ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 258 |
تۆھپىسى: سەر |
|
پۇتبول راستىنلا رەھىمسىز جەڭمۇ؟
ھەممە كىشى پۇتبول مۇسابىقىسىنى بىر مەيدان «ئىس- تۈتەكسىز جەڭ»، «رەھىمسىز جەڭ» دەپ قارايدۇ. شەخسەن مەنمۇ شۇنداق قارايمەن.
ئەمما پۇتبول مەيدانى شۇنچىلىك رەھىمسىزمىدۇ؟ پۇتبول تېپىۋاتقان توپچىلار شۇنچە رەھىمسىزما؟ ئۇلاردا ئادىمىيلىك ھېسىيات يوقمۇ؟
يۇقارقى سۇئاللارغا تۆۋەندىكى كۆرۈنۈشلەردىن جاۋاب تاپالايمىز ئەلۋەتتە.
1. ۋاراتارنىڭ ئايىقىنىڭ يىپى يېشىلىپ كەتتى، ئۇنىڭ قولىدا توپ بولغاچقا، ئاياقنىڭ بوغقۇچىنى چىگىش بىئەپ بولۇپ قالدى، شۇنداق ئەھۋالدا قارشى تەرەپنىڭ توپچىسى كېلىپ، ۋاراتارنىڭ ئاياق بوغقۇچىنى چىگىپ قويدى. ۋاراتار بۇ توپچى بىلەن قول ئېلىشقاندىن كېيىن، ئېتىياتسىزلىقتىن چەكلەنگەن رايون سىرتىغا چىقىپ كەتتى، بۇ چاغدا رىپىر پۇشتەك چېلىپ، قارشى تەرەپكە ئىختىيارى توپ قويۇپ بەردى. ئەمما قارشى تەرەپنىڭ جازا ئىجىرا قىلغۇچى توپچىسى توپنى تۆۋەن سىزىقتىن تېپىپ چىقىرىۋېتىپ، ۋاراتارغا توپ باشلاش ھوقۇقىنى قايتۇرۇپ بەردى.
2. قارشى تەرەپ ھوجۇم قىلىپ، چەكلەنگەن رايون ئىچىدە ئۆزى ئېتىياتسىزلىقتىن يىقىلىپ كەتتى، رىپىر نوقتا توپ ھۆكۈم قىلدى. توپچىلار چۈشەنچە بەرسىمۇ رىپىر قوشۇلمىغان ئەھۋالدا يىقىلىپ چۈشكەن توپچى كېلىپ، ئۆزىنىڭ ئېتىياتسىزلىقتىن يىقىلىپ كەتكىنىنى رىپىرغا چۈشەندۈردى. رىپىر ھۆكۈمنى ئۆزگەرتتى.
3. ئۈچىنچى كۆرۈنۈش توغرىلىق ئارقا كۆرۈنۈشنى بىلمەيدىكەنمەن، بىلىدىغانلار بارمۇ؟
4. توپچى قارشى تەرەپنىڭ توپ باشلىشى ئۈچۈن توپنى ۋاراتارغا تېپىپ بەرمەكچى بولغاندا، توپ ۋاراتارغا كىرىپ كېتىدۇ، رىپىر بۇ توپنى ئىناۋەتلىك ھېسابلايدۇ. ھەممەيلەن چۈشەنچە بەرسىمۇ ئۇنىمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن ھەممە توپچىلار بىردەكلىككە كېلىپ، قارشى تەرەپنىڭ ھېچقانداق توسالغۇسىز بىر توپنى كىرگۈزۈشىگە يول قويۇش ئارقىلىق، ئۆزلىرىنىڭ خاتالىقىنىڭ ئورنىنى تولدۇرىدۇ.
5. قالغىنىنى مەن دېمىسەممۇ ھەممەيلەنگەن تونۇش كۆرۈنۈشلەرغۇ دەيمەن
پۇتبول ئەسلى مۇنداق بولۇشى كېرەكمۇ قانداق؟
مەنبە: تور دۇنياسى ۋە مەن
|
|