akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1081|ئىنكاس: 23

بۇ تىمىنىڭ ماۋزۇسى نىمە ؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
                                                      كۈتۈلمىگەن تىلفۇن    ئادەتتىكى ئۈچىرشىش



105
106
107
108

-ھەي ساڭا تىلفۇن -

-كىمكەن-

-كىم بولاتتى، كونا دوستۇڭ.

-ھە مانا ھازىر.............  (ئادەمنى مەشىق قىلغىلى قويماي )


-ۋەي -

-ياخشىمۇ سەن بودەك

-ۋاي ياخشى، قانداق ئەھۋالىڭ دارازا

-كونا خۇيىڭنى تاشلىماپسەندە  

-تاشلىغىلى بولاتتىمۇ ؟  ئۇنۇتمۇدۇم ئاداش  ھى ھى

-ھە نىمە ئىشلار بىلەن ئالدىراش، يەنە فىرانسىيەنى چىمپىيۇن قىلالماي ئاۋارىما ؟

-ۋاي ئۇنى بىر سورىما ئاداش، شۇ ئىشلارنى دەپ ھەممىنى تاشلىۋەتتىم دىگىنە ......

-ھە بوپتۇ ئاداش،  قانداق بۈگۈن ئىسىڭگە كىپ قاپتىمەنغۇ ؟ يەنە پۇل سوراپ تىلفۇن قىلمىغانسە ھە ؟  

-ياق ئاداش .

-ئەمىسە ؟

-ياش چولپان ئىزدەپ سانتوس تەربىيلەش بازىسىغا كەلگەنتىم.  

-ھە مۇنداق دە ........

-بىر ئىش ئىسىمگە كىپ قالدى.

-نىمە ئىش ئىدى تارتىنماي ئىيتىۋەرگىن .   

-ئاۋال كۆرۈشسەك بوپتىكەن ئاداش .

-ماقۇل ئاداش مەنمۇ ھازىر مەشىقىمنى تۈگىتىپ تۇرغانتىم . جايىڭدا تۇرۇپ تۇر، مەن يىرىم سائەتلەرگىچە بىرىپ بولىمەن يىنىڭغا ......
شۇنداق دەپلا ئۇنىڭ ماقۇللىنى ئالمايلا تىلفۇننى قويۋەتتىم دە كىيىملىرىمنى ئالماشتۇرۇپ، يىڭى ئالماشتۇرغان ماشىنامنى ھەيدەپ ئۇ چۈشكەن مىھمانسارايغا قاراپ يۈرۈپ كەتتىم.

ياخشىمۇ سەن دوستۇم  ئۇزۇن ساقلىتۋەتمىگەندىمەن،

ياقەي ئاداش.  بۈيەر راسلا پۇتبۇل دۆلىتى دىيىشكە لايىق يەركەن، بۇرۇنمۇ نەچچە قىتىم كەلگەن بولساممۇ، بۇ قىتىمقىدەك ئالاھىدە گۈزەل بىلىمىگەن ئىدى.

ئاشۇرۋەتتىڭ ئاداش،

ھە راس  سىنى ساقلاۋىرىپ قورساق ئىچىپ كەتتى.  سەن ئاشخانا تاپ ، مەن مىھمان قىلاي، ھى ھى ھى

چاتاق يوق.  سەن بىلەن تىلفۇندا سۆزلىشۋاتقاندا ئايالىم پورتىمالىمنى ئىلىۋاپتۇ ئەمەسمۇ .......  
يۈرە ئاداش بۈگۈن قىنىپ بىر ئىچىشەيلى.

ياق ئاداش. ئۇزۇن تۇرالمايمەن. بۈگۈن ئىچىشمەيلى.

مەيلى كۆڭلۈڭ ئاداش،

شۇنداق قىلىپ ئۇنى بىر كىچىك ئاشخانىغا باشلاپ باردىم.  ئۆزى كىچىك بولغىنى بىلەن تامىقى خىلى ئوخشايىتتى.  ئۈنىڭ بىلەن يەنە بۇرۇنقىغا ئوخشاشلا كۈلۈشۈپ چاجچاق قىلىشىپ، تاماق يىدۇق.  ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئولتۇرۇپ تاماق يەپ باقمىغىلى ساق 6 يىل بوپتۇ. شۇنداقتىمۇ ئارىمىزدا قىلچە تارتىنىش بولمىدى.

بۇ يەرنىڭ تامىقى قانداقراقكەن ئاداش ؟

ھىلىمۇ ياخشى كىچىك ئاشخانىغا باشلاپسە ئاداش سەل چوڭراق بوپ قالغان بولسا بىرە كىچە قونۇپ قىلىپ. بۇ ئوخشىغان تاماقلاردىن قانغۇچە يىۋالدىكەنمە ئاداش،  لىكىن پىتىشى شۈنچىلىك بوپ قالدى.  

بوپتۇ ئاداش، ساڭا يارىغان بولسا مەن شۈنىڭدىن خۇشال.  

بۇ يەر بەك ۋاراڭ چۈرۈڭكەن ئاداش، دىڭىز بويىغا باشلاپ بارساڭ قانداق؟

ماقۇل ..  يۈرە ئەمىسە .....


                                                                                        يىشىلگەن خىيال

بىر ۋاقىتلاردا مۇسابىقە ئاپتمۇبىلىدا كوماندىدىكى ئەزالار بىلەن شۇنداق خۇشال مۇسابىقە ئۆتكۈزىلىدىغان شەھەرگە ماڭغىنىمىز كۆز ئالدىمدا نامايەن بولدى.  
ھەقىقەتەن گۈزەل مىنۇتلار ئىكەنتۇق، ئەپسۇس مەڭگۈ كەلمەسكە كەتتى.
يولدا ئۇنىڭ بىلەن بۇرۇنقى ئۆتكەن كۈنلەرنى ئەسلەشكەچ پاراڭلىشىپ مىڭىپ بىردەمدە دىگىز ساھىلىغىمۇ كىلىپ بولدۇق.

پاھ پاھ   ئىسىل شەھەرنىڭ ھەممە نەرسىسى ئىسىلدە..........

مازاق قىلمىغىنە ئاداش، سىنىڭ تەرەقى قىلغان دۆلىتىڭنىڭ ئالدىدا بۇ قانچىلىك يەرتى دەيسە.....  

ئۇنداق ئەمەس، بۇ يەر ئادەمنىڭ ھەقىقەتەن مەسلىكىنى كەلتۈرگىدەك گۈزەل يەركەن.  

بولدى ماختاۋىرىپ، ئۇچۇرۇپ، يەرشارىدىن يوق قىلۋەتمىگىن بىكا بۈ گۈزەل يۇرتۇمنى............
كىلە ئاداش بۇ يەردە بىردەم ئولتۇرايلى.          ھە راس  بايا تىلفۇندا  گەپنىڭ بىشىنى چىقىرىپ قويغان ئىدىڭ.  نىمە ئىش ئىدى. ئولتۇرۇپ ئالدىرماي سۆزلە ئاداش.

ئۇ بىردەم ئەتراپنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلانغاندىن كىيىن، يىنىمغا كىلىپ ئولتۇردى ۋە ئىچىملىكنى قولىغا ئىلىپ بىرنى ئوتلىۋەتكەندىن كىيىن يىنىك تىنىپ قويدى،
بىر ئىشنى سەزگەندەك بولدۇميۇ لىكىن چاندۇرمۇدۇم.  ئەلۋەتتە  ئۇنىڭ نىمە دىمەكچى بولغىنىغا قىززىقۋاتاتتىم.
ئۇ ھىچ بىر سۆز قىلىدىغاندەك ئەمەس ئىدى.  ئۇنىڭدىن گەپ ئىلىش ئۈچۈن ئۆزۈم ئاۋال ئىغىز ئاچتىم.  

ھە ئاداش نىم بولدۇڭ. جىمىپلا كەتتىڭغۇ، دىسەم دىمىسەم قەرىز ئىگىلىرى قەرىز سۈيلەپ بىشىڭنى قاتۇرۋاتقان ئوخشىمامدۇ، ھا ھا ھا

ئۇ ئۆزىمۇ كۈلۈپ كەتتى ۋە قايتىدىن يىنىمغا كىلىپ سۆز باشلىدى.

ساڭا دىسەم ئاداش مەن بىر خىيالغا كىپ قالدىم. دىسەم مىنى مەسخىرە قىلاسەنمۇ ئاداش،

نىمىشقا ئۇنداق قىلغۇدەكمەن ئاداش. ئاۋال نىمە ئويلىغان بولساڭ شۈنى دىگىن ئاندىن مەن بىرنەرسە دەي.

مۇنداق گەپ ئاداش،  ئۆزۈڭمۇ كۆرۋاتىسەن ئاداش بىزدىن كىيىن نۇرغۇن مۇنەۋۋەر پۇتبۇلچىلار مەيدانغا كەلدى. بەزىدە شۇلار بىلەن ئۆزۈمنى سىلۇشتۇرۇشتىنمۇ نۇمۇس قىلىمەن. لىكىن............

تىلىڭنى چاينىماي دىسەڭچۇ ئاداش،  ئادەمنى تەقەززا قىلىپ،    بۇ يەردە بىز يالغۇزغو  يەنە نىمىدىن ئەنسىرەيسەن، ياكى ماڭا ئىشەنمەيۋاتامسەن؟

ياق ئاداش، ئۇنداق ئەمەس ،

ئەمىسە ئىنىقىنى دىمەمسە ، ئاۋال مەن نىمە ئىش ئىكەنلىكىنى بىلۋالاي ئاندىن ئىككىمىز ئويلۇشۇپ بىر ئىش قىلساقمۇ بولىدىغۇ ؟

مۇنداق گەپ ئاداش.  بۇ قىتىم بىرازىليەگە كىلىشتىن بۇرۇن ئاسىيانى، ئافرىقىنى ساياۋەت قىلدىم ئاداش،  ئۆزۈڭ بىلىسەن، ئۇ يەرلەردە تەرەقىي قىلغان شەھەرلەر ئاز ، بولۇپمۇ بىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان پۇتبۇل تەرەقىياتى شۇ قەدەر تۆۋەنكەن،

ئۇنىڭ سۆزلىرىگە بارغانسىرى قىززىقۋاتاتتىم.  ئاسىيانىڭ گىپى چىقىشىغا ياپۇنىيە ئىسىمگە كەلدى.   شۇنداق مەن ياپۇنىيەگە خىلى كۆپ قىتىم بارغان ھەم ئۇ يەردىكى كۆرگەنلىرىم خىلى جىق ئىدى. بولۇپمۇ ياپۇنىيەنىڭ مەدەنىيتىگە مەستانىلىرىنىڭ ئىلمى ساپالىقلىقىغا شۇ قەدەر مەسلىكىم كەلگەن ئىدى.  ئاددىسى ياپۇنىيە ماڭا خىلى ياخشى تەسىر قالدۇرغان ئىدى،

ئۇ سۆزىنى داۋام قىلىپ ، : لىكىن  نامى چىقمىغان تەبىي تالانتلىق ماھىرلارنىڭ كۆپ چىقىشىغا ئىشەندىم.  بۇ ھەرگىزمۇ ياۋرۇپادا كىچىك چولپان قالمىدى دىگەننى چۈشەندۈرمەيدۇ.

چۈشەندىم ئاداش، بەلكىم سىنىڭ كۆرگەنلىرىڭمۇ راستۇ، لىكىن سەن قانداق قىلماقچى ؟

بولدى ئاداش،  ئەمدى گىپىمنى ياخشى ئاڭلا ..  سەن مىنى دوستۇم دەپ بىلەمسەن ؟

توۋا ما گەپنى، نىمە دىگىنىڭ بۇ؟ سىنى دوستۇم دەپ بىلمىسەم نىمە بار ماڭا بۇ يەردە.

ياخشى ئاداش،  ئۇنداقتا ئىككىمىز بىر ئويۇن ئوينايلى. ۋاقتىڭ بارمۇ ؟  

قانداق ئويۇن ؟ تەقلىدى پۇتبۇلما ؟   ئەگەر شۇنداق بوپ قالسا مىنىڭ شەرتىم با ؟  pes2014  بەك مازكەن، 2013 نى ئوينايلى .

ياق ئاداش ،  ئەگەر ۋاقتىڭ بولمىسا مەيلى ئاداش،

ۋاقت دەپ قاپسەنغۇ ئاداش بىرە يىل ئوينىماسمىز ئۇ ئۇيۇننى،  

شۇنداق ئاداش، بەلكىم ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزۇن ۋاقت كىتىپ قالار ...............

يىشىل مەيداندىن چىكىنگەندىن كىيىن تۆت بەش يەرگە شىركەت ئىچىپ باشقىلارغا تاشلاپ بىرىپ، كۈندە دىگۈدەك بىكار يۈرۈپ زىرىككەن ئىدىم.  ۋاقتىم با .

ئەمىسە ياخشى ئاداش،

لىكىن سەنچۇ ؟  ھازىر تىرىنىرلىق قىلۋاتساڭ مەن بىلەن ئويۇن ئويناشقا ۋاقت چىقىرالاسەنمۇ ؟

سەن ئۇنىڭدىن ئەنسىرمە ئاداش،  

ئەمىسە كىلىشتۇق.    ھە راس قانداق ئويۇن ئۇ ؟  ئەمدى چۈشەندۇرۇپ قوي .  

ماقۇل ئاداش. ياخشى ئاڭلا.
1- ئىنگىلاند، ئىسپانىيە، ئىتالىيە، گىرمانىيە، فىرانسىيە بەش چوڭ بىرلەشمىگە قاراشلىق ھەرقانداق پۇتبۇل كۇلۇبى توپچى تەربىيلەش بازىسىدىن  ئاددىسى ياۋرۇپادىن ئادەم ئالمايسەن.  
2- تارىختىن بۇيان دۇنيا لوڭقىسىدا ئالدىنقى بەشنىڭ ئىچىگە كىرىپ باققان ھەرقانداق دۆلەت تەۋەلىكىدىكى تەنھەركەتچى بولسا بولمايدۇ.
3-  .................................    ۋاي بولدىلا  گىپىمنى ھىچ بىر چۈشەنگەندەك قىلمايسەن،  سەن ئەڭ ياخشىسى جۇڭگوغا بىرىپ تالانتلىق توپچىلارنى قىزىپ چىقىپ كوماندا تەشكىللە،  دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگو  بولغان بولۇش،  مىللىتى ئىرقى چەكلەنمەيدۇ.   جۇڭگودىكى 56 مىللەت ، 1 مىليارت 600 مىليۇن نوپۇسنىڭ ئىچىدىن سىنىڭ 11 ئادەمنى تاللاپ چىقالايدىغانلىقىڭغا مەن ئىشىنىمەن، ۋاقتى 3 يىل ، ئەگەر كۆڭلۈڭگە كەلمىسە ساڭا كەتكەن بارلىق چىقىمنى ئۆزۈم ئۈستۈمگە ئالىمەن.  ئەلۋەتتە سەن قوشۇلساڭلا.

بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ بۇلۇپ بىشىم پىرقىراپلا كەتتى . ئالدىراپ ماقۇل دەۋەتكىنىمگە ئازراق پۇشايمانمۇ قىپ قالدىم.  مەن ئەسلا چۈشەنمەيدىغان جۇڭگودىن پۇتبۇل كوماندىسى قۇرۇپ چىقىش مەن ئۈچۈن ھازىرقى ھالىتىمدە ئۈچىنجى قىتىم دۇنيا لوڭقىسى چىمپىيۇنى بولۇشتىنمۇ تەسكە توختايىتتى،  گىپىمدىن يىنۋالاي دىدىميۇ لىكىن يەنىلا ئىچىمدە بىر ئوت مىنى شۇنداق قىلىشقا ئۈندەۋاتاتتى.  ئەمىليەتتىمۇ بىر ئەركىشىنىڭ ئىغىزىدىن چىققان گىپىنى قايتۇرۋىلىشمۇ بىرخىل قاملاشمىغان ئىش بولاتتى.
يەنىلا ئۈندىمەي تۇرۇپ قالدىم. ئۇ چۈشەنگەن بولسا كىرەك، ئىغىز ئاچتى.......

ئەنسىرمە ئاداش  مەنمۇ ساڭا ئوخشاش قىلىمەن. سەن جۇڭگوغا بىرىپ 2 ئايدىن كىيىن كەينىڭدىن يىتىپ بارىمەن. ئەلۋەتتە ئىككىمىزنىڭ بىرلا ۋاقىتتا جۇڭگودا پەيدا بولىشىمىز  ئۇلارنى چوقۇم خۇشال قىلالايدۇ.

ئۇ ماڭا مەدەت بىرۋاتاتتى.  لىكىن مىنىڭ كاللام ھىچنىمىگە ئىشلىمەي، خامان تىپىۋاتقان ئىشەكتەك بىردەم جۇڭگودىكى ھەرخىل تىلدا سۆزلىشىدىغان ئادەملەر كىرۋالسا، يەنە بىردەم ئۇنىڭ بايام ماڭا ئىيىتقان سۆزلىرى كاللامنى قاينىتىپ ئوماچ قىلۋىتىپباراتتى.   

ھەي  نىم بولدۇڭ  جىمىپلا كەتتىڭغۇ،  مەن قىلغان سۆزلەر ھىچبىر كاللاڭغا كىرگەندەك ئەمەسقۇ؟  

شۇنداق ئۇنىڭ باياتتىن بىرى ماڭا بەرگەن مەدەتلىرى ئايلىنۋاتقان كاللامغا ئەسلا كىرمىگەن ئىدى.   

ماقۇل  بۇ ئويۇنغا قوشۇلۇم .  
بۇگەپنىڭ ئاغزىمدىن قانداق چىقىپ كەتكەنلىكىنى بىلمىدىم.   بەلكىم ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇپ كاللامنى ئازراق بولسىمۇ ئارام ئالدۇراي دەپ شۇنداق دىگەندىمەن.


                                       

                       
                                 باشلىنىش ئالدىدىكى ئويۇن


7 كۈندىن كىيىن

خۇش كەپسىز ئەپەندىم  سىزگە قانداق مۇلازىمەت كىرەك،

بىر ئىستىكان قەھۋە

يەنىچۇ ئەپەندىم.

بولدى رەھمەت، خاپا بولماي ئىشىكنى يىپىۋەتسىڭىز بوپتىكەن.

ماقۇل ، بەھۇزۇر ئولتۇرغايسىز.

ئۇ چاپىنىنى سىلىپ كىيىم ئاسقۇغا ئاستى. ئاندىن كىرىسلوغا كىلىپ يولىنىپ ئولتۇردى ۋە ئۈستەل ئۈستىدىكى تىزگىنەكنى قولىغا ئىلىپ تىلىۋىزۇرنى ئاچتى.
تىلىۋىزۇردا مادرىت بىلەن مادرىت رىقابەت بىرلەشمە مۇسابىقىسى ئويناۋاتاتتى.  ئۇ بىردەم مۇسابىقە كۆرۈپ ئاتلىتكىغا ھەيرانلىق نەزىرى بىلەن قاراپ قويدى ۋە ئۆز ئۆزىگە بىرنىمىلەرنى دەپ پىچىرلىدى.

تاك تاك تاك

كىرىڭ

ئەپەندىم سىزنىڭ قەھۋەرىڭىز كەلدى.

رەھمەت سىزنى ئاۋارە قىلدىم.

ھىچقىسى يوق ئەپەندىم.  يەنە باشقا مۇلازىمەت كىرەكمۇ ؟

بولدى رەھمەت،

ھەرقانداق ئىشىڭىز بولسا بۇ تىلفۇن ئارقىلىق مىھمانخانىمىزنىڭ مۇلازىمەت رايۇنىغا تىلفۇن قىلىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز، دىدى ۋە تىلفۇن ئىشارەت قىپ قويۇپ ئەدەپ بىلەن چىقىپ كەتتى.


ئۇ تىلفۇننى كۆرۈپ بىرنەرسە ئىسىگە كەلگەندەك بولدىيۇ  يەنە رايى بارمىغاندەك زورلاپ تىلىۋىزۇرغا قارىدى،  بۇ ۋاقىتتا مۇسابىقە نەتىجىسى تەڭلەشكەن بولۇپ، ۋاقت قوشۇپ بىرىلگەن ئىدى.  مۇسابىقىنىڭ ئاخىرقى مىنۇتىدا مادرىتتىن  بىلنىڭ پاس چىقىرىشى بىلەن رونالدو بىر توپ ئۇرۇپ مادرىتنى غەلبىگە ئىرىشتۈردى،  مۇسابىقە ئاخىرلاشتى.  ئۇ مىيىققىدا كۈلۈپ قويۇپ تىلىۋىزۇرنى ئۆچۈردى دە تىلفۇن تۇرۇپكىسىنى قولىغا ئىلىپ نۇمۇر باستى،

كەچۈرۈڭ سىز تىلفۇن قىلغان ئابۇنت مۇلازىمەت رايۇنىدا ئەمەس.

بۇ يىقىمسىز ئاۋازادىن ئازراق تىرىكتى بولغاي تىلفۇننى ئادەتتىكىدىن سەل قاتتىقراق قويدى.  

ئۇ چارچىغان بولسا كىرەك. پات پات كۆزى يۇمۇلۇپ قالاتتى. بىرئازدىن كىيىن ئۇ قانداق بولۇپ ئۇخلاپ قالغانلىقى بىلمەيلا قالدى. تاكى قول تىلفۇنى سايرىغىچە ئۇخلىدى.

تىلفۇننى ئىلىش ئۈچۈن تىلفۇنغا قارىغاندا بولسا ئۆزىمۇ ھەيران قالدى. چۈنكى ئۇ 11 خانىلىق نۇمۇر بولۇپ ئەزەلدىن ئۇنداق ئۇزۇن نۇمۇر كۆرمىگەن، كۆرگەن بولسىمۇ دىققەت قىلمىغان ئىدى. ئۇ راسلا ھەيران قالدى ۋە تىلفۇننى ئالدى،

ۋەي ياخشىمۇ سىز.

ياخشى بولمامدىغان ئاداش،  ئۆزۈڭچۈ قانداقراق ئەھۋالىڭ،

مەنمۇ ياخشى ، بايا تىلفۇنۇڭغا تىلفۇن قىلسام مۇلازىمەت رايۇنىدا ئەمەس دەيدۇ،  نەدە سەن ھازىر.

مەن جۇڭگودا ھازىر.  ساڭا ماقۇل دىگەن گۇنا ئوزۈمدە بولغاندىكىن ئۇيۇننىڭ ئاخىرىنى چىقارمىسام بولماس،

ياخشىغۇ نىمانداق تىز،    مەن گەپ قىلۋاتسام خىيالىڭدا يوق ھاڭۋىقىپ ئوتتىراتتىڭ، تىخى سىنى ئۇنتۇپ قالغان ئوخشايدۇ دەپتىمەن.  

راس گەپنى قىلسام مەنمۇ باشتا گىپىمدىن يىنۋالماقىچى بولغان ئىدىم. لىكىن ئۇنداق قىلسام ساڭا يۈز كىلەلمەيدىكەنمەن.   بۇمۇ بىر ھىساپتا بولغىنى ئەڭ ئاۋال ساياھەت قىلىدىكەنمەن، ئاندىن جۇڭگو پۇتبولچىلىقىغىمۇ بىركىشلىك ھەسسەمنى قوشالايدىكەنمەن.

ياخشى ئويلاپسەن ئاداش. شۇنداق قىلىپ، بىرىپ بولدۇڭ دەيلى،   مىنىڭمۇ بۇ يەردە ئىككى ئۈچ كۈنلۈك ئىشىم بار. شۇ ئشلىرىمنى تۈگىتىپلا يىنىڭغا بارىمەن. ياخشىراق تەييارلىق قىلغاچ تۇر ھە.   

ماقۇل شۇنداق بولسۇن ئەمىسە،   ھە راس بۇ مىنىڭ يىڭى تىلفۇن نۇمۇرۇم. ساقلىۋالغىن.  ئەگەر ئۇلانماي قالسا نۇمۇرنىڭ بىشىغا 0 دىن بىرنى قوشۇپ ئۇرساڭ بولىدۇ.

ھە چۈشەندىم.  ( نىمانداق مۇرەككەپ ئىش بۇ )  ئۆزۈڭنى ئاسرا ئەمىسە.


         بۇ تىمىنىڭ ئاخىرىسى مۇشۇ تىمىغا ئىنكاس شەكلىدە يوللىنىدۇ. تىما تۇلۇق يوللۇنۇپ رەتلەنمىگۈچە ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخىسنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ.  


ئاللا خالىسا ئەتە ئاخىرىنى يوللاپ رەتلىۋىتىمەن.   ئەزالارنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى ئۈمد قىلىمەن.

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-9-2 07:58:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   داۋىس تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-2 08:16  

ئوھوي ...ياخشى چىقىپتۇ .
كىم بىلەن ئىبراھىموۋىچ بوغىيتى !
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-9-2 08:15:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھۆرمەتلىك باشقۇرۈرغۇچىلار.  بۇ تىمىنى تاقىماي، ياكى چەكىكىمەي ئۇنىڭدىن باشقا نىمە قىلساڭلار قىلىپ كورۇنمەيدىغان قىلۋەتسەڭلارچۇ ؟ بۇنداق تۇرسا بىرخىللا بوپ كالىدىكەنمەن، ئاخىرىنى يىزىپ  بىراقلام يوللاي.  

بۇنى كىچىدىن يازغاچقا  يازغان خەتلىرىمنىڭ يوقاپ قىتىشىدىن ئەنسىرەپ يوللىغاچ تۇرغان ئىدىم.   
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-9-2 09:09:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رونالدو سىمىز بىلەن كىم بولغىيتى بۇ ....  زىدانىمۇ يا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-9-2 09:44:11 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەجەپ بىر خىل ئۆزگىچە پۇراق چىقىپ تۇرىدىيا...تەقەززارمەن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-9-2 09:46:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەمپۈت يوللىغان ۋاقتى  2014-9-2 09:44
ھەجەپ بىر خىل ئۆزگىچە پۇراق چىقىپ تۇرىدىيا...تەقەززارم ...

  ئەتتىگەندە  پۇل تىپىۋالغاندىن بەكرەك خۇرسەن بولدۇم  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-9-2 10:19:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بودەك رونالدو بىلەن زىدانى ئوخشايدۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-9-2 10:47:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رونالدو بىلەن زىدانى  ....زىدانى دارازا  دىمەي تاز دىگەن بولسا   ئاسانلا تېپۋالاكەنمىز
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-9-2 10:56:32 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بودەك رونالدو بىلەن ئىبرايىم تۆگە ئوخشىمامدۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-9-2 10:56:35 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بودەك رونالدو بىلەن ئىبرايىم تۆگە ئوخشىمامدۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-9-2 10:56:38 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بودەك رونالدو بىلەن ئىبرايىم تۆگە ئوخشىمامدۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-9-2 11:19:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زەردار007 يوللىغان ۋاقتى  2014-9-2 10:56
بودەك رونالدو بىلەن ئىبرايىم تۆگە ئوخشىمامدۇ

ئىنكاس يېزىشتا قالپاق كىيىپسىزغۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 05:09

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش