akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1500|ئىنكاس: 13

چىلسى خەۋەرلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
‹ مىلەن تەنتەربىيە گىزىتى › نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، چىلىسى كۇلۇبى بىلەن رىم كۇلۇبى ئۆز-ئارا سودىغا تۇتۇش قىلغان. سودىنىڭ مەزمۇنى بولسا 20مىليون ياۋرۇ+توررىسقا رىم كۇلۇبىدىكى ئىتالىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ ھوجۇمچىسى دىستىرونى ئالماشتۇرۇش، رىم كۇلۇبىنىڭ باشقۇرغۇچىسى ساباتىنى ئاللىقاچان ئەنگىلىيەگە يىتپ كەلگەن بولۇپ، چىلسى تەرەپ بىلەن سۆھبەتنى باشلىماقچى ئىكەن.
توررىس 2010-يىلى 50مىليون فونىستېرلىڭ باھا بىلەن چىلسىغا قوشۇلغان بولۇپ، قوشۇلغان يىلى چىلسىغا ۋاكالىتەن 110 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 20 توپ ئۇرغان، بۇ نەتىجىسى لېۋىرپۇلدىكى نەتىجىسىدىن خىلىلا تۆۋەن تۇرغان. بۇ يىل چىلسى كۇلۇبى دىياگو كوستا بىلەن دىروگبانى قوشۇۋالغان بولۇپ، 30 ياشقا كىرىپ قالغان توررىس ھازىر زاپاسنىڭمۇ زاپىسى ھىسابلىنىدۇ. مورىنىئومۇ ھوجۇمچى تاللىسا ئالدى بىلەن كوستانى ئاندىن دىروگبانى ئۈچىنچى بولۇپ توررىسنى ئويلىشىدۇ.چىلسى تەرەپمۇ يىللىق مۇئاشى 10 مىليون ياۋرۇ بولغان بۇ ھوجۇمچىنى تىزرەك قولدىن چىقارماقچى.
چىلسى قوشۇۋالماقچى بولغان ھوجۇمچى دىستىرو ئالدىنقى پەسىل رىم كوماندىسىغا ۋاكالىتەن 20 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 13 توپ ئۇرغان. ئىلگىرى گىرمانىيە بۆرە قەلئەسى كۇلۇبى 24مىليون ياۋرۇ بىلەن ئۇنى قوشىۋالماقچى بولغان، كەينىدىنلا رىس كۇلۇبىمۇ 15 مىليون فونىستېرلىڭ بىلەن قوشۇۋالماقچى بولغان لىكىن دىستىرو ھەر ئىككى كۇلۇبنى رەت قىلغاچقا سودا ئەمەلگە ئاشمىغان.

مادرىد ئاتلىتكىدىن قايتىپ كەلگەن كورتىۋا يىڭىدىن باشلانغان بىرلەشمىدە ئاساسلىق ۋارتا بولۇپ مەيدانغا چىقتى. ئۇ مادرىد ئاتلىتكىدىكى ئالاھىدە ماھارىتى بىلەن ھەممىنى قايىل قىلدى. چىلسى تەرەپمۇ كورتىۋانى تۇتۇپ قىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ بىلەن قايتىدىن توختاملاشماقچى.
‹ قۇياش گىزىتى › نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، چىلسى يۇقرى قاتلىمىدىكىلەر كورتىۋانىڭ توختام ئۇزارتىش ئىشى ئۈچۈن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن بولۇپ، 22ياشلىق كورتىۋانىڭ ھازىرقى ھەپتىلىك مۇئاشى 30مىڭ فونىستېرلىڭ بولۇپ، كۇلۇبتىكى تۆۋەن مۇئاش قاتارىغا كىرىدۇ. چىلسى يۇقرى قاتلىمىدىكىلەر ئويلىشىپ، ئۇنىڭ ھەپتىلىك مۇئاشىنى 60مىڭ فونىستېرلىڭغا ئۆستۈرۈپ، ئۇنىڭ توختامىنى 2019-يىلىغىچە ئۇزارتماقچى بولغان.
Img403621541.jpg
untitled.bmp
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-8-22 12:02:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىزىقكىنا بۇلار ، ئالىدىغان ئادەم ئۆزى بارماي ساتىدىغان ئادەم لوندونغا كەلگىنى قىززىق ، چېلسىي چېخنىڭ ئىزىنى باسالايدىغان ئادەمگە ئېرىشتى دېيىشكە بولىدۇ ، ئۇ بالىغا يەنە ئازراقلا تەجرىبە قوشۇلسا چېختىنمۇ ئاشۇرۇپ تۇرالىشى تۇرغانلا گەپ .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-8-22 12:16:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تورىس ئتالىيە بىرلەشمىسگە قايتقۇچە ئىسپانغا كەلسە بۇلتى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-8-22 12:16:28 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-8-22 12:24:16 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توررىس ئەرزان بوپ قاپتۇ.
ئەنچىلودى مادىرىتقا موتەلۋەچېلسىغاتېرنىر بولغاندا كاكابىلەن توررىسنى قوزغىتىمەن ئېچىلدۇرمەن دەپ كەتكەن مۇنبەردىمۇ كاكايامانمۇ توررىسمۇ دەپ جېدەل ئوينىغان.
بىراق بۇئىككى تېرنىر گىپىدە تۇرمىدى.ئىست .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-8-22 12:24:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يىل كۆك قوشۇن ئۆزىنى خىلى ئوڭشىۋالدى .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-8-22 12:39:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توررىس ئەسلى لىۋىرپولدا  قىپقالسا  ياخشىدى ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-8-22 13:03:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توررىس  يۇتكىلپولدىغۇ   مادىرىت  ئاتلىتكىغا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-8-22 13:31:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چىلسى ۋارتاچىدىن ئەنسىرمىسىمۇ بولغىدەك ئەمدى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-8-22 13:59:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنگىلاد تازا قىززىيدىغان ئوخشايدۇ بۇ يىل .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-8-22 16:11:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
7RoNALDo يوللىغان ۋاقتى  2014-8-22 12:24
توررىس ئەرزان بوپ قاپتۇ.
ئەنچىلودى مادىرىتقا موتەلۋەچ ...

ئەن دوختۇر كاكانى مىلانغىچە قوزغىتىۋەتتى . ئەمدە تەلۋە توررېسنى روماغا قوزغاتماقچىكەن !!~

كاكاغا ھېلىمۇ ئىچىم ئاچچىق بولىدۇ .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-8-22 16:55:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لېۋىرپول بالاتېرىنى ئەكەلمەي توررىسنى ئەكىلۋالسا ئوبدان بولاتتى !  يابىر مادرىد ئەكىلىۋالمىدى توررىسنى !
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-5-9 23:33

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش