elan ornielan orni
كۆرۈش: 1641|ئىنكاس: 25

مەڭگۈلۈك ئەسلىمە !

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   dilmurat. تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-25 21:57  



مەڭگۈلۈك ئەسلىمە !

{W`G[GLWM{53_952A1KP_FO.jpg

2014-يىللىق دۇنيا لوڭقسى پۇتبول مۇسابىقىسى مىليونلىغان پۇتبول مەستانىلىرى قەلبىدە مەڭگۈلۈك ئەسلىمەلەرنى قالدۇرۇپ كەتتى ...
بىر تۈركۈم  پۇتبول مەستانىلرىنىڭ قەلبىدە مەڭگۈ ئۇنتۇلمايدىغان  غەلبە شاتلىقى مۇستەھكەم ئورناپ كەتكەن بولسا يەنە بىر تۈركۈم پۇتبول مەستانىلىرىنڭ قەلبىدە مەغلۇبىيەتنىڭ ئاچچىق تەمى مەڭگۈلۈك ساقلىنىپ قالدى ، بىر تۈركۈم  پۇتبول مەستانىلرى ئۆز كوماندىسىنىڭ ئىپادىسىدىن رازى بولغان بولسا يەنە بىر تۈركۈم  پۇتبول مەستانىلىرى ئۆز كوماندىسىنىڭ ئىپادىسىسدىن قاتتىق نارازى بولدى ، بىر تۈركۈم پۇتبول مەستانىلرىنىڭ قەلبىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچىلار ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ ياخشى ئىپادىسىنى جارىي قىلدۇرالىغان بولسىمۇ يەنە تۈركۈم  پۇتبول مەستانىلىرنىڭ قەلبىدىكى ئەڭ مۇنەۋەەر توپچىلار  ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ ياخشى ئىپادىسىنى جارىي قىلدۇرالمىدى ، بىر تۈركۈم ئەنئەنىۋى كۈچلۈك كوماندلار ئىپادىسىنى ياخشى جارىي قىلدۇرالىغان  بولسىمۇ يەنە بىر تۈركۈم ئەنئەنىۋى كۈچلۈك كوماندىلار كىچىك  گۇرۇپپىدىنلا شاللىنىپ كەتتى، بىر تۈركۈم مەستانىلەر بۇزۇلۇپ كىتىشىنى پەقەت خالىمايدىغان دۇنياۋى دەرىجىلىك رىكورتلار بۇزۇلۇپ كەتكەن بولسىمۇ يەنە بىرتۈركۈم مەستانىلەرنىڭ قەلبىدىكى داڭلىق ماھىلار دۇنياۋى دەرىجىلىك رىكورتلارنى قالدۇرۇپ كەتتى ...شۇنداق قىلىپ 2014-يىللىق بىرازىلىيە دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدىكى بارلىق توپ مەستانىلرىنىڭ قەلبىدە مەڭگۈلۈك ئەسلىمىلەرنى قالدۇرۇپ بىزلەر بىلەن خوشلاشتى ...  پۇتبول مەستانىسىنىڭ قەلبىدە يەنە بىر پۇتبول مەستانىىسىگە ئوخشىمايدىغان ، ھەر بىر پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ قەلبىدە ئايرىم-ئايرىم مەڭگۈلۈك ئەسلمىلەر ئورناپ كەتتى ...تۆۋەندە مەن 2014-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدىكى ئاچچىق ھەم تاتلىق بولغان ئەسلىمىلىرىمنى  خاتىرە سۈپىتىدە ساقلاپ قويۇش بىلەن بىرگە سىلەرنىڭ ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنماقچى. لىكىن مېنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى ھىسياتىمنى قەلىمىم بىلەن تولۇق ئىپادىلەپ بېرىشكە ئاجىزمەن ...سەۋىيەم  تۆۋەن شۇڭا  تېمىدا ئىملا خاتالىقلىرى كۆپ بولۇشى مۇمكىن خاتا جايلىرىنى تۈزۈتۈپ ئوقۇشۇڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن .


ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدىكى ئاجايىپ ئىشلار  
A8G){DOQ2U5~J%ES0YVH380.jpg

بىرازىلىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر مەيدان چېمپىيونلۇقنى تالىشىش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى باشلىنىشتىن بىر نەچچە كۈن بۇرۇن «خوتەن ئىشتىن سىرتقى پۇتبول بىرلەشمىسى»دىكى خوتەن پۇتبول ساھەسىدە بەلگىلىك تەسىرگە ئىگە بولغان، بىر تۈركۈم پۇتبول مەستانىلىرى بىلەن ، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىنى بىرگە كۆرۈشكە پۈتۈشتۇق .
شۇنداق قىلىپ مۇسابىقە باشلىنىدىغان ۋاقىتتىن نەچچە سائەت بۇرۇن خوتەن ئىشتىن سىرتقى پۇتبول بىرلەشمىسى رىپىرلار گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى ئابلەت ئابابەكرىنىڭ دوكىنىغا بىر نەچچەيلەن يىغىلىپ كەسكىن مۇنازىرىگە چۈشۈپ كەتتۇق ...بىر دەمدىن كىيىن قارىسام مۇسابىقە باشلىنىدىغانغا پەقەت ئۈچ سائەتلا ۋاقىت قاپتۇ ، مۇسابىقە كۆرۈش ئۈچۈن دىيىشىپ قويغان ئورۇنغا ماڭىمىز دەپمۇ يېرىم سائەتنى ئۆتكۈزىۋەتتۇق ... يېرىمن سائەتتىن كىيىن كائىنات شېركىتىنىڭ باش دېركتورى ئىمىنجاننىڭ ئىشخانىسىغا يېغىلدۇق .
ئىمىنجان نەچچە سائەت بۇرۇن شېركەت يېغىن زالىغا 55 دىيۇملىق تېلىۋىزورنى ۋاقىتلىق بېكىتىپ قويۇپتىكەن ...30غا يېقىن پۇتبول مەستانسى يېغىن زالىدىكى ئورۇنلارنى بىر ئالدۇق ...مۇسابىقە باشلىنىشتىن بۇرۇن گېرمانىيە تەرەپدارلىرىدىن بولغان ، خوتەن بىرلەشمىسىنىڭ مەرگىنى تۇرسۇننىياز قاتارلىقلار ئارگىنتىنا مەستانىلرىدىن بولغان خوتەن بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئەكرەم ئىمىن قاتارلىقلار بىلەن كەسكىن مۇنازىرىگە چۈشۈپ كەتتى ... مەن مۇنازىرىگە ئارلاشماي جىمىلپلا كەتتىم دەل شۇ ۋاقىتتا يېنىمدىكى ھېيتگاھ كوماندىسىنىڭ كاپىتانى ئۆمەر دىيەنجاڭ چاق-چاق ئارلاشتۇرۇپ  ئۇكام بۇ نەق مەيدان ئەمەس ساڭا بۇ يەردە مۇسابىقە چۈشەندۈرىدىغان مىكروفۇن يوق شۇڭا سۆزلەپ ئولتۇر دېۋىدى مەن : نېمىنى سۆزلەيمەن مەن ئۈچۈن قايسى كوماندا چېمپىيون بولسا بەرىبىر دەپ ھىجىيىپ قويدۇم ...  ۋاراڭ چۇرۇڭ قاپلاپ كەتكەن مۇنازىرىدىن كىيىن قارىساق مۇسابىقە باشلىنىدىغانغا بىر سائەتلا ۋاقىت قاپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئىمىنجان تېلىۋىزورنى ئېچىپ مەركىزى تىلىۋىزىيە ئىستانىسىسىنىڭ 1-قانىلىغا يۆتكەپ قويدى  لىكىن مۇسابىقە باشلانغىلى 20 مىنۇت قالغان ۋاقىتتىمۇ بۇ قانالدا باشقا بىر كىنونى قويدى ،  سورۇندىكى ئوت مەستانىلەر جددىلىشىشكە باشلىدى ، ئارىمىزدىن بىرى مەركىزى تىلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 5-قانىلى چىقمامدىكەن دەپ سورىۋىدى ئىمىنجان ئۇ قانال چىقمايدۇ،  شېركەت يېغىن زالىغا سىملىق تېلىۋىزىيە ئۇلانمىغان...لېكىن  ئەنسىرمەڭلار 1-قانالدا ھەر كۈنى تارقىتىۋاتقان ،بۆگۈنمۇ تارقىدىدۇ دېگەچ شېركەتنىڭ بىر خىزمەتچىسىگە تېلىفۇن قىلىپ كوپپىيوتىردىن بىرنى يېغىن زالىغا ئەكىرىپ بېرىشنى تاپىلدى .
شېركەت خىزمەتچىسى ئۇزۇن ئۆتمەي كومپىيوتىردىن بىرنى ئېلىپ كىرىپ تېلىۋىزور بىلەن كومپىيوتۇرنىڭ ئارقىسىدا ئۇزۇن بىر سىمنى كۆتۈرۈپ يۈرۈپ مۇسابىقە باشلايدىغان ۋاقىتمۇ بولۇپ قالدى ...لىكىن 1-قانالدا مۇسابىقىنى تارقاتمىدى، ئارىمىزدىن بىرەيلەن شىنجاڭ تىلىۋىزىيە ئىستانىسىسىنىڭ 5-قانىلىدا كۆرەيلى دېۋىدى قارىساق 5-قانال قۇپقۇرۇق تۇرۇدۇ...باشقىلارنىڭ ئۆيىدە 1-قانالدىمۇ تارقىتىۋېتىپتۇ لىكىن بۇ يەردە 1-قانالدا باشقا كىنو چىقىپ تۇرۇدۇ...  بىر دەمدىن كېيىن سائەتكە قارىسام مۇسابىقە باشلىنىپ ئۈچ مىنۇت بوپتۇ ، بۇ ۋاقىتقىچە ھەممەيلەن تىت-تىت بولۇپ باشقا جايغا يۆتكىلىشنى قارار قىلدۇق ، 30 دەك كىشى خوتەندە مۇقۇملۇق خىزمىتى ناھايىتى چىڭ بولۇۋاتقان مەزگىلدە  ، يېرىم كېچە بولغاندا ، بىرلا ۋاقىتتا، 16 -قەۋەتتىكى يېغىن زالىدىن قوزغۇلۇپ ۋاراڭ-چۇرۇڭ قىلىشقاچ ھەش -پەش دېگۈچە بىنانىڭ ماشىنا توختىتىش ئورنىدىن تەڭلا قوزغۇلۇپ ئارىمىزدىكى ئەڭ چوڭ كىشى نەبى ئاخۇن ئاكىمىزنىڭ ئۆيىگە كېلىپ تېلىۋىزور ئېكرانىغا قاراپ ئورۇن ئېلىپ بولدۇق ...

ئارگىنتىنا كوماندىسى ئوفسىايت توپتىن بىرنى ئۇرۇۋىدى ئارگىنتىنا تەرەپدارلىرى ھاياجانلىنىپ ئورنىدىن سەكرەپ تۇرۇشۇپ ۋاقىراپ كەتتى... نەچچە سىكونتتىن كىيىن گېرمانىيە تەرەپدارلىرى توپنىڭ ئوفسايىت ئىكەنلىكىنى بېلىپ ئارگىنتىنا تەرەپدارلىرنى مازاق قىلغانمۇ بولدى ...
ئارىمىزدىن بىرى ھازىر خوتەندىكى ۋەزىيەت قالايمىقان ۋارقىراشمايلى قېرىنداشلار... نەبىي ئاخۇن ئاكىمىزنى خىجىل قىلمايلى دېۋىدى نەبىي ئاخۇن ئاكىمىز كۈلۈپ تۇرپ مەيلى قانغۇچە ۋارقىراڭلار قۇلۇن- قوشنىلارغا ئەتە چۈشەندۈرۈپ قويىمەن ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ دېگەن دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى، ناۋادا ساقچىلار چارلاپ كەلسىمۇ بۇنداق چوڭ مۇسابىقىنى ئىتراپ قىلدۇ دەپ سورۇندىكىلەرنى خاتىرجەم قىلدى  ...
ئىككى تەرەپ مەستانىلىرى 90 مىنۇتلۇق مۇسابىقە ئاخىرلاشقۇچە تالاش-تارتىش قىلغاچ ئىنتايىن  قىزغىن كەيپىياتتا مۇسابىقە كۆردى... دەل شۇ ۋاقىتتا كائىنات شېركىتىنىڭ باش دېرىكتورى ئىمىنجان  رامىزان ۋاقتى بولغاچقا سوھۇرلۇق ئۈچۈن  30 كىشلىك پولو ئەكىلىشكە تەمشەلدى . لىكىن سورۇندىكى بالىلار قوشۇپ بېرىلگەن مۇسابىقىنى ھەممىمىز ئۆيگە قايتىپ كۆرەيلى دەپ تۇرۇۋالدى... چۈنكى ھەممەيلەن ئۆزى ياقتۇرغان كوماندىغا بەك ئىشىنىپ كەتكەن ئىدى ... شۇڭلاشقا دوست -بۇرادەرلەرنىڭ ئالدىدىلا ھەممەيلەن ئۆزى ياقتۇرغان كوماندىنىڭ قولغا كىلەي دەپ قالغان لوڭقىنى تارتقۇزۇپ قويغان كۆرۈنۈشنى خالىمايتتى  ...

شۇنداق قىلىپ يەنە سورۇندىكى ھەممەيلەن تەڭ  ئىشىكتىن  چىقىپ ئۆيىمىز تەرەپكە قاراپ يول ئالدۇق ... ئۆيگە كېلىپ تېلىۋىزورغا قارىسام قوشۇپ بېرىلگەن ۋاقىتنىڭ ئالدىنقى يېرىم مەيدانى باشلىنىپ بوپتۇ . مەن ئۈچۈن  بۇ ئىككى كوماندىنىڭ قايسى چېمپىيون بولسا بەرىبىر بولسىمۇ لېكىن ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە بولغاچقا نەتىجىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىغا قىزىقىپ تېلىۋىزر ئىكرانىغا قاراپ ئولتۇررۇپ... بىر دەمدىن كېيىم كۆزۈم ئۇيقىغا كەتكەن ئوخشايدۇ... قارىسام مېسسى ئىختىيارى توپ تېشكە تەييارلىنىپ تۇرۇپتۇ ، مېسسى ئىختىيارى توپنى بىتەرەپ قىلىپ بولغاندىن كىيىن قارىسىام گېرمانىيە كوماندىسى بىر توپ ئۇرۇپ بوپتۇ ... شۇنداق قىلىپ بۇ قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە گېرمانىيە كوماندىسى چېمپىيون بولدى . ..ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە ئوينالغان شۇ كېچىدە يۈز بەرگەن ئىشلار بىز بىلەن بىرگە مۇسابىقە كۆرگەن 30 دەك دوست -بۇرادەرلىرىمىزنىڭ مەڭگۈ ئىسىدىن چىقمايتتى ...


مەن ياقتۇرىدىغان بىرازىلىيە كوماندىسى ئۇتتۇرۋەتكەندىكى ھىسياتىم   

}YHG)0{VK22KHBD0`(]OI3J.jpg

بىرازىلىيە كوماندىسى گۇرۇپپىدىن ئوڭۇشلۇق چىقىپ ، مېكىسىكىنى ئۇتۇپ ، يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرگەندىن كىيىن كاپىتان سىلۋا قىزىق كارتا سەۋەپلىك يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقەگە قاتنىشالمايتتى ...دەل مۇشۇنداق ۋاقىتتا نېيمارنىڭ يارلىنىپ قېلىشى بىرازىلىيە كوماندسىى ئۈچۈن چوڭ يوقۇتۇش بولۇپ قالدى ... مۇسابىقە باشلىنىشتىن بۇرۇن بىرازىلىيە كوماندىسىنىڭ ئۇتۇشىغا بولغان ئىشەنچىم سەل تۆۋەنلىگەن بولسىمۇ لېكىن يەنىلا ئۈمۈتۋار ھالەتتە مۇسابىقىنى كۆردۈم ... مۇسابىقە باشلىنىپ ئۈچ مىنۇت بولغۇچە بىرازىلىيە كوماندىسى ئەزالىرى مەيداننى كونتىرول قىلىپ ناھايىتى جانلىق ئويناپ كەتتى ...تەخمىنەن 12 مىنۇت بولغاندا گېرمانىيە كوماندىسى بىر توپ ئۇرۇۋىدى خۇددى بىر كاچات يىگەندەك بولۇپ كەتتىم ... ئۇزۇن ئۆتمەي گېرمانىيە كوماندىسى يەنە بىر توپ ئۇرۇۋەتتى ، بۇ توپ كىرگەندىمۇ كۆڭلۈم ناھايىتى يېرىم بولدى . ئۈچىنجى توپ كىرگەندە كۆزۈمگە ئىشەنمەيلا قالدىم ، تۆتىنچى توپ كىرگەندە ھەيرانلىقتا نېمە قىلارىمنى بىلمەيلا قالدىم... شۇنداق قىلىپ ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە ئاخىرلاشتى .

ئارلىقتىكى ۋاقىتتا پۇتبول شاھلىقى بولغان بىرازىلىيە ئۆزىنڭ زىمىنىدا ئارا نۇمۇستا قالىدىغان بولدى، مۇسابىقە مۇشۇنداقلا داۋاملاشسا بىرازىلىيە كوماندىسى 7:0 ئۇتتۇرۇپ تارىختا يىڭى بىر رىكورتنى قالدۇرۇپ قويغۇدەك دەپ ئويلىدىم ...
كىيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ بىرازىلىيە كوماندىسىنىڭ ئىپادىسى ئالدىنقى يېرىم مەيداندىكىگە قارىغاندا ياخشى بولغان بولسىمۇ گېرمانىيەنىڭ داڭلىق قاپقىچىسى نويىر خەتەرلىك توپلاردىن بىر نەچچىنى توسۇپ قالدى... لېكىن گېرمانىيە كوماندىسى يەنىلا توپ ئۇرۇشنى توختاتمىدى ...بىردەمدىلا نەتىجە 7:0 گە ئۆزگەردى، كۆزۈمگە ئىشەنمەيلا قاپتىمەن ئاخىرىدا ئوسكار بىر توپ ئۇرۇپ مۇسابىقە نەتىجىسىنى 7:1 گە ئۆزگەرتتى ... رىپىرنىڭ مۇسابىقە ئاخىرلىشش سىگىنالى چېلىنىشى بىلەن تەڭ يانفۇنۇم سايراپ كەتتى ... بىرازىلىيەنىڭ ئۇتتۇرغىنىنى مەن كۆرمىگەندەك بىر-نەچچەيلەن ماڭا تېلىفۇن قىلىپ بىرازىلىيەنىڭ ئۇتتۇرۇپ قويغىنىنى چاق-چاق ئارلاشتۇرپ ماڭا قەستەن  بىلدۈرۈپ قويۇشتى ...شۇنداق قىلىپ بۇ مەيدان مۇسابىقە ئۇنۇتماق قىيىن بولغان بىر مۇسىابىقىگە ئايلاندى .



كىلوز تاشقى پىلانت ئادىمى رونالدونىڭ  رىكورتنى يىڭىلدى

KOYMZMVK%8V3@KYS@5}()O6.jpg @C4`LI5M8ZDD0K~BZY@)7[0.jpg

رونالدو توغۇرلۇق تېما يېزىلسا 1-قەۋەتكىلادىلمۇرات يازغانمىكىن دېگەن ئىدىم دەپ ئىنكاس يېزىپ قويدىغان مۇنبەرداشلارمۇ ئاز ئەمەس ئىدى ... مەن بۇرۇن رونالدونىڭ رىكورتىنى كىلوزنىڭ بۇزۇپ تالىشىنى پەقەت خالىمايتتىم ھەم مۇنبەردە كىلوزنىڭ دۆلەت كوماندىسىغا كىرەلمەسلىكىنى ئۈمۈت قىلغاندەك ئىنكاسلىرىمنىمۇ قالدۇرپ قوياتتىم... لىكىن كىلوز ئالاھىدە بىر سان بىلەن دۇنيا لوڭقىسىغا قاتنىشىپ گېرمانىيەلىك بومباردىمانچى قەھرىمان گېرد موللىرنىڭ  14 توپلۇق رىكورتىنى يىڭىلىغان تاشقى پىلانت ئادىمى رونالدونىڭ 15 توپلۇق رىكورتىنى 16 توپ بىلەن يىڭىلاپ قويدى...  تېخىمۇ ھەيران قالارلىق يېرى شۇكى رونالدو گېرمانىيەلىكلەرنىڭ زېمىنىدا گېرمانىيەلىك ماھىر گېرد موللىرنىڭ 14توپلۇق  رىكورتىنى بۇزۇپ تاشىغان بولسا كىلوز بىرازىلىيەلىكلەرنىڭ زىمىنىدا ، رونالدونى ، بىرازىلىيەلىكلەرنى قارىتىپ قويۇپ دۇنيا لوڭقىسىدىكى 16-توپىنى ئۇرۇپ تاشقى پىلانت ئادىمىنىڭ كاتتا رىكورتنى يىڭىلاپ قويدى ... لېىن مەن سىلەر ئويلىغاندەك كۆڭلۈمنى يېرىم قىلمىدىم جۇمۇ   رىكورت دېگەن ھامان يىڭلىنىدۇ ، كىلوزنىڭ رىكورتىنىڭ بۇزۇلىدىغان ۋاقتىمۇ ھامان بىر كۈنى يېتىپ كېلىدۇ . ..


ئىسپانىيە ، ئىتالىيە ، ئىنگىلاند قاتارلىق كۈچلۈك كوماندىلار بۇرۇنلا خوشلاشتى

Italy[2].gif Spain[1].gif

ئىتالىيە كوماندىسى ھالاكەت گۇرۇپپا دەپ قارالغان كىچىك گۇرۇپپا مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى ئايلانما مۇسابىقىسىدە ئىنگىلاد كوماندىسىنى ئۇتۇپ گۇرۇپپىدىن چىقىشقا بەك ئىشىنىپ كەتتى ، بولۇپمۇ تېرىنىر پۇلاندىلى ھەممىدىن بەكرەك كۆرەڭلەپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن ئىدى... چۈنكى پۇلاندىلى مۇسابىقە باشلىنىشتىن بۇرۇنلا ئۆزىنڭ بارلىق زىھنىنى شاللاش مۇسابىقىسىگە قاراتقانلىقىنى ، گۇرۇپپا مۇسابىسىدىن چىقىپ كېتىشىدە گەپ يوق ئىكەنلىكىنى جار سالغان ئىدى .
ئەپسۇس ئىتالىيە كوماندىسى 2-ئايلانمىدا كوستارىكا كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويدى ... لىكىن شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە يەنىلا ئىتالىيەنىڭ گۇرۇپپىدىن چىقىش ئىھتىماللىقى يۇقۇرى ئىدى...
ئەڭ ئەپسۇسلىنارلىق يېرى شۇكى  3-ئايلانما گۇرۇپپا مۇسابىقىىسدىمۇ ئىتالىيە كوماندىسى ئۇراگىۋايغا ئۇتتۇرۇپ قويدى... مېنىڭچە ئىتالىيە كوماندىسىنىڭ ئۇراگىۋايغا ئۇتتۇرىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەپنى پۇلاندىلىدىن ئىزدەشكە بولۇدۇ . ..
پۇلاندىلى بۇ مەيدان مۇسابىقىدە تەڭلىشىشنى مەخسەت قىلغاندەك تۇراتتى لىكىن ئۇراگىۋاي كوماندىسى ئىتالىيەنىڭ داڭلىق مۇداپىيە سېلىپىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ بىر توپ ئۇرغاندىن كىيىن ئىتالىيە كوماندىسى پاسىپ ئەھغلا چۈشۈپ قالدى ... كىيىن ئىتالىيە كوماندىسى ھۇجۇم دىگەننى ياغدۇرۋەتكەن بولسىمۇ توپ كىرمىدى ،  ئۇنىڭ ئۈستىگە بالوتېللى دىگەن ئاداشمۇ تازا ياخشى ئوينىيالمىدى، پىرلوغا ئىچىم ئاغرىپ قالدى ...ئەسلى پۇلاندىلى دىگەن ئاداش باشتىلا كۈچەپ ھۇجۇم قىلغان بولسا ئىتالىيە ئۇ كۈنگىمۇ قالماستى ...مۇسابىقىنى ئىنىم بىلەن بىرگە كۆرگەن ئىدۇق ...ئىنىم ئىتالىيە ، يۇۋۇنتۇسنىڭ قان مەستانىسى ئىدى،  ئىتالىيە كوماندىسى شاللانغاندىن كىيىن ئۇنىڭ كۆڭلى ناھايىتى يېرىم بولغاندەك تۇراتتى... مەن ھېچقىسى يوق ئىتالىيە شاللانسا يەنە باشقا كوماندىلار بار ئەمەسمۇ دەپ ئۇنىڭغا تەسللى بەرسەم ، ئىنىم : ئاكا سەن ناۋادا بىرازىلىيە شاللانغان بولسا تېلىۋىزورنى چېقىۋىتىشتىن يانمايتتىڭ ئەمدى ئىتالىيە شاللانسا ھېچقىسى يوق دەيسەنغۇ... بىرازىلىيە شاللانغاندا قانداق بولىسەنكىن قېنى دەپ بولۇپ ئەمدى ئىككىنچى دۇنيا لوڭقىسى كۆرمەيمەن كۆرسەممۇ 2018-يىلى كۆرەمەن ئاللا خالىسادېۋىدى ...مەن : بۇنداق دېگىنىڭ بىلەن باشقا مۇسابىقىلەرنى كۆرمەي چىدامتىڭ ئەمدى بولغۇلۇق بولدى ئۇيقاڭنى ئۇخلا دەپ قويدىم ...

گوللاندىيە كوماندىسى ئىسپانىيە كوماندىسىنى 5:1 نەتىجە بىلەن  مەغلۇپ قىلىپ قىساسىنى ئالدى لىكىن ئىسپانىيەنىڭ بۇنداق ئېچىنىشلىقى مەغلۇپ بولۇشىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدىم ...بۇ مەيدان مۇسابىقىنى خوتەن بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئەكرەم ئىمىننىڭ ئۆيىدە بىر نەچچەيلەن يىغىلىپ كۆرگەن ئىدۇق... مەن كاسىللاسنى دەپلا ئىسپانىيە تەرەپدارلىرى تەرەپتە تۇرغان ئىدىم... لىكىن مۇسابىقە باشلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا سورۇندىكى گوللاندىيەچى بۇرادەرلەر : قارا بىز نېمە دېگەن ئىسپانىيەنىڭ ھالى شۇ...  كاسىللاسقىمۇ قېرىلىق يىتىپتۇ ...روبىن كاساپەت كاسىللاستىن قىساسىنى بەك ياخشى ئېلىۋالدى دەپ ھىجىيىپ كېتىشتى ...مەن: ئۇلارغا بىر مەيدان مۇسابىقە ھېچنىمىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدۇ قاراپ تۇرڭلار ئىسپانىيە گۇرۇپپىدىن چىقىپ كېتىدۇ دەپ قويدۇم لېكىن ئىسپانىيە ئېچىنىشلىق ھالدا گۇرۇپپىدىنلا شاللىنىپ كەتتى ...
ئىنگىلاند كوماندىسىدەك ئەنئەنىۋى كۈچلۈك كوماندىنىڭ ئىتالىيە ، ئىسپانىيەلەر بىلەن تەڭ شاللىنىپ كېتىشى بۇ قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە قىززىق نۇقتىغا ئايلاندى ...

ۋاراتارلانىڭ قالتىس ئىپادىسى   

}J$}$XPYRL37_H344F%{)Z1.jpg FSF8Z35[R9QK98N1QMYP34S.jpg
ئارگىنتىنا ۋاراتارى رومىرو ، گوللاندىيە كوماندىسىنىڭ زاپاس ۋاراتارى كىلور ، قاتارلىقلارنىڭ نۇقتا توپ جېڭىدىكى ئىپادىسى قالتىس بولغان بولسا ئۇندىن باشقا ناۋاس ، نويېر ، ئىنياما ، خوۋارد قاتارلىق ۋاراتارلارمۇ ئاجايىپ ئىسىل ئىپادىسىنى جارىي قىلدۇرۇپ ئۆز دۆلىتىنىڭ ئىززەت- ئابرويى ئۈچۈن كۆپ كۈچ چىقاردى ....
نۇرغۇنلىغان كىشىلەر بۇ قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى ۋاراتارلاغا مەنسۇپ دەپ قاراشتى ...
لىكىن كىشىلەر ئەڭ نام قازانغان ئىككى داڭلىق ۋاراتار ئىكىر كاسىللاس بىلەن بوففوننى دۇنيا لوڭقىسىدىن بۇرنلا ئۇزۇتۇپ قويۇپ ئۇلارغا قىيالماسلىق نەزىرى بىلەن قارىدى ...
گېرمانىيە كوماندىسىنىڭ ھۇجۇمچى نويېر دەپ تەرىپلىنىدىغان بۇ ۋاراتارى دۇنيا لوڭقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرۈپ ئالتۇن پەلەي مۇكاپاتىنى قولغا كەلتۈردى شۇنداقلا نۇرغۇنلىغان پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ قەلبىدە بۈگۈنكى دەۋىردىكى 1-نۇمۇرلۇق ۋاراتارغا ئايلاندى ... ئۇنتۇلغۇسىز ئەسلىمىلەر كۆپ ئىدى ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن مۇشۇ يەرگىچە بولسۇن ...
  .

مەنبە: دىلمۇارت
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-8-26 09:54:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
dilmurat. يوللىغان ۋاقتى  2014-8-26 09:42
رەھمەت !

ھە راس باش سۈرەت يارىشىپتۇ ...ئۆيىڭىزنى مىلان  ...

ئالىي مەكتەپتىكى كارۋىتىمنىڭ بېشى... خۇدايىم بۇيرۇسا ئۆي ئالسام سىز دېگەندەك ئايرىم بىر ھوجرامنى مىلان مۇزېيى قىلارمەن..
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-8-26 01:09:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ياخشى يىزىلىپتۇ دىلمۇرات ئەپەندىم.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-8-26 01:23:39 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قانچىلىك ۋاقىت سەرىپ قىلداڭلا بۇ تىمىنى يازغىلى !
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-8-26 01:26:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راۋرۇس جاپا تاتىپ سىز  دەت كەممىسۇن ،  دىلمۇرات
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-8-26 01:36:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئەڭ جىق دىگەندىمۇ 5ئادەم بىللە ئولتۇرۇپ مۇسابىقە كۆرگىنمىزبارئاشۇندا30ئادەم بىلەن بىللە مۇسابىقە كۆرۈش قاچان نىسىپ بولار
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-8-26 01:42:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ۋاراتالارنىڭ ماھارەت كۆرسىتىش مەيدانى بولدى بۇ قېتىم، ئەسلىمىلەر خېلى كۆپ
ئەدەبىيات دەرسىدە بىرەر ماقالە يېزىشتا تېگىشلىك بولمىغان ھەرىكەت، سۆزنى ئىنچىكىلەپ تەسۋىرلەپ يېزىشنىڭ ھاجىتى يوق دېگەندەك قىلغان، ما ھېكايە بەك تەپسىلىي بوپ كېتىپتۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-8-26 01:49:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   dilmurat. تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-25 10:52  
كۆك بۆرە يوللىغان ۋاقتى  2014-8-25 10:42
ھەقىقەتەن ۋاراتالارنىڭ ماھارەت كۆرسىتىش مەيدانى بولد ...


بۇ ھېكايە ئەمەس قېرىندىشىم ئەمەلىي بولغان ئىشلار ...سۆزلەشكە تېگىشلىك بولمىغان سۆلەرنى سۆزلىگەن بولسام ماقالىنى نەچچە كۈندە پۈتتۈرگەن بولاتتىم
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-8-26 01:52:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىلىپتۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-8-26 09:32:39 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇسابىقىنى خېلى تەپسىلىي كۆرۈپسىز جۇمۇ!!يازمىمۇ ياخشى چىقىپتۇ!!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-8-26 09:42:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ablatjan يوللىغان ۋاقتى  2014-8-25 18:32
مۇسابىقىنى خېلى تەپسىلىي كۆرۈپسىز جۇمۇ!!يازمىمۇ ياخشى  ...

رەھمەت !

ھە راس باش سۈرەت يارىشىپتۇ ...ئۆيىڭىزنى مىلان مەستانىلىرىغا خاس  بىزىۋالغان ئوخشىمامسىز ؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-8-26 10:20:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى چىقىپتۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|دوختۇرخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2016-6-1 00:43

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش