ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 223 |
تۆھپىسى: سەر |
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
file:///C:/Documents%20and%20Settings/Administrator/My%20Documents/My%20Pictures/IMG_20140831_182745_0.jpg
شۇنىڭ بىلەن نەچچە ۋاقىتتىن بېرى مۇڭغۇلكۈرە ناھىيە خونىخەي يېزىلىق پارتكوم-ھۆكۈمەتنىڭ يېقىندىن قوللىشى،يېزىلىق ئىتتىپاق كومېتىتىنىڭ بىر قوللۇق تەشكىللىشى بىلەن خونىخەي يېزا ياشلار‹‹ئىتتىپاق لوڭقىسى››نى تالىشىش مۇسابىقىسى ئەتە باشلانماقچى.
مۇسابىقە ئەتىدىن باشلاپ ئۈچ داۋاملىشىدۇ،مۇسابىقىگە خونىخەي يېزىسىغا قاراشلىق 9كەنت كوماندا تەشكىللەپ قاتنىشىدۇ.بىزمۇ كەنت تەرەپتىن كوماندا تەشكىللەپ قاتناشتۇردۇق(20كىشلىك).
مۇسابىقە ئورنى:مۇڭغۇلكۈرە ناھيىلىك تەنتەربىيە مەركىزى پۇتبول مەيدانى.
مۇسابىقە ۋاقتى: 2014-يىلى 9-ئاينىڭ2-كۈنى،دىيارىمىز ۋاقتى سائەت8:00دە.
مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان كوماندىلار:سەھرا كوماندىسى(1-كەنت)،بەشقارغاي كوماندىسى(2-كەنت)،قىزىليار كوماندىسى(3-كەنت )،ئىتتىپاق كوماندىسى(4-كەنت،يەنى مەن بار كوماندا).بوستان كوماندىسى(5-كەنت،6-كەنت)،كېسىك كوماندىسى(7،8-كەنت)،ئاقتاش كوماندىسى(چارۋىچىلىق1-كەنت)،سەكسەن كوماندىسى(چارۋىچىلىق 2-كەنت)،كۈنگەي كوماندىسى(چارۋىچىلىق 3-كەنت).
خونىخەي يېزىسى توغۇرلۇق قىسقىچە چۈشەنچە
خونىخەي يېزىسى مۇڭغۇلكۈرە ناھىيە بازىرىنى ئوراپ تۇرىدۇ.يەنى ناھىيەنىڭ تۈۋىدىكى يېزا .ئادەتتە 1-گۇڭشې دەپمۇ ئاتىلىدۇ.ئومۇمىي نوپۇسى 14385جان بولۇپ،ئۇيغۇر ،خەنزۇ،قازاق ،مۇڭغۇل،خۇيزۇ،قىرغىز،ئۆزبىك قاتارلىق 13 مىللەتتىن تەركىب تاپقان.ئۇيغۇرلار ئومۇمىي نوپۇسنىڭ 40%نى ئىگىلەيدۇ. قارمىقىدا 6باشلانغۇچ مەكتەپ بار.
خونىخەي يېزىسى ناھىيە بازىرى يېنىدا بولۇش ئەۋزەللىكى بىلەن تەنتەربىيە ئىشلىرى ناھىيىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا ئالدىدا تۇرىدۇ.توپ تۈرلىرى:پۇتبول ،ۋالىبول،ۋاسكىتبولدا ناھىيىلىك مۇسابىقىلەردە ھەر يىلى نەتىجىگە ئېرىشىدۇ.بولۇپمۇ پۇتبول بىلەن ۋالىبولنى مونۇپۇل قىلۋالغان.
گەرچە كېچىكىپ قالغان بولساممۇ لېكىن يىراق-يېقىندىكى قېرىنداشلارنى مۇسابىقە كۆرۈپ كېتىشكە تەكلىپ قىلىمەن!
ئاللاھ بۇيرىسا مۇسابىقە خەۋىرىدىن سىلەرنى ۋاقتى-ۋاقتىدا خەۋەرلەندۈرۈپ تۇرىمەن.
|
|