تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

پۇتبول كۇلۇبى

نىيە ۋاسكىتبول كۇلۇبى
كۆرۈش: 1009|ئىنكاس: 47

تورداشلارغا يۇمۇر كەتتى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
1.  شاتكارنىڭ ساقچىلىق قىلىپ يۈرگەن ۋاقتلىرىكەن.شاتكار تۇرغان شەھەردە جىددى ئۇختۇرۇش چىقىپتۇ، مۇشۇ ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەنلەرنى قاتتىق جازالايدىغان. شۇنىڭ بىلەن شاتكار تۆت كوچىدا تۇسا ، يىراقتىن بىر يۈك ماشىنىسى ئىككى تەرەپكە ئىغاڭشىپ كىلىۋاتقان. شاتكارخىيالىدا مۇشۇنى بىر تۇتۇپ خىزمەت كۆرسىتەي دەپ ، ئاران تەستە توساپتۇ، قارىسا شوپۇر زەرەپشان ئىكەن. ئۇ غىققىدە مەس ئاران گەپ قىلىۋاتقان .
شاتكار سوراپتۇ؛ ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدەشكە بولمايدۇ ،بۇنى بىلمەمسەن؟
زەرەپشان دەپتۇ؛ بىلىمەن ، لىكىن مەن ھاراق ئىچمىدىم .
شاتكار؛ يالغان گەپ قىلما ، خۇھ قىلە تەكشۈرىمەن دەپتۇ.
‏شۇنىڭ بىلەن زەرەپشان خۇھ قىلسا ھاراق پۇرىماپتۇ،   ‏يە ھاراق ئىچتى دەپ چىقماپتۇ.
‏شاتكار؛ راست گەپ قىلە نىمە ئچتىڭ ؟ دىسە   زەرەپشان؛  ئاق ھاراق دەپتۇ.
شاتكار؛ ئەمىسە نىمدەپ پۇرىمايدۇ ؟ زەرەپشان؛ ساقچى ئەپەندىم، بۈگۈن چوڭ تەكشۇرۇش باركەن دەپ ئاڭلاپ ، ھاراقنى ئوكۇل قىلىپ كاسسامغا  ئۇرۋالغانتىم-دەپتۇ.
شاتكار  تۇرۇپ كىتىپ ،ھە بولدى گەپ قىلماي جىم كىتە ماڭ ،باشلىق ئاڭلىسا شوپۇرلانىڭ قوڭىنى  پۇراڭلا - دەپ تۇرۋالمىسۇن يەنە دەپتۇ.

2.كاككۇك11 تاكسىغا چىقىپ،چۈشەر چاغدا تاكسىچىنى تىللاپ قاپتۇ:ئادەمنى سەھرالىق كۆرۈپ قالغان ئوخشىمامسەن؟ ئون مىنۇت ماڭمايلا 104.6يۈەن بولۇپ كېتەمدا؟ توختاپتۇ ئالدامچى مەن ساقچىغا مەلۇم قىلىمەن دېسە. تاكسىچىنىڭ ئاچچىقى كىلىپ؛  موخو بەدبەخ! ياخشى قارا ئاۋۇ رادىئو قانىلى، ئاستىدىكى ھەق ھېساپلىغۇچ.

3.مەھمۇدىيە  ئەتىگەندەئورنىدىن تۇرۇپ ئايالىغا؛ مەن بىرچۈش كۆردۈم ،چۈشۈمدە ناھايتى چىرايلىق، ئىشچان، تەقۋا ئاياللارنى  100كويدىن چىرايلىق ئاياللارنى  50كويدىن ساتقىلى تۇرۇپتۇدەك دەپتۇ. ئۇنى ئاڭلىغان ئايالى :ئۇنداقتا مەندەك ئاياللارنىچۇ نەچچىدىن ساتقىلى تۇرۇپتۇ؟ دەپ سورىسا.
مەھمۇدىيە ئايالىغا  مۇنداقلا بىر قاراپ قويۇپ: سەندەك ئاياللارنى بىرياققا دۆۋلەپ قويۇپ بىر باغلىمنى بىر كويدىن ساتقىلى تۇرۇپتۇ دەپتۇ

4.ئابلەتجان يىڭى توي قىلغاچقا كۆپ ئىشلارنى بىلمەيدىكەن.بىر كۈنى ئايالى ھىجىيىپ كىرىپ؛ قاراڭ، ئىشتىن چۈشۈپ تاكسىغا ئولتۇرۇپ ئۆيگە قايتقانتىم، ماشىنىدىن بىر ئىشتان تىپىۋالدىم، ماڭا نەقلا كىلىدىكەن قاراڭ، ھەم بەك چىرايلىق ئىشتانكەن دەپتۇ. ئابلەتجانمۇ بەك ياخشى بوپتۇ دەپ كۈلۈپ كىتىپتۇ.
ئەتىسى ئابلەتجان بۇ ئىشنى خىزمەتداشلىرىغا دەپ بەرسە، بىر ئايال خىزمەتدىشى؛ ۋاي مەنمۇ دائىم قىممەت كىيىم ئالسام يولدۇشۇمغا شۇنداق دەپ ئۇنى ئالداپ قويىمەن دەپتۇ. بۇ گەپنى ئاڭلىغان ئابلەتجان؛ خەپ، خەپ كەچتە خوتۇننىڭ شامىلىنى يىغمىسام دەپ ئورنىدا پىرقىراپ كىتىپتۇ.

5. ئوۋچى312 نىڭ ئايالى سوراپتۇ؛ گاز ئوچاقنى كىم كەشىپ قىلغان بىلەمسىز؟ ئوۋچى312 ئايالىغا قاراپ قويۇپ؛ ماڭا ئوخشاش ھەر كۈنى سەھەردە ئايالى تەرىپىدىن ئويغۇتىلىپ، ئوچاققا ئوت قالايدىغان ئەر كىشى كەشىپ قىلغان دەپتۇ.

6.پەرۋەر ئۈرۈمچىگە ئابلەتجاننى يوقلاپ كەپتۇ. ئىككەيلەن چوڭ بازارنى ئايلىنىپ يۈرسە بىر ئادەم كىلىپ ئابلەتجان بىلەن كۆرۈشۈپ كىتىپ قاپتۇ. پەرۋەر سوراپتۇدە " ئۇ چىما؟" ئابلەتجان بىر قوشنام دەپتۇ، يەنە بىرئاز ماڭغاندىن كىيىن يەنە بىر ئادەم كىلىپ ئابلەتجان بىلەن كۆرۈشۈپ كىتىپ قاپتۇ، پەرۋەر يەنە  " ئۇ چىما؟ " دەپ سوراپتۇ.ئابلەتجان  " خىزمەتدىشىم " دەپ جاۋاپ بىرىپ، " پەرۋەرجوووون، ئۈرۈمچىدە چىم دىمەيمىز كىم دەيمىز " دەپتۇ. پەرۋەر " ھە، بىلىۋالدىم " دەپتۇ.
ئەتىسى ئىككەيلەن سۇ ئۈستى باغچىسىغا بىرىپتۇ. باغچىدىكى ياپيىشىل چىملارنى كۆرگەن پەرۋەر پىشانىسىگە بىرنى ئۇرۇپ " ۋاي-ۋۇي، نىمىدىگەن چىرايلىق كىملە بۇ " دەپتۇ.

7.تۇرغۇنجان يىڭى بازاردا ئوتتۇرا ياشلىق ئاياللارنىڭ كىيمىنى ساتىدىكەن. بىر كۈنى 40 نەچچە ياشلىق بىر ئايال كىلىپ بىر پوپايكىنى كىيىپ بىقىپ ياقتۇرۇپ قاپتۇ، لىكىن پوپايكا سەل كىچىك كىلىپ قاپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئايال " ئۇكام، چوڭىراق نومۇرى يوقما؟ سەل كىچىك كىلىپ قالدى، قولۇمنى كۆتۈرەلمىدىم". دىسە، تۇرغۇنجان " ئاچا سىلى قوللىرىنى كۆتۈرۈپ خويەنجيادەك چامباشچىلىق قىلمىغاندىكىن كىيىۋەرمەملا " دەپتۇ.

8.ئامرىكا بىلەن ئەبرار پاراڭلىشىپ قاپتۇ. ئامرىكا " مۇشۇ خوتۇنىمغا قىرىلىق يەتكەن ئوخشايدۇ، دائىم قىڭراقنى كۆتۈرىۋىلىپ قىڭراق ئىزدەپ يۈرىدۇ" دىسە  ئەبرار تۇرۇپ كىتىپ " شۈكرى دىسەڭ بولغۇدەك، مىنىڭ خوتۇنۇم دائىم قىڭراقنى كۆتۈرۈۋىلىپ مىنى ئېزدەپ يۈرىيدۇ " دەپتۇ.

9.باشئەگىمنىڭ ئايالى دائىم گۈرۈچلۈك تاماق ئىتىدىكەن. بۇنىڭدىن زىرىككەن باشئەگىم بىركۈنى ئاشخانىغا چىقىپ لەغمەن يىمەكچى بولۇپ ئاشخانىغا كىرىپ : نىمە تاماقلار بار " دىسە، كۈتكۈچى " پولو، گاڭپەن، شوۋىگۈرۈچ بار " دىسە باشئەگىم تۇرۇپ كىتىپ " مىنىڭ ئايالىم مۇشۇ يەردە ئىشلەۋاتامدۇ؟" دەپتۇ

10.يۇقۇملۇق زۇكام تارقالغان ۋاقىتتا باقاۋۇل ئوغلىغا " بالام، ھازىر يۇقۇملۇق زۇكام بار، سىرتقا چىققاندا ماسكا تاقىۋال جۇمۇ " دەپتۇ. ئوغلى " ماسكا تاقىۋالسام قىينىلىپ كىتىدىكەنمەن " دىسە، باقاۋۇل " قانداق قىينىلدىكەنسەن ؟" دەپ سورىسا ئوغلى " ماسكا تاقىۋالسام، ئىچىمدىكى ھاۋانى سىرتقا پۈۋلەپ چىقىرالمايدىكەنمەن" دىسە، ئوغلىنىڭ باھانىسىگە ئاچچىقى كەلگەن باقاۋۇل " ھەي گۇي، كۇسار كىيىۋاتقىنىڭغا نەچچە يىل بولدى،بىرەر قىتىم ئوسۇرالماي قالغان ۋاقتىڭ بارمۇ " دەپتۇ.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2مۇنبەر پۇلى +100 يىغىش سەۋەبى
باقاۋۇل + 50 قالتىس!
9مۇرادىل + 50 داۋاملىق يوللاپ تۇرۇڭ.

باھا خاتىرىسى

ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
siptamix يوللىغان ۋاقتى  2014-9-10 18:21
بەك قىزىقارلىقكەن... مىنىمۇ قىتىپ قۇيماي


  siptamix بىرئېغىز گەپ قىلالايدىغان شاتۇتنى سېتىۋاپتۇ، بىر كۈنى ئۆيدە siptamix يوق ۋاقىتتا گاز تۇڭى ئالماشتۇرىدىغان ئادەم كېلىپ ئىشىك چېكىپتۇ.
شاتۇت: سىز كىم؟
-گاز تۇڭى ئالماشتۇرىدىغانلار.
شاتۇت: سىز كىم؟
-گاز تۇڭى ئالماشتۇرىدىغانلار..
بىر ھازادىن كېيىن siptamix قايتىپ كىلىپ  ئىشىكىنىڭ ئالدىدا بىر ئادەمنىڭ ياتقىنىنى كۆرۈپ ھەيران بولۇپ:
-بۇ كىمدۇ؟-دېسە ئۆي ئىچىدىكى شاتۇت:
-گاز تۇڭى ئالماشتۇرىدىغانلار-دېگۈدەك.
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنبىرمىز  ئۈنۋېرسال  مۇنبەر  بولغان  بولسا  ھازېرقى  سەۋيىمىزدە  ھەر  قانداق  مۇنبەرنى  پوش  دىمەيىكەنمىز  جىمۇ    يازغۇچى  تەرجىمان  قۇشاقچى  خەۋەرچىلەر  توشاق  بىزدە
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توۋا بۈگۈن مۇنبەريۇمۇربىلەن توشۇپ كىتىپتىغۇ.
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر باغلىمىنى بىر كويدىن ساتقىلى تۇرۇپتۇ.
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەرۋەر  
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باقاۋۇلنىڭ قىززىقكەن
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ما ئۇكىمىزنىڭمۇ خىلى پەيزى باركىنا
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
          راسا كۈلۋاپتىمە ما يۇمۇرلارغا            رەھمەت  جاپا تارتىپسىز.....  
بولۇپمۇ ئەڭ ئاستىدىكى بەك كەپتۇ  
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خېلى كەپتۇ ، ئەمماسەل ئۇزۇنكەن ،مەن بىرنى دەي قىسقا يۇمۇر ،


     RKO  بىركۈنى بالىسىغا دەپتۇ.
بۈگۈن ئمتاھاندىن ئۆتەلمىسەڭ مىنىڭدەك داداڭنى ئۇنتۇپ كەت دەپتۇ.
كەچتە بالىسى مەكتەپتىن قايتىپ كىلىپلا دەپتۇ: ئاپا بۇكىم، نەدىن كەلگەن ئادەم بۇ
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەھمۇدىيە يوللىغان ۋاقتى  2014-9-10 15:49
مۇنبىرمىز  ئۈنۋېرسال  مۇنبەر  بولغان  بولسا  ھازېرقى  سە ...

سىلىگە ئوخشاش ئىسئىسچىلارمۇ بار تېخى
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇغدانڭ بالىسى ئىمتاھاندىن ئۆتەلمىگەندىن كىيىن بالىسىغا يىمەك -ئچمەك جەھەتتە بەك كۆڭۈل بۆلدى.

بالىسى بىركۈنى بازاردا قىزىرىپ پىشقان ئالمىنى كۈرۈپ :

دادا، ئالمىنىڭ تەركىۋىدە نىمە كۆپ دەپتۇ.

دادىسى بالام ئالمىنىڭ تەركىۋىدە ۋىتامىن  ئا  كۆپ دەپتۇ،

بالىسى يەنە بېلىقنى كۈرۈپ بېلىق گۈشىدە نىمە كۆپ دەپ سوراپتۇ.

دادىسى : بالام بېلىق گۈشىدە ۋىتامىن   ب   كۆپ دەپتۇ.

بالىسى يەنە غازنى كۈرۈپ ، دادا غاز گۈشى تەركىۋىدە نىمە كۆپ دەپ سوراپتۇ.

دادىسى بىردەم ئويلۇنۇپ جاۋاپ بىرىپتۇ.   ۋىتامىن   غ
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خېلى كۈلۈپ، ھاردۇق چىقاردىم...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|رەسىمسىز نۇسخا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

GMT+8, 2014-9-15 13:51 , Processed in 0.086749 second(s), 22 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش