ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 150 |
جۇغلانمىسى: 983 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مۇز تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-8-25 02:48
بۇ تېما نادىر تېما ئەمەس، بۇ تېما رەسىملىك تېما ئەمەس، بۇ تېما فىلىم ياكى مۇزىكا قىستۇرۇلغان مۇزىكا ئەمەس ،ئەمما بۇ بىر بىلىم تېمىسى، بۇ تېمىنى تولۇق ئوقۇپ چىقسىڭىز پۇتبولغا مۇناسىۋەتلىك بەزى بىلىملەرنى ئىگەللىيەلەيسىز، ئاندىن مەيلى پۇتبول توئغرىلىق پاراڭلاشقاندا بولسۇن ،ياكى پۇتبول چۈشەندۈرۈۋاتقاندا بولسۇن ، چوقۇم ئاز تولا پايدىسى تېگىدۇ. قۇرۇق پاراڭنى ئاز قىلىپ تېمامنى باشلاپ كەتتىم.
1. ئەنگىلىيەدە پۇتبول ئەڭ دەسلەپتە كالىنىڭ دوۋسىقىدا ياسالغان.
2.ۋارتار ئۆز سەبدىشىنىڭ پاس بەرگەن توپىنى قولىدا تۇتسا ،چەكلەنگەن رايون ئىچىدىكى ئىككىلىك ئىختيارىي توپ قويۇپ بېرىلىدۇ. ھۇجۇم قىلىدىغان تەرەپ بۇ توپنى چوقۇم پاس بىلەن ئاندىن ۋارتارغا ئۇرسا بولىدۇ.
3.پۇتبول تەنھەركىتى دەسلەپتە تەرەققىي قىلىۋاتقاندا بەزى جايلاردا پۇتبولنى قولدا ئېلىپ مېڭىشقا بولىدۇ دەپ بېكىتىلگەن ،كېيىن بۇ توغرىلىق تالاش تارتىش كۆپىيىپ قولدا توپ ئېلىپ مېڭىش چەكلەنگەن، توپنى قولىدا ئېلىپ مېڭىشقا ماھىر كوماندىلار بولسا تەرەققىي قىلىپ ھازىرقى زەيتون توپ تەنھەركىتى بارلىققا كەلگەن.
4.قولدا باشلىغان توپنى بىۋاستە ئېتىپ ۋارتارغا كىرگۈزىۋەتسە بۇ توپ ھېساب قىلىنمايدۇ، ئەمما قولدا ئېتىپ خالىغان بىر توپچىغا تەگكەندىن كېيىن ۋارتارغا كىرىپ كەتسە، ئۇ ھالدا بۇ توپ ھېساب قىلىنىدۇ.
5.نۇقتا توپ جېڭىدە خالىغان توپچى ۋارتاردا تۇرسا بولىدۇ.
6.جازا نۇقتا توپ بېرىلگەندە، نۇقتا توپ تەپكەن توپچىنىڭ توپىنى ۋارتار تۈۋرۈكى ياكى باشقا ئامىل تۈپەيلىدىن توپ قاڭقىپ قايتقان توپنى نۇقتا توپ تەپكۈچى ئەزا تېپىپ چۈشۈرسە بۇ توپ ھېساب قىلىنمايدۇ.قارشى تەرەپنىڭ ۋارتارى تەرىپىدىن قاڭقىتىلغان توپ بۇنىڭ ئىچىدە ئەمەس، ئەمما باشقا توپچى تولۇقلاپ تەپسە ھېساب قىلىنىدۇ.
7.ئەگەر ۋارتار بىر توپنى باشلاپ، توپنى ئۆز چەكلەنگەن رايونىدىكى مۇداپىئەچىگە پاس بەرسە، بۇ ۋاقىتتا قارشى تەرەپنىڭ توپچىسى يۈگرەپ كېلىپ بۇ توپنى تارتىۋىلىپ ۋارتارغا ئۇرىۋەتسە بۇ توپ ھېساب قىلىنمايدۇ.
8.ئەڭ ئاجىز كۇلۇب: گېرمانىيەدىكى فورسىھىم كوماندىسى، بۇ كوماندىنىڭ 105 يىللىق تارىخى بولۇپ، پەقەت بىرلا توپ ئۇرۇپ باققان.
9..ئەڭ ئاجىز دۆلەت كوماندىسى جوڭگۇ ئەمەس، بەلكى سامويا دۆلەت كوماندىسى،بۇ دۆلەت كوماندىسى 2002 يىللىق دۇنيا چىمپىيونلۇق تاللاش مۇسابىقىسىدە نۆلگە قارشى ئەللىك يەتتە نەتىجە بىلەن ئاۋسترالىيەگە نۆلگە قارشى ئوتتۇزبىر نەتىجە بىلەن رېسورد كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ دۇنيا لوڭقىسى سەپىرىنى توختاتقان.
10.1969-يىلى ھوندۇراس كوماندىسى بىلەن سالۋادور كوماندىسى دۇنيا لوڭقىسى تاللاش مۇسابىقىسى ئوينىغان، بۇ مۇسابىقىدىن كېيىن ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇسابىقە توغرىلىق غۇلغۇلا كۈچىيىپ ئاخىرى ئىككى دۆلەت ھەربىي كۈچىنى ئىشقا سېلىپ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش چىققان، بۇ جەڭدە تۆتمىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئۆلگەن.
11. مارادونانىڭ 2010-يىلى ساقال قويىۋىلىشىنىڭ سەۋەبى چوڭ سۈپەت بولۇش ئەمەس بەلكى ئاستى زاڭىقىنى ئۆزىنىڭ ئىتى تالىۋىلىپ ساقال ئارقىلىق تاتۇقنى يوشۇرۇش ئۈچۈندۇر.
12.ئىككىنچى نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىدا ، ئىتالىيە ھۆكۈمىتى ئىتالىيە كوماندىسىغا ئەگەر چىمپىيون بولالمىسا پۈتۈن كوماندىنى ئېتىپ تاشلايدىغانلىقى توغرىلىق ئۇقتۇرۇش ئەۋەتكەن،دەل شۇ قېتىمدا ئىتالىيە چىمپىيون بولغان.
13. 2005-يىلى نامبىيە لوڭقىسىدا نۇقتا توپ جېڭى ئەڭ ئۇزۇن ئېلىپ بېرىلغان رىكورد يارىتىلغان، ئىككى تەرەپ مۇسابىقىدە ئىككىدە ئىككى تەڭلىشىپ، نۇقتا توپ جېڭىدە جەمئى 24 ئايلانما، 48 قېتىم نۇقتا توپ تېپىپ ئاندىن ئۇتۇش ئۇتتۇرۇش ئايرىلغان. ئاخىرىدا ساھىبخان كوماندا نۇقتا توپ جېڭىدە ئون ئالتىگە قارشى ئون يەتتە ناتىجە بىلەن غەلبە قىلغان.
14. ئايال پادىشاھ ئېلزابىت بۇرۇن پۇتبول چەكلەش بۇيرىقى چۈشۈرگەن بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتە ئون يىل پۇتبول تېپىش توختىتىلغان، بۇنىڭ تەسىرى ئەنگىلىيە پۇتبولچىلىقىغا نىسبەتەن خۇددى دۆلىتىمىزنىڭ مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىدەك زور بولغان.
15.دىروگبانىڭ شاڭخەيگە يۆتكەلگەندىكى يۆتكىلىش سوممىسى نۆل يۈئەن.
16.مۇنبەردە ئەڭ قىززىيدىغان تېما جېدەل تېمىسى، ئەڭ سوغۇق قالىدىغان تېما بىلىم تېمىسى.
17. مۇنبەردە جېدەل چىقسا مۇنبەر قالايمىقان دەپ ئاغرىنماڭ، چۈنكى مۇنبەرنىڭ ئەڭ قالايمىقان ۋاقتى ياسىن جىكسوننىڭ مۇنبەرگە پەيدا بولغان ۋاقتى.،،
بۈگۈن ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن مۇشۇنچىلىك يازاي ، كېيىنكى بىلىم تېمىسىدا كۆرىشەيلى خەير-خوش. |
باھالاش
-
باھا خاتىرىسى
|