تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

پۇتبول كۇلۇبى

نىيە ۋاسكىتبول كۇلۇبى
كۆرۈش: 2353|ئىنكاس: 61

مادرېد خەۋەرلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !  

كاسسىلاس 16نۆۋەتلىك ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسىگە قاتناشقان تۇنجى مادرېد توپچىسى بۇلۇپ قالدى .

122021cbxq57bgrtkrjgrb.jpg

ئۇ 1999-يىلى تۇنجى قېتىم ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق بىرلەشمىدە مەيدانغا چىققاندىن تارتىپ تا ھازىرغىچە چىمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسىنىڭ سىپىدىن چۈشۈپ قالمىدى .

بارسىل بىلەن بولغان مۇسابىقە كاسسىلاسنىڭ كەسپى ھاياتىدىكى 16-نۆۋەتلىك چىمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقە . بۇ مەيدان مۇسابىقىدىن كىيىن ئۇ ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسىگە قاتناشقان قېتىم سېنى ئەڭ كۆپ بولغان مادرېد توپچىسىغا ئايلاندى . شىۋېتسارىيەنىڭ كۇماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدىن بۇرۇن كاسسىلاس بىلەن گېنتو (Francisco Gento)نىڭ رىكورتى تەڭ ئىدى ، بۇ ئىككىسى ئوخشاشلا 15 نۆۋەتلىك چىمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسىگە قاتناشقان .

كاسسىلاس ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسى مۇسابىقە مەيدانىدا 1999-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى تۇنجى قېتىم مەيدانغا چىققان ، ئەينى ۋاقىتتا مادرېد ئولېمپىياكېس بىلەن 3-3 نەتىجىدە تەڭلىشىپ قالغان ئىدى . ئۇنىڭدىن كىيىن ئۇ مادرېدقا ۋاكالىتەن 143 مەيدان چىمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسى مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىلىرىدە ئەڭ كۆپ مەيدانغا چىققان مادرېد توپچىسىغا ئايلاندى ، ئۇنىڭ كەينىدىكى راھۇل 132 قېتىم مەيدانغا چىققان . ئۇنىڭدىن باشقا كاسسىلاس كۇماندا بىلەن بىرلىكتە ئۈچ قېتىم چىمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسىنىڭ لوڭقىسىنى كۈتۈرگەن .

شۇنداق قىلىپ كاسسىلاس ئىككى تۈردا مادرېدتىكى ‹‹ئەڭ›› نى ئالدى . بىرى ، 16 نۆۋەتلىك ئۇزغۇنلۇقققا قاتناشقان تۇنجى مادرېد توپچىسى ؛ ئىككىنجىسى ، ئۇزغۇنلۇقتا ئەڭ كۆپ مەيدانغا چىققان مادرېد توپچىسى .



مادرېد رەئىسى كاسسىلاسقا خاتىرە بۇيۇم بۇيۇمى تەقدىم قىلدى .

102121x6z38669dfbc5e6c.jpg

تەقدىرلەش مۇراسىمى بارسىل بىلەن بولغان مۇسابىقىدىن كىيىن ئېلىپ بېرىلدى .

رىئال مادرېد ساھىبخان مەيداندا بارسىلنى قىرغىن قىلغاندىن كىيىن مادرېد رەئىسى فىلورىنىدو توپچىلارنىڭ كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۈيىگە كەلدى ، ئۇ كۇماندا ئەزالىرىنى قىزغىن تەبرىكلەشتىن سىرىت يەنە كاپىتان كاسسىلاسقا ئۈستىگە‹‹ ئېكىر كاسسىلاس 1999-2014 ›› دىگەن خەتلەر بېسىلغان خاتىرە بۇيۇم سوۋغا قىلىپ كاسسىلاسنىڭ مادرېد بىرىنجى سەپ كۇماندىسىنىڭ قاپقىسىنى 15 يىل قوغدىغانلىقىنى تەقدىرلىدى .




كاسسىلاس ئارسىنالغا قېتىلىشى مۇمكىن

u=1817607363,2893025838&fm=23&gp=0.jpg

مادرېد كاپىتانى كاسسىلاس ئالدىنقى پەسلدىلا كۇماندىدىن ئايرىلىش ئويىدا بولغان ئىدى ، بىراق رەئىس ئۇنى تۇتۇپ قالغان . ئەگەر بۇ پەسىل كاسسىلاسنىڭ ئىپادىسى ياخشى بولماي قالسا كاسسىلاس كۇماندىدىن ئايرېلىشى مۇمكىن . كاسسىلاسقا ئەڭ يېقىنلاشقان كۇلۇپ بولسا ئارسىنال . بەزى تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا كىلەر پەسىل كاسسىلاس ئارسىنالغا ھەقسىز يۆتكىلىشى مۇمكىن ئىكەن .  يەنە بەزى مىش-مىش پاراڭلاردا دىيىلىشىچە كىلەر پەسىل كاسسىلاس ئارسىنالغا ھەقسىز يۆتكىلىش ئۈچۈن مادرېد بىلەن بىردەكلىك ھاسىل قىلىپ بولغان ئوخشايدۇ ، ئارسىنال تەرەپ كاسسىلاسنى يۇقۇرى ئىش ھەققى باشقا مۇكاپات قاتارلىق تەمىناتلار بىلەن تەمىنلەيدىكەن .



مەنبە : http://www.rmfans.cn/news/
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەتمە كاشىلياس قانداقلا بولمىسۇن سىنىڭ تۆھپەڭ زور توپتىن بىرنى يگىنىڭ بىلەن ئىككنى چىرايلىق توسۇۋالسە ئەمەسمۇ بىراق باشقىلارئاشۇ بىرنىلا كۆرىدۇ
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
nayil يوللىغان ۋاقتى  2014-9-18 16:54
بەرھەق !!~ كاسلللاسنىڭ نەتىجىسى ۋە ئىزچىل بولغان ئېسىل ...

دۇنيا لوڭقىسىنى بىر، ياۋروپا لوڭقىسىنى ئىككى، ئۇزغۇنلۇقنى ئىككى قېتىم ئېلىش، ئۇنىڭ ئۈستىگە كاپىتانلىق سالاھىيىتى بىلەن كوماندىنى يېتەكلەپ لوڭقا ئېلىش، 14 يىل ئاساسلىق دەرۋازىۋەن بولۇپ، دۇنياۋىي زەردار سامان يولىنىڭ ئىشىكىنى بېقىش.... قايسى ۋاراتار مۇشۇ نۇقتىلارنى قىلالىدى.... كاسىللاسنى ئۇنى - بۇنى دېيىش ئەخمىقانىلىق بولسا، ئۇنى ئىككىمىزدەك ئاقلاپ ئولتۇرۇش تېخىمۇ ئەخمىقانىلىق... مۇشۇلارنى بىلىپ تۇرۇپ ئامالسىز ئاقلاشقا مەجبۇر بولدۇم دە!!!
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
nayil يوللىغان ۋاقتى  2014-9-18 16:10
يەنە كونا گەپ ، كىم كاسىللاسنى ناچار ۋارتار دىيىشكە پې ...

بۇففون بىلەن كائېننىڭ ئازراق توشىدۇ. ئۇلار ھېچبولمىدى دېگەندە كەسپىي جەھەتتىن يەنى كەتكۈزۈپ قويغان توپىدا ۋاراتارنىڭ سەۋەنلىكىنىڭ بار يوقلىقىنى بىلىدۇ. قىزىق يېرى، بۇ ئىككىسى ئەڭ قايىل بولىدىغان ۋاراتارمۇ دەل كاسىللاس، قارىغاندا مۇشۇ بىر نۇقتىلا ئۇنى ئۇنى - بۇنى دېگۈچىلەرنىڭ ئاغزىغا پەشۋا بولغۇدەك!!
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن كاسىلىياس....
بولسا مادرىدتا چىكىنسە بۇلاتتى بۇ...
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالىدىغان شەرەپلەرنىمۇ ئېلىپمۇ بولدى ئەمدى يانچۇقنى توملاپ كىيىن مادرىت يۇقىرى قاتلىمىدا خىزمەت قىلىشقا ئالغا
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كاسىللاسنىڭ باشقا كوماندىغا يۆتكىلىدىغان ۋاقتىمۇ بۇلۇپ قالدى. بۇرۇنقىدەك ئىنكاس يوق ھازىر
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇنداقتا ئۇزغۇنلۇق تارىخىدىكى ئەڭ كۆپ مەيدانغا چىققان توپچى كاسىللاسمۇ يا باشقا توپچىلار مۇ بارمۇ
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    كاسىلاس مادىردنىڭ تارىخ شان -شەرەپ بېتىگە يىزىلغۇسى ، ئۇنىڭ كىيىنىكى بىكىتى قايەر بۇنىڭغا ۋاقتى كەلگەندە بىر نەرسە دەيلى .
 ئىگىسى| ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
kapsizbala يوللىغان ۋاقتى  2014-9-18 13:53
ئۇنداقتا ئۇزغۇنلۇق تارىخىدىكى ئەڭ كۆپ مەيدانغا چىققان ...

خاۋېيغۇ دەيمەن ، بۈگۈن راھولنىڭ رىكورتىنى بۇزدى ، لىكىن ئۇ رىكورتىنىمۇ كاسسىلاس بۇزۇپ تاشلىشى مۇمكىن
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بولسا ئارسىنالغا قوشۇلغىن كاسىللاس
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇمشۇق يوللىغان ۋاقتى  2014-9-18 14:02
خاۋېيغۇ دەيمەن ، بۈگۈن راھولنىڭ رىكورتىنى بۇزدى ، لىك ...

بىلىۋالدىم رەخمەت
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسىل قاپقىچى، بۇنىڭ ئارسىنالغا ھەقسىز يۆتكىلىدىغانلىقىنى مەنمۇ كۆرگەن. ئەگەر كاسىلىياس كىتىپ قالسا مادرىد ئۇنىڭ ئورنىغا نويىرنى ئىلىپ كەلمەكچىكەن. بۇ ئىش توغرىسىدا بىر تىما يوللىغانتىم.
/thread-45171-1-1.html
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن كاپىتان
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇمشۇق يوللىغان ۋاقتى  2014-9-18 14:02
خاۋېيغۇ دەيمەن ، بۈگۈن راھولنىڭ رىكورتىنى بۇزدى ، لىك ...

مادرىد بۇ يىل دەرىجە چۈشۈپ كەتسە بۇزالمايدۇ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|رەسىمسىز نۇسخا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

GMT+8, 2014-9-23 05:51 , Processed in 0.097836 second(s), 22 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش