بۇ يازمىنى ئاخىرىدا azgun110 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-9-4 21:55
خان جەمەتى مادىرىد تارىخىدىكى كۇلۇب رەئىسىلىرى
خىزمەت، تۇرمۇش ئالدىراشلىقى سەۋەبىدىن مۇنبەرگە تېما يوللىمىغىلى ئۇزۇن كۈنلەر بولۇپ كېتىپتۇ. مۇنبەر بىلەن تاشلىشىپ كەتمەي دەپ، ئالدىراشچىلىق ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ، مونۇ تېمىنى رەتلەپ مۇنبەرگە يوللىدىم.
يۆتكىلىش خەۋەرلىرى، مۇسابىقە خەۋىرى دېگەندەك ۋاقىتچانلىقى كۈچلۈك تېمىلارنى ۋاقتىدا يوللاش ئىمكانىيىتىم بولمىغاچ، ۋاقتى ئۆتمەيدىغان مۇنۇ ئۇزۇنراق تېمىنى يېزىپ پۈتتۈردۈم.
بىز بىلىدىغان زەردار كۇلۇبلارنىڭ زەردارلىقىنىڭ ئارقىسىدا پەقەت قابىلىيەتلىك تېرىنىر بولسىلا كۇپايە قىلمايدىغانلىقىنى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شۇنچە كۆپ تېرىنىر ئالماشتۇرۇپمۇ، بىرەر نەتىجىنى قولغا كەلتۈرەلمەيۋاتقان ئا س مىلەن كۇلۇبىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. ئەلۋەتتە كۇلۇبنى زەردارغا ئايلاندۇرۇشتا ئارقا تېرەك بولىدىغان، قىزىل تىزا سانايدىغان رەئىس، خوجايىنلارنىڭ رولى ئەڭ مۇھىم.
شۇ مۇناسىۋەت بىلەن دەۋرىمىزدە زەردارلىقىدىن قالماي كېلىۋاتقان خان جەمەتى مادىرىد كۇلۇبىنىڭ تارىختىن بۇيانقى ئەنە شۇ مۇھىم ئارقا تېرىكى- رەئىسلىرىنىڭ ئارخىپلىرىنى دوستلارغا تونۇشتۇرۇشنى لايىق تاپتىم.
1902-يىلى قۇرۇلغان خان مادىرىد كۇلۇبى تارىخىدا جەمئىي 17قېتىملىق رەئىس ئىلگىرى- كېيىن ۋەزىپە ئۆتىگەن. نۆۋەتتىكى خان مادىرىد رەئىسى فىلورىنتىنو. پىرىز ۋە ئادولف مىرىندىسنىڭ ئىككى قېتىملىق ۋەزىپە ئۆتىگىنىنى ھېسابلىغاندا، جەمئىي 15ئادەمنىڭ كۈچلۈك ئارقا تېرەكلىك رول ئوينىشى بىلەن خان جەمەتى تارىختىن بۇيانقى ئەڭ كۈچلۈك پۇتبول كۇلۇبى ئاتىلىپ كەلمەكتە.
1. جۇلىيىن. پالاسىيوس (胡利安•帕拉西奥斯) (1900-1902)
جۇلىيان. پالاسىيوس كۇلۇب قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىللەردە پۈتۈن مەبلەغنى كۇلۇبقا سېلىپ، 1900-يىلى ئۇنىڭ باشچىلىقىدا خان جەمەتى مادىرىد كۇلۇبى قۇرۇلغان. ئۇ ۋاقىتلاردىكى كۇلۇبلار ھەقىقىي رەسمىيلەشمىگەن مەزگىل بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا ئۇ كۇلۇبنىڭ رەئىسىلا بولۇپ قالماي، يەنە كوماندىنىڭ باشلىقى ۋە ئوتتۇرا ھوجۇمچىسى ئىدى. 1900- يىلى كۇلۇبتا رەسمى باشقۇرۇش قاتلىمى بارلىققا كەلگەن. ھەمدە توپچىلارنى قولغا كەلتۈرۈپ. تۇنجى مادىرىد كوماندىسىنى بارلىققا كەلتۈرگەن. 1902-يىلى جۇلىيان باشقۇرۇش قاتلىمىدىن ئايرىلىپ، ھوقۇقنى جۇئان. پادروسقا تاپشۇرۇپ بەرگەن. جۇئان كۇلۇبنى رەسمى كۇلۇب ھالىتىگە كەلتۈرگەن.
2. جۇئەن. پادىروس (胡安•帕德罗斯) (1902-1904)
جۇئان 1869-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى بارسىلونادا تۇغۇلغان.
جۇلىيان. پالاسىيوس كۇلۇبنى رەتكە سېلىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا كۇلۇبنى قۇرغۇچىلارنىڭ بىرى بولغان جۇئان. پاردىروس ئۇنىڭ ئورنىنى ئېلىپ، 1902-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى كۇلۇبنىڭ رەئىسلىك ئورنىغا چىقتى. ئۇ كۇلۇبقا رەئىس بولغان ئىككى يىل ئىچىدە كۇلۇب بىر قېتىم رايون بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ چىمپىيونلۇقىغا ئېرىشتى.
3. كارلوس. پادىروس (卡洛斯•帕德罗斯) (1904-1908)
كارلوس 1870-يىلى 11-ئاينىڭ 9-كۈنى بارسىلونادا تۇغۇلغان.
1904-يىلى كارلوس رەئىسلىك ئورنىغا چىققان مەزگىلدە مادىرىد كۇلۇبى رەسمى ھالدا تۈزۈمى قاتتىق، ئاساسى پۇختا بولغان كۇلۇبقا ئايلىنىپ زەردارلىقنىڭ تۇنجى قەدىمىنى باشلىغان بولۇپ، ئۇ رەئىس بولغان مەزگىلدە مادىرىد 8قېتىم ھەل قىلغۇچقا بۆسۈپ كىرىپ، ھەممىسىدە غەلبە قىلغان.
4. ئادولف. مىروندىس (阿多弗•梅伦德斯) (1908-1916)
ئادولف 1884-يىلى 6-ئاينىڭ 2-كۈنى لاكىرونىيەدە تۇغۇلغان.
ئۇ 1908-يىلىدىن 1916-يىلىغىچە رەئىسلىك ئورنىدا ئولتۇرغان ئادولف. مىروندىس ئىسپانىيە ئىچكى ئۇرۇشىدىن كېيىن كۇلۇبنىڭ قايتا قۇرۇش ئىشلىرىغا ياردەملىشىپ، مادىرىد كۇلۇبىنىڭ شانلىق دەۋرىگە قايتۇرۇپ ئەكەلدى. ئۇنىڭ رەئىسلىك مەزگىلىدىكى مۇۋاپىقىيەتلىك ئىشى بولسا يېڭىدىن كۇلۇبقا تەۋە بولغان پۇتبول مەيدانىنى قۇرۇپ چىققان بولۇپ، ئەڭ دەسلەپكى بۇ پۇتبول مەيدانى 200تاماشىبىننى سىغدۇرالايتتى. مەيدان يېپىق شەكىلدىكى مەيدان بولۇپ، توپچىلارغا كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، بۇ ئىش ئەينى ۋاقىتتا ناھايىتى ئۆزگىچىلىككە ئىگە ئىش ھېسابلىناتتى.
5. پىدىرو. پاراگىس (佩德罗•帕拉格斯) (1916-1926)
ئۇ 1883-يىلى 12-ئاينىڭ 17-كۈنى مادىرىد شەھرىدە تۇغۇلغان. 1950-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى فىرانسىيەدە قازا قىلغان.
پاراگىس بولسا كۇلۇبنىڭ تۈۋرۈكلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، بىرنابوغا نىسبەتەن ئېيىتقاندا كۇلۇبنىڭ قۇرغۇچىلىرىنىڭ بىرى دېيىشكە بولىدۇ. ئۇ رەئىسلىك ئورنىدا ئولتۇرغان مەزگىلدە ئۇ مادىرىد كۇلۇبىنىڭ قائىدە- تۈزۈملىرىنى تۈزۈپ چىقىپ، ئېنگىلاندتا ئۆگەنگەن سودىغا ئائىت بىلىملىرىنى كۇلۇبقا سىڭدۈردى. كۇلۇبنىڭ مەيدانى تۇنجى قېتىم بېلەت سېتىش ئارقىلىق پۇل تېپىشقا ئاتلاندى.
6. لۇئىس. دى. ئۇركۈييو (路易斯•德•乌尔基霍) (1926-1930)
ئۇ 1899-يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى مادىرىدتا تۇغۇلغان.
لۇئىس رەئىسلىك قىلغان خان مادىرىد كۇلۇبى ئۆزىنىڭ بىر ئىشتىن سىرتقى كۇلۇبتىن رەسمى كۇلۇبقا ئايلانغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى. ئۇ تۇنجى قېتىم پۇل خەجلەپ كۇلۇبقا توپچى سېتىۋالغان رەئىس ھېسابلىنىدۇ.
ئۇ ئەينى دەۋردىكى دۇنياۋى دەرىجىلىك پۇلدار باي بولۇپ، بۇ خان مادىرىد كۇلۇبىنىڭ ھازىرقى ئىقتىسادىغا ئاساس سېلىپ بەرگەن. ھەمدە تۇنجى قېتىملىق كەسپىي توختام ئىمزالاپ، ئارۋالىس قاتارلىق توپچىلارنى كۇلۇبقا قوشۇۋالغان.
ئۇنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى كۇلۇبنى ئۆزىنىڭ دەردىدىن ئۆزى چىقالىغۇدەك ھالغا ئەكىلىش بولۇپ، ئۇنىڭ تىرىشىش يۆنىلىشى دەل ھازىرقى زامان پۇتبول دۇنياسىنىڭ تەرەققىيات يولى بولۇپ قالدى.
7. لۇئىس. ئۇسېرا (路易斯•乌塞拉) (1930-1935)
ئۇ 1890-يىلى 7-ئاينىڭ 8-كۈنى تۇغۇلغان.
لۇئىس رەئىسلىك قىلغان تۆت يىل مادىردنىڭ مول- ھوسۇللۇق، شانلىق تۆت يىلى دەپ قاراشقا بولىدۇ. ئۇ كۇلۇب ئۈچۈن تەڭداشسىز پۇتبول كوماندىسىنى قۇرۇپ بەردى. كېيىن سالامەتلىكى سەۋەبىدىن ۋەزىپىدىن قالدۇرۇلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ قوزغىغان مادىرىد شامىلى ئىسپانىيە ئىچكى ئۇرۇشى سەۋەبىدىن توختاپ قالدى.
ئۇ كۇلۇبنىڭ ئەمەلىي كۈچىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، ئۇ ئەينى دەۋردىكى ئەڭ قالتىس بولغان ۋاراتار رىكاردونى 150مىڭ پۇل خەجلەپ كوماندىغا قوشۇۋالدى.
8. رافائىل. سانچىس. گىرا (拉斐尔•桑切斯•格拉) (1935-1936)
ئۇ 1897-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى مادىرىدتا تۇغۇلغان.
گەرچە ئۇنىڭ رەئىسلىك قەدىمى قىسقا بولغان بولسىمۇ، لېكىن نەتىجىسى ئاز ئەمەس. ئۇ مەيدان ئىچى سىرتىدا مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا كۇلۇبنى باشقۇرالىدى. ئۇ ئىزچىل يېڭى ئىشخانا ئورنى ئىزدەش ھەمدە كۆلەمنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىش ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە كوماندىنى كۈچلەندۈرۈش، يېڭىدىن پۇتبول مەيدانى ياساشقا كۈچىگەن بولسىمۇ لېكىن ئىچكى ئۇرۇشنىڭ پارتىلشى ئۇنىڭ ئاخىرقى نىشانىغا يېتىش يولىنى توسۇپ قويدى.
9. ئادولف. مىروندىس (阿多弗•梅伦德斯) (1939-1940)
ئىسپانىيە ئىچكى ئۇرۇشى ئاياقلاشقاندىن كېيىن ئادولف يەنە بىر قېتىم مادىرىد كۇلۇبىنىڭ رەئىسلىكىگە تەيىنلەندى. ھەمدە ئىچكى ئۇرۇشتىن كېيىن سەپ شەكلى ناھايىتى ياخشى بولغان مادىرىد كوماندىسىنى قايتىدىن تەشكىللەپ چىقتى. ھەمدە شۇ يىلى مادىرىد دېربىسىنىڭ (مادىرىد ماھارەت بىلەن بولغان مۇسابىقە) غەلبىسىنى قولغا كەلتۈردى.
10. ئانتونىئو.سانتوس. پىرالۋا (安东尼奥•桑托斯•佩拉尔瓦) (1940-1943)
ئانتونىئو 1885-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى تۇغۇلغان.
ئانتونىئونىڭ رەئىسلىك قىلغان مەزگىلى دەل مادىرىد كۇلۇبىنىڭ ئىچكى ئۇرۇشتىن كېيىنكى ئەسلىگە كېلىش مەزگىلى بولغاچقا، ئۇنىڭ ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە قىلغان ئىشى كۇلۇب ۋەزىيىتىنى مۇقىملاشتۇرۇش بولدى. ئەمما 1943-يىلىدىكى ئىسپانىيە لوڭقىسى يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدىكى بارسىلونا كۇلۇبى بىلەن بولغان مۇسابىقە جەريانىدىكى زوراۋانلىق ۋەقەسى تۈپەيلىدىن ئانتونىئو ۋە شۇ مەزگىلدىكى بارسىلونا كۇلۇب رەئىسى تەڭلا ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان.
11. سانتىياگو. بىرنابو (圣地亚哥•伯纳乌) (1943-1978)
بىرنابو- 1895-يىلى 6-ئاينىڭ 8-كۈنى تۇغۇلغان.
بىرنابو- بۇ نام خان جەمەتى مادىرىد كۇلۇب تارىخىغا نىسبەتەن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ ئىسىم مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا مادىرىد كۇلۇبىنىڭ سىمۋولى. ئۇ ئۆزىنىڭ ھاياتىنى پۇتبول ۋە پۇتبول ۋە ئۆزى سۆيگەن كوماندىغا ئاتىۋەتكەن. ئۇ مەيلى توپچى، مەيلى تېرىنىر، مەيلى كۇلۇب ئەزاسى ياكى رەئىس بولغان ئۇ ئۆزىنىڭ بارلىقىنى خان جەمەتى مادىرىد كۇلۇبىغا بېغىشلىغان. ئۇ خان جەمەتى مادىرىد كۇلۇبىنىڭ ھازىرقىدەك ھالەتكە كېلىشىگە ئاساس قالغان تۆھپىسى ئەڭ زور كىشى.
1943-يىلى كۇلۇب رەئىسى بولغان بىرنابو كۇلۇبنى بىرنەچچە قىسىمغا بۆلۈپ، ھەربىر قىسىمغا مەسئۇل كىشى بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرغان، ھەمدە كەسپىي تېرىنىرلار قوشۇنىنى قۇرۇپ چىققان. ھەمدە مادىرىد كۇلۇبىغا يېڭى تەنتەربىيە تۈرلىرىنى (ۋاسكىتبول، قول توپ، تىننىس توپ) تەسىس قىلغان.
ئۇ كۇلۇبقا ياردەملىشىپ، ئەينى يىللاردىكى ئەڭ قالتىس توپچى- دى سىتىفانونى كومانغا قوشۇۋالغان. يەنە ھازىرقى چىمىپىيونلۇق بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ تەسىس قىلىنىشىغا زور كۈچ چىقارغان.
1955-يىلى ئەينى ۋاقىتتىكى مادىرىد توپ مەيدانىنىڭ نامى كۇلۇب رەھبەرلىكىنىڭ قارارى بىلەن «بىرنابو» غا ئۆزگەرتىلگەن.
ھازىرغا قەدەر مادىرىد كۇلۇبى بىرنابونى خاتىرىلەش ئۈچۈن ھەريىلى بىرنابونىڭ نامىدا ماھارەت كۆرسىتىش مۇسابىقىسى ئېلىپ بارىدۇ.
12. لۇئىس. د. كارلوس. ئورتىس (路易斯•德•卡洛斯•奥尔蒂斯) (1978-1985)
1907-يىلى 3-ئاينىڭ 16-كۈنى مادىرىدتا تۇغۇلغان
ئۇ رەئىسلىك قىلغان مەزگىلدىكى خان جەمەتى مادىرد كۇلۇبىنىڭ نەتىجىلىرىمۇ ناھايىتى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، بەش قېتىملىق چىمىپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرگەن. ھەمدە 1980-يىلى كۇلۇب ياۋروپادىكى ئەڭ قالتىس كۇلۇب بولۇپ باھالانغان.
رەئىسلىكنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە ئۇ كۇلۇبقا قالتىس توپچىلارنى قوشۇۋېلىپ، ئەينى دەۋردىكى «مادىردتىكى 5بۈركۈت» دەپ ئاتالغان. يەنە كۇلۇب تارىخىدىكى تۇنجى قېتىملىق ئىتتىپاق لوڭقىسى چىمىپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن.
ئۇ رەئىسلىك قىلغان مەزگىلدىكى خاتىرىلەشكە ئەرزىيىدىغان يەنە بىر ئىش بولسا مادىرىدنىڭ بىرىنچى سەپ كوماندىسى بىلەن ئىككىنچى دەپ كوماندىسى شاھلىق لوڭقىسى ھەل قىلغۇچتا ئۇچرىشىپ، تارىختىن بۇيان ھېچقانداق كوماندىدا بولۇپ باقمىغان ئەھۋال كۆرۈلگەن.
13. لارمون. مىندوزا (拉蒙•门多萨) (1985-1995)
ئۇ 1927-يىلى 4-ئاينىڭ 18-كۈنى تۇغۇلغان.
لارمون رەئىسلىك قىلغان خان مادىرىدنىڭ نەتىجىلىرى ناھايىتى قالتىس دېيىشكە بولىدۇ. شۇ مەزگىلدە مادىرىد ياشلار تەربىيلەش بازىسىدىن بىر تۈركۈم قالتىس توپچىلار تەربىيلىنىپ چىققان بولۇپ، ئۇ بىردىنبىر خان مادىرىد تارىخىدىكى بەش قېتىملىق ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىنىڭ چىمىپيونلۇقىنى (1985/1986~ 1989/1990) قولغا كەلتۈرگەن رەئىستۇر.
ئۇ رەئىسلىك سىتاژى ھەم قولغا كەلتۈرگەن مۇۋاپىقىيەتلىرى جەھەتتە بىرنابودىنلا كېيىن تۇرىدىغان ئىككىنچى ئورۇندىكى رەئىس.
14. لورىنزو. سانىس (洛伦佐•桑斯) (1995-2000)
لورىنىزو 1943-يىلى 8-ئاينىڭ 9-كۈنى تۇغۇلغان.
ئۇنىڭ رەئىسلىك قىلغان مەزگىللىرى مادىرىد توپچىلىرىنىڭ ئەڭ بەخىتلىك مەزگىللىرى بولۇپ، ئۇلار 1997/1998-يىللىق ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىدە يۇۋىنتۇسنى قەتلى قىلىپ، 32يىلدىن كېيىن كۇلۇبنىڭ 7-قېتىملىق ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈرگەن.
15. فىلورىنتىنو. پىرېز (弗洛伦蒂诺•佩雷斯) (2000-2006)
ئۇ 1947-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى تۇغۇلغان.
ئېنژىنىر كارخانىچى فىلورىنتىنو 2000-يىلى ئىلگىرىكى رەئىس لورىنىزونى يېڭىپ رەئىسلىك ئورنىغا چىققاندىن كېيىن، كۆرۈنەرلىك خىزمەتلىرى ئاستىدا كۇلۇب فىگو، زىدانى، بىكخام، رونالدو قاتارلىق كۇلۇبقا قوشۇۋېلىپ، كۇلۇبنىڭ 9-قېتىملىق ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈرگەن.
ئۇ رەئىسلىك قىلغان مەزگىلدىكى ئۈزلۈكسىز تىرىشچانلىقى ئارقىلىق فوربىسنىڭ باھالىشىدا خان جەمەتى مادىرىد كۇلۇبى «دۇنيادىكى ئەڭ پۇلغا يارايدىغان كۇلۇب» بولۇپ باھالاندى.
16. لارمون. كاردىرون (拉蒙•卡尔德隆) (2006-2009)
لارمون 1951-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى تۇغۇلغان.
لارمون رەئىسلىك قىلغان ئۈچ يىلدا كۇلۇب ئىككى قېتىملىق بىرلەشمە لوڭقىسىنى ۋە بىر قېتىملىق دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈرگەن.
ئۇ ئىلگىرى كېيىن بولۇپ، ۋان. نىستىلروي، كاناۋارو، دىيالا، ھىگۇايىن، مارسىلو قاتارلىق چولپانلارنى كوماندىغا يۆتكەپ كەلگەن.
2007/2008مۇسابىقە پەسلىدە يەنە روبىن، سىنىيدىر، پى پى قاتارلىقلارنى كوماندىغا قوشۇۋالغان.
17. فىلورىنتىنو. پىرېز (弗洛伦蒂诺•佩雷斯) (2009-)
2009-يىلى قايتىدىن رەئىسلىك ئورنىغا چىققان فىلورىنتىنو پۇتبول كوماندىسىغا كىرىستىيانو رونالدو، بىنزىما، شاۋى ئالونسو، بىل، رودرىگىز قاتارلىق داڭدار چولپانلارنى قوشۇۋېلىپ، كۇلۇبنى گۈللەنگەن دەۋرگە ئېلىپ كىردى.
2011/2012مۇسابىقە پەسلىدە خان جەمەتى مادىرىد كوماندىسى ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدە 100نۇمۇر، 121توپ كىرگۈزۈشتەك رىكورت خاراكتىرلىك نەتىجە يارىتىپ، بىرلەشمە لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈردى.
2013/2014مۇسابىقە پەسلىدە كۇلۇب 10يىل تەقەززا بولغان 10-قېتىملىق ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈردى.
مەنبە: تور دۇنياسى |