ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 1007 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا siptamix تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-9-5 19:55
9 -ئاينىڭ 5-كۈنى سەھەر شىۋىتسىيە دۆلەتلىك تەنتەربىيە مەيدانىدا شىۋىتسىيە كوماندىسى ئىستونىيە كوماندىسىنى كۈتۈۋالدى،مۇسابىقىنىڭ 3-مىنۇتىدا ئىبراھىمۇۋىچ بۇلۇڭ توپتىن پايدىلىنىپ بىر توپ ئۇردى،24-مىنۇتىدا يەنە بىر توپ ئۇرۇپ شىۋىتسىيە 2-0نەتىجە بىلەن ئىستونىيەنى مەغلۇپ قىلدى.ئىككى توپ ئۇرغان ئىبراھىمۇۋىچ 50 توپ بىلەن دۆلەت تارىخىدىكى بىرىنجى مەرگەنگە ئايلاندى،ئۇندىن باشقا يەنە ئۇ كەسپى ھاياتىدا مۇسابىقىنىڭ 1-مىنۇتىدىن 90-مىنۇتىغىچە(قوشۇپ بەرگەن ۋاقىتنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)ھەر مىنۇتتا توپ ئۇرۇشتەك كاتتا نەتىجە ياراتتى.

ئىككى توپ ئۇرغاندىن كىيىن ئىبراھىمۇۋىچ تەبرىكلەش ھەركىتى ئىشلەپ ئىچ مايكىسىنىڭ دۈمبە تەرىپىگە يىزىلغان 50+دىگەن ساننى كۆرسەتتى،مايكىسىنىڭ ئالدى تەرىپىگە ‹‹50توپ،سەن ئۇرۇندىيالىدىڭ!››دىگەن خەت بار ئىدى.بۇ ئىبراھىمۇۋىچقا نىسبەتەن تارىخى خاراكتىرلىك ۋاقىت ئىدى،ئۇ 50 توپ بىلەن 20-30 يىللاردىكى رىۋايەتلىك شەخىس سىۋىن لىدىر نىڭ رىكورتىنى يىڭىلىدى، ھەمدە شىۋىتسىيەنىڭ بىرىنجى مەرگىنى بولدى.99 مەيداندا 50 توپ ئۇرۇپ،يەنە بىر داڭلىق شەخىس لارسىندىن ( 106مەيداندا 37 توپ ئۇرغان) ئىشىپ كەتتى.يەنە بىر قىزىقارلىق نەتىجە بولسا ئىبراھىمۇۋىچ ‹‹ئومۇميۈزلۈك قىرغىن قىلىش››نى تاماملىدى،بۇ شىۋىتسىيەنىڭ سىرلىق مۇنارى كەسپى ھاياتىدا 369توپ ئۇرغان بولۇپ مۇسابىقىنىڭ ھەر بىر مىنۇتىدا توپ ئۇرغان توپچى بولۇپ قالدى.بۇ مۇسابىقىدىن بۇرۇن ئۇ پەقەت 24-مۇنۇتتا توپ ئۇرۇپ باقمىغان بولۇپ،مۇسابىقىدىكى 2-توپى ئارقىلىق بۇ بوشلۇقنى تولدۇردى.
بىراق پەقەت ئىبراھىمۇۋىچلا بۇنداق نەتىجە ياراتمىغان ، 2-ئاينىڭ 11-كۈنى شاھلىق لوڭقىسىنىڭ 2-ئايلانمىسىدىكى مادرىد رىقابەتنى 2-0يەڭگەن مۇسابىقىدە كىرىستىيانو رونالدۇمۇ 2 توپ ئۇرغان بولۇپ، ئۇمۇ شۇ چاغدا مۇسابىقىنىڭ 1-مىنۇتىدىن 90-مىنۇتىغىچە ھەر مىنۇتتا توپ ئۇرغان توپچى بولۇپ قالغان.ئەمما مىسسى تىخى بۇ ‹‹ئومۇميۈزلۈك قىرغىن قىلىش››نى ئەمەلگە ئاشۇرمىدى.
|
|