ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 223 |
تۆھپىسى: سەر |
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن يامغۇر يېغىپ كېتىش سەۋەبى بىلەن مۇسابىقە ۋاقتىنچە توختاپ بۈگۈن ئەتتىگەن داۋاملاشتى.تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن گۇرۇپپا مۇسابىقىلەر تۈگەپ تۆت كۈچلۈك كوماندا بارلىققا كەلدى.ئۇلار ئا گۇرۇپپىدىن:بەشقارغاي كوماندىسى بىلەن سەھرا كوماندىسى،ب گۇرۇپپىدىن:قىزىليار كوماندىسى بىلەن كۈنگەي كوماندىسى.
تۆت كۈچلۈك مۇسابىقىسىدە بەشقارغاي كوماندىسى بىلەن قىزىليار كوماندىسى رەقىپلىرىنى ئۇتۇپ،چېمپىيونلۇق كۆرۈشىگە قەدەم قويدى.سەھرا كوماندىسى رەقىبى كۈنگەي كوماندىسىنى 2:0نەتىجە بىلەن يېڭىپ 3-لىكنى قولغا كەلتۈردى.چېمپىيونلۇق كۈرىشى بەشقارغاي كوماندىسى بىلەن قىزىليار كوماندىسى ئوتتۇرسىدا ئېلىپ بېرىلدى.90مىنۇتلۇق مۇسابىقىدە ھەر ئىككىلا تەرەپ ئۆز رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ ئوينىدى.تاماشىبىنلارنىڭمۇ قىزغىنلىقى ناھايتى يۇقىرى بولدى.ئاخىردا بەش قارغاي كوماندىسى 1:2نەتىجە بىلەن قىزىليار كوماندىسىنى يېڭىپ بۇ قېتىملىق مۇسابىقىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈردى.
ئەيتاۋۇر بۇ قېتىملىق مۇسابىقە گەرچە كەنتلەر ئارا ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقە بولسىمۇ ،لېكىن سەۋىيىسى ھەر گىزمۇ ناھىيە دەرىجىلىك مۇسابىقىلەردىن تۆۋەن بولمىدى.
نۆۋەتتە بۇ مۇناسۋەت بىلەن بۇ قېتىملىق مۇسابىقىنى قوللىغان يېزىلىق پارتكوم-ھۆكۈمەتكە ۋە ناھيىمىز پۇتبولچىلىقى ئۈچۈن تىنماي كۈچ چىقىرۋاتقان ئالىمجان مۇئەللىم قاتارلىق تۆھپىكارلارغا رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن!
|
|