akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1193|ئىنكاس: 24

ئېلشات غەيرەت قىلىڭ سىز يالغۇز ئەمەس....

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
[size=4]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى مۇشۇ ۋاقتىڭلار خەيرىلىك بولسۇن .
ھەممىمىزگە ئايان مۇشۇ كۈنلەردا ئۇيغۇر پۇتبولچىمىز ئېلشاتنىڭ  بېشىغا كەلگەن ئىش ھەممىزنىڭ كۆڭلىنى  قاتتىق يېرىم قىلدى .  بۇنداق ئىش ھەرقانداق كىشىنىڭ بېشىغا كىلىشتىن ئاللاھ ساقلىسۇن .بايام تور ئارلاۋىتىپ ئېلشات ئۈچۈن ئۇيۇشتۇرغان قارماي دوسلۇق پۇتبول مۇسابقىسى فىلىمنى كۆرۈپ كۆڭلۈم بەكلا يېرىم بولدى . بىراق  ئەنە شۇ
سۈيۈملۈك قېرىنداشلىرىمىزنىڭ شۇنچە ئىشلارنى قىلىپ ئېلشاتنىڭ تېزراق ئەسلىگە  كېلىشى ئۈچۈن   قۇلىدىن  كېلشىچە ياردەم قىلغانلىقى كۆرۈپ كۆڭلۈم  بەكلا سۈيۈنۈپ كەتتى  رەھمەت سىلەرگە قېرىنداشلىرىم .... ئېلشات پۇتبولچى بولسۇن بولمىسۇن   باشقا ھەرقانداق بىر قېرىندىشىمىز بولسىمۇ ھەر ساھەدىكى كىشىلىرىمىزنىڭ قاراپ تۇرماي ئوخشاشلا  قۇلىدىن كىلىشىچە ياردەم قىلىشىغا ئىشىنىمەن. تۆۋەندىكى فىلىمنى كۆرۈپ شۇنى ھېس قىلدىمكى  بىز ھەرگىز يالغۇز ئەمەس سىلەردەك قېرىنداشلىرىمىزنىڭ مانا مۇشۇنداق كۈيۈپچانلىقى بولسىلا بۇنىڭدىن ئارتۇق بەخىت بۇنىڭدىن ئارتۇق خۇشاللىق بولماس .....فىلىم ئاخىرىدىكى ئېلشاتنى كۈرۈپ   كۈزۈمدىن ئىختىيارسىز ياش چىقىپ كەتتى .   ئازاپنى ئاللاھ بەرگەن بىلەن شىپاسىنىمۇ يەنە شۇ ئاللاھ بېرىدۇ..  ئېلشات غەيرەت قىلىڭ  سىز ھەرگىز يالغۇز ئەمەس ، سىزنىڭ تېزراق ساقىيىپ يېشىل مەيدانغا مەغرۇرانە قايتىپ كېلىشىڭىزنى بارلىق قېرىنداشلىرىڭىز تۆت كۆزى بىلەن ساقلاۋاتىدۇ ... سالامەتلىكىڭىزنىڭ تېزراق ئەسلىگە كىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن ...غەيرەت قىلىڭ..   بارلىق ئېلشات ئۈچۈن جاپا چەككەت كېرىنداشلارغا كۆپ تەشەككۈر  رەھمەت سىلەرگە ئاللاھ ئىشلىرىڭلىنى ئۇتۇقلۇق تىنىڭلارنى سالامەت قىلسۇن  كۆپ تەشەككۈر ...[/
size]



بۇ فىلىم يوللىنىپ بولغان بۇلىشى مۇمكىن بىراق ئېلشاتقا ياردەم  قۇلىنى سۇنغان قېرىنداشلارغا رەھمىتىمنى بىلدۈرۈش  نىيتىدە  يوللىدىم باشقۇرغۇچىلارنىڭ تەستىقلاپ قۇيىشىنى  ھېچ بولمىغاندا بۈگۈن كەچكىچە بولسىمۇ مۇنبەردە تۇرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن .

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-9-17 18:07:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   تاڭنۇر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-17 18:28  

بۇ فىلىمنى ھازىر كۆرۈپ بولدۇم ، شىنجاڭ خەلقىنىڭ مىھىر مۇھەببىتنىڭ چەكسىزلىكىنى ، ساخاۋەت روھىنىڭ چەكسىزلىكىنى ، ھىس قىلىش بىلەن بىرگە بىرگە مىھماندوس قارماي خەلقىگە  ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمەن ،
قېرندىشىمىز ئىلشاتنىڭ غەيرەتلىك بولۇپ كىسەل ئۈستىدىن غالىپ كېلىپ يىشىل مەيدانغا قايتىپ خەلقىمىزنىڭ ئۈمۈدىنى ئاقلىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن .

غەيرەت قىل ئىلشات ، ئاللاھ كىسىلىڭگە شىپالىق بەرسۇن ، ساخاۋەتچى خەلقىمىزنىڭ شىپالىق يامغۇرى سېنىڭ چاڭقاق دىلىڭنى ھەر ۋاقىت  سۇغۇرۇپ تۇرىدۇ .


ئۇيغۇر يۈرىكى


ئۆي ئۆرۈلۈپ بولسىمۇ ۋەيران ،
مۇھەببەتلىك يۈرەك ئۆلمەيدۇ .
نەرە تارتىپ كەلسىمۇ كەلكۈن ،
زىمىن چۆكۈپ مىھىر چۆكمەيدۇ .

ئۇيغۇردا بار ئاشۇنداق يۈرەك ،
ئۆزى ئۈچۈن سوقمايدۇ پەقەت .
تامچە سۇدىن ياسايدۇ ئېقىن ،
قاندا بولغاچ مىھىر – مۇھەببەت .

قول تەڭلىگەن يىتىم قاراقسىز ،
ساخاۋەتتىن تاتلىق كۈلىدۇ .
مۇھەببەتلىك ئۇيغۇر يۈرىكى ،
بارچە تەندە بىللە سوقىدۇ .

بەلكىم ئەستىن چىقىدۇ مۆلۈك ،
مۆھۈر بۇلۇپ يادلىنار ئۆملۈك .
بولۇپ ئەلگە مىھىر- سايىۋەن ،
ئۇيغۇر بىلەن چاقنايدۇ ئۆزلۈك .

مىھىر بىلەن ياشايلى شۇنداق ،
سۆيگۈمىزگە جۆر بولسۇن ئالەم .
دۇنيا تۈگەپ ئاخىرەت كۈنى ،
ئەسقاتمايدۇ ئادەمگە ئادەم .

خەيرۇللا قۇربان < تاڭنۇر > بۆرتالا

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 4مۇنبەر پۇلى +250 يىغىش سەۋەبى
ماتروس + 50 قالتىس!
ئەلبارىس + 100 قالتىس!
تۈرۈك2 + 50 قالتىس!
ئابلەتجان + 50 ئۇيغۇر ساداسى!!!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-9-17 18:08:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاۋۋال ئاللادىن ئىلشاتقا سالامەتلىك تىلەيمىز...
مانا بۇ ھەممىمىز كۈتكەن پۇتبول روھى... ئۇ ئاللىقاچان تەنتەربىيە كاتىگورىيەسىدىن ھالقىپ كەتتى، ئادىمىيلىك، مېھىر - مۇھەببەت ئۇنىڭ مەڭگۈ ئاساسىي مېلودىيەسى...

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +50 يىغىش سەۋەبى
پەرۋەر + 50 قوللاش!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-9-17 18:15:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ فىلىمنى كۆرۈپ بەكمۇ تەسىرلىندىم، مىھىر-شەپقەت ئىشلىرىنىڭ ئۈزلۈپ قالماسلىقىنى، قىرىندىشىمىز ئىلشاتنىڭ تىزرەك ساقىيشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-9-17 18:16:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر پۇتبولنى 2000 يۈەنگە، 1500 يۈەنگە سېتىۋالغان كۆرۈنۈشلەرنى كۆرۈپ كۆزۈمگە ياش كەلدى... ئۇ بىر توپ ئەمەس ئىلشاتقا بولغان كۆڭۈل، مىللىتىمىزنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتى... ئاپىرىن!!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-9-17 18:16:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر پۇتبولنى 2000 يۈەنگە، 1500 يۈەنگە سېتىۋالغان كۆرۈنۈشلەرنى كۆرۈپ كۆزۈمگە ياش كەلدى... ئۇ بىر توپ ئەمەس ئىلشاتقا بولغان كۆڭۈل، مىللىتىمىزنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتى... ئاپىرىن!!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-9-17 18:16:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەجەپ تەسىرلەندىم ،  دۇنيا مىھرى- مۇھاببەت بىلەن گۈزەلدۇر....................
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-9-17 18:33:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىھسان مايچىلىقى ۋە باشقا بارىلىق مىھىر-مۇھەببەتلىك قۇلىنى سۇنغان قېرىنداشلىرىمىزغا ئاللاھ ئەجىرىنى بەرگەي
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-9-17 18:40:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاڭنۇر يوللىغان ۋاقتى  2014-9-17 18:07
بۇ فىلىمنى ھازىر كۆرۈپ بولدۇم ، شىنجاڭ خەلقىنىڭ مىھىر  ...

باركاللا ،  ، ناھايىتى ياخشى يېزىپسىز قېرىندىشىم
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-9-17 18:43:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھدىن ئىلشاتنىڭ كىسىلىگە شىپالىق تىلەيمەن ، مېھىرلىك كۆڭۈللەرگە ئاپىرىن ، بىزدىكى مېھىرى-شەپقەت ۋە ئۆملۈك مەڭگۈ ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-9-17 18:51:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-9-17 19:09:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بولۇپمۇ  ئاخىرىدىكى  كۆرۈنۈشنى  كۆرۈپ يىغلاپ  تاشلىغىلى  تاسلا  قالدىم . ئاللادىن ئۇقىرىندىشىمىزغا  ئاسانلىق تىلەيمەن .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 19:38

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش