ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 108 |
تۆھپىسى: سەر |
|
ئېنگىلاند ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتىن قارىغاندا مانچېستىر بىرلەشمىسى توپخۇمارلىرىنىڭ ئەڭ سېسىق نام چىقارغانلىقى ئېنىق. ئالدىنقى پەسىلدە جەمئىي 112 نەپەر قىزىل ئالۋاستى توپخۇمارى قولغا ئېلىنغان، 65 ئادەم ھاراق ئىچىپ جىدەل تېرىشقا چېتىلغان بولۇپ، ئىككىنچى ئورندىكى مانچېستىر شەھىرىدىن كۆپ ئېشىپ كەتكەن، مانچېستىر شەھىرىدىن 71 ئادەم قولغا ئېلىنغان.
لىۋېرپول ۋە ئارسىنال توپخۇمارلىرى ئىچىدە پۇتبول لۈكچەكلىرىنىڭ سانىمۇ ئالدىنقى بەشنىڭ ئىچىدە تۇرىدۇ.
مانچېستىر بىرلەشمىسى ئېنگىلاند بىرلەشمىسى رەت-تەرتىپىدە 14 ئورۇندا تۇرىۋاتىدۇ، ئېنگىلاند بىرلەشمىسىدە بىر مەيدانمۇ غەلبە قىلىپ باقمىدى، ئەمما ئۇلارنىڭ توپخۇمارلىرى ئېنگىلاند پۇتبول لۈكچەكلىرى رەت-تەرتىپىدە 1- ئورۇندا تۇرىدۇ.
ئېنگىلاند ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتىن قارىغاندا، 2013-2014-مۇسابىقە پەسىلىدە جەمئىي 112 نەپەر مانچېستىر توپخۇمارى قولغا ئېلىنىپ 1-ئورۇندا تۇرغان، 71 نەپەر مانچېستىر شەھىرى توپخۇمارى قولغا ئېلىنىپ 2-ئورۇندا تۇرغان، 67 نەپەر ئارسېنال توپخۇمارى قولغا ئېلىنىپ 3-ئورۇندا تۇرغان، 62 نەپەر ساندېرلەند توپخۇمارى قولغا ئېلىنىپ 4-ئورۇندا تۇرغان، 58 نەپەر لىۋېرپول توپخۇمارى قولغا ئېلىنىپ 5-ئورۇندا تۇرغان، دەرىجە چۈشۈ پەكتكەن نورۋىچنىڭ ئەڭ ئاز بولۇپ، ئاران تۆت ئادەم قولغا ئېلىنغان.
ئالدىنقى پەسىلدە مانچېستىر بىرلەشمىسى توپخۇمارلىرى يېڭى قەلئە توپخۇمارلىرىنىڭ ئورنىنى ئېلىپ ساقچىخانىنىڭ دائىملىق مېھمىنىغا ئايلانغان، ئۇلارنىڭ رەت تەرتىپى ئېنگىلاند بىرلەشمىسىدە تۆۋەن رەت-تەرتىپتە تۇرغان. قولغا ئېلىنغان 112 نەپەر مانچېستىر بىرلەشمىسى توپخۇمارى ئىچىدە 68 ئادەم كونا ترافوردتىكى مۇسابىقىدە قولغا ئېلىنغان، 43 ئادەم مېھمان مەيدان مۇسابىقىدە قولغا ئېلىنغان. قولغا ئېلىنغان توپخۇمارلار ئىچىدە 13 كىشى زوراۋانلىق قىلغان، 19 كىشى جەمىيەت تەرتىپىنى قالايمىقان قىلغان، ئۈچ كىشى مەيدان ئىچى ئەسلىھەلىرىنى بۇزغان، بىر ئادەم مەيدانغا باستۇرۇپ كىرگەن، يەنە ئۈچ ئادەم بېلەت ھايانكەشلىكى قىلغان.
گەرچە مانچېستىر توپخۇمارلىرى ئىچىدە پۇتبول لۈكچەكلىرىنىڭ سانى ئاشقان بولسىمۇ، ئەمما پۈتۈن ئېنگىلاند بىرلەشمىسى باشقۇرۇشىدىكى رايوندا 2273 ئادەمگە چۈشۈپ، 183 كىشى ئازلىغان، بۇ ئېنگىلاند تارىخىدا ئەڭ تۆۋەن رىكورت بولۇپ، 2000-2001- مۇسابىقە پەسىلى 4162 كىشىنىڭ يېرىمى قولغا ئېلىنغان. مۇسابىقىدىن چەكلەش تەرەپتە يېڭى قەلئە 1-ئورۇندا تۇرغان، ئۇلارنىڭ 127 نەپەر توپخۇمارى مەيدانغا كىرىپ مۇسابىقە كۆرۈشتىن چەكلەنگەن، دەرىجە چۈشۈپ كەتكەن كادىف شەھىرى توپخۇمارىدىن 93 كىشى مۇسابىقە كۆرۈشتىن چەكلىنىپ 2-ئورۇندا تۇرغان، چېلسىدىن 91 كىشى مۇسابىقە كۆرۈشتىن چەكلىنىپ 3-ئورۇندا تۇرغان، غەربىي ھامدىن 67 كىشى مۇسابىقە كۆرۈشتىن چەكلىنىپ 4-ئورۇندا تۇرغان، مانچېسىتر بىرلەشمىسىدىن 61 كىشى مۇسابىقە كۆرۈشتىن چەكلىنىپ 5-ئورۇندا تۇرغان.
|
|