akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1490|ئىنكاس: 51

دۇنيا لوڭقىسىنى قانچە كىشى كۆتۈرۈپ باققان؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ablatjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-1 01:07  

   دۇنيا لوڭقىسىنىڭ تەسىرىنى، شان – شەرىپىنى دېيىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق. لېكىن، مۇشۇنداق مۇھىم، پۇتبولچىلارنىڭ بىر ئۆمۈرلۈك ئارزۇسىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان لوڭقىغا زادى قانچە كىشى ئېرىشىپ باققاندۇ؟ بۇ سوئالنىڭ جاۋابىنى بەلكىم نۇرغۇن كىشى بىلمەسلىكى مۇمكىن.
  مەن بۇ يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنى چۈشەندۈرگەندە مۇشۇ ھەقتە توختالغانىدىم. لېكىن، زور كۆپچىلىك تاماشىبىن يا ئۇيغۇرچە مۇسابىقىنى كۆرمىدى يا بۇ نۇقتىغا تازا دىققەت قىلالمىدى دەپ قاراپ، قايتا ھېسابلاپ، دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول تارىخىنى قايتا ئاختۇرۇپ، بۇ لوڭقىغا ئېرىشكەن ماھىرلارنىڭ تىزىملىكىنى كۆرۈپ چىقتىم.

  بەلكىم سىز بۇ مۇسابىقە 20 قېتىم ئۆتكۈزۈلدى، چېمپىيون بولغان 20 كوماندىدا 23 تىن ئادەم بولغاندىن كېيىن، جەمئىي 460 كىشى بولىدۇ، دېيىشىڭىز مۇمكىن. لېكىن، مەسىلە دەل شۇ يەردە. 2002 – يىلىدىن بۇرۇن بىر كوماندىدا 22 كىشى بولاتتى. دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى باشلانغان دەسلەپكى يىللاردا بولسا ئادەم سانىدا ئېگىز – پەسلىك بولۇپ، ھېلى 22، ھېلى 21 بولۇپ قالغان.
دېمەك، ھەقىقىي ساننى بىلىش ئۈچۈن، 1. چېمپىيون بولغان ھەر بىر كوماندىدا جەمئىي قانچە ئادەم بارلىقىنى بىلىش كېرەك.
2. رونالدو، پېلى قاتارلىق ئىككى ياكى ئۈچ لوڭقا كۆتۈرگەنلەرنىڭ پەقەت بىرلا قېتىمىنى ھېسابلاش كېرەك.
ھازىرغا قەدەر جەمئىي 429 كىشى تەنھەرىكەتچى سۈپىتىدە دۇنيا لوڭقىسىنىڭ ساھىبى بولۇپ باقتى. ئۇلار:
يىلى.  چېمپىيون دۆلەت.  ماھىر سانى.
1930 – يىلى. ئۇرۇگۋاي.  22 كىشى
1934 – يىلى. ئىتالىيە.   21 كىشى.
1938 – يىلى. ئىتالىيە.   21 كىشى.
1950 – يىلى. ئۇرۇگۋاي.  22 كىشى.
1954 – يىلى. غەربىي گېرمانىيە. 22 كىشى.
1958 – يىلى. بىرازىلىيە.  22 كىشى.
1962 – يىلى. بىرازىلىيە. 22 كىشى.
1966 – يىلى. ئىنگىلاند. 22 كىشى.
1970 – يىلى. بىرازىلىيە. 22 كىشى.
1974 – يىلى. غەربىي گېرمانىيە. 22 كىشى.
1978 – يىلى. ئارگېنتىنا. 22 كىشى.
1982 – يىلى. ئىتالىيە. 22 كىشى.
1986 – يىلى. ئارگېنتىنا. 22 كىشى.
1990 – يىلى. غەربىي گېرمانىيە. 22 كىشى.
1994 – يىلى. بىرازىلىيە. 22 كىشى.  
1998 – يىلى. فىرانسىيە. 22 كىشى.
2002 – يىلى. بىرازىلىيە. 23 كىشى.
2006 – يىلى. ئىتالىيە. 23 كىشى.
2010 – يىلى. ئىسپانىيە. 23 كىشى.
2014 – يىلى. گېرمانىيە. 23 كىشى.
يۇقىرىدىكى 20 كوماندىدىكى چېمپىيون بولغانلار جەمئىي 442 كىشى. بۇنىڭدىن تۆۋەندىكىدەك ئىككى ياكى ئۈچ قېتىم چېمپىيون بولغان 13 كىشىنى چىقىرىۋىتىمىز:
1. 1934 – يىلى، 1938 – يىلى ئىككى قېتىم چېمپىيون بولغان ئىتالىيەلىك مىئاززا بىلەن فېرىرا 2 كىشى؛
2. بىرازىلىيەلىك ژىرما، ن سانتوس، د سانتوس، دى دى، جىتو، زاگاللو، ۋاۋا، گارىنكا ۋە پېلى (پېلى 1958 – يىلى، 1962 – يىلى ۋە 1970 – يىلى چېمپىيون بولغان) دىن ئىبارەت 1958 – يىلى، 1962 – يىلى چېمپىيون بولغان 9 كىشى.
3. 1994 – يىلى ۋە 2002 – يىلى چېمپىيون بولغان بىرازىلىيەلىك كافۇ، رونالدودىن ئىبارەت 2 كىشى؛
دېمەك، ھازىرغا قەدەر جەمئىي 429 كىشى دۇنيا لوڭقىسىغا ئېرىشىپ باقتى.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 3مۇنبەر پۇلى +180 يىغىش سەۋەبى
باشئەگىم + 100 ئەجىرلىك تېما ...
داۋىس + 50 ئېسىل تېما
XATKAR886 + 30 قالتىس!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-8-31 23:18:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سالىھ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-31 23:23  

429پۇتبولچى كۆتۇرگەن بولسا راسلا ئازكەن ،تىرىنىرلار كۆتۇرمەيدىكەندە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-8-31 23:19:16 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك تەپسىلې بوپتۇ بىلىۋالدۇق رەخمەت
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-8-31 23:19:20 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك تەپسىلې بوپتۇ بىلىۋالدۇق رەخمەت
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-8-31 23:25:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-8-31 23:29:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابلەتجان قۇلىڭىزدىكى ماتىريالدىن  بىرنۇسقا ئەۋەتىڭە مەنمۇ يىزىۋىتەي بۇنداق تېمىلارنى ، ياۋرۇ دىسىڭىز قانچىلىك بولسا قۇلۇم كۆكسىمدە.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-8-31 23:30:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت ئابلەتجان  پايدىلىنىدىغان تىمىكەن بۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-8-31 23:32:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئامېرىكا يوللىغان ۋاقتى  2014-8-31 23:25
بۇ قىتىمقى  دۇنيا لوڭقىسىنى چۈشەندۈرگەندە دۇنيا لوڭقى ...

  ھازىرقى خېڭدادىكى پۇتبولچى جىلاردىنو 1982 - يىلى 5 - ئىيۇل تۇغۇلغان. ئۇ تۇغۇلۇپ 6 كۈندە ئىتالىيە كوماندىسى چېمپىيون بولغان. 12 يىلدىن كېيىن ئۇ دۇنيا لوڭقىسىنى كۆرگىلى ئامېرىكىغا بېرىپ، ئىتالىيەنىڭ بىرازىلىيەگە نۇقتا توپ بىلەن يېڭىلگىنىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن. (بۇ ماقالىنى نەدە كۆرگىنىمنى ئەسلىيەلمەيۋاتىمەن). يەنە 12 يىلدىن كېيىن، يەنى 2006 - يىلى ئۆزى تەنھەرىكەتچى سۈپىتىدە دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ چېمپىيون بولغان.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-8-31 23:34:41 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىمىغا مۇناسىۋەتسىز بوپ قالدى كەچۇرۇڭلا ،بازار تاقالغىلى ئاز ۋاقىت قالدى يوتكولۇش بازىردىن خەۋەر يوقيا ؟

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-8-31 23:35:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-8-31 23:35:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ablatjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-31 23:38  
XATKAR886 يوللىغان ۋاقتى  2014-8-31 23:29
ئابلەتجان قۇلىڭىزدىكى ماتىريالدىن  بىرنۇسقا ئەۋەتىڭە  ...


چۈشەندۈرگۈچىلىكمنى، نادىر تېمامنى تارتىۋالاي دەمسىز؟ خاتىرىڭىزنى جەمئىي قىلىڭ!!
ئۈرۈمچىگە كېلىپ قالسىڭىز سىزگە بىر نۇسخا نۇسخىلاپ بېرەي. لېكىن نۇسقىلاشقا مۇنبەر ياۋروسى ئاقمايدۇ، نەق تۆلەيمەن دېسىڭىز نۇسخىلاش بىلەن قەغەز پۇلىغا بىرەر مىڭ كوي خەجلەرسىزمۇ؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-8-31 23:35:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئامېرىكا يوللىغان ۋاقتى  2014-8-31 23:25
بۇ قىتىمقى  دۇنيا لوڭقىسىنى چۈشەندۈرگەندە دۇنيا لوڭقى ...

ئامرىكا ھاياتكەنسەن ھە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 02:14

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش