تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

پۇتبول كۇلۇبى

نىيە ۋاسكىتبول كۇلۇبى
كۆرۈش: 1760|ئىنكاس: 50

ۋانگال ئېنگلاندتا سامان يولى جەڭ كىمىسى كوماندىسىنى قۇرماقچى.

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەلبارىس تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-17 12:40  

شىنلاڭ تورى خەۋىرى:  ئېنگىلاند زەردارى مانچېستېر بىرلەشمىسى بۇ يىل يازلىق يۆتكۈلۈش بازىرىدا 150 مىليون فونىستېرلىڭ خەجلەپ دىمارىيا، لوكا شوۋ، فالكاۋ قاتارلىق داڭلىق پۇتبۇلچىلارنى قوشۇۋالغان بولۇپ، مانچېستېر بىرلەشمىسى بۇ يىل توپچى يۆتكەشكە سەرپ قىلغان پۇل ئىلگىرىكى ئۈچ يىل ( ئالتە يۆتكۈلۈش بازىرى ) دا سەرپ قىلغان پۇل بىلەن تەڭ نىسبەتتە بولۇپ مانچېستېر تارىخىدىكى ئەڭ كۆپ پۇل خەجلىگەن يىل بولۇپ قالغان. لىكىن بۇ يىل يۆتكىگەن توپچىلار مانچېستېر يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەرنىڭ ھەمدە تىرىنىر ۋانگالنىڭ نەپسىنى قاندۇرمىغان.
U10994P6T12D7334980F44DT20140916124647.jpg
شۇڭا مانچېستېر بىرلەشمىسى كىلەر يىلى 56 مىليون فونىستېرلىڭ ( 70 مىليون ياۋرۇ ) چىقىرىپ خانلىق مادرىد توپچىسى كىرىستىيانو رونالدونى قوشۇۋالماقچى بولماقتا.
رونالدو زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا ئۆزىنىڭ ھامان بىركۈنى كونا ئائىلىسىگە قايتىدىغانلىقىنى ئېيتقان بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ سۆزى مانچېستېر بىرلەشمىسى ئۈچۈن بىر خوش خەۋەر بولغان. ئۇندىن سىرت رونالدو بىلەن فالكاۋنىڭ ۋاكالەتچىسى بىر ئادەم. ھازىر رونالدونىڭ ۋاكالەتچىسى مىندىس بىلەن مادرىد رەئىسى فىلورىنتونىڭ مۇناسىۋىتى ياخشى ئەمەس، بۇ ئىككىسى فالكاۋنىڭ يۆتكىلىش ئىشىدا بىرلىككە كىلەلمەي ئازارلىشىپ قالغان بولۇپ، دەل مۇشۇ مىندىسنىڭ تۆھپىسى بىلەن فالكاۋ مانچېستېر بىرلەشمىسىگە قوشۇلغان. شۇڭا مانچېستېر بىرلەشمىسى مىندىستىن پايدىلىنىپ رونالدونى يۆتكەپ كەلمەكچى.
ئەگەر رونالدو مانچېستېر بىرلەشمىسىگە قوشۇلسا مانچېستېر بىرلەشمىسى ئۇنىڭغا تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى مۇئاشنى بەرمەكچى. يەنى رونالدونىڭ ھەپتىلىك مۇئاشىغا بەش يۈز مىڭ فونىستېرلىڭ ( يىللىق مۇئاشى 24 مىليون فونىستېرلىڭ ) بەرمەكچى، مۇكاپاتى بۇنىڭ سىرتىدا.
لىكىن مانچېستېر بىرلەشمىسىنىڭ ئالدىدا چىلسى ۋە مانچېستېر شەھرىدىن ئىبارەت ئىككى رەقىبىمۇ رونالدونى قوشۇۋالماقچى.
بۈگۈنكى يىڭى خەۋەرگە ئاساسلانغاندا مانچېستېر شەھرى 60مىليون فونىستېرلىڭ چىقىرىپ رونالدونى قوشۇۋالماقچى بولغان، ئەگەر مانچېستېر شەھرى رونالدونى قوشۇۋالسا ئۇلار رونالدونىڭ ھەپتىلىك مۇئاشىغا 600مىڭ فونىستېرلىڭ بەرمەكچى بولغان.
ئەگەر مانچېستېر بىرلەشمىسى ئۇزغۇنلۇققا قاتنىشىش سالاھىتىگە ئېرىشەلمىسە رونالدو بەلكىم مانچېستېر شەھرىگە بىرىشى مۈمكىن.
ۋاقتى: 2014-9-17 13:51:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇمشۇق يوللىغان ۋاقتى  2014-9-17 13:40
خازاردنى ئەكىلەلەيدىغان ئىش بولسا رونالدو كەتسىمۇ بە ...

ئالدىنقى قىتىم بىر تىمىغا قارسام مادرىتلىقلار خارازاد رونالدۇنىڭ قولىغا  سۇ قويوپ بىرەلمەيدۇ...خارازادنىڭ مادرىتقا كىرىكى يوق دەپتۇ....خارازاد قانچە ياش رونالدۇ قانچە ياش شۇ كاللىسغا كەلمىگەنمىدۇ دەيمەن...
خارازاد  24ياشقا كىردى..  ئاز  كەم  دىگەندە مۇشۇ تالانتى بىلەن يەنە 4-5يىل تالانتىنى جارى قىلدۇرغىدەك كۈچ بار...
رونالدۇ 30ياشقا كىردى..ئۇنىڭ جىق بولسا ئەمىلى كۈچىنى  يەنە كۈرسەتكىدەك  2يىل ماھارىتى بار..ئاندىن   يىشى چوڭىيىپ كۈچىنى كۈرسىتىشتىن قالىدۇ...فۇلۇلۇندىنىڭ يىراقنى كۈزلىشىمۇ توغرا...

خارازاد كىتىمەنلام  دەپ غەلۋا قىمىسىلام مادرىت مىليارد پۇل بەرسىمۇ ساتمايدۇ چىلىسى خارازادنى...
گەپ خارازاد ئۈزىدە...
ۋاقتى: 2014-9-17 17:30:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
60مىليۇنغا رونالدونىڭ بىر پۇتنى ئالامدىكەن؟قايسى كۈنىدىكى مۇسابىقدىكىدەك بىرسىنى شۇنداق بىر ئىتتىرىپ قويسىمۇ خەۋىرى نەچچە توننا گىزىتتە چىقىدىغان رونالدو ئاۋۇ،ئاشۇنداق گىزىتتىن 2نوسقا ساتسا 60مىليۇن دىگەن بايىلا چىقىپ بۇلىدىغان پۇل دەيمە.
ۋاقتى: 2014-9-17 12:28:50 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن گەپ قىلماي تۇراي ھە، خەۋەر بىلەن ئىنكاسلا ئوقۇي
ۋاقتى: 2014-9-17 12:33:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توۋا قوشماق مانچىستىرلا رونالدونى كىم ئارتۇق قىلغىلى تۇرۇپتىيا.
ۋاقتى: 2014-9-17 12:35:56 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
60مىليون     بەك بەك  ئازمۇ  قانداق  ؟
ۋاقتى: 2014-9-17 12:41:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۆتكەلگەندە ھە يۆتكۈلۈپتۇ دەيلى جۇمۇ
ۋاقتى: 2014-9-17 12:44:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قانچە يىلدىن كېيىن ئالىدىكەن 70 مىليونغا؟ يا ئىلان كىرىمىنى مادرىدقا بېرەمدىكەن
ۋاقتى: 2014-9-17 12:48:10 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
70مىليون ياۋرو بەك ئازغۇ  دىمارىيا دىن مۇ ئەرزان بوپ قالغۇدەكقۇ
ۋاقتى: 2014-9-17 12:50:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھە  دەپ قوياي ..
ۋاقتى: 2014-9-17 12:53:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چىلىسى خارازاد بىلەن  توختام ئۇزارتىش شۇنداقلام مائاشىنى كۇلۇپ بويىچە ئەڭ يوقىرى قىلىپ بىرىش  توغورلۇق خارازادنىڭ ۋاكالەتچىسى بىلەن سۈھبەتلىشىۋاتىدۇ...
بۇ ئىشلار رونالدۇنىڭ يۈتكىلىش مىش مىش خەۋىرى بىلەن موناسۋەتلىك....ئەگەر  رونالدۇ بوناۋۇدىن ئايرىلسا فۇلولۇندىنۇي بۇنىڭدىن ئەنسىرەپ كەتمەيدىغانلىقىنى ھەمدە چىلىسىدىكى خارازادنى بۇ ئۇرۇنغا  تولۇقلايدىغانلىقىنى ئىيتىپتۇ...
شۇڭا مورىنيۇ ئەنسىرەپ  ھازىر جىددى خارازادنى بار ئاماللار بىلەن تۇتۇپ قىلىش  تەييارلىقىنى قىلۋاتىدۇ..
ۋاقتى: 2014-9-17 13:00:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەتسىمۇ كەتسۇن ،مۇشۇ كەتسىلام مۇنبەرمۇ جىمىيدا،قۇرۇق دە-تالاشمۇ بولمايدۇ،ئۆز-ئارا ،ئازار-ئەزىيەتقىلىشمۇ توختاپلا قالسا بۇ يۇرت خاراكتېرلىق غەلبە
ۋاقتى: 2014-9-17 13:01:30 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۇز تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-17 13:04  

ھەر يىلى رونالدونىڭ پالانى كۇلۇبقا يۆتكەلمەكچى بولغىنى توغرىلىق بەش خەۋەر،رونالدونىڭ كۇلۇبتىكىلەر بىلەن ياكى تېرىنىر بىلەن، ياكى رەئىس بىلەن ئارازلىشىپ قالغانلىقى توغرىلىق بەش خەۋەر، رونالدونىڭ ئورنىغا پالانىنى ئەكىلىدۇ دېگەندەك بەش خەۋەر كۆرمىسەك، رونالدو رونالدو بولمايدۇ، بۇنداق خەۋەرلەرنى ئەستايىدىل ئوقۇپ، تېما ئىگىسىگە رەھمەت ئېيتىپ، كۈلۈمسىرەپ چىقىپ كەتسەكلا كۇپايە
ۋاقتى: 2014-9-17 13:05:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   XATKAR886 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-17 13:16  

كۆپ سۆزلىمەي ، ۋاقتى كەلسۇن .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|رەسىمسىز نۇسخا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

GMT+8, 2014-9-26 15:38 , Processed in 0.079738 second(s), 23 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش