akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1344|ئىنكاس: 35

ھەرخىل غەلىتە مۇسابىقىدىن چەكلەشنىڭ سەۋەپلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مىراس تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-7 23:32  

پۇتبول بولسا ناھايىتى كەسكىن بولغان تەنھەرىكەت تۈرى،بەزى ۋاقىتلاردا مۇسابىقە ناھايىتى كەسكىن ۋاقىتقا قەدەم قويغاندا ماھىرلار ئەخمىقانە ئىشلار سەۋەپلىك مۇسابىقىدىن چەكلىنىدۇ،بىز بۇ يەردە 10 تۈرلۈك غەلىتە مۇسابىقىدىن چەكلەش ھەركىتىنى كۆرۈپ باقايلى.
10.كاراگېر———تەڭگە ئېتىش
111.jpg
پۇتبول مەيدانىدا ماھېرلارنىڭ چېملىقلارغا قالايمىقان تۈكۈرىشى ئومۇميۈزلۈك ئەھۋال،ئەمما كۆرۈش سۇپىسىغا قالايمىقان نەرسە ئېتىش بولسا چۇقۇم جازاغا ئۇچرايدىغان ھەركەتتۇر.2002-يىلى ئارسىنال بىلەن لىۋىرپول ئوتتۇرسىدا ئېلىپ بېرىلغان ئۇيۇشما لوڭقىسىنىڭ 4-ئايلانما مۇسابىقىسىدە 3 ماھېر 4 مىنۇتنىڭ ئىچىدە ئارقا-ئارقىدىن قىزىل كارتا ئىستىمال قىلغان.
بۇ 3 ماھېر بولسا قارشى تەرەپ ماھىرى يەكمۇ -يەك توپ شەكىللەندۈرگەندە كەينىدىن پۇت سالغان   مارتىن كوۋېن(Martin Keown )،كاراگېرغا قارىتا قائىدىگە خىلاپ ھەركەت ئىشلىگەن دەننىس بېركەمپ(Dennis Bergkamp)،ئەلۋەتتە بۇلار ئانچە مۇھىم ئەمەس،كۆرۈش سۇپىسىغا تەڭگە ئاتقان كاراگېر.ئەينى چاغدا باشقىلارنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچرىغان كاراگېر ئارسىنال مەستانىلىرىنىڭ تەڭگە ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان،قىلچە ئىككىلەنمەستىن تەڭگىنى كۆرۈش سۇپىسىغا قارىتىپ ئاتقان،ۋە شۇ سەۋەپلىك بىۋاستە قىزىلغا ئېرىشىپ مەيداندىن ئايرىلغان.
9.لۇيىس مورېنو———قارشى تەرەپنىڭ ئەتىۋارلىق ھايۋىنىنى تىپىۋەتكەن.
222.jpg
لاتىن ئامرىكىسى بىرلەشمە مۇسابىقىلىرىدە دائىم غەلىتە ئەھۋال يۈز بېرىپ تۇرىدۇ،كولومبىيە بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە پانامالىق بېك مەيدانغا كىرىۋالغان مۇشۇكياپىلاقنى تېپىۋەتكەن،بۇ مۈشۈكياپىلاق بولسا قارشى تەرەپ كوماندىسىنىڭ چۇقۇندىغان بۇيۇمى ئىدى.
بۇ ۋەقە يۈز بېرىشتىن بۇرۇن كوماندىسى 2-1 كەينىدە قالغان مورېنو مۈشۈكياپىلاق سەۋەپلىك توختىتىلغان مۇسابىقىنى تېزرەك ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن تېپىپ مەيدان سىرتىغا چىقىرىۋەتكەن،ئەينى چاغدا رېپىر ھېچقانداق تەدبىر قوللانمىغان،مۇسابىقە تۈگىگەندە قارشى كوماندا ئەزالىرىنىڭ بېسىمى ئاستىدا مورېنو 500 دوللار جەرىمانە تۆلەش بىلەن بىرگە 2 مەيدان مۇسابىقىدىن توختىتىلغان.
8.كوماندا ئەزالىرى ئۆز-ئارا سوقۇشقان.
333.jpg
ئىنگىلانت دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىكى نېۋكاستىل كۇلۇبى بىلەن ئاستون ۋېللا كوماندىسى ئوتتۇرىسىدىكى مۇسابىقىدە نېۋكاستىل كۇلۇبىدىكى ئىككى ماھېر ئۆز -ئارا سوقۇشقانلىق سەۋەبىدىن بىۋاستە مەيداندىن قوغلانغان.
7.ئاشلىۋېركېس———مەيدان تەرتىۋىنى تۈزەشكە قاتنىشىپ قىزىل يىگەن.
444.jpg
ئەنگىلىيە جەنۇبى رايۇن بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە بىر مەستانە مەيدانغا بۈسۈپ كىرىپ قالايمىغانچىلىق تۇغتۇرغان،بۇ ماھېر تەرتىپ ساقلىغۇچىلارغا ھەمكارلىشىپ مەيداننى تىنجىتقان،لىكىن رېپىر ماھېرنىڭ مەستانىگە بولغان ھەركىتى زىيادە قوپال دەپ قاراپ قىزىل كارتا سوۋغا قىلغان.
6.دىكانىو———رېپىرنى ئىتتىرىپ قىزىل كارتا بېرىلگەن
555.jpg
پاۋلو دىكانىو بولسا زىدىيەتلىك بىر پۇتبولچى،ئۇ چۈشكەن ھەر بىر مەيدان مۇسابىقىدە ئۇ مۇسابىقىنىڭ مۇھىم نوقتىسى.
1989-يىلى بىر قېتىملىق مۇسابىقىدە رېپىرنى ئىتتىرىپ يېقىتىۋەتكەنلىكى ئۈچۈن 11 مەيدان مۇسابىقىدىن توختىتىلغان،ھەم 10مىڭ فونىستېرلىڭ جەرىمانە قۇيۇلغان.
5.زىدانى———كاللا بىلەن ماترازىنى يىقىتقان
666.jpg
بۇ بولسا دۇنيا لوڭقىسى تارىخىدىكى ئەڭ ئېچىنىشلىق ۋاقىتلارنىڭ بىرى.2006-يىلى دۇنيا لوڭقىسىدا ماترازىنىڭ گېپىگە چىدىمىغان زىدانى كاللا بىلەن ماترازىنى ئۈسۈپ ئۆرىۋەتكەن،(بۇ ھەقتە نۇرغۇن تالاش-تارتىش مەۋجۇت،تېمىنىڭ مەركىزى بۇ يەر ئەمەس)،ھەمدە شۇ جايىدا قىزىل يەپ مەيداندىن ئايرىلغان،ئەينى ۋاقىتتا دۇنيا لوڭقىسىغا بىرلا قەدەم قەدەم قالغاندا مۇشۇنداق ئەھۋالنىڭ يۈز بېرىشى بىر كەسپىي پۇتبولچى ئۈچۈن نەقەدەر ئازاپلىق بولدىغانلىقىنى مەن بىلمەيمەن،لىكىن زىدانى ئاشۇ كاللىسى بىلەنمۇ ھېلىھەم نۇرغۇن دۇنيا لوڭقىسى چېمپىيۇنلىرىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ.
4.قارشى تەرەپنىڭ ئىختىيارىي توپىنى تالىشىپ تېپىۋەتكەن،
777.jpg
赫利塔·伊隆加(Herita Nkongolo Ilunga) بۇ ماھېر بولسا 1974 -يىلدىكى دۇنيا لوڭقىسىدا بىرازىلىيە بىلەن بولغان گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە قارشى تەرەپنىڭ ئىختىيارى توپىنى تالىشىپ تېپىۋەتكەن،بەخىتكە قارشى ئاران سېرىق كارتىغا ئېرىشكەن،ئەينى چاغدا ئەھۋال مۇنداق:بىرازىلىيە كوماندىسى ناھايىتى تېزلا 3 توپ ئەۋزەللىككە ئىگە بولغان،كوماندىسىنىڭ مەغلۇبىيىتىگە چىدىمىغان بۇ ماھېر تېزراق مەيداندىن چىقىپ كېتىش ئۈچۈن يۇقارقىدەك ئەخمىقانە ئىش قىلغان،لىكىن قىزىلغا ئېرىشەلمىگەن.
3.رېپىرغا سېرىق كارتا بېرىش
888.jpg
پائۇل گاسكونى ناھايىتى يۇمۇرلۇق ماھېر،مۇسابىقىدە رېپىر باشقىلارغا سېرىق كارتا بەرمەكچى بۇلۇپ ئىھتىياتسىزلىقتىن كارتىسى يەرگە چۈشۈپ كېتىدۇ،دەل مۇشۇ ۋاقىتتا گاسكونى رېپىرنىڭ كارتىسىنى ئېلىپ رېپىرغا سېرىق كارتا بېرىدۇ،رېپىرمۇ قاراپ تۇرمايدۇ دە دەرھال كارتىنى تارتىۋىلىپ سېرىق كارتا بېرىدۇ،ئاللىقاچان سېرىقتىن بىرنى ئېلىپ بولغان ئۇ ئامالسىز مەيداندىن ئايرىلىدۇ،ھەمدە 2 مەيدان مۇسابىقىدىن چەكلەش جازاسىغا ئۇچرايدۇ.
2.كانتونا———ئۇچقۇر پۇت
999.jpg
كانتونا بولسا ئەينى ۋاقىتتىكى كوماندىسىنى غەلبىگە باشلىغۇچىسى،بىر ھۇجۇمچىغا نىسبەتەن پۇت كۈچى ناھايىتى مۇھىم ،لىكىن بۇ كۈچنى توپنى تىپىشكە ئىشلىتىش كېرەك،مۇسابىقىدە قارشى تەرەپ بېكنى تېپىپ يارلاندۇرۇپ قىزىل يىگەندىن كىيىن توپ مەستانىسىنىڭ جاۋۇلداشلىرىغا چىدىمىغان كانتونا ئۇچقۇر پۇت ماھارىتىنى كۆرسىتىپ قويغان،ۋە شۇ سەۋەپلىك 8 ئاي چەكلەنگەن.
1.سۇئارىز ———چىشلەشنىڭ كۇپى
000.jpg 001.jpg 002.jpg
سۇئارىز ئەلۋەتتە بىر قالتىس ھۇجۇمچى، بىراق بۇنىڭ ئادەم چىشلىشى بىر مەسلە،2010-يىلى ئاجاكىستا نام قازانغان بۇ چولپان بىر مەيدان مۇسابىقىدە قارشى تەرەپ ماھىرىنى چىشلەپ قۇيۇپ7 مەيدان مۇسابىقىدىن چەكلەنگەن،قىزىل قۇشۇنغا يۆتكەلگەندىن كىيىنمۇ 2013-يىلى چىلىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە كوماندىسى كەينىدە قالغان ئەھۋال ئاستىدا ئىۋاننى چىشلەپ قۇيۇپ 10 مەيدانغا يېقىن چەكلەندىغۇ دەيمەن،لىكىن بۇ  چىشلەشلە كۇلۇپتىلا توختاپ قالغىنى يوق،2014 دۇنيا لوڭقىسىدا ئىتالىيەنى شاللىۋەتكەندە يەنە ئادەم چىشلەش ۋەقەسىنى سادىر قىلىپ 4 ئاي قاماقتا ياتتى،2014- يىلى ئالەم كوماندىسىغا 81 مىليۇن ياۋرۇ بىلەن يۆتكىلىپ كەلگەن بۇ ماھېر يەنە ئادەم چىشلەمدۇ يوق بۇنىڭغا بىر نىمە دىگىلى بولمايدۇ ئەلۋەتتە،(قوشنىلارغا:لىكىن شۇ نەرسە ئايدىڭكى نۇمۇردا كەينىدە قالساڭلا دەرھال چۈشۈرۋېلىڭلا،بولمىسا ھۇجۇم كۈچۈڭلار تۆۋەنلەپ كىتىدۇ)
ئاخىرىدا :تېما ئاخىرىغا كەلگەندە ماۋزۇدىن سەل چەتنەپ كەتكەندەك تۇردۇ،لىكىن مەقسەت يەنىلا شۇ تېما ماۋزۇسىدا،توغرا چۈشىنىڭلار،
كەمىنە 2010 بارسىلونا-ئېنتېر  1:0دىن مۇسابىقە كۆرۈشنى باشلىغان،تەرجىمىدىكى يېتەرسىزلىكلەر بولسا توغرا چۈشىنىشىڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن،
مەنبە:سىنا تورى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-9-7 17:11:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېما يازماق ھەقىقەتەن تەسكەن جۇما
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-9-7 17:51:13 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
130112 يوللىغان ۋاقتى  2014-9-7 17:11
تېما يازماق ھەقىقەتەن تەسكەن جۇما

تۇنجى تىمىڭىز بۇلسا ھەقىقەتەن ياخشى چىقىپتۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-9-7 17:55:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي ئىسىت گاسكونى رىپىرغا ، كەينىكەينىدىن ئككى قىتىم سېرق بىرۋەتسىچۇ   ئۈزىگە قىزىل بىردىغان ئادەم قالمايتى ئاندىن مەيداننى ئايلىنىپ يۇرۇپ قارشى تەرەپتىكىلەرگە بىر-بىرلەپ قىزىل بىرىپ چىقماي
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-9-7 17:57:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خۇشخۇي يوللىغان ۋاقتى  2014-9-7 17:55
ھەي ئىسىت گاسكونى رىپىرغا ، كەينىكەينىدىن ئككى قىتىم س ...

خەۋەردە دىيىلىشىچە رېپىرغا چاقچاق قىپتىكەن،لىكىن ماۋۇ رېپىر
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-9-7 17:59:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
aslap يوللىغان ۋاقتى  2014-9-7 17:51
تۇنجى تىمىڭىز بۇلسا ھەقىقەتەن ياخشى چىقىپتۇ

بۇ 3- تېمام،ئىلگىرى قىسقا تېمىدىن ئىككىنى يوللاپ باققانتىم،رەھمەت
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-9-7 17:59:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىززق ئىشلا باردە ياخشى تىما بوپتۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-9-7 18:03:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Putbolqak يوللىغان ۋاقتى  2014-9-7 17:59
قىززق ئىشلا باردە ياخشى تىما بوپتۇ

رەھمەت
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-9-7 18:05:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گاسكونىنىڭ بەك قىزىقكەن . شۇ چاغدىكى خىيالى كۆرۈنۈشنى كاللامدا ئويلاپ تازا كۈلۈپتىمەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-9-7 18:12:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلگىيار يوللىغان ۋاقتى  2014-9-7 18:05
گاسكونىنىڭ بەك قىزىقكەن . شۇ چاغدىكى خىيالى كۆرۈنۈشنى  ...

ئاڭلاشقىلا بىر خىل يۇمۇرلۇق تۇيغۇ بېرىدۇ،لىكىن سىزنىڭ تەسەۋۋۇرىڭىز قابىليىتىڭىزگە ئاپرىن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-9-7 18:15:16 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كانتونا مەستانلىلەرنى تەپكەنما؟
ماھىرلار مۇسابىقە تۈگەشتىن بۇرۇن 3قىزىل يىسە ئۈچ تەنۆل بولۇپ مۇسابقە مۇددەتتىن بۇرۇن ئاخىرلىشىدىغۇ دەيمەن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-9-7 18:21:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 11:45

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش