18 18:45
قارىم، كۈلۈۋېرىپ چىشلىرى چۈشۈپ قالمىسۇن يانا ....

راس دەتىمەن دەيمەن ! 1-ماڭا بەك يۇمرىستىك تۇيلۇپ خىلى كۈلدۇرۋەتتى .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|رەسىمسىز نۇسخا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

GMT+8, 2014-9-23 12:18 , Processed in 0.090239 second(s), 21 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش