تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

پۇتبول كۇلۇبى

كۆرۈش: 1250|ئىنكاس: 29

ئارگېنتىنا توپچىسى ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولدى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   داۋىس تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-18 14:05  

   01200000031336136323624370517.jpg
   ۋاڭيى تورى
   ئەنگىلىيە BBC ، ‹‹ كۈندىلىك پوچتا گېزىتى›› قاتارلىق كۆپ قىسىم تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە ، يوكاسسىر كوماندسىنىڭ ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى گۇتېرىز ئويلىمىغان يەردىن تاش بۆرەك راكىغا گىرىپتار بولۇپ ، سول تاش بۆرىكىنى كېسىۋىتكەن . ھازىر ئۇ خىمىيىۋىلىك داۋالاش ئېلىپ بارماقتا . بۇيىل 32 ياشقا كىرگەن  گۇتېرىز بۇرۇن ئارگېنتىنانىڭ گئانتىس سارسىفىلىت كۇلۇبىدا ، ئىسپانىيە مالوكا كۇلۇبىدا توپ تەپكەن بولۇپ ، 2008 - يىلى نېۋكاستېل كۇلۇبىغا يۆتكەلگەن . بۇيىل 1 - ئايدا نورۋىچ كۇلۇبىغا ئىجارىگە بېرىلگەن . گۇتېرىز  ئارگېنتىنا دۆلەت كوماندىسى ئۈچۈن 22 مەيدان مۇسابىقىگە چۈشكەن ، 2010 - يىللىق جەنۇبىي ئافرىقا دۇنيا پۇتبول لوڭقىسىغا قاتناشقان .
  ‹‹ مەن ئۆزەمنىڭ بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغانلىقىمنى ئاڭلىغاندا ئۆيگە بېرىپ يىغلاپ كەتتىم . بۇ مەن دۇچ كەلگەن ئەڭ قېيىن مۇسابىقە ، مەن بۇ مۇسابىقىگە قاتناشمىسام بولمايدۇ . گەرچە مەن يوكاسسىر كوماندسى بىلەن يەنە توختامىم بولسىمۇ ، لېكىن  ئارگېنتىناغا كەلگەندىن كېيىن بارلىق چىقىملارنى ئۆزەم ئۈستۈمگە ئالدىم . پۇل چوڭ مەسىلە ئەمەس ، گەپ مېنىڭ سالامەتلىكىمدە . مەن بۇ خىمىيىۋىلىك داۋالاشنى ئېلىپ بارمىسام بولمايدۇ ›› دېدى گۇتېرىز .
   گۇتېرىز بۇ كېسەلنى يوشۇرۋاتقانلىقىغا نەچچە ئاي بولغان ئىكەن . ئۇ يېڭى پەسىلنىڭ ئالدىدىكى مۇسابىقىلەرگە قاتناشمىغاندىن كېيىن ئاندىن بۇ كېسىلى ئاشكارلانغان .ئۇ 2013 - يىلى 5 - ئايدا ئارسېنال بىلەن بولغان مۇسابىقىدە قارشى تەرەپنىڭ بىر توپچىسى بىلەن توپ تالىشىۋاتقاندا ئېغىر سوقۇلۇپ كېتىپ  تاش بۆرىكىنىڭ قاتتىق ئاغرىپ كەتكەن ، كۆپ قېتىم تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئۆسمە بارلىقىنى بايقىغان .
9e843901213fb80ea12857d535d12f2eb83894a0.jpg
   گۇتېرىز چېچىنىڭ خېمىيىۋىلىك داۋالاشتىن كېيىن توختىماي چۈشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قاتتىق كۆڭلى يېرىم بولغان . ئۇ ئۆزىنىڭ بلوگىدا بارلىق ئۆزىگە مەدەت بېرىۋاتقان مەستانىلەر ۋە دوست -بۇرادەرلەرگە رەھمەت ئېيتقان .
دۇنيا پۇتبول سەھنىسىدە نۇرغۇن داڭلىقلار تاش بۆرەك راكىغا گىرىپتار بولغان بۇلۇپ ، بايرىن مىيۇنخىندىكى روبىن ، ئارگېنتىنانىڭ بۇرۇنقى توپچىسى لوئا ، دانىيەلىك توپچى ساندىر قاتارلىقلار . لېكىن بۇلارنىڭ ھەممىسى كېسەلدىن غالىب كەلگەنلەر . لېكىن بۇيىل 4 - ئايدا ئىنگىلاد دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى غەربى ھام كۇلۇبىدىكى ھۇجۇمچى دىلان . سوپبېتىرىس بۇ كېسەلدىن غالىب كېلەلمەي 20 ياشتىلا ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلغان .
ۋاقتى: 2014-9-18 13:39:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ باياتتىنلا ئوقۇغان، ئۇرۇقدان راكى بولۇپ قاپتۇ.
ۋاقتى: 2014-9-18 13:44:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆپ يۈگۈرسە بولۇپ قالىدىغان ئوخشىمامدۇ
ۋاقتى: 2014-9-18 13:45:53 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي داۋىس قارىكا، نېمانداق قايغۇلۇق خەۋەرلەرنىلا يوللايسىز، ئالدىنقى قېتىم بادىسىتۇتانىڭ پۇتىنى كېسىۋېتىشكە تاس قالغان، ئەمدى ماۋۇ ئاداش راك بولۇپتۇ. بۇ كەلگۈلۈك ئارگېنتىنالىقلارغىلا كېلىۋاتىدۇ دېسە. تېزراق ساقىيىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ۋاقتى: 2014-9-18 13:45:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋېس  قارى  سېلنى  لۇكچەك  قىلمىز  دەپ  يۇرسەك  ئازراق  خام  يىرىڭلار  تۇرديا

يوكاسېر  ئەمەس..نېۋكاستېل..ياكى ‹ يىڭى  قەلئە›
جانۇبى  ھام  ئەمەس  غەربى  ھامتى
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-9-18 13:52:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەھمۇدىيە يوللىغان ۋاقتى  2014-9-18 13:45
داۋېس  قارى  سېلنى  لۇكچەك  قىلمىز  دەپ  يۇرسەك  ئازراق  خ ...

ھاھاھا  ئۇيغۇرچە ئاتالغۇلارغا كاملىقىم راست ،مەنلا ئەمەس مۇنبەردە كۆپ قېرىنداشلار مۇشۇنداق ئاتالغۇلارغا كەلگەندە قىينىلىدۇ . ھەي ...تەلەي يىنىمدىن زىدانى لوڭقىنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كەتكەندەك ئۆتۈپ كېتىپتۇدە . رەھمەت ،تىرىشىۋاتىمەن باشلىق !
ۋاي ۋاي غەربىي ھامنى راست خاتا يېزىپ قويۇپتىمەن !
ۋاقتى: 2014-9-18 13:54:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋىس يوللىغان ۋاقتى  2014-9-18 13:52
ھاھاھا  ئۇيغۇرچە ئاتالغۇلارغا كاملىقىم راست ،مەنلا ئ ...

ئەمسە  ئاخشامقى  ئوزغانلىق  تىمىسىنى  قايتا  رەتلىك  بىر  يوللاڭلار  كەچۇرۋىتەي  ئاۋۇ  ئۇزغانلىق  تىمىسى  بەكلا  تاققۇ  تۇقۇ  ئۇنى  ئۆچۇرۋەتتىم
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-9-18 14:12:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەھمۇدىيە يوللىغان ۋاقتى  2014-9-18 13:54
ئەمسە  ئاخشامقى  ئوزغانلىق  تىمىسىنى  قايتا  رەتلىك  بى ...

تەشكىلنىڭ ماڭا ئىشەنگەنلىكىدىن شۇنداق خۇرسەن بولدۇم (قىزىل گەپ )
مەنغۇ بولسا بۇ مۇنبەر ئۈچۈن كۆپ كۈچ چىقارغىم بارئىدى ، بىرگە سېلى دىگەندەك ئازراق بىر يېرىم خام (بۇ بەك ئېنىق  )  يەنە بىرگە ئىشلەيدىغان ئادەم ئۈچۈن (ئىدارەم ئۆيدىن يىراق ) راست گەپ قىلسام ئاشۇ يېزىۋاتقان خەۋەرلىرىمنىمۇ بىر ئاماللارنى قىلىپ ۋاقىت چىقىرىپ يازغان ئىدىم .

رەھمەت سىلىگە ، بۇندىن كېيىن بىلىملىرىمنى تېخىمۇ تۇلۇقلاپ‹‹ لۈكچەك ئاشتى ›› بولۇشقا تىرىشىمەن .
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-9-18 14:15:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   داۋىس تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-18 14:16  
ablatjan يوللىغان ۋاقتى  2014-9-18 13:45
ۋاي داۋىس قارىكا، نېمانداق قايغۇلۇق خەۋەرلەرنىلا يولل ...


مەن شۇنداق خەۋەرلەرنى كۆرۈشكە ئامراق ، شۇڭا مۇنبەرگىمۇ قىزىقىشىم بويىچە يازىدىكەنمەن .
پۇتبولغا بولغان بىلىم سەۋىيەرىم كۆپ ساندىكى بالىلاردىن تۆۋەن بولغاچقا بەزى تېمىلارنى يېزىشتا قىينىلىپ قالىدىكەن .يېقىندىن قوللىغىنىڭلارغا كۆپ رەھمەت
ۋاقتى: 2014-9-18 14:17:33 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
روبىنىڭ ماندمۇ تارىخى بائىكەندە
ۋاقتى: 2014-9-18 14:38:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋىس يوللىغان ۋاقتى  2014-9-18 14:15
مەن شۇنداق خەۋەرلەرنى كۆرۈشكە ئامراق ، شۇڭا مۇنبەرگى ...

ۋاي توۋا دەڭە... مەستلىكىم كېلىپ دەپ قويدۇم..
  سىزنىڭ خەۋەرلىرىڭىز شۇنچىلىك جانلىق، سۆز - جۈملە، ئىملايىڭىزمۇ شۇنداق توغرا... كۆز تەگمىسۇن ئاكا سىزگە...
ۋاقتى: 2014-9-18 14:40:24 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يامان  بوپتۇ  ،مىىسيلار  بېرىپ ھال  سوراپ  قويسا  بولغۇدەك  
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|رەسىمسىز نۇسخا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

GMT+8, 2014-12-29 12:07 , Processed in 0.118271 second(s), 24 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش