ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 1376 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا jabran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-9-4 19:45
9-ئاينىڭ 4-كۈنى چېلسى ئورگان توردا ھەرقايىسى توپچىلارنىڭ كىيىم نومۇرىنى ئېلان قىلدى ، توررىسنىڭ ئورنىغا ئايال پادىشاھ باغچىسى كۇلۇبدىن يۆتكەپ ئەكەلگەن رىمى 18-نومۇرنى تالدى ، توررستىن قالغان 9-نومۇر ھازىرچە بوش قالغان بولۇپ ، يېڭى ئەزا رىمى تورۇس قالدۇرۇپ كەتكەن 9-نومۇرنى كىيىشتىن ۋاز كەشكەن بولۇپ ،18-نومۇرنى ئۆزى تالغان مىش.
ئابلاموۋېچ چېلسىنى قايتا قۇرغاندىن ھازىرغا قەدەر 10يىل جەرياندا 9-نومۇرنى كىيگەن ھەرقانداق بىر توپچىنى ئىشلىرى ئوڭۇشلۇق بولمىغان . گەرچە 9-نومۇر ھەرقانداق بىر ھۇجۇمچىنىڭ ئالدىن تالشىدىغان نومۇرى بولسىمۇ لېكىن چېلسىدا 9-نومۇر بىر قاباھەتنىڭ سېمىۋۇلدۇر ،نىمىشكەن بۇنداق دەيىمىز ؟!گەرچە مەن ئۈزەم بىر چېلسىنىڭ سادىق مەستانىسى بولساممۇ ، بۇ قاغىشقا ئۇچۇرغان 9-نومۇرنىڭ قىسقىچە تارخىنى سىلەرگە ھېكايە ئەيلەي !!
1. جىممى .خاسسىبىلانىك .
دۆلتى :گوللاندىيە
تۇغۇلغان ۋاقتى :1972-يىلى3-ئاينىڭ27-كۈنى .
مەيداندىكى ئورنى :ھۇجۇمچى
2003-2004مۇسابىققە پەسلى يەنى قاغىشنىڭ باشلانغان ۋاقتى ،ئابلاموۋېچنىڭ چېلسى كۇلۇبنى يېڭلا سېتۋالغان ۋاقتى بولۇپ (2003-يىلى7-ئاي ) ،خاسسىبىلانىك شۇۋاقتلاردا چېلسىدىكى 9-نومۇرلۇق كىيىمنىڭ ئىگىسى ئىدى ،لېكىن 2003-2004مۇسابىققە پەسلى خاسسىبىلانىك يېشنىڭ چوڭىيىشى ۋە باشقا ئامىللار تۈپەيىلى ئىپادىسىدە چېكىنىش كۆرىلگەن ۋە شۇ پەسىلدا 44 مەيدان مۇسابىقدە 17توپ ئۇرۇشتەك نەتىجە تاپشۇرغان . گەرچە بۇ 17 توپ ئادەمنى ئازراق بولسىمۇ رازى قىلدىغان سان بولسىمۇ ، تاق پەسىلدە 20توپ ئۇرۇش رېكۇرتى بولغان خاسسىبىلانىكقا ،كۇلۇپنى يېڭىلكا سېتۋالغان يېڭى خوجايىنغا ئازىراقمۇ تەسسەللى ۋە خوشاللىق ئېلىپ كېللمىگەن ، 2004-يىلى يازلىق يۆتكىلىش بازىرىداخاسسىبىلانىك كۇلۇپتىن تازلانغان . گەرچ خاسسىبىلانىك چېلسىدىك ئاخىرىقى ۋاقتىلىردا ئىپادىسى چېكىنگەن بولسىمۇ ،ئۇ كىيىپ قالدۇرغان 9-نومۇر چېلسىدكى مەستانلارنى خوشال قىلغان ۋە ھاياجانلادۇرغان ئاخىرىقى بىر سىما بولۇپ قالغان .
2. ماتجا .گېرىزمەن
دۆلتى :سىرۋېيە
تۇغۇلغان ۋاقتى :1979-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى
مەيداندىكى ئورنى : ھۇجۇمچى
2004-2005 مۇسابققە پەسلىدە گېرىزمەن چېلسىنىڭ 9-نومۇرنىڭ ئىز باسارى بولدى ، چېلسىغا قېتىلىشتىن بورۇن گېرىزمەن بىر توپ ئۇرۇش ماشىنىسى ئىدى . 2001،2002،2003 ئۈچ يىل جەرياندا گوللاندىيە بىرلەشمىسىدە 172مەيدان مۇسابىققگە چىققىپ 126 توپ ئۇرۇشتەك ھەيران قالارلىق نەتىجىنى قالدۇرۇپ كەتكەن .چېلسىغا كېلىپ 9-نومۇرلۇق كىيىنى كەيگەن گىرىزمەننىڭ ئىپادىسى تىك سىزىق بويىچە تۆۋەنلەپ ، بۇرۇنققى ئىپادىسىنى پەققەتلا تاپالمىغان .41 مەيدان مۇسابىققدە 7 توپ ئۇرۇشتەك بىر ناچار نەتىجىنى تاپشۇرغان . بىر پەسىلنى كۆڭۈلسىز ئۆتكۈزگەن گىرىزمەننى ئاسىتىلا مادىرىت ئاتلىتكىغا يولغا سېلىپ قويىغان .
داۋامى بار ، باشقۇرغۇچىلار ۋاقتىنچە تەستىقلىمىسۇن !! رەخمەت ..
|
|