akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1783|ئىنكاس: 56

خەيرى-خۇش دىمارىيا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەبرار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-26 23:53  

下载 (1).jpg
مانچېستېر بىرلەشمىسى كوماندىسى رەسمى ھالدا ، مادرىد توپچىسى ئارگىنتىنالىق دىمارىيانى يۆتكەپ كەلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى . مانچېستېر تەرەپ دىمارىيانىڭ يۆتكىلىش ئىشىدا 60 مىليون فوندستېرلىڭ چىقىم قىلدى .
بۇ قېتىم مانچېستېر بىرلەشمىسى پۈتۈن كۈچى بىلەن ھەرىكەتكە كېلىپ ، فرانسىيە پارىژ سان جىرمان كۇلۇبىدىن بۇ چولپاننى تارتىۋالدى ، لېكىن پارىژ بىلەن بولغان بۇ جەڭدە ، مانچېستېر تەرەپ خىلى مەبلەغ سەرپ قىلغان بولۇپ ، ئېنگلاند بىرلەشمىسىدىكى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى يۆتكىلىش سوممىسىنى بارلىققا كەلتۈردى . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مادرىد تەرەپمۇ مادرىد تارىخىدىكى ئەڭ قىممەت سودىدىن بىرنى قىلىۋالدى.
دىمارىيا مانچېستېر بىرلەشمە كوماندىسىدا رىۋايەتلىك يەتتىنچى نومۇرنى كىيىدۇ ، بۇ كېيىمنىڭ تۈرتكىسىدە ، دىمارىيانىڭ كۈچىگە كۈچ قوشۇلۇشى ئېنىق .
مانچېستېر كوماندىسى ئېنگلاند بىرلەشمىسىنىڭ بېشىدىلا ياخشى نەتىجە بىلەن دەسلەپ قىلالمىدى ، ئاۋال سىۋانىزى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە 2-1 نەتىجە بىلەن مەغلۇپ بولدى  ، كېيىن بولسا 1-1 نەتىجە بىلەن ساندىرلاند كوماندىسى بىلەن تەڭلىشىپ قالدى .
ئاخىرىدا پۈتۈن مادرىد مەستانىلىرى دىمارىيانىڭ مادرىد ئۇچۇن تەپكەن،  ھەر بىر توپى ئۇچۇن رەھمەت ئېتىدۇ ، ئىشىنىمىزكى دىمارىيا ئۆزىنىڭ دۇنياۋى سەۋىيسى بىلەن ، مانچستېرنىڭ قاتمال ھالىتىنى چوقۇم ئۆزگەرتەلەيدۇ .


1409057543_083176_1409057710_noticia_grande.jpg

دىمارىيانىڭ خوشلىشىش خېتى
1996306DABC94B21B8A8DADEC5AA5A0A.jpg
مادىرىتتكى ھاياتىم ئاخىرلاشتى ، بۇ يەردە خۇش دېيىش قېيىن بولغان دوستلىرىم بار ، لېكىن تۇرمىغان مېھماننىڭ كەتكىنى ياخشى دېگەندەك ، بەزىدە چوقۇم خۇش دېيىش كېرەك بولۇپ قالىدۇ ، تۇت يىللىق مادرىد ساۋۇتنى كېيىپ جەڭ قىلغان كۆنلىرىمنى پەقەت پەخىرلىنىش دېگەن سۆز بىلەن سۈپەتلەيمەن ، بۈگۈن ئايرىلىش كۈنى ، لېكىن مېنىڭ قەلبىمدىن ئايرىلىش كۈنى ئەمەس ، مېنىڭ ئايرىلغىممۇ يوق ئىدى . مېنىڭ كېيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيدىكى ، سەپداشلىرىم بىلەن بولغان خۇشال كۈنلىرىم مېنى كېتىشىمنى تېخىمۇ تەسلەشتۇرۋىتىدۇ ، مادرىتنىڭ ئونىنىچى لوڭقىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ سىرى بولسا دەل كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىدۈر . ھەر قېتىم مادرىد مايكىسىنى كىيىپ جەڭ قىلغان ۋاقىتلىرىدا ، بۇ مېنىڭ مادرىتتىكى ئەڭ ئاخىرقى مۇسابىقەم بولۇپ قالمىسىكەن دېگەن ئۈمىدتە بولاتتىم ، ئاقىۋەت يەنىلا ئايرىلىش بىزنىڭ تەغدىرىمىزگە پۈتۈلگەن ئىكەن ، بۇ خېتىم ئارقىلىق ، مادرىتتىكى مەن بىلىپ بىلمەي كۆڭلى رەنجىتكەن  دوستلىرىمنىڭ مېنى ئەپۇ قىلىۋېتىشنى سورايمەن .
مەن يەنە ئىسپانىيە دۆلىتىگە تەشەككۇرىمنى بىلدۈرىمەن ، مېنىڭ ئىككى جان جىگىرىم مۇشۇ يەردە دۇنياغا كەلدى ، ئۇلارنىڭ كىندىك قېنى ئسپانىيەگە تۆكۈلدى ، بۇ يەردە  Montepríncipe دۇختۇرخانىىسغا ئالاھىدە رەھمىتىنى بىلدۈرىمەن .
يەنە مېنى قوللىغان دوستلىرىمغا ، كۇلۇپ ئۇچۇن كىچە كۈندۈز خىزمەت قىلغان خىزمەتچىلەرگە رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن .
خان جەمەتى مادرىد كوماندىسىنىڭ يېڭى مەۋسۇملۇق مۇسابىقىلەردە ، مول ھۇسۇللۇق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىلەكداشمەن  ، يەنە بىز ئۇچۇن چاۋىكىنى ئايىماي چېلىپ بىزگە مەدەت بەرگەن مادرىد مەستانلىرىغا رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن .
قىيالمىغان ھالەتتە ھەممىڭلارغا خەيرى - خۇش دەيمەن .
ھۇررا مادرىد ! غەيرەت قىل مادرىد

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-8-27 05:00:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسلى گەپ بۇيىچە ، يېگىت سۆزىدىن يانماس !
ئەگەر دىمارىيا قايسى كۇلۇپقا يۆتكەلسە ، شۇ كۇلۇپنىڭ مەستانىسى بولۇپ  ، قۇش ماكانلىق بولىمەن دېگەن سۆزۈمگە ئاساسەن ، مۇنبىرىمىزدە مانچستېر مەستانىسىدىن بىرىسى كۆپەيدى .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-8-27 05:09:23 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋانجال   بەك   ياخشى   سودا   قىلىۋالدى ،    مادىرىدقا   خېلى   ئوبدانلا   كۈچ   قوشقان   بۇ،  ئەمما   بۇ   ئەمدى   يان   كىراي   ئوينامدىغاندۇ   يكى   ئوتتۇرا   مەيدانمۇ؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-8-27 05:09:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي يارىشىپ كەتكەيسەن ،

مانچىستىر ئۇدا ئۈچ مەيدان ئۇتتۇرۇپ قۇيدى ،
ھازىر ئاياغلاشقان  مۇسابىقىدە يېڭىدىن دەرجە ئۆرلەپ چىققان كۇماندىدىن ئاران 4 توپ ئىستىمال قىلىپ مانچىستىر مەستانىللىرىنى قاتتىق قايغۇغا چۆمدۇردى ،  ۋانجال ئاساسلىق ئەزالارنى چىقارماي كۈرۈپ باقمىغان توپچىلارنى چىقىرىپ 4 توپ كىرىپ كىتىشتەك سەۋەنلىك ئۆتكۈزدى ، ھەممىسى مۇداپىيەچىلەرنىڭ سەۋەنلىكىدىن بولدى ، پاسنى جايىدا بىرەلمەي ،
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-8-27 07:24:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مانچىستىر ئومدان سودىدىن بىرنى قىلۋالدى،دىمااىياغا قىزىل كىيىم بەك يارشامدۇ نىمە.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-8-27 08:34:10 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخىرى كەلدىڭ، ۋانجالنىڭ ئۇتتۇرشىدك سەۋەپ تاكتىكا سىنىقى قىلۋاتدۇ دەپلا چۇشەندىم، مانچىستىر مەستانىلىردىن بىرسى ئاۋۇدى ياخشى باشلىنىش
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-8-27 08:50:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ئوبدان سودىدىن بىرنى قىلىۋالدى ۋانگال،  مانچېستېر بىرلەشمىسىگە مۇبارەك بولسۇن!
دىمارىيانىڭ مانچېستېر بىرلەشمىسىگە ماسلىشىپ كىتىشىگە يۈزدە-يۈز ئىشىنىمەن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-8-27 09:05:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-8-27 09:08:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-8-27 09:08:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-8-27 09:17:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېسىل يوللىغان ۋاقتى  2014-8-27 03:08
قارسام مادرىد مەستانللىرى ھېچ ئنكاس يازمايدۇ   

...

رىئۇس بىلەن فالكاۋنىڭ سۇدىسىنىڭ پۇتكەنلىك خەۋىرىنى ساقلاۋاتىمىز  .
ئېنىق بولمىغان بىر تور بەتتە مادرىد رىئۇس بىلەن بەش يىللىق  ، يىللىقى 6 مىليۇن مائاش بىلەن بىرلىككە كىلىپ بولدى دېگەن خەۋەرنى كۆردۇم ، لېكىن ئېشەنچىلىك بىرەر تور بەتكە چىقسا ، دەرھال خەۋەر قىلىمەن .

فالكاۋنى بىر يىللىق ئىجارىگە ئېلىپ بولغان چېغى مادرىد . مۇشۇ خەۋەرلەرنىڭ دەردىدە ، دىمارىيانىڭ خەۋىرى بېسىلىپ قىلىۋاتىدۇ قاراڭ .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-8-27 09:20:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇپەسىل رىقابەت بوش ئەمەسقۇ
     قىزىل ئالۋاستى ،كۆك قوشۇن. قىزىل قوشۇن.   ..ۋاي.   بەك  بەلەن بوپ كەتتى دە  بىز مەستانىلەرگە !
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-5-11 01:24

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش