ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 1012 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا isyanqi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-8-24 01:46
بۈگۈن 8-ئاينىڭ 23-كۈنى شىنجاڭ ۋاقتى كەچ سائەت 5:00 تە ئېلىپ بېرىلغان 2014-يىللىق جۇڭگو ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىسىنىڭ 20-ئايلانمىسىدا شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى ساھىبخان مەيداندا شىنياڭ جۇڭزى كوماندىسىنى كۈتىۋالدى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە تەڭرىتاغ يىلپىزىدىن ئالەن مۇسابىقىدىكى بىردىن-بىر توپىنى كىرگۈزۈپ، تەڭرىتاغ يىلپىزىنىڭ دەرىجە ساقلاش بېسىمىدىكى ھالقىلىق بىر مەيدان غەلبىسىنى قولغا كەلتۈردى.
بۇ مەيدان مۇسابىقىدە شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزىغا خېلى كۆپ پۇرسەتلەر كەلگەن بولۇپ، مۇسابىقىنىڭ 40-مىنۇتىغا بارغاندا تەڭرىتاغ يىلپىزى بىر بۇلۇڭ توپ باشلاش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن. ئەمما بۇ توپ كىرمىگەن. 41 مىنۇت بولغاندا تەڭرىتاغ يىلپىزىنىڭ چەتئەللىك ھۇجۇمچىسى ئالەن بىر توپ كىرگۈزۈپ نەتىجىنى 1-0 قىلىپ ئۈستۈنلۈككە ئۆتتى. ئالدىنقى مەيدان مۇسابىقە شۇنىڭ بىلەن ئاياقلاشتى. كىيىنكى مەيدان مۇسابىقىدە ھەر ئىككى تەرەپ تىركەشكەن بولسىمۇ توپ كىرمەي مۇسابىقە ئاياقلاشتى.
2014-يىلى 4-ئاينىڭ 12-كۈنى شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى مېھمان مەيداندا بۇ كوماندا بىلەن ئۇچۇراشقان بولۇپ، 0-0 تەڭلەشكەن. تەڭرىتاغ يىلپىزى ئالدىنقى ئايلانما مۇسابىقىدە ساھىبخان ھالەتتە تەڭلىشىپ قېلىپ 1 نومۇرغا ئېرىشتى. بۇ ئايلانمىدىمۇ ساھىبخان مەيداندا غەلبە قىلىپ قىممەتلىك 3 نومۇرغا ئېرىشتى. بۇ ئايلانمىدىكى رەقىبىمۇ ئوخشاشلا دەرىجىسىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن جەڭ قىلۋاتقان كوماندىلارنىڭ بىرى. تەڭرىتاغ يىلپىزى 19 ئايلانما مۇسابىقىدە 15 توپ كىرگۈزۈپ 18 توپ كەتكۈزگەن. ئەمما شىنياڭ جۇڭزى كوماندىسى بولسا 18 توپ كىرگۈزۈپ، 23 توپ كەتكۈزگەن.
شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى 4 مەيدان ئۇتۇپ، 8 مەيدان تەڭلىشىپ، 7 مەيدان ئۇتتۇرۇپ، بىرلەشمىدە 20 نومۇرغا ئېرىشىپ، جۇڭگو ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىسىدە 10-ئورۇندا تۇرۋاتىدۇ. مۇسابىقە ئۇرۇنلاشتۇرۇش تەرتىۋى بۇيىچە 8-ئاينىڭ 30-كۈنى شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى ساھىبخان مەيداندا يەنبىيەن كوماندىسىنى كۈتىۋالىدۇ. |
|