akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1991|ئىنكاس: 40

ئۆزىل ۋېنگىر يېڭى سېستىمىسىنىڭ قۇربانى؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
     


     تۈنۈگۈن كەچتە مەسۇت ئۆزىل كوماندىسى بىلەن گېرمانىيەدىن كەلگەن دورتمۇند كوماندىسى بىلەن تۇتۇشتى. ئۆزىل بەلكىم رەقىبى سېپىدىكى شىنجى كاگاۋاغا ھەۋەس قىلىشى مۇمكىن، چۈنكى بۇ ياپونىيەلىك ئوتتۇرا مەيدان يادروسى ئىلگىرىكى بىر نەچچە يىلدا سول يولغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان، مانچىستېر بىرلەشمىسىدىن ئايرىلىپ دورتمۇندغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئالدى مەيداندا تولۇق ئازاد بولۇپ، ئالدىنقى شەنبە كۈنى 3-1 نەتىجە بىلەن فرېبۇرگ كوماندىسىنى يەڭگەن مۇسابىقىدە قالتىس ئىپادا كۆرسەتتى. يۇرگېن كلوپ ئۈچۈن ئېيتقاندا، كاگاۋانى قايسى ئورۇنغا قويۇش كاللا قاتۇرىدىغان ئىش ئەمەس، مانچىستېر بىرلەشمىسىنىڭ كاگاۋانى يان يولغا قويۇپ ئۇنى ئىسراپ قىلغانلىقىنى بىر يىل ئەيىپلىگەندىن كېيىن، ئۇ بۇ يىل ياپونىيلىكنى ئىككىلەنمەيلا ئوتتۇرا يولغا ئورۇنلاشتۇردى.

     ئۆزىلنىڭ بۇنچىلىك تەلىيى بولمىدى. بۇلتۇر 42.5مىليون فوندستېرلىڭ باھادا رېئال مادرىدتىن يۆتكىلىپ ھەممىنىڭ دېققىتىنى تارتقاندىن كېيىن، گېلسېنكىرشىندىن كەلگەن بۇ ياشنىڭ مەيداندىكى ئورنى ئاستا-ئاستا يان يولغا تارتىلدى. بۇنىڭ باش جاۋابكارى ئارسېن ۋېنگىرنىڭ 4-1-4-1 سەپ شەكلى بولۇپ، ماشيۇ فلامىنى كەينىدە، ئارون رامسېي بىلەن جېك ۋىلشېر ئالدىدا تۇرۇپ ئوتتۇرا يولنى تەشكىل قىلدى.

     ئۆزىل بولسا ئۆزىنىڭ خۇسۇسىيتىگە ماس بولمىغان ۋەزىپىنى تاپشۇرۇپ ئالدى، مەسىلەن، قارشى تەرەپ يان بىكىگە قاراش. بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ مەيداندىكى ئىپادىسى تۆۋەنلەپ قالماي، يەنە نۇرغۇن تەنقىتلەر ئۇنى كۈتۈپ تۇراتتى.

     8-ئاينىڭ ئاخىرىدا "تېلگىراف گېزىتى" نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، 25 ياشلىق بۇ توپچى ئۆزى ئۈستىدە توختۇلۇپ:"مەن' ھازىر دۇنيادىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر 10-نومۇرنىڭ بىرى. بىراق سول يول بۇنىڭغا ئوخشىمايدىغان يەنە بىر دۇنيا" دېگەن.

     ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، يان يولدىكى تاللاشتا، ئۇ ئوڭ تەرەپنى بەكرەك ياخشى كۆرىدىكەن، چۈنكى بۇ ياقتا ئۇ بۆسۈپ كىرىپ ئەڭ ئاخىرىقى پاسنى تېخىمۇ ياخشى بېرەلەيدۇ. بىراق، دورتمۇند بىلەن بولغان مۇسابىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۆت مەيداننىڭ ھەممىسىدە، ئۇ سول يولغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ئۇرغان توپى نۆل، بەرگەن پاسمۇ نۆل.

     ئۆزگەرمىگەن ۋېنگىر تاكتىكىسى

     بۇ تىپىك بولغان ۋېنگىر ئورۇنلاشتۇرۇشى. كۆپلىگەن ئوتتۇرا مەيدان تەشكىللىگۈچىلىرى فرانسىيەلىكنىڭ كوماندىسىغا قوشۇلغاندىن كېيىن، داۋاملىق يانغا يۆتكىلىدۇ. گەرچە ئۇلارنىڭ كۆپ ساندىكىلىرى تىرىشچانلىقىغا تايىنىپ ئاخىرىدا بۇ ئورۇنلاشتۇرۇشغا ماسلىشىپ كەتكەن بولسىمۇ، بۇ ئۇسۇل ئۆزىلگە ماس كەلمەيدۇ. ئۇ خۇددى قىممەتلىك ھەم كاتتا بىر بويۇمغا ئوخشايدۇ، ئۇنى ئىشلىتىشكە ئالاھىدە ئۇسۇل قوللىنىش كېرەك.

     ئۇنى ئىشلىتىشنىڭ توغرا ئۇسۇلى، ھۇجۇمچى ئوتتۇرا مەيدان ئورنىدا ئەركىن ھەرىكەت قىلدۇرۇش. ئۆزىلنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى ئالدى مەيداندىكى ئەپچىل بولغان يۆتكىلىش ئىقتىدارى، بولۇپمۇ ئوتتۇرا يولدىن ئىككى قاناتقا سىڭىپ كىرىشى داۋاملىق ئەجەللىك بولغان پاسلارنى شەكىللەندۈرەلەيدۇ. ھالبۇكى، ھازىرقى ۋەزىيەت ئۆزىلنىڭ ئالاھىدىلىكى بىلەن زىت ھالەتتە تۇرىدۇ. ھازىرقى مۇسابىقىلەردە، ئۇ ئادەتتىكى ئالدى بەلدىن ئۆزگەرتىلگەن كىرايلارغا ئوخشاش يان يولدىن ئوتتۇرا مەيدانغا يۆتكىلىدۇ، بۇ ئۆزىلنىڭ ئادىتى بىلەن قارمۇ-قارشى بولۇپ قالىدۇ.

     ئالدىنقى پەسىل ياۋرۇپا چېمپيونلۇق بىرلەشمسىدىكى ئارسېنالنىڭ تۇنجى ساھىبخان مەيدان مۇسابىقىسىدە، ئۆزىل ئۆزىنىڭ ئۇسلۇبىنى تولۇق نامايەن قىلدى. ئۇ بىر توپ ئۇرۇپ، بىر ياردەم پاس بېرىپ، كىشىنى قايىل قىلارلىق ئىپادىسى بىلەن ناپولىنى 0 گە قارشى 2 نەتىجە بىلەن مەغلۇپ قىلدى. مۇداپىيە قىلىش يۈكى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا، ئۇنىڭ يۈگۈرۈش دائىرىسى كۆپىيىپ، ئاكتىپ ھالدا كۆپلىگەن بوشلۇققا ئېرىشتى. ئۇنىڭ ئوڭۇشلۇق پاس بېرىش نىسبىتى 91% كە يىتىپ، يۈگۈرۈپ ئورۇن ئېلىشى ئۆزگىرىشچان بولدى، كوماندىغا بولغان تەسىرىمۇ كۆرىنەرلىك ئاشتى. بۇنىڭغا نىسبەتەن، ئالدىنقى ھەپتە مانچىستېر شەھىرى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە، ئۇنىڭ يۆتكىلىش يۆلىنىشى ئوتتۇرا يولغا بولۇپ، پاس بېرىش قىتىم سانى كۆپ ئازلاپ كەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش نىسبىتىمۇ 81% كە چۈشۈپ قالدى.



بارلىق پاسلار
(كۆك سىزىق: مۇۋەپپەقىيەتلىك پاس؛ قىزىل سىزىق: مەغلۇپ بولغان پاس؛ سېرىق سىزىق: ياردەم پاس؛ سۇس كۆك سىزىق: تەھدىت پاس.)

     سول يولدىكى مەغلۇبىيەتچى

     ئۆزىل ئۆزىنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا، ئۇ ئوڭ يولدا تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بولغان ئىپادە كۆرسىتەلەيدۇ. بۇ تەرەپتىكى پاس بېرىش بۇلۇڭى، سول پۇتتا ئادەتلەنگەن توپچىلار ئۈچۈن تېخىمۇ قولايلىق بولىدۇ، سەپداشلىرىمۇ ئۇنىڭ بىلەن تېخىمۇ ياخشى ماسلىشىپ كېتەلەيدۇ. قارشى تەرەپ بىكىنىڭ ھۇجۇمىنى توسۇپ قالغان ئەھۋالمۇ ئۇ ئوڭ يولنى ئوينىغاندا كۆپرەك كۆرۈلىدۇ.



تاپشۇرۇپ ئالغان پاسلار

     ئالدىنقى پەسىلدىكى خەلىپە مەيدانىدا 1-2 نەتىجە بىلەن دورتمۇندقا ئۇتتۇرىۋەتكەن مۇسابىقىدىكى ئۆزىلنىڭ ئىپادىسى ئۈستىدىكى نەزىرىيەنى ئىسپاتلايدۇ. ئۆزىل ئاساسلىق سول يولدا ھەرىكەت قىلغان، ئوتتۇرىغا كۆپ يۆتكەلمىگەن، پەقەت ئۈچ قىتىملىق پاسلىرى قارشى تەرەپكە تەھدىت ئىلىپ كەلگەن.


تاپشۇرۇپ ئالغان پاسلىرى ۋە تەھدىت پاسلىرى

     ئومومەن قىلىپ ئېيتقاندا، يان يولغان ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ ئوتتۇرا يولغا يۆتكەلگەن بىلەن، ئوتتۇرا يولدىن يانغا يۆتكەلگەندىن ماھىيەتلىك پەرقى بار. ئۆزىل ئۈچۈن تېخىمۇ ھەم شۇنداق. ئالدى بىلەن، ئۇنىڭ يۆتكىلىشى رەقىبىنى قايمۇقتۇرالايدۇ، ئۇنىڭ ئىككى  يانغا توپ بۆلۈشى سەپدىشىنىڭ قىستۇرۇلۇپ چىقىشىغا قوشۇلۇپ، سان جەھەتتىكى ئۈستۈكلۈك ئۈنۈمى شەكىللەندۈرەلەيدۇ. بۇ تاكتىكا يان يولدا ئىشلىتىشكە ماس كېلىدۇ. بۇندىن سىرت، ئۇ سەپداشلىرى بىلەن ماسلىشىشقا مۇھتاج. ئۇ يان يولدا ھەرىكەت قىلغاندا، داۋاملىق قارشى تەرەپ بىكى بىلەن يەكمۇ-يەك تىركىشىشكە توغرا كېلىدۇ، ئۇ پاس بېرەلەيدىغان سەپدىشى شۇ تەرەپتىكى يان بىكتىن باشقا ھەممىسى ئوتتۇرا يولدا، شۇڭا ئۇ چوقۇم قارشى تەرەپ بىكىدىن توپ ئېلىپ ئۆتۈشى كېرەك، بىراق شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى، ئۆزىل بۇنىڭغا ماھىر ئەمەس.


قارشى تەرەپ بىلەن تىركىشىش قىتىم سانى
(يېشىل يۇلتۇز: مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش قىزغۇچ يۇلتۇز: مەغلۇپ بولۇش.)

     ناھايىتى قالتىس بولغان پاس بېرىش ئىقتىدارىدىن سىرت، ئۇنىڭ باشقا قابىلىيەتلىرىنىڭ سەۋىيسى چەكلىك، ئادەمدىن ئۆتۈش ۋە بۆسۈپ كىرىش ئىقتىدارى ناھايىتى ئاجىز. ھالبۇكى، ئۇنىڭ مەسلىشىش ئىقتىدارى يۇقىرى سەۋىيلىك——ئەپچىل ھەم پەملىك. ناپولى بىلەن مانچىستېر شەھىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئايرىم ئىككى مەيدان مۇسابىقىنى مىسالغا ئالساق، سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق ئۇنىڭ ئۆز كوماندىسى يان بىكى بىلەن بولغان ماسلىشىش پەرقى كۆرىۋالالايمىز. 10-نومۇر ئورنىدا ئۇ تېخىمۇ كۈچلۈك بولغان يانغا توپ بۆلۈش ئىقتىدارىنى نامايەن قىلالايدۇ. بولمىسا ئورۇن تەكرارلىنىش كېلىپ چىقىدۇ.


ئىككى مەيدان مۇسابىقىدە يان بىكقا بەرگەن پاس سېلىشتۇرمىسى

     بەدەن قۇۋۋىتى يەنە بىر مۇھىم ئامىل. ئوتتۇرا مەيدان تەشكىللىگۈچىسى بولغان ۋاقتىدا، ئۇ بارلىق بەدەن قۇۋۋىتىنى تولۇق ھالدا ھۇجۇمغا سەرپ قىلىپ ئۈنۈم يارىتالايدۇ. يان يولدا بولسا، بىر قىسىم بەدەن قۇۋۋىتىنى مۇداپىيەگە ئاجراتمىسا بولمايدىغان ئەھۋال كېلىپ چىقىدۇ. بۇندىن سىرت، بەزىدە ئۆزىلنىڭ دىققىتى چىچىلىپ كېتىدۇ، بۇنىڭغا ناچار بولغان ئورۇن سەزگۈسى قوشۇلۇپ، ئۇنىڭ توپ كەتكۈزۈپ قويۇش خەتىرى ئىشىپ ماڭىدۇ.


كەتكۈزگەن توپنى قايتا تالىشىش قىتىم سانى

     قۇربانلىق بويۇم

     ھازىرچە ۋېنگىرنىڭ تاكتىكا ئۆزگەرتىش مۇمكىنچىلىكىنىڭ ئالامىتىنى كۆرگىلى بولمايدۇ. يەنە كېلىپ جېك ۋىلشېر ئۆزىنىڭ تېخىمۇ توپ كىرگۈزەلەيدىغانلىقىنى ئېيتتى، يەنە بىر ئامىل ئارون رامسېينىڭ ئىنتايىن ياخشى بولغان ھالىتى. ئالېكس سانچېس بىلەن سانتى كازورلا ۋېنگىر تاكتىكىسىنىڭ كۆپ تەسىرىگە ئۇچرىمىدى. شۇنداق بولۇپ، ئۆزىل بىردىنبىر قۇربانلىق بويۇمغا ئايلىنىپ قالدى.

     ھەر قانداق مۇھاكىمىلەر ۋېنگىرنىڭ تاكتىكىسىنى قوللىشى ياكى قارشى تۇرىشى مۇمكىن. كوماندىدىكى كۆپلىگەن ئەزالار ھازىرقى تاكتىكىغا ماسلىشىشى ناھايىتى ياخشى بولغان ئەھۋال ئاستىدا، مەلۇم بىر ئەزا ئۈچۈن سەپ شەكلىنى 4-2-3-1 غا ئۆزگەرتىش ئانچە ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس. بىراق، باش ترېنېر ئۈچۈن، كوماندىدىكى ئەڭ كۈچلۈك ئادەمنىڭ ئەڭ ياخشى ئەمەلىي كۈچىنى نامايەن قىلدۇرۇشمۇ ھەقلىق.

     ئاخىرىدا بۇ مەسىلە قانداق مۇرەسسەلىشىشتىن قەتئىينەزەر، ھەقىقەت شۇكى، توپچى ئۆزىگە ئەڭ تەبئىي بولغان ئورۇندا ئۆزىنىڭ ئەڭ ياخشى ئىپادىسىنى نامايەن قىلالايدۇ. بۈگۈنكى كۈندە شۇنداق قىلالايدىغىنى كاگاۋا، ئۆزىل ئەمەس.



ئاپتور: Thore Haugstad
مەنبە: تۆت تۆت ئىككى تورى

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 4مۇنبەر پۇلى +150 تۆھپە +10 يىغىش سەۋەبى
تۈمەن + 30 قالتىس!
خانزاد1 + 50 قالتىس!
سەۋىر + 20 + 10 قالتىس!
dilmurat. + 50 ئەجىرلىك تېما !

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-9-18 09:47:44 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەمراھ يوللىغان ۋاقتى  2014-9-18 00:32
ئىنتايىن ياخشى  تەھلىل  قىلىپسىز.
مەنچە بولغاندا  بۇ  ب ...

ماۋۇ گېپىڭىزنىڭ ئاساسى بار. ئۇنىڭ تېخنىكا ئاساسى ۋە ئالاھىدىلىكى بارساغا تازا باب كېلەتتى.
  ئاكام ھەم پۇتبول ئوقۇتقۇچىسى، نەزەرىيە بىلىمىمۇ مەندىن شۇنداق يۇقىرى. ئۇمۇ داۋاملىق ئاشۇنداق دەيتتى: ئۆزىلدەك مىت - مىت (بەك چاققان) تەنھەرىكەتچى نەق ئېنىستا بىلەن مېسسىغا قانات چىقىرىدۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-9-17 22:49:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزىلنىمۇ مانچىستىر سوقۇپ كەتسە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-9-17 22:52:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قالتىس تەھلىل قىلىنپتا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-9-17 22:55:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پىرلو يوللىغان ۋاقتى  2014-9-17 22:49
ئۆزىلنىمۇ مانچىستىر سوقۇپ كەتسە

ئۇنداق بولسا 2015 پۇتبول ئويۇنىدا مانچېستىرنى تاللاپ ئوينايدىغانلارنىڭ سانى دەھشەت بىلەن ئۆرلەيدۇدە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-9-17 22:56:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەڭ ياخشىسى بۇمۇ كولۇپ ئالماشتۇرسا بولغىدەك جۇما. ئارسىنالغا بارغاندىن بۇيان ئۇنىڭ نامى يوقاپ كەتكىلى تۇردى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-9-17 22:58:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ئۇۋال بولاپتۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-9-17 23:03:15 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجەپ  ئۇۋال بولدى  ئوزىلگە   مادرىد  ساتمىسا  بولاتتى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-9-17 23:09:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجىرلىك تېما!


ئۆزىل مېنىڭچە ئەسلىدىنلا ئارسېنالغا ماس كەلمەيدۇ. بۇنىڭغا ئەڭ ماس كېلىدىغان كۇلۇب، مادىرىتتىن قالسا، مانچېستېر ياكى بارسا.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-9-17 23:10:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇرۇنلۇق تەھلىل،  ئارسىنالنىڭ مۇسابىقسنى كۇرسە 11 ئادەمنىڭ ھەممىسى ئۇتتۇر مەيدانچىدەك كۇرۇندىكىە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-9-17 23:18:09 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
miradil يوللىغان ۋاقتى  2014-9-17 22:56
ئەڭ ياخشىسى بۇمۇ كولۇپ ئالماشتۇرسا بولغىدەك جۇما. ئارس ...

راسلا،يوتكلىدىغان يەرىگە كەلدى بۇنىڭ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-9-17 23:18:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشڭ تېمىدىن بىرنى يېزىپسىز ،ۋېنگىرمۇ قىززىقكەن ، نامى چىققان داڭلىق بىر توپچىنىڭ ئىپادىسىدا بىردىنلا تۈۋەنلەش بۇلغاندىكىن  چۇقۇم بۇ توپچىنى ئاز پاز تەتقىق قىلىپ بىقىشى ، ئورنىنى ئالماشتۇرۇپ سىناپ كۆرۈشى كىرەكقۇ ، يۇشۇرۇن كۈچلەنى قىزىشنى بىلمەمدۇ يا ؟ بۇلمىسا خېلى داڭلىق تېرىنىر
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-9-17 23:24:49 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باھادىر تىما يازسا بىر خىل پەيزى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-5-9 23:35

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش