ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 2671 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ablatjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-9-5 08:09
سىنا خەۋىرى: ئىسپانىيەنىڭ مادرىد ئاتلىتكا كوماندىسى 4 - سېنتەبىر بۇ پەسىللىك ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىغا قاتنىشىدىغان ماھىرلىرىنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلغان. 20 ياشقا كىرگەن جۇڭگولۇق ماھىر شۈ شىن بۇ كۇلۇبنىڭ B تىزىملىكىدىن ئورۇن ئېلىپ، مەملىكىتىمىز ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنى خۇشال قىلغان.
شۈ شىن لياۋنىڭدا تۇغۇلغان بولۇپ، 2010 - يىلى مادرىد ئاتلىتكا كۇلۇبىنىڭ C كوماندىسىغا كىرگەن. مەيداندىكى ئورنى يان بېك، كىراي ۋە ئارقا بەلنىمۇ ئوينىيالايدۇ. 2011 - يىلى بۇ كۇلۇبنىڭ ياشلار كوماندىسى بىلەن، 2012 - يىلى كۇلۇبنىڭ چوڭلار كوماندىسى بىلەن رەسمىي توختاملاشقان. ھازىر ئاساسەن B كوماندىدا ئويناۋاتىدۇ. توختامغا خىلاپلىق قىلىش ھەققى 15 مىليون ياۋرو قىلىپ بېكىتىلگەن.
ئۇ ھازىرغا قەدەر كۇلۇبنىڭ ئىسپانىيە بىرلەشمىسى تىزىملىكىگە كىرىپ باقمىغان، مەيدانغىمۇ چىقىپ باقمىغان، لېكىن، داۋاملىق مەشىقىگە قاتناشقان.
گەرچە ئۇنىڭ بۇ پەسىلدە ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىىدا مەيدانغا چىقىش نىسبىتى يوق دېيەرلىك بولسىمۇ، لېكىن مۇشۇ تىزىملىككە كىرىشنىڭ ئۆزىمۇ بۇ پۇتبولچى ئۈچۈن، شۇنداقلا خەتەر ئىچىدىكى جۇڭگو پۇتبولچىلىقى ئۈچۈن بىر ئىلھام.
|
|