akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 3441|ئىنكاس: 219

ئىسپانىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى مۇسابىقە خەۋىرى

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئاخشام ئوينالغان 2014-2015 مۇسابىقە پەسىللىك ئىسپانىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسى  2 - ئۇچرىشىشى مادرىت رىقابەت مەيدانى كاردېلۇن توپ مەيدانىدا ئېلىپ بېرىلدى . خان مادرىت مېھمان مەيداندا 0 دە 1 نەتىجە بىلەن  ئۇتتۇرۋەتتى (ئومۇمىي نەتىجە 2 دە 1)  . بەيرىن كوماندىسىدىن يۆتكىلىپ كەلگەن توپچى مەنزۇجىج 81  سىكونتتا كاشىلياسنىڭ دەرۋازىسىنى ئاشتى  . كېيىنكى مىنۇتلاردا ھەر ئىككى تەرەپ كۈچەپ ئوينىغان بولسىمۇ توپ كىرمەي ئومۇمىي نەتىجە 2 دە 1  مادرىت رىقابەتنىڭ غەلبىسى بىلەن ئاياغلاشتى .مودرىچ ئىككى سېرىق كارتد يەپ مەيداندىن ئايرىلدى . مادرىت رىقابەت بۇ تۈردە 29 يىلدىن كېيىن يەنە بىر قېتىم چىمپىيون بولدى
قېنى ئەمسە مۇسابىقە جەۋھەرلىرىنى كۆرۇپ باقايلى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-8-23 14:07:43 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-8-23 16:24:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۇيارېز يوللىغان ۋاقتى  2014-8-23 13:36
لوڭقا سانايدىغانلارغا مانا  ئىسپات  http://sports.163.com/14/0814/11/A ...

‹‹شىيالى››مۇ ماشىنا‹‹ئاۋدى››مۇ ھەم ئوخشاش. ‹‹ماشىنا››ئىسىم ئاتالغانلارنىڭ ھەممىسى ‹‹ماشىنا›،بولغۇنىدەك ‹‹لوڭقا››ئىسمى ئاتالغانلارنىڭ ھەممىسى ئوخشاشلا‹‹لوڭقا››بۇلىۋېرىدۇ.مەن دىمەكچى ،ئەگەر بىراۋ ماشىناڭ بارمۇ دەپ سورىسا مەيدىسىگە ئۇرۇپ تۇرۇپ ‹‹بار››دىيەلەيدىغانلارنىڭ ماشىنىىسى قايسى ماركىلىقتۇ؟پۇتبول كۇلۇبلىرىنىڭ ھەقىقى زەردارلىقىغا ماس كىلىدىغىنى يۇغان قۇلاق .مادرىت ئالغان10يۇغان قۇلاقتىن بىزدە نەچچىسى باردۇ دەپ ساناپ باقماي ‹‹خان مادرىت››بىلەن ئۈزەڭگە سۇقۇشتۇرغۇنىڭلار قىززىقدە،ئەگەر ساناشقا توغرا كەلسە لوڭقا ھەممىدىن‹‹مىلەن››دە كۆپ ،شۇنداق تۇرۇپمۇ بىز يەنە ‹‹مادرىت ››بىلەن ئۈزەڭگە سۇقۇشتۇرمايمىز،نىمە ئۈچۈن؟چۇنىكى مادرىتتا 10دانە يۇغان قۇلاق بار،بىزدە7.شۇنىڭ ئۈچۈن ............
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-8-23 13:03:47 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لوڭقىسىز قالغان كوماندىنىڭ مەستانىللىرىنىڭ كۆڭلىنى خوش قىلىۋالدىغان پۇرسەت كەلگەن چىغى ،،،،،  بۇ بالىلارنى دۆتمىكى دىسە خىلى ئورۇنلۇق گەپلەرنىمۇ قىلدۇ بولمىسا 6لوڭقا ئالمىز دىگەن سۆز ئالدىنقى پەسىلگە ئەمەس ھازىر باشلانماقچى بولغان پەسىلگە قارتىپ دىيىلگەن گەپ ، بىرلەشمىنى خىلى بۇرۇنلا تاتقۇزۇپ قويغان تۇرسا ، بۇ گەپنى يىقىندا دىگەن تۇرسا بۇ قانداق گەپ دەپ ئويلايدىغان بىر ئادەم چىقماپتۇ ،ياۋ غەزەپ ئۆچلۈك بىلەن بۇلارنىڭ ئەقىل كۆزى تۇسلۇپ قالغان بولسا كىرەك
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-8-23 12:54:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادەمنىڭ يۈزى قېلىن بوسا....ئەمما .....

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +50 يىغىش سەۋەبى
13279803520 + 50 قالتىس!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-8-24 09:53:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tagderem تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-24 16:39  
بىلگىيار يوللىغان ۋاقتى  2014-8-23 23:01
‹‹ئاش نان بىرىدىغان ئۆزىنىڭ دۆلىتىگە مۇش كۆتۈرىغان ك ...


ياخشى بولدى ،  ئەمدى   مۇنازىرىگە قايتىپ كىلەيلى .   ئاۋۋال قۇرۇق سۆزلەر بىلەن بىر قۇر ئېنىقلىما بېرۋىتەي ؛  ( ماۋۇ تېمىغا ئويلىغانلىرىمنى    يىغىپ بىراقلا يازاي  ئارتۇق ئويلىماسلىقىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن   ، ئەلۋەتتە  ئاۋۇ سىز نەقىل  قىلغان  ئىنكاسلىرىمنىڭ  جاۋابىنىمۇ  شۇ قاتارىدا     بېرىمەن  )  

مۇسابىقىنى   نەق مەيدان تارقىتىشىدىن  كۆرەلمىگەن  ،   قاتلاڭچىلىقلاردىن ئاران بوشاپ      ئاۋۋال مۇسابىقىنى كۆرۈپ بولدۇم .    مۇنبەرگە كىرىپلا ئەبرار ئاكىمىزنىڭ تىمىسى يولۇقتى  ۋە  تىمىسىدىكى  ‹‹كىرىش سۆزدىن ››   دائىملىق ئەھۋالنىڭ يەنە بۈگۈنمۇ  داۋاملىشۋاتقىنىنى  دەرھاللا بىلدىم .  بۇ تىمىغا كىرمەي دەپ   تىمىسغا  ئىنكاسمۇ يازغان ، لىكىنزە توردىكى    بىكارچىلىقتا    خەۋەرلەرنى كۆرۈپ بولۇپ   يەنە بۇنى ئاختۇرۇپ  باققۇم  كەلدى . . .  دەرۋەقە  خېلى قىززىپتۇ  ، توغرىسى خېلى قىززىتىپتۇ .    لىكىن  بۇ تىمىدا ئىلگىركى ئەھۋاللارغا  ئوخشىمايدىغان  بىر ھال باركەن  . ئازراق ھەيران بولدۇم   ،  دىققەت قىلدىڭلارمىكىن  ؟      ھازىر مۇنبەردە مودا بولۋاتقان  ‹‹ئۇششاق نۇمۇر ››  ئانچە يوق ،  ھىچبولمىسا  تېما   كولمىناتسىيەگە بارغۇچىلىك   ۋە مەن  ئىسمىنى ئاتىغان  كۇلۇپداشلىرىمنىڭ   تۇنجى ئىنكاسى  كۆرۈلگىچىلىك    بىز چورتلا    مۇتلەقلەشتۇرۋەتسەك بولدىغان       كىچىك نۇمۇر  ئۇچرىمىدى      .  ھەممىسى     ھەر كۈنى دىگۈدەك تىما ئىنكاسلاردا ئۇچراپ تۇردىغان    ،    ئەڭ قىسقىسىمۇ  دۇنيا لوڭقىسى جەرياندا   دائىملىق  مۇنبەردىن ئۈزۈلمەيدىغانلار كەن  ھىس قىلىشىمچە     .       بولارنى كۈندە تونۇش باللار  دەپ ئىيتساق تامامەن بولىدۇ دەپ قارايمەن    (      بىر ئىشنى ئەسكەرتىپ قويۇشنى توغرا كۆردۇم  ،     تىما يوللىنىپ  كېمىدە  بەش ئالتە سائەتتىن كىيىن  كىرگەن .    بەلكىم  ئالدىدا   تېخىمۇ قىززىتۋەتكەنلەرمۇ بولغان بولۇشى        ئۇرۇشخۇمارلار       باشقۇرغۇچىلار تەرىپىدىن  دائىمقىدەك   تازلانغان بولىشىمۇ   مۇمكىن  .   شۇ سەۋەپتىن  مەن كۆرمەي قالغانلىرىممۇ  بار ئەتىمالىم   ، بۇنىڭدىن  تامامەن خەۋەرسىز مەن    )   
  
  مۇنبەر يىڭى نەشىرىنىڭ  ئىختىدارى  تۈپەيلى   باھالانغان ئىنكاسلار   ئاپتۇماتىك   بىرىنچى بەتكە  تۇنجى  قەۋەتلەرگە چىقىپ كىتىدىكەن .   ئوخشاش پىكىرلىكلەر  ( توغرىسى   كۇلۇپداشلار )      بىر بىرىمىزگە پاس چىقىرىشىپ    ‹‹قىززىتىدىغان ››   بۇنداق     تىملاردا  ئادەتتە    ئىنكاس بەتلەرنى  پۈتۈنلەي   تولۇق ئۆرۈپ تۈگىتىپ  بولۇپ  ،  ئاندىن ئىنكاس يازىدىغانلار راستىنى دىگەندە   ئازلاپ كەتتۇق  .  شۇ سەۋەپتىنمىكىن    ئىۋۇ  ياخشى ئىختىدار   تولىراق    ئىنىقسىزلىقنى  چىقىرىپ قويۇشقا  ‹‹ سەۋەپچى ›› مۇ   بولۇپ قالدىكەن   بەزىدە    . چۈنكى     كۆپۈنچىمىز     بىزگە ‹‹تەسىر قىلغۇدەك  ›› بىر ئىنكاس مەيلى قايسى قەۋەتتە ئۇچرىسۇن  ...ئۇ  راۋاجى  ئۇنىڭ خولاسىسى  ...دىگەندەكلەرنى كىيىنكى بەتلەردە  ئاختۇرۇپ  ئىزدەپ كۆرۈپ ئاۋارە  بولۇپ  يۈرگەندىن     ،    قاننىڭ قىززىقلىقىدا       شۇ يەردىلا تۇتىۋىلىپ    كۇنۇپكا تاختىسىغا يامىشىپ كىتىدىغانلاردىن  بولۇپمۇ     قالدۇق  . ھورۇنلۇقتىنمۇ ياكى ئىنكاسنىڭ سۈپىتى سەۋەبىدىنمۇ  ئىشقىلىپ        بۇ  دائىم ئۇچراپ تۇردىغان ئەھۋال      ،    شۇڭا   ئادەتتە      كۆپ ھاللاردا          توۋۋا قىلىپ بولغان ئادەملەرگىمۇ   ‹‹ تەكرار زەربە ››   بېرىپ  قويۇشتىن  ساقلىنالمايۋاتىمىز  .      گەپنىڭ سەتىنى قىلغاندا   بۇ يەردىكى   كۆپۈنچىمىز    ئۆزىمىزنىڭ دىپىنى چالدىغانلار   ،    بۇنداق بولغانئىكەن  پوتبۇل  مۇنبىرىدىكىدەك   خېلىلا  كۆپ  مەستانلەر يىغىلغان      زور  توپنىڭ    ‹‹ قىززىغان ››  تېمىلىرىدا         چوقۇملا      ئۆزىمىزنىڭ تەرەپدارلىرىنىڭ   ياققان   ياكى غەلبىلىك  قارشى تەرەپكە ‹‹زەربە بېرەلىگەن ›› دەپ قارىغان ئىنكاسلىرىنى  كۆپرەك  باھالاپ سالىدىكەنمىز   .  ( ھەممىسىدە  ئابلەتكامنىڭ  ئىنكاسىدەك تاتلىقلىرى يوقرى قەۋەتتە   ئورۇن ئىلىپ بولالمايدۇ ،   بۇ ئىنىق   )   .  

خوش  ،   شۇنچە قۇرۇق گەپنى قىلۋىتىپ   ئەمدى نەق تىما ئۈستىگە كىلەي  :  1 .     بۇ تىمىدا  مىنىڭ  تۇنجى كۆرگەن  ئىنكاسىم  توغرىسى تۇنجى  چۈشكەن دەپ ھىس قىلغىنىم  11  قەۋەتتىكى دىلخوشنىڭ ئىنكاسى   (   ئۈستىدىكىلىرى   مۇنبەرنىڭ باھالاش ئىختىدارىنىڭ نەتىجىلىرى  )  شۇ يەردىن تارتىپ  ھىساپلىغاندىمۇ   تاكى  37  ۋە 39 قەۋەتتىكى   ‹‹تۇنجى قارشى ئىنكاس  ››  يازغۇچى مادىرىتلىق   خوشخۇينىڭكىنى  چىقىرۋەتكەندە   ۋە   ئۇچقۇنى    47 -  قەۋەتكە   يازغان تۇنجى قىتىملىق  دەۋەت خارەكتىرلىك   ئىنكاسىغا بارغۇچىلىق   ،    بۇ تىمىنى  قىززىتقانلار  كۆپرەك    ‹‹ مادىرىت قارشى تەرەپدارلىرى ›› كەن  قارىسام       .   شۇ ئارىدا     ئاۋۋال خوشخۇي    ئاندىن   زىرەك   ‹‹  ئىڭەك چۈشۈپ قالغۇچىلىك ››     سۆزلەپمۇ  بىقىپتۇ ،   مۇنازىرىمۇ    قىلىپ   بىقىپتۇ  چۈشەندۈرەلمەي    ئانچە مۇنچە دارتىملاپمۇ بېقىپتۇ    - ئەلۋەتتە سەۋەپسىز ئەمەس   .      تاكى   بىزنىڭ مۇنبەردىكى   ھىچكىمگە يۈز خاتىرە قىلمايدىغان ئۇيغۇر  لۈشۈن پەرۋەرنىڭ فىليەتۇننى   بۇ تېمىدا    ئىلان قىلغۇچە    ئاۋۇ ئىككى كۇلۇپدىشىم  ھىس قىلىشىمچە      جىق تىرىشىپ كىتىپتۇ    (   ئەمىليەتتە  قايىل قىلغۇدەك رەددىيە بېرىپ  توختىتىپ قويغىدەك  ئىنكاسلارنىمۇ يىزىپتىكەن  ،   قارشى تەرەپ  يا ئەتتەي چۈشەنمەي تۇرۋالدى  يا باشقا مەقسىتى بار -  شەخسىي  كۆز قاراش )   

قۇرۇق سۆزلەۋەرمەي   بىر سوئال قىستۇرۇپ قوياي :     قانداق  بىر   تېمىدا     بەت ئۈچكە يەتكۈچىلىك  يالغۇز بىر  ‹‹تەرەپنىڭلا  ››   گىپى جىق   ئۇچرايدۇ ۋە توختىمايدۇ ؟  بارسىلۇنا ئۇتتۇرۋەتكەن   ئىنكاس     40 - قەۋەتكە  كەلگۈچە     پەقەت  مادىرىتلىقلارلا  ‹‹ ئويناپ ›› كەتكەن    بىرەر تېمىنى   يىقىندىن بېرى   شەخسەن مەن ئۇچراتمىدىم،    سىزچۇ  ؟  

ماڭا يازغان    ئىنكاسىڭىزدىكى بىر ئىغىز گەپكە قېتىلىمەن  ،   ‹‹ مۇنازىرە دىگەن شۇنداق بولىدۇ  ›› .     لىكىن مىنىڭچە   مۇنازىرە دىگەنمۇ   تەكرار مەنالىق  گەپنى  -  چېقىۋىلىشنى دىيەۋەرگەندىن  ، بەك بولمىغاندا   ساقلاپ تۇرۇپ      قارشى تەرەپ  كىرگەندە   ئاندىن يىغىپ  بىرلا قىلىشسا     تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ ،   مەززىسى بولىدۇ  ،  ئاندىن بۇ   ھەقىقىي  ‹‹  مۇنازىرە ›› بولىدۇ   .    پۇرسەتنى  تۇتىۋىلىپ  ۋالاق -  ۋۇلۇقلا  قۇردىن ئاشۇرماي    ئىنكاس يىزىپ   ،   ئاخىرىدا   نەق   پاكىت تاشلىشىدىغان       داۋلى كۆرسىتىدىغان     يەرلەرگىچە  كەلگەندە      ‹‹ئۆز گېپىنىلا يورغىلىتىپ تۇرۋىلىش ››    بۇ ھەرگىز مۇنازىرىگە   كىرمەيدۇ  دەپ قارايمەن  .  ( كىرسىمۇ نورمال تۇز تەمى تەڭشەلگەن مۇنازىرە  ھىساپلانماس  ) .    گەپنىڭ تۈۋى  تېشىلىپ قالدى  ،        بۇ يەردە  چوقۇم     ئەسكەرتىپ  ئۆتۈشكە  تىگىشلىك  ئىنتايىن   مۇھىم مەسىلە بار . بۇ تېمىدىكى تۇنجى  كۆرۈلگەن  مەسىلە       تىما يوللىغۇچى   ئۆزىنى  ئازراق    ‹‹ تۇتالمىغان  ››   .    ئەسلى بۇ  مۇنبەردىشىمىز    شۇنچىۋالا   ھاياجانلىنىپ كەتكەن  ۋە تېمىسىنىڭ قىززىشىنى   شۇنچە ئۈمۈد قىلغان ئادەم بولغانئىكەن   ،       مۇنازىرنى ئۆزى باشلاپ بەرگەن بولسا تېخىمۇ ياخشى بولاركەنتۇق  دەپ ئويلىدىم  .  ئەمما       بۇ قېرىندىشىمىز    ئۆزى يوللىغاننىڭ    خەۋەر تېمىسى  ياكى  مۇنازىرە تېمىسى ئىكەنلىكىنى ھەتتا    ئۆزىمۇ   ئىنىق ئايرىيالمىغاندەك     قىلىدۇ     .    بىر قارىسا ئۆزى مۇنازىرىنى باشلاپ بەرگەندەك    يەنە    بىر قارىسا   مۇشۇ تىما ئارقىلىق  ‹‹ئىچىنى بوشىتىۋالماقچى ››مۇ    بولغاندەك  تەسىر بېردىكەن ئادەمگە   .   (  ئەمما  ھىچكىم يوللىمىغان     خەۋەرنى  ئەڭ ئاۋۋلقى تۇيغۇسىدا  ،     مۇنبەرداشلار ئورتاق   بەھىرلەنسۇن   دىگەن مەقسەتتە   يوللىغىنىنى   ئالدىراپ  ئىنكار قىلمايمەن )    قاتارىدا     تىما يوللىغۇچىغا بىر سوئال تاشلاپ ئۆتۈپ كىتەي  :  سىز قايسى كۇلۇپ  ۋە شەخسنىڭ مەستانىسى   ؟

ئەگەر  ئابلەتكام باشلىق  بىر نەچچە ئەزانىڭ     پاكىت بىلەن  يوللىغان  ياكى دەلىل كۆرسەتكەن     بىر نەچچە ئىنكاسى  بولمىغان  بولسا ئىدى    ،  يالغۇز    بەت سانىغا قاراپلا   بۇنى مۇنازىرە تىمىسى  دىمەستىن   ،   كۆپچىلىك    بىر قىتىملىق      ئىشلەتكەن     مۇنبەردىكى   چ چ توپى دىسەكمۇ  بولىۋىرەتتىكەنتۇق    دەپ  ئويلىدىم .    (  ھىچ بولمىسا ئالدىنقى نەچچە بەتكىچە   )         بۇ  قالپاق  ماۋۇ تىمىغا نەق چۈشىدۇ  مىنىڭچە      ،    چۈنكى    خاس مۇنازىرە  تېمىسى  دېگەن قالپاق بۇ تېمىغا      بەكلا چوڭ كىلىپ قالىدۇ .     چۈنكى   ئوننەچچە  بەت ئىنكاس چۈشۈپ تۇرۇپ   ،     ھەقىقىي         مۇنازىرە قىلىشقىنىنى يىغسا     يۆلەپ يۈرۈپ  ئىككى بەتكىمۇ  ئاران توشىدىغان      تىمىنى     قانداقمۇ   مۇنازىرە  تىمىسى  يەنە كېلىپ قىززىغان مۇنازىرە تىمىسى   دەپ ئاتاشقا بولغۇدەك   ؟  بۇ مەنتىقىگىمۇ ئۇيغۇن   كەلمەس  ؟      دىيىلسە     خەۋەر تېمىسى   دىگەن   مۇۋاپىقراق    .   

   2 .  (  مۇشۇ تىمىدىكى    ئاتلىتكونىڭ مەستانلىرىگە  )     ئاتلىتكا مادىرىت  بۇ قىتىملىق  دەرىجىدىن تاشقىرى  لوڭقىنى ئالدى ،   مەيلى قانداقلا  قىلىپ ئالسۇن  ئۇلار ئاخىرقى نەتىجىدە   يەڭدى   نەتىجە ئۆزگەرمەيدۇ  .    بۇ ھىچبولمىسا  ئۇلارنىڭ ئەمەلىي كۈچىنىڭ ئىسپاتى   بۇنى بىز ئىتراپ قىلىمىز  ، لىكىن  بارسىلۇنالىقلار  مادىرىتنىڭ ئۇتتۇرغىنى بىلەنلا بولۇپ كېتىپ     بىر  نەچچە  مۇھىم نوقتىنى ئۇنتۇپ قالدىمۇ قانداق   ؟
  
پىپ  ئۈچۈنچى چۈش كوماندىسىنى قۇرۇپ     پۈتۈن ياۋرۇپا ئامالسىز قىلىپ  ،     خانلىق مادىرىت  ئۇلارنى  ئۇتۇپ بېقىشنىڭ كويىغا چۈشكەن زامانلاردىلا   ،      ئاتلىتكا    ئىسپانىيىدە    پىپقا تاقابىل تۇرالىغان  ساناقلىق كوماندىنىڭ بىرى  بولغان   .  ( ھازىرقى   ئاتلىتكىدىن كۆپ ئاجىز دەپ قارايمەن  ).    چۈشىنىشىمچە        ئاتلىتكو مادىرىت  ھەم خانلىق مادىرىت   ئىسپانىيە پايتەختىنىڭ ئىككى سىمۇۋىلى  ،  بۇلارغا ھەر قانچە دوسىت تارتىشىپ بەرسىڭىزمۇ    بارسىلۇناغا   تۇتقان   سەزگۈرلۈكتە بۇلار       ئوخشاشلىققا  ئىگە دەپ قاراشقا بولىدۇ . (  پەقەت مىسال ئۈچۈن ئىلىندى ،  بۇ ئىككىسى  تۇتۇشقان ۋاقىتتا  قايسىسىنى تاللىسىڭىز  ئۇ  ئۆزىڭىزنىڭ ئەركىنلىكى ئەلۋەتتە )  يەنە بىرسى    بارسىلۇنا بىلەن  بىر ئاپتونۇم رايۇنغا جايلاشقان   جايلاشقان  ‹ ئىسپانىيلىكلەر  كوماندىسى  ›  .    ئوخشاش   بىر شەھەردە تۇرۇپ    ئاتلىتكۇنىڭ    ئون يىللاپ  خانلىقنى    ئۇتۇپ باقمىغان تارىخىمۇ بار ،        ئۇنىڭغا قارىغاندا    ئاتلىتكو   بارسىلۇنانى كۆرسە بەكىرەك قىينالمايدۇ  .( ھىچ بولمىسا  پىپ زامانىسىدىن تارتىپ  ئاتلىتكا  بىلەن بارسىلۇنانىڭ  تۇتۇشقان جەريانىنى كۆرۈپ بىقىڭ ،   نەچچە مىنۇتلۇق  فىلەشلىرىنى كۆرسىڭىزمۇ چۈشىنەلەيسىز  )     

يوقرى سوممىلىق سىلىنمىنىڭ  مەغلۇبىيىتى   ھەققىدە  گەپ بولۇپ قاپتۇ   .      سوراپ باقاي  :     لامانسىيە دەپ  داڭلىق  زاۋۇت  بولدىغان  ،      پۇلغا ئادەم ئالمىسىمۇ    سېختىن     قېلىپتا قۇيغاندەك     چېقىۋىرەتتى     كىچىك كىچىك كاتالونلار   .   ھازىر       بارسىلۇنانىڭ  بىر دەۋرىنى ياراتقان    ئوخشاش    شۇ زاۋۇتتىن چىققانلارغىمۇ  خېلى   يىللار بولۇپ كەتتى .   ئالدى چېكىندى ھەم  چېكىنمەكچى  ، كەينىدىكى ئەڭ ياشلىرىمۇ     ئاغزىدىن سۈت پۇراپ تۇردىغان   ۋاقىتلىرىغا  ‹‹ خوش ›› ئىيتقىنىغا    نې  زامانلا  بولۇپمۇ قالدى   .      ئەپسۇسكى     نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا   ‹   پۇل خەجلىمەيدۇ دەپ   چولپان سىتۋالمايدۇ   ئۆزىنىڭكىنىلا ئىشلىتىدۇ  ›   دەپ پەخىرلىندىغان   بارسىلۇنا    ‹‹قاتاردىن قالماي  ››   پۇل خەجلەشتە  ئىسپاننىڭ ئالدى  بولۇپ   مىڭۋاتقىنىغىمۇ     كېمىدە   تۆت بەش يىل بولۇپ قالدى مىنىڭچە   .      ئەگەر  خانلىق   بۇ يىل   جامىسنى سىتۋالمىغان بولسا ئىدى     ئىككىسىنىڭ زادى قايسىسىنىڭ    يېقىنقى نەچچە يىلدا    بەكرەك  پۇل خەجلىگىنى   ياكى خەجلەشكە مۇھتاج بولۇپ قىلۋاتقىنىنى ئايرىماق   ئانچە    تەسكە توختىمايتتى   .   مادىرىتقۇ     ئەزەلدىن  ئوچۇملاپ  خەجلەپ كۆنۈپ قالغان ،     بەزى ھاللاردا   ‹‹لوقىراق ››   خەجلىمىسە   نورمال ئەمەستەكمۇ  تۇيۇلىدۇ  تېخى  .       ئويلاپ بىقىڭلا   ،  ئەمىسە  بارسىلۇناچۇ    ؟        ئالدىنقى پەسىل     ئىككى زومىگەر     ئاتلىتكا بىلەن  ئوخشاش كۆرۈشۈپ  چىقتىغۇ دەيمەن  ؟  خاتا ئىسىمدە قالمىغان بولسا .      بارسىلۇنا   بىرەر مەيدان بولسىمۇ      پۈتۈنلەي     پۇل خەجلىمەي ئەكەلگەنلىرىنى   ياكى پۇلغا يارىمغانلىرىنى   يىغىپ  سەپ شەكلى تىزىمىدى   ،  شۇنداق  ئوينىمىغاندۇ   ھە    ؟ (   مەنغۇ  كۆرمىدىم مۇسابىقىسىنى  )       ھەيۋەتلىك  زەردار سەپ شەكلى  بار تۇرۇقلۇق    ،     ئۇزغۇنلۇقتا    يېقىنقى  يەتتە يىلدىن بىرىقى    ئەڭ ناچار نەتىجىسى   ئۆزىگە سىلىشتۇرغاندا    ‹‹ئەزانراق ››    ئاتلىتكا تەرپىدىن مەيدانغا كەلمىدىمۇ ؟ !  .         يىللىق خۇلاسە چىقىدىغان كۈنى      لوڭقىنى    ئۆز مەيدانىدا كۆتۈرەلەيدىغاندەك ھالەت شەكىللىنىپ قالغان   ۋەزىيەت  بارسىلۇناغا    ئوبدانلا   ‹‹ كۆز قىسقان ››   شۇنچە   ئوڭ     شارائىتلاردىمۇ  ،            بىر يىل تىرىشىپ  ھەممىدىن  ئۇزاپ كىتەلىسە ئاندىن   ئاران ئالالايدىغان ،   ھەتتاكى   جىرراددەك   تارىخى توپچى   بىر ئۆمۈر تەلپۈندىغان  —  يىتەلمەيدىغان    شۇنچە قەدرلىك   قىممەتلىك     لوڭقىنى    نەچچە ئونمىڭلىغان    مەستانىسىنىڭ    كۆز ئالدىدىلا       تارتىپ ئىلىپ  كېتەلىگىنىمۇ  ....  يەنە  مۇشۇ    قوپال ئوينايدىغان   ماركا قىممىتى  ،   ئەزالىرنىڭ   باھاسى ...   بارسىلۇنادىن  كۆپ تۆۋەن  تۇردىغان   ئاتلىتكۇ ئىدى ...  
ئەمدى  كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرۈپ  بېقىڭ    .      بىر يىلدا   قار -  يامغۇر   ئىسسىق  - سوغۇى  دىمەي   ،    توختىماي 38  مەيدان   مۇسابىقە ئويناپ       قولى تېگەيلا دەپ   لوڭقىنى    ئۆز مەيدانىڭىزدىن  باشقىلار   ئىلىپ كەتكەندىكى   تۇيغۇ  ئالدىدا  ،   دەرىجىدىن تاشقىرى   پەقەت ئىككى مەيداندىلا  ئالدىغان لوڭقا ئۇ ناھايىتى  كەلسە   ،     ئايرىلىپ قىلىش ھىچ گەپ ئەمەس .         سىلەر  شۇ چاغدا  ھىچنىم بولمىغانكەنسىلەر     بىزلەرمۇ  ئەلۋەتتە    چىداپ كىتەلەيدىغاندىمىز  ‹‹ بۇ دەرتلەر ›› گە .

ھەممە كوماندا پۇل خەجلەيدۇ ،    لىكىن ئۇ  پۈتۈنلەي  غەلبە دىگەنلىكتىن  دىرەك   بەرمەيدۇ  ھەم بىرەلمەيدۇ  .    پۇل خەجلەش    ھىچقاچان   مۇقىم   نەتىجىنىڭ مۇتلەق   كاپالىتى ئەمەس  ھەم  بولالمايدۇ  .  پەقەت ئۇ     نەتىجىگە ئىرشتۈرۈشتىكى    ۋاستىلىك ياردەمچى   ، ھەرگىز تامغا بىسىلغان كاپالەتنامە ئەمەس .    پۇل = لوڭقا دىگەن مۇتلەق  بىكىتۋىتىلگەن    تەڭلىمە  ھەم     يوق    .  بولغان بولسا ئىدى       يېقىنقى   يىللاردىكى       ھارغىچە پۇل خەجلەپ تۇرۇپ   دەرىجە ساقلاش  گىردابىغا بىرىپ قالغان   توتىنھام ،  تاغارلاپ پۇل خەجلەپ  بىرلەشمە لوڭقىسىنى كۆزىگە سۈرتكىدەك بولۇپ كەتكەن ئىنتىر ،     يەتتە بۆرە زامانىسىدىكى   مادىرىت  ،     جىق پۇل خەجلىۋىتىپ ھىساۋىنى بىرەلمەي   رەئىسىدىن ئايرىلىپ قالغان  بارسىلۇنا ،   ئۇزغانلىقتا  تېخىچە   كۆڭۈلدىكىدەك  نەتىجە   قازىنالمايۋاتقان   پۇل ئۈستىدىكى كۇلۇپ شەلىكلەر ...   نىڭ كەچۈرمىشلىرى  بىزنى   بۇ يەردە ھازىرقىدەك  مىسال ئىلىشقا   ھەرگىزمۇ  يول  قويمىسا   توغرا بولاتتى   .   ئالدىنقى  پەسىلدىكى  زەپەر  قۇچقان  ئادەملىرىنىڭ   تەڭ يېرىمىدىن جىقى  كېتىپمۇ   ،   بىر نىيمار  ياكى   بىلنىڭ پۇلىچىلىك كىرىم  قىلالمىغان   ئاتلىتكونىڭ   نەتىجىسى ھەم  مەۋجۇت بولمىسا بولاتتى      .  ئاۋۇ كۇلۇپلار ئۆز ۋاقتىدا        ياخشى پۇل خەجلىگەنلەر  ، لىكىن شۇ زاماندا   ھىچقايسى    بىرى لوڭقىنى قولىغا تۇتقۇزۇپ قويالمىدى ...چۈنكى بۇ پوتبۇل  ،  سىزنىڭ پۇل خەجلەپ سىتۋالدىغىنىڭىز   پەقەت     گۆش ۋە  ئۇستىخاندىن پۈتۈلگەن  بەندە  ئەمەسمۇ ؟     ھەرگىز  پىروگىرامما قاچىلاپ  قويسىلا     ھەممىنى   تەلتۈكۈس قىلچە   قىيماستىن ھەل قىلۋىتىدىغان           ماشىنا ئادەم ئەمەستە   .       
                                                                                             
                                                                                                   خاتىمە

مىنىڭ مۇنبەر خۇمرىم  بار ، ئادەتتە    تورغا چىقساملا    ئۇيغۇر  تورچىلىقىدىكى   پوتبۇلغا ئائىت  مۇنبەرلەرنى   ئۇنىڭدىكى مۇنازىرلەرنى كۆرۈشكە ئالدىرايمەن  .   ئادەتتە   بۇ مۇنبەرلەرگە  يوللانغان   خەۋەرلەر  تۈگەپ كەتتىمۇ بولدى ...توردا  قىلدىغان   باشقا ئىش تاپالماي قالدىغان چاغلىرىم كۆپرەك بولىدۇ .(   باشقىسىغا  سەۋيە چەكلىك ئۆزۈممۇ  خالاپمۇ  كەتمەيمەن )  مىنىڭ مەۋھۇم دۇنيادىكى ھاياتىم ئىزچىل مۇشۇنداق داۋاملىشىپ كەلدى  ،    نەچچە يىللاردىن ئەتراپىمدىكى  نۇرغۇن نەرسىلەر،  مۇنبەردىكى نۇرغۇن ئىشلار  ، ئادەملەر     ھەتتا پوتبۇل مۇنبىرىگە يىڭى   قىتىلغان ۋاقىتلاردىكى  ئىسمىمۇ  ئۆزگىرپتۇ  - يۇ ،      كۆنگەن بۇ   خۇيۇم   يەنە    شۇ پېتى ... تورغا چىققاندىن كىيىنكى تۇنجى مەشغۇلاتىممۇ   ئادەم  ئۈچ ۋاق تاماققا شەرتسىز كۆنگەندەك    ئاۋۋال   ئۇلىنىشنى ئىچىش  ئاندىن  ئۇنىڭ تەنتەربىيە ئۇلىنىشنى قاتارىدىكى   تور بەت ئادىرىسىنى  قوزغىتۋىتىش .   

مەن بىر مادىرىت مەستانىسى ،   لىكىن  مۇنبەردىكى  كۆپۈنچە مادىرىت مەستانلىرىغا  ئوخشىمايدىغان يېرىم  ،    ئۆزۈمچە   مىنىڭمۇ  مادىرىتنى ئۆز ئالدىمغا  ياخشى كۆرۈش ئۇسسۇللۇرۇم بار   ،    بىلگىيار  بۇرادىرىمىزنىڭ ‹‹  ئېڭىدىن ئۆتمىگۈدەك ››    يازغان تۈنۈگۈنكى ئىنكاسىمدىمۇ     ئازراق ئۇچۇر بىرىپ قويغان . (بىلگىيارنىڭ ئىنكاسىدىن  ئىككىمىزدىكى ئازراق ئوخشاشلىق باردەك  ھىس قىلدىم )    چۈنكى ئۇ قانچە قىيىنچىلىقتا قالسىمۇ مادىرىتقا مەدەت بەرمەيدىغانلاردىن ئىكەن  ،   مەن  مۇشۇنداراق  مەستانە بولۇشنى  خالايدىغانلار تىپىدىن .   ئاددىيسى   كىلاسسىكوغا  بولغان  ‹‹ تەلەپ - ئۈمۈد ››  دىممۇ  سەل غەلىتىرەك  ،  مەن  دىربىينىڭ   ‹‹پۇرۇخ ھىدى ›› نىڭ    ئاستىدا داۋاملىشىشىنى   ، پوتبۇلنىڭ ئاددىي مەنىسىنىڭ ئۇ مەيداندىن  ھالىقىپ كىتىشىنى بەكرەك خالايمەن .   قوپالىراق ئىيتقاندا   مادىرىتنىڭ ئۇ مەيداندا  سىلىق سىپايە  ئەدەپلىك   بولۇپ كىتىشىنى قىلچە ئۈمۈدمۇ  قىلمايمەن .  نەتىجە   پەرىقى مەيلى قانداق بولۇپ كەتسۇن   ئاخىرغىچە  جان تىكىپ ئوينىغانلار  ھەقىقىي مادىرىتلىق  تۇيۇلىدۇ     ئادەتتىكى زاپاس بىر ئەزا مەيدانغا چىقىپ   شۇنداق قىلسىمۇ    كۆڭلۈمدىكى  ھۆرمىتىم قايىللىقىم ئاشىدۇ  .   شۇڭا پىپىنى  ئالاھىدە بىلدىغىنم  ،   دىربىيدا ئۇتتۇرۋىتىپمۇ  خىيالىدا يوق ھىجىيىپ چىقىپ كەتكەنلەرنى  بوناۋۇغا ئىپ كەلگەن   بوۋاينى ياقتۇرمايدىغىنىم دەل شۇنىڭدىن .  ئىلگىرى  دىربىيدىكى كىرىستئاننىمۇ  سەل يامان كۆرەتتىم   ( ھازىر ئاسارەتتىن قۇتۇلۇپ كەتتى  )       چۈنكى  قارشى تەرەپنىڭ ئىسمى               بارسىلۇنا !!!   دەل مېنىڭ ئەكسىمدەك   يەنە  بىر بارسىلۇنا مەستانىسى ئاغىنەم بار ، لىكىن ئۇ بۇ تىمىدا   بىرلا قىتىم ‹‹چاقناپ ›› ئۆچۈپتۇ  ئەپسۇس .

مۇنبەر ئويناش داۋامىدا  مىنىڭ ئەڭ رازى بولغان تەرپىم    ئىلگىرى مەن  پەقەت ئىنكاسلىرىنىلا كۆردىغان ،   سىرىتتىن ئىنتايىن ھەۋەس قىلدىغان ...‹‹ئۇمىچى بارلار ›› بىلەن   مۇنبەر يۈزىدە يۈزەكى بولسىمۇ تونۇشقان بوپتىمەن  ، ئىلگىرى    ئۇلارنىڭ   تىما ئىنكاسلىرىنى  ئوقۇشقا ئوتتەك قىززىقىپ    ئۆزۈم يىزىشقا كەلگەندە  ‹‹ قەتتىي تارتىندىغان ››  ‹‹  ۋاي بولدىلا  قانداق بولار ؟ ››  دەيدىغان  تۇيغۇلاردا  يەنە مۇنبەر قوغلاپ يۈرۈپ ۋاقىتمۇ ئۆتتى  ...بىر كۈنلەردە   يەنە مۇشۇ مادىرىت توغۇرلۇق مەلۇم سەۋەپلەر بىلەن   خۇيۇمنى ئانچە مۇنچە ئۆزگەرتكەنمۇ بولدۇم ئاخىر  .     ئۇلار بىلەن  ئىپى كەلگەندە مۇنازىرەمۇ قىلىشتۇق  ...پورلى !   

بۇ ئادەمنى تۇنجى مۇنبەر يۈزىدە  كۆرگەن ۋاقتىم ئىسىمدە  قالمىدى . ئەمما   بۇ ئادەم  مەن قول قويدىغان  ئىككى بارسىلۇنالىقنىڭ بىرى دەل مۇشۇ ئىدەم .    ھەتتاكى ئۇنىڭ    بارسىلۇنالىق بولۇپ قالغىنىدىن ئىچىممۇ پۇشقان . چۈنكى  مەن رادىكالىراق  مادىرىتلىقتە   ،  ئۇنىڭدەك بىلىملىك  ئومىچى بار   بىرىنىڭ بارسىلۇنالىق بولۇپ قالغىنى  ئىچىمدە ‹‹ خەپ ›› نىمۇ  قوزغايتتى .   ئەمما ئۇنىڭ مۇنازىرە  قىلىش ئۇسسۇلىنى  ئىنتايىن ياقتۇراتتىم  ...قالايمىقان  پەيدا بولمايدۇ ،  پەقەت  بارسىلۇناغا ‹‹زور خەۋىپ ›› يەتكەندە  ئۇنىڭ توككىدە  تاشلاپ قويغان   جىمى پاكىت دەلىل  ئاساسلىرى تولۇق   ئىنكاسى    كۆپۈنچە  بارسىلۇنا ھەققىدىكى   مۇنازىرلەرنىڭ ‹‹ . ›› تى بولۇپ قالىدۇ .    بارسىلۇنا ھەققىدە   چىڭ پاكىتلىرىڭىز بولسا   ئۇنى بەك سۆككىڭىسز  بولسا   تامامەن قاينىسىڭىز بولىۋىرەتتى  ،   پەقەت پورلىنىڭ    ئۇشتۇمتۇت پەيدا بولماسلىقىغا  كۆزىڭىز يەتسىلام،  ---بۇ بۇرۇنقى  مەن ئەڭ ياقتۇردىغان    مۇنازىرە  دىگەن خانقانىڭ ئۇمىچى دەك قايناپ تۇردىغان ۋاقىتلار .   
قىياسىمدا  بۇ ئادەمنى مەن ئەڭ  رادىكال بارسىلۇنالىق دەپ قارايمەن  ، بەلكىم  ھىلىقى ئاغىنەمدەك   بۇ ئىدەممۇ  مادىرىتقا ئەڭ ئۆچلەردۇر ،   لىكىن  بۇلارنىڭ  ئىنكاسىغا  دەرھال قارشى چىقىپ بولغىلى بولمايدۇ  تەييارلىق ياخشى بولمىسا  ،  بارسىلۇنا ئۈچۈن نىمىدىگەن بەخىت  - ھە ؟    رەقىبىنى ئامالسىز قالدۇرۇپ   قويۇشتىنمۇ   ئارتۇق لەززەت بولمىسا كىرەك .  

بۇغدا بىلەن قىزىل  ،  بۇلار ھەققىدە   ئارتۇقچە سۆزلىمىسەكمۇ بولىدۇ ،      ئۇلار دەل پورلىنىڭ ئۆزى  ئوخشىمايدىغىنى  ئۇلار مادىرىتلىق ، ئادەمنىڭ ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىنى  كەلتۈردىغان .   ئۇلارنىڭ مۇنازىرە ئۇسسۇلىمۇ شۇنداقىراق ئىدى  .  مەن  مۇنبەر ھاياتىمدا  پورلىنىڭ گەپتە  تۇتۇلۇپ قالغىنىنى پەقەت بىر قىتىملا كۆرگەن  ،   ئۇنىڭ ئالدىنى توسقىنى    دەل   قىزىل  ئىدى  ئىسىمدە قىلىشىچە .  

قاپلانباي ...بۇ ئادەم ھەققىدىمۇ شۇ ،    مىنىڭچە  ئۇيغۇر تورچىلىقىدا    تىرىنىرلىق نامزاتىغا ئەڭ يىقىن كىلەلەيدىغان ئادەم    مۇشۇ  پاقلانچاق ئاكىمىز دەپ قارايمەن . بۇ ئادەممۇ    بىزگە  قارشى تەرەپتە   ھى ھى   ( يەنە  نۇرغۇنلىرى بار ئىدى  ،    ماڭا تېمىدىن ئۇزۇن   ئىنكاس يىزىش خوشياققىنى بىلەن ئاتىقى تېمىغا كەلگەندە   ئۇنداق ئەمەسكەن  ، مۇنبەردىن چىكىنگۈچە    چوقۇم بىر يوللايمەن ئەمما )  .......................................................................................................................................................................................
ئوھۇي  ،
تىما نەدە قالدى  مەن  نەگە كەتتىم  ؟    تېخى بىلگىيارغىمۇ جاۋاپ بەرمەپتىمەن .      قىرىندىشىم   ئەمدى خولاسىلىۋىتەي ، يوقارقىلار  دەل مەن  مۇنبەر ئاتلىق بۇ مەۋھۇم دۇنياغا كۆنگەندىن بېرىقى    مەن ھۆرمەتلەيدىغان كىشىلەردۇر ،  ( ئۇلارنىڭ كۆپۈنچىسى مېنى  قىلچە تونىمايدۇ )  ئۇلارنىڭ  مۇنازىرە  ئۇسسۇلى ،   ئومىچى  ...مەن ئىزچىل  بوشلۇق بىلەن ۋاقىت ئىسراپ قىلىپ قوغلىشىدىغان   ئۆرنەك ئالدىغان  تەرەپلىرىم .  . . قارشى تەرەپ ھەددىدىن ئاشقاندا    توغرا  ئىلمى  تېتىملىق  ئىنكاس بىلەن  ئامالسىز ھالغا كەلتۈرۈپ  چۈشەپ  قويغاندىكى   لەززەت ئىنتايىن تاتلىق  مىنىڭچە .  بولۇپمۇ قارشى تەرەپ   ئەشەددىي    ئۆچ كوماندىڭىزنىڭ  مەستانىسى بولسا    سىز  بۇ  مەھۇم دۇنيادا  تۇرۇپ  مەستانچىلىقتا   ئىرىشكەن بۇ  ‹‹مۇكاپاتىڭىز ››   كىچە  - كىچىلەپ   دۈمچىيىپ تاراقشىتىپ  كۇنۇپكا تاختىسىنى باسقانغا چۇشلۇق ھاردۇقنى چىقىرالايدۇ ،  ئۆزىمىزمۇ  شۇ قاتارىدا  نەپكىمۇ ئىرىشىپ  قالىمىز .  ...ئەڭ  ئەڭ ئەڭ     مۇھىمى   ...ئىلمى   تاتلىق بولغان ئىنكاس    ئۆز ئارا تونۇشمايدىغان  قېرىندىشىڭىزنى   مەۋھۇم دۇنيادا پەسكويغا چۈشۈرۈپ قويسىمۇ  ،   جىدەل ماجرا ئارقىلىق تاپقان      دىل ئاغرىقىدىن     مىڭى ئارتۇق  !  سىزمۇ  مەستانە بولغان كۇلۇپتىن باشقىچە تۇيغۇدا  پەخىرلىنەلەيسىز .  

يوقارقى مەن ئەسلەپ ئۆتكەن  ھەم ئەسلەشكە  ئۈلگۈرەلمىگەن     ‹‹ئاتامانلار ›› مەن   بۇ مەۋھۇم دۇنياغا  يىڭى كىرگەن   تەمتىرەپ يۈرگەن ۋاقىتلاردىمۇ بار ئىكەنتۇق ،    ئاز - كەم سەككىز توققۇز يىل بولاي دەپ قالدى  ...گەرچە ئۇلار  كۆزگە بۇرۇنقىدەك چىلىقماس بولۇپ كەتكەن بولسىمۇ    ،  بار ۋاقتىدا  ھىچكىم ئۇلارنىڭ   ‹‹قىززىرىشقان ›› ‹‹ كۆڭۈل ئاغرىقى تىپىۋالغان ››    تارىخىنى ئەسلەپ بىرەلمەيدۇ .     سىز بىلەن مەن نىمىشقا قىلالمايمىز ؟       چوقۇم قىلالايمىز   ...گەپ  چۈشىنىشتە ، ئىپادىلەش ئۇسسۇلىمىزدا   .  

  بۇ مۇنبەردە بارسىلۇناغا  مەندەك ئۆچ يەنە بىرىنى  ئۆزۈم ھازىرچە  مادىرىتلىقلارنىڭ ئارىسىدىن   تىپىپ  بىرەلمەسلىكىم مۇمكىن . لىكىن بارسىلۇنا ھەققىدە ‹‹ قالايمىقان ››  پاكىتسىز بىلجىرلىشىممۇ   تۇنجى قىتىملىقى  .  بۇ گەپكە چىنپۈتمەيدىغانلار بولسا   ، مۇنبەردىكى ئادەتتىكى بىر  ئەزا بولساممۇ   مەيدىسىگە ئۇرۇپ   ماڭا كىپىل بولالىغۇدەك     مۇنبەردىكى ‹‹ تۇتسا  سېپى چاقىرسا ئىتى ››   بار  ئاتامانلاردىن بارلاردىن   گۇۋاچى چاقىرساممۇ بولىدۇ   ئۇنداق ئادەمنىڭ ھەم چىقىدىغىنىغا كۆزۈممۇ يىتىدۇ  .بەك بولمىغاندا   مۇنبەرگە  ھازىرغىچىلىك يازغان ئىنكاسلىرىمنى قانچىلىك ۋاقىت كەتسۇن     ئوبدان جەملەپ  تىما قىلىپ تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزسەممۇ تامامەن بولىۋىرىدۇ ، ئاۋارچىلىق ھىس قىلمايمەن

ئەمدى كۆڭلىڭىزنى ئاغرىتقان  ئىۋۇ  قۇرنى    باشقىلار دەماللىققا  چۈشەنمىسىمۇ    بارسىلۇنا رادىكالى بولغان سىزنىڭ  زادى قانداق مەقسەتتە     ‹‹ئەتتەي ›› قىتىپ قويغانلىقىمنى چوقۇم ھىس  قىلالىدىڭىز دەپ قارايمەن    

ئىلاھىم سىزدىن باشقىلارغىمۇ     مەن ئويلىغاندىكىدەك  ئۈنۈم بەرگەي   ، يەنە    كۆڭلىڭىزنى ئاغرىتقان قۇرلار ئۇچرىغۇدەك  بولسا   ئۆزرە !   

                                                                                                                            تۈگدى  .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-8-23 17:11:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
dilhux يوللىغان ۋاقتى  2014-8-23 16:39
ئەمدى بۇ گەپكە كەلسەك ... ئۇ بارغان ھەرقانداق بىر كۇلۇپ ...

  بىرىنچىدىن ئەنچېلوتى تۇتقان پارما، يۇۋېنتۇس، مىلان، ھەتتا رېئال مادرىدنى ھەرقانداق كۇلۇبتىن يامان دېگىنىڭىزگە ئىشەنمەيمەن... مىلاننى تۇتقان 8 يىلدا دۆلەت ئىچىدە ئېنتىر بىلەن يۇۋېنتۇس، ياۋروپادا مانچېستېر، لىۋىرپول، بارسېلونامۇ بەك كۈچلۈك ئىدى. چېلسىمۇ شۇنداق.  پەقەت پارىژ دۆلەت ئىچىدە كۈچلۈك سانىلاتتى، ھازىرقى مادرىدنىمۇ ئەڭ كۈچلۈك دېيىشتە سەل ئاۋايلايمىز، بايرېن بىلەن بارسېلونا قاراپ تۇرىۋاتىدۇ... شۇنى بىلىش كېرەككى، ئاشۇنداق كۈچلۈك، ھەممە نېمىسى تەييار كوماندىلار تېخىمۇ ئۇمىچى بار ئادەمنى تاپىدۇ، شەرەپكە ئېرىشىش قىيىن، ساقلاش ئۇنىڭدىنمۇ قىيىن... ئادىمىنىڭ تايىنى يوق 2007  - يىلىدىكى مىلاننى ئۇزغۇنلۇققا ئېرىشتۈرگەن ئەنچېلوتى ئاشۇ شۇ... سىموننى تېخى باشقا كۇلۇبنى تۇتۇپ باقمىدى، تۇتقان ۋاقتىدا ئاندىن بىر نەرسە دەپ ئۈلگۈرىمىز، گۇئادىئولامۇ ھەممە نېمىسى تەل كۇلۇبنى تۇتقان ئىدى، قانداق بولدى، ئەنچېلوتىغا ئېچىنىشلىق يېڭىلدى...
  ئىككىىنچىدىن، مۇنازىرىمىزدە يەنىلا پاكىت ئاساس قىلىنسا. مۇنداقلا دەپ قويۇش، "قورسىقىدا ئۇماچ يوق" دېگەندەك ھېسسىياتقا، تاشقى كۆرۈنۈشكىلا قاراپ ھۆكۈم چىقىرىش تازا توغرا بولمايدۇ. ھەممىمىزگە لازىمى پاكىت، پەرەز ئەمەس. ئەنچېلوتى مادرىد ئاتلىتكىنى تۇتۇپ، ئۇزغۇنلۇق بېلىتىگە ئېرىشەلمىگەندە ئاندىن ھېساب. ئەنچېلوتى تۆت كوماندىنى يېتەكلەپ ئۈچ قېتىم ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى ۋە باشقا 13 لوڭقىغا ئېرىشتى... كاكادەك، شېۋىچىنكودەك پۇتبول ئەپەندىلىرىنى شەرەپكە نائىل قىلدى، پىرلودەك دۇنيا پۇتبول تارىخىغا تەسىر كۆرسەتكۈدەك شەخسنى مەيدانغا كەلتۈردى، پۇلى يوق مىلاندىمۇ، پارىژدەك، چېلسىدەك باي كۇلۇبتىمۇ، مادرىدتەك "توققۇزى تەل" كۇلۇبتىمۇ ئىزچىل ماڭدى. ئىشتىن بوشىتىلغانلىقىنى ئۇنىڭ ناچارلىقىغا سەۋەب دېسەك، دۇنيادا فورگېسىن بىلەن ۋېنگىرنىلا ئۇتۇق قازانغا دېيەلەيمىز، ئەپسۇس، ۋېنگىرنىڭ بىر قېتىممۇ ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈرەلمىگەنلىكىنى ئويلىساق، فورگېسىنلا قالىدۇ. قىزىق يېرى، فورگېسىن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان، قايىل بولىدىغان تىرېنېرمۇ دەل لىپى بىلەن ئەنچېلوتى....   
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-8-23 14:26:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمە كۈن بۇ ،،، ئىنىمىز بوزەك قىلىپ كەتتى ،،،،سىڭلىمىز كۈلۈپ زاڭلىق قىلىپ كەتتى ،،،،

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +10 يىغىش سەۋەبى
كۇلۇب + 10 ۋۇ ھا ھا ھا

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-8-23 15:30:57 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەرۋەر يوللىغان ۋاقتى  2014-8-23 14:59
ھە ئىنىم،،، بەك كاپشىپ كىتىپسەنغۇ؟  ھى ھى ھى لىرڭ بىلە ...

بۇگۇن بىز ئاتلىتكىغا ئۇتتۇرساق ، ئۇششاق باسىچىلار مادىرىتنى خۇددى باسا ئۇتقاندەك خوش بۇلۇپ كىتىپ ، ئۈزىنىڭ ئاتلىتكا تەرپىدىن بالنىستا يىتىپ قالغىنى ئۇنتۇپ قاپتۇ ، شۇڭا ئىسىگە سەپ قويدۇمغۇ ئىنىم ، سەنمۇ بىر يىلدا ئاپپاق ۋاراق تاپشۇرغان ئاتالمىش ئالەم كوماندىسىنىڭ ھالىنى بىلمەيدىغان يەردە ئەمەسقۇ ئىنىم ھى ھى شۇنداق قىلدى ؟ يەنە شۇ ئاتلىتكا ،،،،، بۇ توغۇرسىدا بىرە نەرسە ياز ئىنىم بىكا بولغاندىكىن ياخشى چىقىشىدا گەپ يوق ۋۇھاھا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-8-23 13:09:39 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۇيارېز يوللىغان ۋاقتى  2014-8-23 12:48
ئەمدى بىزدەك ئاكىلىرى يۇغۇشتۇرمىز ھەممىنى

بۇلتۇر ئۇبدانلا يىغىشتۇرغان سىلەنى ئۇزغۇنلۇق ، بىرلەشمە ، شاھلىق ، ھەممىسىدە مۇشۇ ئاتلىتكا يېغىشتۇرغان ، بىز مۇشۇ ئاتلىتكىنى يىغىشتۇرۇپ شاھلىق لوڭقىسى ، ئۇزغۇنلۇق قاتارلىق لوڭقىلارنى كۇتۇرگەن ،،،،،شۇ چاغدا ھەجەپ يىغىشتۇرلۇپ كىتىپتىكەنسىلە ھى ھى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-8-24 02:28:45 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۇيارېز يوللىغان ۋاقتى  2014-8-23 18:45
مادرىت ئۇتتۇرسىلا مۇنبەر كەيپىياتى مۇشۇنداق . بىرلەشم ...

ماۋۇ راس سۇيارىزكىن باللا(ئەسكىدىن يا بويى قاچ ) دىگەندەك ما سۇيارىزدىن نىرى تۇرلى قاچانلا قايلىسا چىشلەيمەن دەپلا تۇردىكىن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-8-23 11:51:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ناھايىتى نۇرمال بىر ئىشقۇ ؟ چۈنكى مادرېدتا ئەنچىلوتتى تىخى با ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-8-23 11:57:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناۋاسنى مەيدانغا چىقىدىكەن داۋاتاتتىغۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-8-23 11:58:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مورىنىھو،،سىمونى،،كىلوپ..بىر قېلىپتا قۇيغانلار
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-8-23 11:58:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مورىنىھو،،سىمونى،،كىلوپ..بىر قېلىپتا قۇيغانلار
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-8-23 11:58:54 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇيىل ماترىت رىقابەت يەنىلا كۈچلۈك رىقابەتچى بولغۇدەك... سەپشەكلى يەنىلا كۈچلۈككەن..ئاردا نىمە بولغاندۇ.....؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-8-23 11:59:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مانابۇ مادىردنىڭ مىليونلۇق ئادەملىرنىڭ ياراتقان نەتىجىسى  ئوتانچىلار بۇيىلمۇ مادىرد بىلەن باساغا ئوخشاشلام بېسىم ئېلىپ كەلگۈدەك.    ئاخشام رونالدونىڭ كۈزىدىن ياش چىقتى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-8-23 12:05:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممىدىن مەنزۇنىچ كىلىپلا بىر لوڭقا كۆتەدى ، ئۇنىڭ ئۇستىگە ھالقىلىق توپنى ئۆزى ئۇرۇپ ،     بۇنى تەلەي دەمدۇق يا .....................  مۇبارەك بولسۇن مەنزۇنىچ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-8-23 12:06:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاتلىتكىنىڭ  چىمپىيون بولغىنىدىن  خۇشالمەن ، سىمونى قالتىس تىرىنىركەن  .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-8-23 12:09:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
81سىكۇنىت، ئەجەپ بەك تىز ئۇرۇۋېتىپتا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-8-23 12:11:17 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-8-23 12:13:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەرۋەر يوللىغان ۋاقتى  2014-8-23 12:11
5لوڭقا چۈشىنىڭ تەبىرى مۇشۇنداقلا بىرىلدىما ئەمدى؟ ئەس ...

ۋوي ئالدىرما . يەنە 7 ، 8 لوڭقا ئالىدۇ دەيمە تېخى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 05:16

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش