تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

پۇتبول كۇلۇبى

نىيە ۋاسكىتبول كۇلۇبى
كۆرۈش: 2201|ئىنكاس: 53

‏مادرىدقا نېمە بولدى !!!!!!!

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-9-14 14:06:33 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئۇچقۇنى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-14 19:57  

‏ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەردىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىم ،كەمىنە ئەنھەردىن ھەممىڭلارغا چىن يۈرەكتىن سالاملەر يوللايمەن .

‏مەن بولسام مادرىد مەستانىسى ،ئەتىگەن ئوينالغان بىر شەھەردىكى ئەشەددى رەقىپلەرنىڭ مۇسابىقىسىنى كۆرۈپ ناھايىتى كۆڭلۈم يېرىم بولدى ،چۈنكى مەن ياخشى كۆردىغان خان جەمەتى مادرىد يېڭىلىپ قالدى ،مەن بۇ مۇسابىقىنى كۆرۈپ ناھايىتى ئەپسۇسلاندىم ھەم ھېس قىلغانلىرىمنى سىلەر بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن .

‏ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدە يېقىنقى ئىككى يېل جەريانىدا مادرىد ئاتلېتكا كوماندىسى ھەقىقەتەن كۈچلۈنۈپ ھەممە مەستانىلەرنى ھەيران قالدۇردى ،بىرلەشمە چېمپىيۇنلۇقنى قولغا كەلتۈردى ،ئۇنىڭدىن باشقا ئۇزغۇنلۇقتا ئىنگىلاد ،ئىتالىيەدىكى زەردار كۇلۇپلارنى يېڭىپ چىمپىيۇنلۇققىچە يۈگۈردى ،بىراق لوڭقىنى ئالالمىغان بولسىمۇ ھەقىقەتەن ھەممەيلەننى ھەيران قالدۇردى .
‏دۇنيادىكى زەردار كۇلۇپ بولغان بارسلونا ،خان مادرىد كۇلۇپلىرىغا زور تەھدىت ئېلىپ كەلمەكتە ،ئۇزغۇنلۇق ساھىبى بولغان مادرىد كوماندىسىنىمۇ بۇ پەسىل باشلانغاننىڭياقى ئارقا-ئارقىدىن بوغۇزلىۋەتتى.

image.jpg
‏خان مادرىد كۇلۇبى شۇنچە ئاجىزلاپ كەتتىمۇ؟
‏بۇ قېتىمقى يازلىق يۆتكىلىش بازىرىدا خان جەمەتى مادرىد كۇلۇبى بىرقىسىم ياش ماھرلارنى كوماندىغا قېتىۋالغاندىن باشقا ،يېشى بېرئاز چوڭ ماھىرلارنىمۇ قولدىن چىقىرىپ پۇلنىمۇ ئوبدان تېپىۋالدى.
‏دۇنيا لوڭقىسىدا مەرگەن بولغان جامېسنى ئەكىلىپ دىمارىيانى سېتىۋەتتى ،مادرىدنىڭ ئەڭ چوڭ خاتالىقى دەل مۇشۇ مادرىد كۇلۇبى پۇلنى دەپلا مەستانىلەرنى ئارماندا قويۇپ دىمارىيانى سېتىۋەتتى .

‏ئەتتىگەنكى مۇسابىقىدە خان مادرىد كۆز ئالدىدىكى غەلبىنى كەتكۈزۈپ قويدى ،مۇسابىقىدە جامېسنىڭ ئاقمىغانلىقىنى، 80 مېليۇن ئەمەس 10 مىليۇنغىمۇ يارىمايدىغاندەك تۇيغۇنى ھەممىڭلار ھىس قىلغان بولۇشىڭلار مۇمكىن ،بىراق ئۇ بالا تېخى 21 ياش ،مەيدان تەجىربىسىمۇ ئانچە يوق ،مەيداندا ئۇنىڭ بەك تەمتىرەپ پۇتىغا توپ چۈشسىلا رونالدو ،بېنزىما ئاكىلىرىغا ئالدىراپلا بېرىۋەتتىكەنلىكىنى كۆردۈڭلار ،مادرىدنىڭ ھۇجۇمى پەقەتلا ئۈنۈملىك بولمىدى دېيىشكە بولىدۇ .

‏بېنزىماغا كەلسەك بۇ بالىمۇ بەزىدە ھەقەقەتەن ھەممىنى ھەيران قالدۇرۇپ ،توپ دىگەننى ئۆتتۈرۋېتىدۇ ،ئاخشامقىدەك مۇسابىقىلەردە ئىپادىسى پەقەتلا ياخشى ئەمەس ،ئالدىدىكى توپلانى كەتكۈزۈپ قۇيۇپ يۈردى ، 70-مېنۇتتا يېڭى كەلداخۇننى مەيدانغا چۈشۈرگەن بولسىمۇ تازا ياخشى ئوينالمىدى ،ئاخشامقى مۇسابىقىدە خان جەمەتى مادرىد كۇلۇبىنىڭ ماھىرلىرى بېر-بېرې بىلەن پەقەتلا ماسلىشالمىدى .

ۋاقتى: 2014-9-14 15:52:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   missi2 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-14 15:54  

رىئال مادرىد بىرلەشمە باشلىنىپ 3ئايلانمىدا بىر ئۇتۇپ ئارقىمۇ-ئارقا 2مەيدان ئۇتتۇردى،1-ئايلانمىدا  ئۆز مەيدانىدا يېڭى دەرىجە ئۆرلەپ چىققان كوردىبانى 2-0نەتىجىدە ئۇتتى،2-ئايلانمىدا قارشى تەرەپ مەيدانىدا رىئال جەمئىيەت كوماندىسىدىن 2توپ ئۈستۈنلۈكتە تۇرۇپمۇ كەينى-كەينىدىن 4توپ يەپ ئۇتتۇرۋەتتى،ئاخشام ئۆز مەيدانىدا ئاۋال توپ كەتكۈزۈپ قويغان ئەھۋالدا رونالدونىڭ نۇقتا توپى بىلەن تەڭلىشىۋالدى،ئەمما كېيىنكى ۋاقىتلاردا رونالدو،بىل ، يەنە ھىلىقى جامىس رودرىگىس قاتارلىق قىممەتلىك ئەزىمەتلەردىن بىرەرسى نومۇرنى ئاشۇرۇش مەقسىتىگە يىتەلمىدى،بېنزىما ،كېيىن مەيدانغا چىققان پۇرچاقمۇ ئەسقاتمىدى،سەپ شەكلىدىن قارىغاندا ئوتتۇرا مەيدان كۆزنى چاقنىتىدۇ،ھۇجۇم سىپىدىكىلەر شەمشەردەك،مۇداپىئەگە قارىساق شۆلگەيلىرى ئاقىدۇ ھەۋەس قىلىپ باشقىلارنىڭ،مەشقاۋۇلىغا قارىسا ئالدىنقى پەسىللا يوغان قۇلاقنى كۆتۈرۈشكە قوماندانلىق قىلغان(باشقا تارىخلىرىنى ۋاراقلاپ يۈرمىسەممۇ بولار بۇ ئىتالىيەلىكنىڭ)
بۇلارغا يەنە بىر مادرىدنىڭ ئادەملىرىنى سىلىشتۇرۇش بىھاجەت،ئادەتتىكى بىر توپچىلاردىن تەشكىللەنگەن ،مۇنبەردە بەزىلەر ياراتماي ئوتانچىلار ،كۇلۇبنى مەسخىرە قىلغاندەك ماتلىتىكا دەپ قويۇشلىرى بار تېخى،
ئالدىنقى پەسىل بارسىلونانىمۇ ئۇچۇقدىغان،رىئال مادرىدمۇ بۇرنىغا يىگەن ئۇلاردىن.
بارسىلوناغا كەلسەك سېتىۋالغان ئەڭ داڭلىق ئادىمى ھازىر تاماشىبىن،يەنە شۇ بۇرۇنقى ئادەملەر ،يېڭى سىتىۋالغان ئادەملىرىدىن شۇ راكېتىچ ،ھىلىقى قېرى بىك،قالغانلىرى بارسىلونانىڭ شۇمتەكلىرىدىن تاللاپ چىققانلار ،ئەمما ماسلىشىش ئوبدان بولدى.گەرچە خاۋى يوق ،ئىنىستا بۇرۇنقىدەك بولمىسىمۇ. مىسسى بىلەن نىيمار ئوبدان ئەسقاتتى،مىسسى توپ ئۇرمىسىمۇ ئوتتۇرا ئالدى مەيداننى مالىماتاڭ قىلىپ سەپداشلىرىغا ئېسىل پۇرسەتلەرنى يارىتىپ بېرىۋاتىدۇ. بىلبائو ئاتلىتىكىمۇ كۈچلۈك كوماندا ،ئاخشام بارسىلونانى خىلى ئاۋەرە قىلدى ،62مىنۇت بولغاندا نىيمار چىقىپ بارسىلونانىڭ ھۇجۇمى تېخىمۇ كۆپىيىپ مىسسى ئىككىسى ماسلىشىپ 3نومۇر قولغا كەلتۇرۇلدى.ئاخشام مۇداپىئەدە ماسچىلانو بىلەن پىك ئوبدان ئەسقاتتى.
قارىغاندا  مېنىڭ خۇلاسەم ھازىرچە ‹‹ مادرىد ئەزالىرى ماسلىشىش ياخشى ئەمەس، ئەن دوختۇر ئىككى مۇھىم ئەزانى سىتىۋەتكەندىن كېيىن تەڭشەش،تەڭپۇڭلاشتۇرۇشلارنى سىناۋىتىپتۇ›› دىگەندە تاماملىنىدىغاندەك تۇرىدۇ.
ئىككى مەيدان ئۇتتۇرغان رىئال مادرىد،ئۇدا 3مەيدان ئۇتقان بارسىلوناغا يەنە35ئايلانما مۇسابىقە بار ،ئۇ تۈگەپ كەتسە يەنە بىر يېڭى پەسىل ،ئۇتۇش -ئۇتتۇرۇش كوماندىلارغا ھەردەم چاپلىشىپ ماڭىدۇ،يەنە بىلبائو ئاتلىتىكا،ۋالىنسىيە، ۋىللارىئال،مالاگا ،رىئال جەمئىيەت قاتارلىق كۇلۇبلارمۇ بولسا ئاتلىتىكىدەك ھەر پەسىل ئىككى زەردارنىڭ بېشىنى ئاغرىتىپ تۇرسۇن ،شۇنىڭدا ئىسپان بىرلەشمىسى تېخىمۇ قىزىيدۇ.
قېنى ئەتە بولۇپ باقسۇن.
ۋاقتى: 2014-9-14 14:18:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي ئەپسۇس ..... جامىسمۇ بۇشاپ كەتتى ئۆزىچىلا .......
ۋاقتى: 2014-9-14 14:19:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مادىرىدقا نېمە بولدى ؟  ( باش تېمىنى توغۇرلاپ قويۇڭ " نىم بولدى" دەپ يازمايمىز)  

مادىرىدقا نېمە بولاتتى، يېڭىدىن سەپلىگەن ئۈسكۈنىلىرى تازا ماسلىشالمايۋاتىدۇ، ئاز ۋاقىتتىن كېيىن ئۆزىنى تېپىۋالىدۇ.

ۋاقتى: 2014-9-14 14:22:22 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭچە   مادىرىتنىڭ   مۇداپىيەسى   سەل   داتلىشىپ   قاپتۇ……
     بېنزىمادىن   تاتىپ   مۇداپىيە   تۇردى  ئاخشام……
ۋاقتى: 2014-9-14 14:24:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ۋاقتى: 2014-9-14 14:26:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالدىنقى پەسىلنىڭ بىشىدىمۇ  مۇشۇنداق بولغان بۇلار شۇ ۋااقىتتا بارىسلونا بىلەن نۇمۇر پەرقى  8 نۇمۇرغا چىققان  كىيىن ئارقا-ئارقىدىن  نۇمۇر ئىلىپ يىتىشىۋالغان  بۇ پەقەت يىڭى ئەزالارنىڭ ئەنچىلودىنىڭ تاكتىكىسى بىلەن  ماسلىشالماسلىقىدا  لىكىن بۇ تاكتكىدا ئۆز قىلىپىغا چۈشۈپ قالسا  ما مەن دىگەنلەرمۇ  بىكار  ھى ھى دىربىگىچە ئەسلىڭنى تىپىش بولمىسا بارىسلونانىڭ ئاجىزلىغان  مادرىت بىلەن  ئوينىغاننىڭ نىمە لەززىتى  
ۋاقتى: 2014-9-14 14:30:35 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەرۋەر يوللىغان ۋاقتى  2014-9-14 14:24
تىما مەزمۇنىغا- يازغان تىمىڭىز تەھلىل تىمىسىغا ھىسابم ...

   ھەجەپ   چوڭ   سۈپەت   بوپ   كېتىپ   بارىسەن   جۇمۇ   يېقىندىن    بۇيان……
         ئۆيلەندىڭمۇ   يا ،،،،   ڭھ    ڭھ    ڭھ
ۋاقتى: 2014-9-14 14:30:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مادىرىتنىڭ ئوڭشىلىپ كىتىشگە ئىشىنىمەن
ۋاقتى: 2014-9-14 14:35:29 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     بەزى  ئەزالىدىمۇ مەسىلە بار كاسىللاسنىڭ ئىپادىسى بەكلا ناچارلىشىپ كىتىپتۇ ، جامىس مىنىڭچە مادرىدقا ماسكەلمەيدىكەن  بىلمۇ  بالدىرقىدەك ئەمەس ئەن پوداقتىن سۆز ئېچىشقىمۇ بولمايدۇ. تاكتىكىسىنى ئۆزگەرىتمىسە باسا بىلەن ئاتلىتكىغا كاركەلمەس بوپ كىتىپتۇ .
ۋاقتى: 2014-9-14 14:39:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خانلىق مادىردنىڭ ، مادىرد رىقابەتنن قورقۇش پىسخىكا كېسىلى ،بۇخىل روھى ھالەتنى چوقۇم تۈگىتىش كېرەك ، ۋاقىت ھەممىنى ئىسپاتلايدۇ ،
ۋاقتى: 2014-9-14 14:41:33 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساتىدىغاننى ساتماي ساتمايدىغاننى ساتتى لىكىن.   ئۇزغۇنلۇقنىڭ ئاخىرغىچە بەرداشلىق بىرشى تەس بولغۇدەك بۇيىل.      مەن مەسۇلىيىتنى تېرنىر بىلەن كاسىللاستىن كۆردۈم  كاسىللاسنىڭ ئىپادىسى بەك ناچارلىشىپ كىتىپتۇ ناۋاسنى ئاۋايلاپ ئولتىرامدىكى ئاۋۇ رەئىس ئەپەندىم
ۋاقتى: 2014-9-14 14:41:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇسابىقە خىلى ياخشى بولدى . بۇ يەردە ئۇتتۇرۇشقىلا ئەمەس مۇسابىقىنىڭ جەريانىغىمۇ قاراپ قۇيمىز . ئەڭ مۇھىم ئامىل قارشى تەرەپنىڭ ۋارتارسى شاش تۇرۇپ قويدى ،بىنزىمانىڭ كاللا توپى بىلەن بىلنىڭ ئىختىيارى توپنى تۇسۋەتكەندىلا  ھە بۇگۇن تەلەي بىزدىن قىچىپتۇ دەپلا بىلگەن . ئاتلىتكىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئەزەسى ئاردا ئىدى ، بۇگۇنمۇ ئاتلىتكىنىڭ قەھىرمانىغا ئايلاندى .

بايقى مۇسابىقە خەئۋرىنىدىكىتىمىدىمۇ دەپ قويدۇم  ، ئەنچىلودى  نۇمۇر كەينىدە قالغان ئەھۋالدا ، مەيداندا ئوتتۇرا مۇداپىيەچىدىن ئككىسى تۇلۇق تۇرسا ، ئىئىلى ھۇجۇمغا چىقىشچان ئاربىلويانى چۇشۇرۋىلىپ . ئوتتۇرا مەيداندىكى سېزىقتىن ئۆتمەيدىغان ۋارانىنى مەيدانغا چىقارغىنى قانداق چۇشۇنمىز ؟ مۇداپىيەنى تىخىمۇ كۈچەتىيمەكچىمۇ ؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|رەسىمسىز نۇسخا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

GMT+8, 2014-9-26 15:40 , Processed in 0.087715 second(s), 23 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش