ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 770 |
تۆھپىسى: سەر |
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم پۇتبول مۇنبىرىدىكى بارلىق ئەزىز قېرىنداشلار!~!
مەن پۇتبول مۇنبىرىگە يېڭى ئەزا بولساممۇ ، ئۇزۇمنىڭ بىلىمى كەملىكىگە قارىماي ، مۇنبەر قۇرغۇچىسى ۋە مۇنبەر باشقۇرغىچىلىرىغا ۋە بارلىق پىشقەدەم مۇنبەرداشلارغا يېڭى ئەزالار يۇلۇقۇۋاتقان بىر قاتار مەسىلىلەرنى ئوتتۇرغا قويماقچى ، مۇنبەر باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ ۋە بارلىق مۇنبەر چوڭلىرىنىڭ توغرا چۇشىنىشىنى ئۇمىد قىلىمەن.
1. يېڭى ئەزالارغا بولغان چۇشەنچە : پۇتبول مۇنبىرى ئۇيغۇر پۇتبولچىلىقى شۇنداقلا دۇنيا پۇتبول ساھەسىدىكى مۇھىم خەۋەرلەرنى دەل ۋاختىدا قېرىنداشلارغا يەتكۇزۇپ كىلىۋاتقان ۋە بۇنىڭ ئۇچۇن كۇچ قۇشۇۋاتقان داڭلىق تور بىكەتلەرنىڭ بىرى ، بىز ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ پۇتبولغا بولغان كۇچلۇك قىزىقىش ھەۋەسنىڭ كۇندىن - كۇنگە يۇقىرىلاپ بېرىۋاتقان بۇگۇنكى كۇندە پۇتبول مۇنبىرىگە ئوخشاش تور بىكەتلەرنىڭ كۇندىن كۇنگە تەرەققىي قىلىشى، دۇنيادىكى پۇتبولغا مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەرنى ۋاختىدا يەتكۇزۇپ خەۋەردار قىلىشى شۇنداقلا يېڭى مەزمۇنلارنىڭ قۇشۇلىشى ،بىزنى خۇشال قىلىپ مۇنبەر كۆرۇش قېتىم سانىمۇ ئاشماقتا ،شۇنداقلا بۇ مۇنبەرگە ئەزا بۇلۇۋاتقان بارغانسىرى كۆپەيمەكتە. شۇنداقلا بۇ مۇنبەرگە يېڭىدىن ئەزا بۇلۇۋاتقانلاردا يۇز بىرىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى يېڭى ئەزالارغا بولغان خاتا چۇشەنچە ۋە كەمسىتىش .
پۇتبول مۇنبىرىگە ئەزا بولغان ئاۋۋال بۇ مۇنبەرنى كۇزىتىپ ياكى خەۋەرلەرنىڭ يېڭىلىنىپ تۇرۇش ۋە دەل ۋاختىدا تىز خەۋەرلەرنى يەتكۇزۇش ، شۇنداقلا ئىسىل مۇنازىرە پىكىرلىرىنى كۆرۇپ ئاندىن بۇ مۇنبەرگە ئەزا بۇلىدۇ دەپ ئويلايمەن، يېڭى بىر ئەزا مۇنبەرگە قۇشۇلۇپ چوقۇم ئۆزى ياختۇرىدىغان بىر كۇلۇپنى تاللايدۇ ،ۋە شۇ كۇلۇپ توغرىسىدا بىرەر خەۋەر كۇرۇپ ئۇنىڭغا ئىنكاس يازىدۇ ، بەزى يېڭى ئەزالار ئۆزىنىڭ كۇچلۇك قىزىقىشى ۋە ھەددىدىن زىيادە ئامراق مەستانىلىكىدىنمۇ بەزى ئىنكاسلاردا ئاشۇرىۋىتىشى مۇمكىن ، بۇنىڭغا چوقۇم بىرەر كونا ئەزا ياكى بەزى قان مەستانىلەر ئىنكاس يازغۇچىنىڭ يېڭى ئەزا ئىكەنلىكىنى كۆرمەيلا بەزى تالاش -تارتىشقا ياكى ئېغىز ئۇرىشىغا ، مۇھىمى مۇنبەر ئىتتىپاقسىزلىقىغاسەۋەپچى بۇلۇپ قېلىۋاتىدۇ، توغرا مەسىلە يېڭى ئەزادا بۇلۇشى مۇمكىن ، ئۇنىڭ پىكىرى راستىنلا ئوشۇق ھەددىدىن زىيادە ئېشىپ كەتكەن تەغدىردىمۇ مۇنبەر باشقۇرغىچىلىرى نەسىھەت قىلسا ياكى كونا مۇنبەر ئەزالىرى چۇشەندۇرۇپ قويسا بۇلىدىغۇ ، ياكى كونا مۇنبەر ئەزاسى مۇنبەرگە نىسبەتەن «چوڭ » بولغاندىكىن بىرەر قېتىم يول قۇيۇپ توغرا چۇشۇنۇپ ، ئايرىم ئىنكاس ئارقىلىق چۇشەندۇرۇپ قۇيۇشىنى لايىق دەپ ئويلايمەن .
2. يېڭى ئەزالارنىڭ تىما يېزىش قىزغىنلىقىنى توسۇپ قۇيۇش :
مۇنبەرگە يېڭى ئەزا بولغانلار ئەزالار قىزغىنلىقى ياكى سالاملىشىپ تۇنۇشۇش مەقسىتىدە بىرەر تىما يوللىسا ، ئۇنىڭ سالامىنى ئىلىك ئالماسلىق ۋە ياكى بىلمەستىنلا بۇرۇن يوللىنىپ بولغان تىمىنى يوللاپ قويغان بولسا ، ( بۇرۇن يوللىنىپ بولغان تىمىكەنغۇ ، كونا تىما ، كۆچۇرۇلمە تىما .... )دىگەندەك بىر قاتار ئىنكاسلار قىزغىنلىقنى يوق قىلىشقا ياكى مۇنبەرگە مۇنبەرگە كىرمەسلىكىگە سەۋەپ بۇلۇپ قالىدىكەن ، يېڭى ئەزا كونا تىما بۇلامدۇ ياكى كۆچۇرۇلمە تىما بۇلامدۇ ، ئۇ پەقەت تۇنۇشۇش ياكى قىزغىنلىقى بىلەن تىما يوللىغاندىكىن توغرا چۇشەنسەك بۇلىدىغۇ ، ياكى سەمىمىي تەكلىپ پىكىر بەرسەك بۇلىدىغۇ ، مەنمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مەسىلىلەرگە يولۇققان ، تۇنجى تىما يوللىغان چاغدا باياتىنقىدەك ئىنكاسلارنى قۇبۇل قىلغان چاغدا كۆڭلۇم بىر خىل بۇلۇپ قالغان مۇنبەرگە ئەزا بولغىنىمدىن ،تىما يوللىغىنىمدىن پۇشايمان قىلغان لىكىن بىر قىسىم ئىسىل مۇنبەرداشلارنىڭ شۇنداقلا ئاكا سۇپەت باشقۇرغۇچىلارنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ۋە تىمامنى تۇلۇقلاپ تەستىقلىغىنىدىن بەكمۇ خيرسەن بولغان ئىدىم ، مەن يوللىغان «تىزلىك بۇلا مۇشۇنداق بۇلا !~!`» دىگەن تىمىدا مەن پەقەت ۋىدىيونىلا يوللىغان تىما تەستىقلانغابدىن كىيىن كۆرسەم مۇنبەردىكى ئىسىل باشقۇرغۇچى «توپ تەپكۇچى» ئاكا بىر مۇنچە ئىسىل سۆزلەرنى قۇشۇپ قۇيۇپتۇ، بەك خۇشال بولدۇم ۋە مۇنبەرگە بولغان قىزغىنلىقىم تېخىدىنمۇ ئاشتى .مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن «توپ تەپكۇچى » ئاكامغا رەھمىتىمنى بىلدۇرىمەن!
3. تىما يوللاشتىكى قىيىنچىلىق :
بۇ مەسىلە تەبىئىيكى يېڭى ئەزالاردا كۇرۇلۇشى ئېنىق ، تەكلىپىم : مۇنبەردىكى باشقۇرغۇچىلار ياكى كونا مۇنبەر ئەزالار تىما يوللاش دەرىسلىكى مەزمۇنىدا بىر تىما يوللاپ قويسا ۋە بۇ تىما مۇنبەرنىڭ كۆزگە كۆرىنىپ تۇرىدىغان جايىغا قۇيۇلسا ، يېڭى ئەزالارنىڭ تىما يوللاش قىيىنچىلىقى ھەل بۇلاتتى.
ئاخىرىدا مۇنبەردىكى بارلىق كونا يېڭى ئەزالاردىن يېڭى ئەزالارغا ۋاكالىتەن بۇ تەكلىپىنىڭ قۇبۇل قىلغۇدەك يەرلىرىنىڭ قۇبۇل قىلىشىڭلارنى ، ئۇشۇقچە يەرلىرىنى توغرا چۇشۇنىشىڭلارنى ، تۇۋەنچىلىك بىلەن ئۇمىد قىلىمەن . ئۇيغۇر پۇتبولچىقى ئۇچۇن كۇچ قۇشۇۋاتقان پۇتبول مۇنبىرىنىڭ كۇنسايىن تەرەققىي قىلىشىنى ۋە مۇنبەر ئۇچۇن ، ئۇيغۇر پۇتبولچىلىقى ، پۇتبولخۇمار ئۇچۇن كۇچ قۇشۇۋاتقان مۇنبەردىكى بارلىق مۇنبەر چوڭ-كىچىكلىرىنىڭ تىنىنىڭ ساق-سالامەت بۇلىشىنى ،ئىشلىرىنىڭ ئۇڭۇشلۇق بۇلۇشىنى ئۇلۇغ ئىگەمدىن سۇرايمەن. |
|