akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1322|ئىنكاس: 31

ئەڭ چوڭ ‹‹ ئادەم سودىگىرى ›› — مىندىس

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]


ئۇ پۇتبول ساھەسىدىكى ئەڭ قورقۇنۇچلۇق ئادەم سودىگىرى. ئۇ كەسپىي ھاياتىدا توپچىلارنى سېتىش ئارقىلىق 100 مىلىيون فونېستىرلىڭدىن ئارتۇق كىرىم قىلغان. ئۇ ئابلاموۋىچ، فىلورىنتىنونى ئالقىنىدا ئوينىتىدۇ. ئۇ دەل مېندىستۇر. بۇ سىن لېنتا دۇكىنى ئېچىپ، پىلاستىنكا ساتقۇچى قانداق قىلىپ ئۆزىنىڭ پۇتبول ۋاستىچىلىك ئېمپىرىيەسىنى قۇرۇپ چىقتى؟



ئۆتكەن ئالتە يىلنى ئىسپانىيە ۋە گېرمانىيەنىڭ دەۋرى ھەم پورتوگالىيەنىڭ دەۋرى دىيىشكە بولىدۇ. كۇلۇپ تەرەپتىن پورتوگالىيەلىكلەر « ئۈچ بىرلىك » قورقۇنۇچلۇق قېلىپىنى قۇيۇپ چىققان، رونالدو مېسسى بىلەن بەسلىشىپ قوش تەڭداشسىز چولپاننىڭ بىرىىگە ئايلاندى، مورىنىھو ترېنېرلارغا مەستانە بولۇش دەۋرىنى ئېلىپ كەلدى، ئەمما مېندىس ھەرقايسى زەردار كۇلۇبلار ئارىسىدا كۈلۈپ تۇرۇپ، يۆتكىلىش بازىرىنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلدى.



2014-يىلى يازدىكى ئەڭ غۇلغۇلا قوزغىغان يۆتكىلىش خامىس رودىرىگۇزنىڭ 80 مىلىيونغا خان مادىرىدقا قوشۇلىشى بولدى. خامىس رودىرىگۇز فرانسىيەدىكى موناگوغا كەلگىلى ئەمدى بىر يىل بولغان، ئۇندىن ئىلگىرى پورتودا نەتىجە قازانغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ يەنىلا ئاساسلىق بىرلەشمە ئەمەس. بۇنداق زور باھاغا ماس كىلەمدۇ يوق، ئەلۋەتتە كۆپ ساندىكى كىشلەر ئىنكار قىلىش پوزىتسىيەسى بىلدۈرىدۇ، ئەمما يۆتكىلىش بازىرىدىكىسى 80 مىلىيون دەپ سان يېزىلغان قۇرۇق قەغەز ئەمەس، بۇ سودىنى پۇتبول ساھەسىدىكى ئەڭ قورقۇنۇچلۇق « ئادەم سودىگىرى » مېندىس قىلغان.



ئەمىلىيەتتە بىر يىل ئىلگىرى مېندىس خامىس رودىرىگۇزنى 45مىلىيون ياۋرو باھادا پورتودىن موناگوغا يۆتكىگەن، بىر يىلدىن كېيىن 80 مىلىيون ياۋروغا خان مادىرىدقا يۆتكىدى پۇتبول ۋاستىچىسى چىقىرىۋالىدىغان 10% لىك يۆتكىلىش ھەققى بويىچە ھېسابلىغاندا، مېندىس خامىس رودىرىگۇزنى يۆتكەشتە بىر يىلدا 12 مىلىيون ياۋرودىن ئارتۇق پايدىغا ئېرىشتى.



دىمارىيا 75 مىلىيون ياۋرو باھا بىلەن تارىختىكى بىرىنچى باھادا مانچېستىر بىرلەشمىسىگە يۆتكىلىش رىكورتىنى ياراتتى، ئەمما دىمارىيانىڭ ۋاستىچىسىمۇ ئوخشاشلا مېندىس. بۇ نىمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟ مېندىس سول قولىدا خان مادىرىد ئۈچۈن خامىس رودىرىگۇزنى سېتىۋېلىپ، ئوڭ قولىدا دىمارىيانى سېتىپ چىقىرىشقا ياردەم قىلىپ، بىرنى چىقىرىپ بىرنى كىرگۈزۈپ يۆتكىلىش باھاسى ئومۇمىي سوممىسىنىڭ 150 مىلىيون ياۋرودىن ئاشقانلىقى، مېندىسنىڭ يۆتكىلىش ھەققىنىڭ 10% بويىچە 15 مىلىيون ياۋرو كىرىمگە ئېرىشكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.



2013-يىلى مېندىسنىڭ يۈرۈشتۈرىشى بىلەن فالكاۋ 60 مىلىيون ياۋرو باھادا موناگوغا قوشۇلۇپ، فرانسىيە بىرلەشمىسى تارىخىدىكى يۆتكىلىش رىكورتىنى ياراتقان، ناۋادا مالىيە باراۋەرلىكى سىياسىتى چەكلىمىسى بولمىغان بولسا، مانچېستىر بىرلەشمىسى بۇ يىل يازدا فالكاۋنى 60 مىلىيون فونېستىرلىڭغا يېقىن باھادا سېتىۋېلىشى مۇمكىن ئىدى، ئۇ ۋاقىتتا مېندىس يەنە بىر قېتىم خامىس رودىرىگۇز سودىسىدىكىدەك پۇل تېپىش رىۋايىتى ياراتقان بولاتتى.



بۈگۈنگىچە، مېندىس يۈرۈشتۈرگەن يۆتكىلىش سودىسىدىكى ئومۇمىي يۆتكىلىش ھەققى 1068370548 فونېستىرلىڭ(بىر مىلىيارد 68 مىلىيون فونېستىرلىڭ). پۇتبول ۋاستىچىسى يۆتكىلىش ھەققىنىڭ 10% گە ئېرىشىش قائىدىسى بويىچە ھېسابلىغاندا، مېندىسنىڭ يۆتكىلىش بازىرىدىكى ئومۇمىي يۆتكىلىش كىرىمى 100 مىلىيون فونىستىرلىڭدىن ئاشىدۇ.



بۇ يىل يازدىلا مېندىس 20 مىلىيون فونىستېرلىڭ پايدىغا ئېرىشتى. ئۇنىڭ كىرىمى يۆتكىلىش ھەققىدىن پىرسەنىت ئايرىش بولۇپلا قالماستىن، ئۇنىڭ GestiFute شىركىتى يەنە نۇرغۇنلىغان توپچىلارنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقىغا ئىگە. مېندىس بەش بالىنىڭ ئاتىسى، ئۇ تۆت يانفون ئىشلىتىدۇ، ئۇنىڭ تەسىر كۈچى ئەنگىلىيە، ئىسپانىيە، فرانسىيە ۋە ئىتالىيەگىچە كېڭەيگەن. توپچىلارنىڭ يۆتكىلىش سودىسىنى يۈرۈشتۈۈشتىن سىرت، ئۇ يەنە باشقا پۇتبول ۋاستىچىلىرىگە مەسلىھەت بېرىدۇ.



مېندىسقا نىسبەتەن كىشلەرنىڭ كۆزقارشى ئوخشىمايدۇ. بەزىلەر ئۇ پۇتبول بازىرىنىڭ قىزغىنلىقىنى ساقلاپ قالدى. توپچىلار پەقەت تىرىشچىلا ھەم تالانتى بولسىلا ئۇنىڭ سودا يۈرۈشتۈرىشىدە مۇۋاپىقىيەتكە ئېرىشەلەيدۇ دەپ قارايدۇ. ئەمما ئوخشاشلا يەنە بەزىلەر ئۇ بىۋاستە نۇرغۇنلىغان توپچىلارنى كونترول قىلىۋالغان ھەمدە ۋاستىلىك ھالدا نۇرغۇن كۇلۇبلارنى كونترول قىلىۋالغان دەپ قارايدۇ.



رونالدو ۋە مورىنىھو ئۇچىراشقاندىن كېيىن، ئىككىسىنىڭ پايدا مەنپەئەت مۇناسىۋىتى ئەڭ ئاخىرىدا ئۆزئارا چېقىۋېلىش مۇناسىۋىتىگە ئۆزگىرىپ نۇرغۇن كىشلەرنى ھەيران قالدۇردى، ئەمما ئۇلار ئىزچىل مېندىسنى ئەڭ ئىشەنچىلىك ئادەم دەپ قاراپ ئۇنىڭغا تايىنىپ كەلدى. زادى قانداق سېھرىي كۈچ مېندىسنى مۇشۇنداق جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە ئادەم قىلدى؟ مېندىس ۋاستىچىلىك ئېمپىرىيەسىدە قانداق ئىسسىق-سوغۇقنى بېشىدىن ئۆتكۈزدى؟



مېندىس پورتوگالىيەنىڭ لىسبوندا چوڭ بولغان، ئاتىسى پورتوگالىيەدىكى ئەڭ چوڭ نېفىت شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى. 20 يېشىدىن ئىلگىرى مېندىس يېرىم كەسپىي كوماندىدا سول كىراي ئوينىغان، كېيىن ئۇ سىن لېنتا دۇكىنى ئېچىپ پىلاستىنكا ساتقان ھەم قاۋاقخانا ۋە كېچىلىك كۇلۇب ئاچقان. 1996-يىلى مېندىس گۇيمارېس كۇلۇبىنىڭ قاپقىچىسى نۇنونىڭ ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدىكى راكرونىيا كوماندىسىغا يۆتكىلىش سودىسىنى يۈرۈشتۈرۈپ، پۇتبول ۋاستىچىلىك كەسپىي ھاياتىنى باشلىغان. شۇندىن كېيىن، پورتوگالىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ ئىككى توپچىسى ئاندرادې ۋە پائۇلېتا قوشۇلغان. ئەينى ۋاقىتتا راكرونىيا كۇلۇبىنىڭ رەئىسى لېندويرو بىلەن مېندىس تاكى ھازىرغا قەدەر ناھايىتى ياخشى مۇناسىۋەت ساقلاپ قالغان.



2012\2013-مۇسابىقە پەسىلىدە، راكرونىيە دەرىجە چۈشۈپ كېتىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەندە، مېندىس راكرونىيەدە ئاللىقاچان يەتتە ۋاكالەتچى خېرىدارغا ئىگە بولۇپ بولغان ئەھۋالدا، يەنە ئۈچ ۋاكالەتچى توپچىنى ھەقسىز ئىجارىگە بەرگەن ھەمدە لېندويروغا ئەسلىدىكى ترېنېر ئورتىرانىڭ قول ئاستىدىكى پاشئىنشىئانى ئىشلىتىش تەكلىپىنى بەرگەن. مېندىس ئەينى ۋاقىتتىكى راكرونىيە كۇلۇبىنى ئاساسەن دىگۈدەك ئۆز ئالقىنىدا كونترول قىلغان.



18 يىلدىن كېيىن، مېندىس ياردەم قىلغان نۇنو ۋالۇنسىياغا باش ترېنېر بولغان. ئۇ مېندىس بىلەن دوستانە بېرىش- كېلىش قىلىش ئۈچۈن، مېندىسنىڭ قول ئاستىدىكى ئۈچ ياش توپچىنى ئىجارىگە ئالغان. 2002-يىلى پورتو كۇلۇبىنىڭ رەئىسى داننى داكوستا فېيگونىڭ ۋاستىچىسى ۋېگانىڭ تەسىر كۈچىنى ئاجىزلىتىش ئۈچۈن، مەقسەتلىك ھالدا مېندىسنى يۆلىگەن. ۋىگا ئىلگىرى لىيۇكسۇمبۇرگ بانكا كەسپىنىڭ دېرىكتورى بولغان، ئىزچىل ئۆزىنىڭ ئورنىنى مۇقىم دەپ قاراپ كەلگەن. 2002-يىلى لىسبون ئايرودرومىدا ۋىگا ۋە مېندىس ئوخشاش بىر ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ، ئىككىسى ئايروپىلاندىلا ئۇرۇشۇپ، ئۆزئارا مۇش ئېتىشىپ كەتكەن. مېندىس ۋىيانا، كۇئارىسما، رونالدو قاتارلىقلارنى ئۆز يېنىغا تارتىپ چىققان. ئەڭ مۇھىم بولغىنى ئۇ باشقا ۋاستىچى خوسى بېدرىك قول ئاستىدىن بىر خېرىدارنى تارتىپ چىققان. بۇ خېرىدار دەل مورىنھو بولۇپ، مېندىسنىڭ دەۋرى شۇندىن باشلانغان.



مورىنىھو ئەسلىدە لىۋېرپولغا ترېنېر بولۇشنى ئويلىغان، لىۋېرپول ئۇنىڭ ئارزۇسىدىكى كۇلۇپ ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. ئەمما مېندىس مورىنھونى بويسۇندۇرۇپ، ئۇنى لوندوندا تېخىمۇ كۆپ بايلىق ۋە ئەركىنلىك بارلىقىغا ئىشەندۈرگەن. 2004-يىلى مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا رونالدونىڭ لىسبوندىن مانچېستىر بىرلەشمىسىگە يۆتكىلىش سودىسىنى يۈرۈشتۈرگەندىن كېيىن، مېندىس ئۆزىنىڭ ئىككىنچى پىلانىنى لاھىيەلىگەن.



2004-يىلى 4-ئاينىڭ 19-كۈنى، پورتونىڭ شىمالىدىن 40 كىلومېتىر كېلىدىغان ئورۇندىكى ۋىئانادىكى كامېلو رېستۇرانىدا، تۆت ئادەم تۆۋەن ئاۋازدا تاماق يىگەن، ھەتتا بۇ رېستۇران مۇشۇ تىجارەتنى توختاتقان. بۇ تۆت ئادەم چېلسىنىڭ خوجايىنى ئابلاموۋىچ، چېلسىنىڭ CEO سى كېنيون، پورتونىڭ باش ترېنېرى مورىنىھو ۋە مېندىس بولۇپ، بۇ ئۇچىرىشىشنى تەشكىللىگۈچى مېندىس بولغان. ئىككى كۈندىن كېيىن، مورىنىھو پورتونى يىتەكلەپ راكرونىيە بىلەن بولغان مۇسابىقىگە تەييارلىنىش ئالدىدا تۇرغاندا، ئابلاموۋىچ ئۇنىڭ بىلەن ئۇچراشقان. ئابلاموۋىچ كېيىن 6 مىلىيون ياۋرو چىقىرىپ مورىنىھونى تەكلىپ قىلغان، بۇ تارىختىكى ئەڭ قىممەت ترېنېر يۆتكىلىشى بولغان.



2004-يىلى دېكو پورتوغا ياردەم قىلىپ ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، بارسىلونا دېكوغا ئېرىشمەكچى بولغان، دېكونىڭ مائاش تەلىپىدە ئىككىلىنىپ قالغان. نەتىجىدە مېندىس « سىلەر ئۇنىڭغا 2 مىلىيون ياۋرو مائاش بېرىڭلار. ناۋادا ئۇ روجىستوۋغىچە ياخشى ئوينىيالمىسا، مەن ئۇنى 22 مىلىيون ياۋرو ئەسلىدىكى باھادا باشقا كۇلۇپقا سېتىپ بېرەي. ناۋادا ئۇنىڭ ئىپادىسى ياخشى بولسا سىلەر 5 مىلىيون ياۋرو مائاش بېرىڭلار. »دىگەن . دېكو بارسىلونادا مۇۋاپىقىيەت قازانغان، 2005-يىلى1-ئايدا بارسىلونا دېكو بىلەن توختاملاشقان.



2008-يىلى ياۋروپا لوڭقىسىدا، مېندىس پورتوگالىيەدىكى بارلىق دۆلەت كوماندىسى ئەزالىرىنىڭ ۋاستىچىسى بولغان. 23 كىشلىك تىزىملىكتىكى، 16 ئادەمنى مېندىسنىڭ قول ئاستىدىن تاللانغان، پورتوگالىيەنىڭ باش ترېنېرى سىكولارىنىڭ ۋاستىچىسىمۇ مېندىس بولغان. 2007-يىلى مورىنىھو 27 مىلىيون ياۋرو تۆلەم ھەققىنى ئېلىپ چېلسىدىن ئايرىلغان، ئەمما مېندىس يەنىلا ئابلاموۋىچ بىلەن ياخشى مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ قالغان. شۇڭا بىريىلدىن كېيىن، مېندىس مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا ئۆزىنىڭ خېرىدارى سىكولارىنى چېلسىغا يۆتكەپ كەلگەن. 2013-يىلى مېندىس يەنە مورىنىھونى چېلسىغا قايتۇرۇپ كەلدى. ئۇنىڭ ئابلاموۋىچ ۋە فىلورىندىنو بىلەن ئالاھىدە يېقىن مۇناسىۋىتى بار.



ئەمىلىيەتتە، مېندىس مورىنىھونىڭ ئېنتىردىن ئايرىلىپ خان مادىرىدقا قوشۇلىشىدىكى ئەڭ چوڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ. مورىنىھو ئېنتىرغا ترېنېر بولغان مەزگىلدە مورىنىھو دىكو، كارۋالھونى يۆتكەپ كەلگەن، ئەمما ئېنتىر سىنېيدىر، لۇسىئونى تاللىغان، مېندىس دېكو بىلەن كارۋالھونىڭ سودىسىدا پايدىغا ئېرىشەلمىگەن، ئۇ مورىنىھونى ئېنتىردىن يۆتكەپ كېتىشنى قارار قىلغان ھەمدە ئەڭ ئاخىرىدا بۇنى ئەمىلىيەتتە ئىسپاتلىغان. مورىنىھو خان مادىرىدقا يۆتكەلگەن. مېندىس ئېمپىرىيەسىنىڭ تارىخى سودىسى شۈبھىسىزكى رونالدونىڭ 96 مىلىيون ياۋرولۇق تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى باھادا خان مادىرىدقا قوشۇلىشى، بۇ يۆتكىلىش مېندىسنىڭ باھا قويۇش ھوقۇقىغا ئاساس سالغان. فۇرگوسېن ئىلگىرى رونالدونى خان مادىرىدقا سېتىپ بەرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، ئەمما مېندىسنىڭ سودا يۈرۈشتۈرىشى بىلەن فۇرگوسىن ئىلاجىسىز رونالدونى خان مادىرىدقا سېتىپ بەرگەن. مورىنىھو ۋە رونالدو ئىككىسىگە ئىگە بولغان مېندىس كەسپىي ھاياتىنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە يەتكەن.



مېندىسنىڭ پۇتبول ساھەسىدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق ۋاستىچىگە ئايلىنىشىدىكى سەۋەب بولسا ئۇ تالانتى بار توپچىغا ياردەم قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئۇنى تېخىمۇ ياخشى توپچىغا ئايلاندۇرىدۇ، بۇنداق بولغاندا تېخىمۇ كۆپ پۇل تاپقىلى بولىدۇ. رونالدونىڭ پۇتبول ساھەسىدىكى ئەڭ سودا قىممىتى بار چولپانغا ئايلىنىشىدا، مېندىسنىڭ تۆھپىسى ئاز ئەمەس. مېندىس رونالدودىن پايدىلىنىپ خان مادىرىدتىن تېخىمۇ كۆپ پايدىغا ئېرىشىش ئۈچۈن، ئۇ ئىلگىرى رونالدونىڭ خوشال بولماسلىق ئىشلىرىنى پىلانلاپ فىلورىندىنوغا بېسىم قىلغان. فىلورىندىنو ئەڭ ئاخىرىدا رونالدوغا مائاش قوشۇپ بېرىپ، ئۇنىڭ پۇتبول ساھەسىدىكى ئەڭ يۇقىرى مائاشلىق توپچىغا ئايلىنىشىغا بويسۇنغان. رونالدونىڭ مائاشى 18 مىلىيون ياۋروغا ئۆسكەن، مېندىس رونالدونىڭ مائاشىدىن تېخىمۇ كۆپ پىرسەنىت ئايرىش پايدىسىغا ئېرىشكەن.



مېندىس يەنە رونالدونىڭ ھەرخىل سودا ۋاكالەتچىسى بولۇپ كىرىمىنى ئاشۇرىشىغا كۈچىگەن، رونالدونىڭ ئالدىنقى پەسىللىك كىرىمى مائاش+ مۇكاپات بولۇپ 52 مىلىيون دوللارغا يەتكەن، سودا ۋاكالەتچىلىك كىرىمى 28 مىلىيون دوللار بولۇپ، جەمئىي كىرىمى 80 مىلىيون دوللارغا يىتىپ، پۇتبول ساھەسىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان، مېسسى 2-ئورۇندا تۇرغان، ئۇنىڭ يىللىق كىرىمى 64 مىلىيون 700 مىڭ دوللار بولغان. رونالدونىڭ ئېنگىلاندتىكى ئوبرازى« قۇرۇق سۆلەت، سۇغا سەكرەش ماھىرى» بولغان، ئەمما مادىرىدقا كېلىپ ھەرخىل پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىپ ئوبراز تىكلىگەن. مېندىس ھەتتا رونالدونىڭ ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا ئېرىشىتەك بۇنداق مۇھىم ئىشلارغىمۇ قول تىققان.



رونالدو ۋە مورىنىھوغا ئىگە بولغانلىقتىن، مېندىس بېرنابۇنىڭ «يوشۇرۇن خوجايىنى» غا ئايلانغان، باشقا توپچىلارمۇ يۇقىرى باھادا ئارقا-ئارقىدىن مادىرىدقا يۆتكىلىپ كەلگەن، پېپى 30 مىلىيون ياۋرو يۇقىرى باھادا مادىرىدقا كەلگەن. ئەينى ۋاقىتتىكى خان مادىرىدتتىكى باش ترېنېر مورىنىھو، بەدەن ترېنېرى فارىيا، رونالدو، دىمارىيا، پېپى، كونتراۋ ۋە كارۋالھو ھەممىسى مېندىسنىڭ خېرىدارى بولغان. خان مادىرىد مېندىس گوروھىدىكىلەر ئۈچۈنلا 205 مىلىيون ياۋرو خەجلىگەن، خان مادىرىد رەئىسى فىلورىندىنونىڭ« سامانيولى-2» قۇرلۇشىغا سالغان مەبلىغىنىڭ يېرىمىنى ئىگەللىگەن. مېندىس بۇنىڭدىن 35 مىلىيون ياۋرودىن ئارتۇق پايدىغا ئېرىشكەن.



مېندىسنىڭ قورقۇنۇچلۇق دەرىجىسىگە قايسى دەرىجىگە يەتتى؟ ئىسپانىيە تاراتقۇلىرى ئىلگىرى مورىنىھو ۋە مېندىس ئەينى ۋاقىتتىكى مېسسىنىڭ مۇللېرنىڭ توپ كىرگۈزۈش رىكورتىنى بۇزىۋەتكەن ۋاقتىدىكى مىسسىنىڭ تەسىر دائىرىسىدىنمۇ ئېشىپ كەتتى دەپ باھا بەرگەن. مېندىس چولپانلارغا ئىگە بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئاستا-ئاستا ھەرقايسى بىرلەشمىلەردىكى ئوتتۇرا-كىچىك كۇلۇپلارغا سىڭىپ كىرىپ، دەرىجە ساقلايدىغان كۇلۇبلارنىڭ قۇتقازغۇچىسىغا ئايلانغان. 2011\\2012- مۇسابىقە پەسىلى زاراگوزا دەرىجە چۈشۈپ كېتىش رايونىغا بېرىپ قېلىپ، مېندىس قول ئاستىدىن ئۈچ توپچىنى يۆتكەپ كېلىپ، ئۇلارنىڭ كۈچ قوشىشى بىلەن مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا دەرىجە ساقلاپ قالغان.



مېندىس نۇرغۇنلىغان زەردارلار ئېھتىياجلىق بولغان ئوبىيىكىت، ئۇ سانسىز توپچىلارنى كونترول قىلغان، ئەمما ئۇ ئاۋال سودىگەر ماھىيەتتە باشقىلار بىلەن ئوخشىمايدىغان يېرى يوق. 2010-يىلى مېندىسنىڭ ئويۇن ئوينىشى بىلەن مانچېستىر بىرلەشمىسى 9 مىلىيون ياۋرو خەجلىپ ھېچقانداق كەسپىي مۇسابىقە تەجىربىسى يوق پورتوگالىيەلىك بېبېنى يۆتكەپ كەلگەن، مېندىس بۇ سودىدىن 3 مىلىيون 600 مىڭ ياۋرو پايدىغا ئېرىشكەن. فۇرگوسېن كېيىن ئۆزىنىڭ ئىلگىرى بېبېنىڭ مۇسابىقىسىنى كۆرۈپ باقمىغانلىقىنى ئىتراپ قىلغان. بۇ خىل كۈچلەنگەن ئەھۋالدا، مېندىس مەلۇم ساھەلەرگە غەزەپلىنىشتىن ساقلىنالمىغان. مېندىس 2007-يىلى ۋە 2011-يىلى نانى ۋە بېبېنىڭ يۆتكىلىشىنى كونترول قىلغان. بۇ ئىككىسى مانچېستىر بىرلەشمىسىگە قوشۇلۇشتىن ئىلگىرى ئەسلىدىكى ۋاستىچىسىدىن ۋاز كەچكەن.



بېبې مانچېستىر بىرلەشمىسى تارىخىدىكى ئەڭ مەغلۇپ بولغان سودا، بېبې مانچېستىر بىرلەشمىسىگە قوشۇلغان تۆت يىلدا، ئاران ئىككى قېتىم زاپاس ئەزا بولۇپ مەيدانغا چىققان، ئەمما 9 مىلىيون باھادا يۆتكەپ كېلىپ، بۇ يىل يازدا 3 مىلىيون ياۋرو باھادا بېنفىيكاغا سېتىپ بەردى. بېبېنىڭ يۆتكىلىشى، مېندىسنىڭ توپچىنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقىغا ئىگە بولۇش سودا يۆنىلىشىنى قوزغاتتى. مانچېستىر بىرلەشمىسى بېبې ئۈچۈن 7 مىلىيون 400 مىڭ فونېستىرلىڭ يۆتكىلىش ھەققى تۆلىدى، مېندىسنىڭ GestiFute شىركىتى 2 مىلىيون 870 مىڭ فونىستىرلىڭغا ئېرىشتى. ئادىرىئان بۇ يىل يازدا مادىرىد رىقابەتتىن پورتوغا يۆتكەلگەن ۋاقىتتا، پورتو 8 مىلىيون 700 مىڭ چىقىرىپ ئۇنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقىغا ئېرىشتى، قالدى 40% ئىگىدارلىق ھوقۇقىغا GestiFute شىركىتى ئىگە بولدى.



2012-يىلى 5-ئاينىڭ 18-كۈنى، پورتوگالىيە پارلامېنتىنىڭ خوجىلىق ئىشلىرى مىنىستىرى مېندىسقا تەنتەربىيە تۆھپە ئوردىنى تارقاتتى. بۇ دەل ئەقىللىق مېندىس، بۇ كېچىلىك كۇلۇب، پىلاستىنكا سېتىش دۇكىنى خوجايىنى ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى، ئەقلىي ۋە توغرا مۆلچىرى ھەم كۈچلۈك بولغان سۆھبەتلىشىش ماھارىتىگە تايىنىپ ئۆزىنىڭ ۋاستىچىلىك ئېمپىرىيەسىنى قۇرۇپ چىقتى. ئۇنى ئابلاموۋىچ، فىلورىندىنوغا سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ، ئەمما ئۇ پۇتبول ساھەسى يۆتكىلىش بازىرىنى مونوپول قىلغان. بۇ دەۋردە مورىنىھو، رونالدو، مېندىس پورتوگالىيە پۇتبولچىلىقىنىڭ پەخىرىگە ئايلانغان. ئەمما مېندىس كونترول قىلغان توپچىلار بارغانسىرى كۆپەيگەنسىرى، ئۇنىڭ كۇلۇبقا بېسىم قىلىشىنىڭ ئېھتىماللىقىمۇ بارغانسىرى چوڭىيىدۇ، بۇ خىل خەۋپنى فىلورىندىنو ئاللىقاچان ھېس قىلىپ بولدى، مېندىسنىڭ كەلگۈسىدىكى ۋاستىچىلىك ئېمپىرىيەسىنىڭ يۆنىلىشى قانداق بولىدۇ؟


مەنبەسى : نۇر تورى



پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-9-17 20:06:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنىڭ قولى يەتمەيدىغان سودىلار ئازكەن ، داڭلىق چولپانلارنىڭ كۆپ قىسمى مۇشۇنى قولى ئارقىلىق يۆتكىلىدىكەن .
بۇ توغۇرلۇق مەنمۇ بىر تىما يوللىغان ،/thread-44765-1-1.html
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-9-17 20:06:47 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېندىز توغرىسىدا خېلى ياخشى چۈشەنچىگە ئىگە بولدۇم…
راكىرۇنىيە ئەمەس لاكۇرۇنىيە…
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-9-17 20:12:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نۇرتورى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-9-17 20:13:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت تەشەككۈر  خوددى بىر شەخىسنى چۈشەندۇرگەن بەدىئي كىنو كۆرگەندەكلا بولدۇم ....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-9-17 20:27:58 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نۇرىكامنىڭ خەۋىرىكەن بۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-9-17 20:31:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-9-17 21:00:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت!
بەكلا كۇچەپسىىز.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-9-17 21:29:25 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەجەپ مىسىى يوق ئىكەنيا؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-9-17 21:53:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
7RoNALDo يوللىغان ۋاقتى  2014-9-17 21:29
ھەجەپ مىسىى يوق ئىكەنيا؟

يوق ئادەمنىڭ گېپىنى قىلمايلى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-9-17 22:11:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋىس يوللىغان ۋاقتى  2014-9-17 21:53
يوق ئادەمنىڭ گېپىنى قىلمايلى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-9-17 22:12:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
7RoNALDo يوللىغان ۋاقتى  2014-9-17 21:29
ھەجەپ مىسىى يوق ئىكەنيا؟

ماۋۇنىڭ بارسا بىلەن خۇشى يوقكەن
مۇشۇنداقلا چۈشەنمەمسىز
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-5-10 20:10

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش