ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 2291 |
تۆھپىسى: سەر |
|
8.1-ئاينىڭ 20-كۈنى 2014-2015-يىللىق ياۋرۇپا چېمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسى قۇشۇمچە سالاھىيەت مۇسابىقىسى ئېنگلاند زەردارى ئارسىنال بىلەن تۈركىيە بىرلەشمىسىدىكى بىشىكتاش كوماندىسى ئوتتۇرسىدا ئىلىپ بىرىلدى.ھەر ئىككى تەرەپ شۇنچە كۈچىگەن بولسىمۇ توپ ئۇرالماي مۇسابىقە 0-0 ئاخىرلاشتى. مۇسابىقە داۋاملىشىپ 80مىنۇت بولغاندا ئارسىنال ئەزاسى رامۇسەي سىرىق كارتا يەپ ئىككى سىرىق كارتا بىرلىشىپ قىزىل كارتا بولۇپ مەيداندىن چۈشۈرۋىتىلدى.
2.يەنە بىر مەيدان مۇسابىقىدە ناپولى كۇلۇبى ساھىبخان مەيداندا بېلباۋ رىقابەت كۇلۇبىنى كۈتىۋالدى. مۇسابىقە داۋاملىشىپ 41مىنۇت بولغاندا بېلباۋ رىقابەت كوماندىسىدىن مونىيايىن سەبدىشى ماكىس بەرگەن پاسنى قوبۇل قىلىپ توپنى ئۇرۇپ كىرگۈزدى، بېلباۋ رىقابەت ۋاقتىنچە ئۈستۈنلىككە ئېرىشتى. كىيىنكى مەيدان مۇسابىقە داۋاملىشىپ 69مىنۇت بولغاندا ناپولى كوماندىسىدىن ھىگۇايىن توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى تەڭلەشتۈردى. ئىككى شۈنچە كۈچىگەن بولسىمۇ توپ ئۇرالماي مۇسابىقە 1-1 ئاخىرلاشتى.
3.يەنە بىر مەيدان مۇسابىقىدە كوپىنھاگىن كۇلۇبى ئۆز مەيدانىدا لىۋىركوسىن كۇلۇبىنى كۈتىۋالدى. مۇسابىقە باشلىنىپ لىۋىركوسىن كوماندىسىدىن كىسلىڭ بىر توپ ئۇردى، 9مىنۇت بولغاندا كوپىنھاگىن كوماندىسىدىن جورگىنسىن كاللا توپ ئۇردى، 13مىنۇت بولغاندا جورگىنسىن بۇلۇڭ توپ چىقاردى ئاماتاي كاللا توپ ئۇردى، كوپىنھاگىن 2-1 ئالدىغا ئۆتتى،31مىنۇت بولغاندا لىۋىركوسىندىن بىلالابى بىر توپ ئۇردى،نەتىجە 2-2. 42مىنۇت بولغاندا لىۋىركوسىندىن سۈنشىڭمىن توپ ئۇردى نەتىجە 3-2.كىيىنكى مەيداندا ئىككىلا تەرەپ توپ ئۇرالمىدى. لىۋىركوسىن 3-2 نەتىجە بىلەن غەلبە قىلدى.
4.يەنە بىر مەيدان مۇسابىقىدەرومىنىيە بۇلغارىست يۇلتىزى كۇلۇبى بۇلغارىيە لۇدوگورتىز كۇلۇبى بىلەن مۇسابىقىلەشتى.88مىنۇت بولغاندا بۇلغارىست يۇلتىزى كوماندىسىدىن چىپسىيۇ بىر توپ ئۇرۇپ بۇلغارىست يۇلتىزى كوماندىسى غەلبە قىلدى. |
|