akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 2274|ئىنكاس: 77

ھازىرقى پۇتبولچىلاردىكى«ئەڭ»لەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۇز تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-6 14:13  

ئەسسالام مۇنبەر ئەھلى
بۈگۈن يەنە تېمىدا يۈز كۆرۈشتۇق، ئەمدى مۇنۇ تېمىنىڭ ماۋزۇسىغا كەلسەك، مەن پۇتبول  مەستانىسى ئەمما كونا مەستانىمۇ ئەمەس، ھەمدە بىلمەيدىغاننى بىلىمەن دەپ تۇرىۋالىدىغان پوچى مەستانىمۇ ئەمەس ،مەن مۇسابىقە كۆرۈشنى مۇنبەردىكى رىۋايەت بۇرادىرىمگە ئەگىشىپ 2009- يىلىدىكى ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدىن باشلىغان، شۇڭا ، بۇرۇنقى كونا توپچىلاردىن تونۇيدىغىنىم بىر نەچچە تاللا ، تولۇق چۈشىنىدىغىنىم تېخىمۇ يوق دېيەرلىك، شۇڭا بۇ تېمىدا پەقەت مۇشۇ يېقىنقى پۇتبولچىلار توغرىلىق پاراڭ بولماقچى، كونا يېڭى مەستانىلەرنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى ۋە ئىلمىي مۇنازىرە قىلىشىنى سورايمەن.

ئەڭ ھەددىدىن ئاشالايدىغان ترېنىر:  مۇرىنھو  ،  تەڭرى بىرىنچى بولسا مەن ئىككىنچى دېيەلەيدىغان تېرىنېر.

ئايال مەستانىلىرى بىلەن ئەر مەستانىلىرىنىڭ نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى كۇلۇب،  چېلسى

توپ توختىتىش تېخنىكىسى ئەڭ ئېسىل پۇتبولچى: دىروگبا      مەيدىسىدە توختاتقان بەزى توپلىرىنى كۆرسە قايىل بولماي تۇرالمايدۇ.

ئەڭ يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە ۋارتار: كۇرتويىس   كۇرتويىسنىڭ ۋارتار تۇرۇشتىكى تالانتى چوقۇم خارت ۋە نويىئېردىن ئېشىپ چۈشەلەيدۇ، ۋاقىت ئىسپاتلىسۇن.

ئەڭ يۇقىرى بەدەن ساپا: يەنىلا دىروگبا    دىۋە دېگەن لەقىمىدىنلا بەدىنىنىڭ قانداقلىقى بىلىنىپ تۇرىدۇ.

ئەڭ بەك قارىلىنىدىغان توپچى: توررېس ... بىر بەلەن مۇداپىئەچىنى قاراپ تۇرۇپ ھۇجۇمچى، توپ ئۇرالمىدى دەپ يۈرىيمىز ھە باللا ؟

كاللا توپقا ئەڭ يامىنى : كېلوس  

ئەڭ تولۇق ئىقتىدارلىق: بىزنىڭ كىرىستىيانو رونالدو  ئەمدى بەدەن دېسە بەدەن، كاللا توپ دېسە كاللا توپ،ئىختىيارىي توپ دېسە ئىختىيارىي توپ...نېمە دېسە شۇ..

ھۇجۇمى ئەڭ يامان بولغىنى : قوشنىمىزدىكى مېسسىي

مۇداپىئە ئەڭ يامان بولغىنى : تىياگو سېلۋا ، چۈشەندۈرۈپ يۈرمەي

ۋارتارغا ئۇرۇش تېخنىكىسى ئەڭ يامان بولغىنى : ۋان پېرىس

يەكمۇيەكتە ئەڭ يامان بولغان كۈچتۈڭگۈر: ئىبراھىموۋىچ

ئەڭ يامان قىسقا پاس :  شاۋىي   

ئەڭ يامان ئۇزۇن پاس:پىرلو

ئەڭ ياۋۇز ئەڭ قەبىھ  بولغىنى:  بىزنىڭ پې پې   ، پېي شاۋلوڭ

يۇقىرى چەك سۈرئىتى ئەڭ تېز بولغىنى: كىچىك يولۋاس ۋالكوت (ئارسىنال)

قوزغىلىش سۈرئىتى ئەڭ تېز بولغىنى : مېسسي

ھازىرقى توپچىلار ئىچىدىكى ئەڭ كېلىشكەن : كاكا

ئەڭ مۇھىم ئىشلىتىلىپ بەلەن ئىشلىمەيدىغان توپچى: پېك

پۇل خەجلەشتىن ئەڭ قورقمايدىغان كۇلۇب:  رېئال مادرىت

گۆش يېيىشكە ئەڭ ئامراق توپچى : سۇيارىز

رول ئېلىش تېخنىكىسى ئەڭ يامان:  بوسكېز

چاچ شەكلىگە ئەڭ ئەھمىيەت بېرىدىغان توپچى:  كىرىستىيانو رونالدو  

ئەڭ قىزىقارلىق توپچى: مارسىلو . چىرايىنىڭ ئۆزىمۇ بىر يۇمۇرغۇ بۇ مارسىلونىڭ

ئەقلى قابىلىيتى ئەڭ"يۇقىرى'' توپچى : بالوتېلى

كۇلۇب ئەڭ يۈز كېلەلمەيدىغان توپچى: راۋۇل  ئارتۇق سۆزلىمەي...

ئەڭ ھەيران قالىدىغان يۆتكىلىش: فابرىگاسنىڭ بارسىلوناغا يۆتكىلىشى، تىل ئاھانەت ئىچىدە ئۆزى پۇل قوشۇپ باشقا كۇلۇبقا يۆتكەلگەن توپچىنى تۇنجى كۆرۈشۈم بولۇپ قالغانتى

ئەمەلىي كۈچى ئەڭ تېز ئېشىۋاتقان پۇتبولچى: پوگبا  ،  فىفا ئويۇنىدىمۇ قىممەت بىر بالاڭزا بۇ، بەزىلەر بۇنى ئىككىنچى ۋېئرا بولۇپ چىقىدۇ دەيدۇ،لېكىن ، مېنىڭچە بۇ كۈچەيتىلگەن نۇسخىدىكى ۋېئىرا بولۇپ چىقارمىكىن.

ئەڭ يۈزسىز توپچى: ۋان پېرىس  ،ئارسىنالدا نەچچە يىل يارىلىنىپ داۋالىنىپ يۈرۈپ، بىر پەسىلدە شۇنداق نامى چىققان ھامان دەرھال مانچىستېرغا كەتتى، ئارسىنال كۇلۇبى ۋە مەستانىلىرىنىڭ مەڭگۈلۈك قارا يۈزىگە ئايلاندى

مىجەزى ئەڭ بەلەن تېرىنىر : ئەنچىلودى .  مادرىتنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىشىدا پاراڭ قىلغاندا مەيلى پۇتبولچىلىرى توغرىلىق بولامدۇ، ياكى ئۆز كۇلۇبى باشقا كۇلۇب توغرىلىق پاراڭ قىلغاندا ناھايىتى سىلىق سىپايە گەپ قىلىدۇ، خەقنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتمايدۇ.

ئەڭ مۇۋەپپىقەيەت قازانغان تېرىنر: فۇ بوۋاي

ئەڭ بىچارە بولۇپ چېكىنگەن تېرىنىر: مويىس

مەيداندىكى ئورنى ئەڭ كۆپ ئۆزگەرتىلگەن توپچى: رۇنى  

ۋوللىۋود كىنو چولپانلىقىغا(ئارتىسلىقىغا ئەمەس جۇمۇ) ئەڭ ماس كېلىدىغىنى : ئالونسو


ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن مۇشۇنچىلىك يوللاي، ئەسلى ھەر بىر ئىسمى ئاتالغان توپچىنىڭ ئاستىغا بىردىن رەسىمىنى كىرگۈزەي دېگەن ، ئەمما رەسىم كۆپ بوپ كەتسە نادىر تېما بوپ قالمىسۇن دەپ ئەنسىرىدىم   (چاقچاق ھە)  
ھەممىڭلارنىڭ ئارام كۈنۈڭلارغا خۇشاللىق تىلەيمەن. كېيىنكى تېمامدا كۆرۈشەيلى.







پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-9-6 14:20:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەڭ يۈزسىز توپچى : فېگو ، توپنى ئەڭ ياخشى توختىتىدىغان توپچى : زېدانى ، ئەڭ يۇقىرى بەدەن ساپا: ئىبراھىمۇۋىچ ، چۈنكى ئۇنىڭ بىلەن مۆردۈشۈپ توپ تارتىۋالغان توپچىنى مۇشۇ كەمگىچە ئۇچراتمىدىم . كۇلۇب ئەڭ يۈز كىلەلمەيدىغان توپچىدىن يەنە دېل پېررومۇ بار .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-9-6 14:19:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كېيىنكى تىمىڭىزنى كۆرۈپ بولۇپ ئويلىغانلىرىمنى ئاندىن بىرلا يازاي.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-9-6 14:20:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەڭ مۆرىمەس ھەم خوتۇنىدىن قورقىدىغان توپچى----ئالونسو

قېرى خوتۇنغا ئەڭ ئامراق توپچى ----ئىبراھىمۇۋىچ بىلەن پىك

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-9-6 14:20:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   XATKAR886 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-6 14:22  

  ئەڭ ئاچچىغى  يامان توپچى ؛  گاتتۇسو


ئەڭ ياراملىق بېك . كارلوس ،كاۋۇ .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-9-6 14:26:10 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەنچېلوتى دېھقاننىڭ بالىسى، شۇڭا ياۋاش، رايىش، تەمكىن... بېرلۇسكونى بىلەن 8 يىل ئۆتەلەيدىغان تىرېنېردىن يەنە قانچىسى باردۇ؟؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-9-6 14:26:59 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەڭ ئاسان يىقىلىدىغان توپچى نىيمار
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-9-6 14:27:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
.ئىبراھىمنى قىتىۋەتمەي ھى  ئىسىل تىما
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-9-6 14:28:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى چىقىپتۇ، يېڭى بىلىمگە ئېگە قىلىدىغان تېما بوپتۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-9-6 14:30:16 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جىررادنى ئۇنتۇپ قاپسىزغۇ مۇز ئەپەندى …
يىراقتىن زەمبىرەكتەك توپ ئۇرۇشقا ئەڭ يامىنى جىرراد…
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-9-6 14:31:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
missi2 يوللىغان ۋاقتى  2014-9-6 14:20
ئەڭ مۆرىمەس ھەم خوتۇنىدىن قورقىدىغان توپچى----ئالونسو

...

ھى ھى ھى  .....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-9-6 14:33:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پۇتبول دۇنياسىدا مۇنداقمۇ قىززىق ئىشلار بار ئىكەندە ئەسلى ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-26 14:16

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش