ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 159 |
تۆھپىسى: سەر |
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
دۇنيا لوڭقىسى ئاخىرلىشىپ ئۇزۇن ئۆتمەي بىز ياقتۇرۇپ كۆرۈپ كىلىۋاتقان ياۋروپادىكى بىرلەشمىلەر باشلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا . دوستلارنىڭ بىر پەسىللىك مۇسابىقە قوغلىشىپ كۆرىدىغان ۋاقتى يەنە باشلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا . بەزىدە دوستلىرىمىز مۇسابىقىنى كۆرۈش ئادىرىسىنى تېپىپى بولالماي يېرىم كىچىدە ئويغانغا چۇشلۇق ئىش بولماي قېلىۋاتىدۇ . مەن بۇ تېمىنى خېلى بۇرۇنلا يېزىشنى ئويلاشقان ، بۈگۈن ئاخىرى قەلەم دەۋرىشتىشكە تەرەددۈد بولۇپ ئولتۇرۇپتىمەن . ئەمدە دېققىتىڭلا تېمىدا بولسۇن .
ئالدى بىلەن تېلىۋىزوردا مۇسابىقە كۆرۈش توغرىسىدا توختىلىمىز .
مەركەز قانىلىدا مۇسابىقە كۆرۈش
مەركىزى تېلىۋىزىيە ئىستانسى كۆرسىتىشكە ئىجازەت ئالغان مۇسابىقىلەر تۆۋەندىكىچە :
دۇنيا لوڭقىسى ، ياۋروپا لوڭقىسى ، ئاسىيا لوڭقىسى ، ئامېركا لوڭقىسى ، خەلقىئارا بىرلەشمە لوڭقىسى (联合会杯) ۋە خەلقىرا پۇتبولچىلار بىرلەشمسى بايرىقى ئاستىدىكى دۆلەت كوماندىللىرىنىڭ بەدەن قىزىتىش مۇسابىقىسى .
بىرلەشمە مۇسابىقىللىرىدىن ئىتالىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسى ، گېرمانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسى ، ئىسپانىيە بىرلەشمىسى ۋە جۇڭگۇ دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى .
قىتئە خاراكتېرلىك لوڭقا مۇسابىقىللىرىدىن : ياۋروپا ئۇزغۇنلار لوڭقىسى ، ئاسىيا ئۇزغۇنلار لوڭقىسى ، ياۋروپا دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى ، دۇنيا كۇلۇپلار لوڭقىسى .
گېرمانىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسىنى تارقىتىۋاتقىلى ئىككى نۆۋەت بولدى . ئىتالىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسىنى بەزىدە قويىۋاتىدۇ بەزىدە يوق . يەنە يېقىندا ئامېركىدا ئۆتكۈزۈلگەن جىنىس لوڭقىسىنىمۇ ئۇلار تارقاتتى .
مەركىزى تېلىۋىزىيە ئىستانسى يۇقارقى مۇسابىقىلەردىن باشقا مۇسابىقىلەرنى تارقىتىش ھوقۇقى يوق . مەسىلەن بىز بىلىدىغان مۇسابىقىلەردىن ئىنگىلاند بىرلەشمىسى ، ئىنگىلاند ئۇيۇشما لوڭقىسى ، ئىسپانىيە شاھلىق لوڭقىسى ۋە ئىسپانىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى ، ئىتالىيە لوڭقىسى ۋە گېرمانىيە لوڭقىسى دىگەندەك . شۇڭا يۇقارقى مۇسابىقىلەرنى مەركەز قانىلىدا كۆرىمەن دەپ ئاۋارە بولماڭلار .
لىكىن مەركەز قانىلىدا بىرلەشمە مۇسابىقىللىرىنى تولۇق كۆرۈشكە كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدۇ . بەزىدە 4 يىلدا ياكى 2 يىلدا بىر ئۆتكۈزلىدىغان ۋە ياكى خەلقىئاردا تەسىر كۈچى يۇقىرى بولغان يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزلىدىغان باشقا تەنھەركەت مۇسابىقىللىرى ئوينىلىپ قالسا ، شۇ مۇسابىقىلەر تۈگىگچە ياۋروپادىكى بىرلەشمە مۇسابىقىللىرى ئۇ ئۇسابىقىلەرگە ۋاقىتلىق ئورۇن بوشتىدۇ .
شۇڭا تەكلىبىم پۇتبول مۇسابىقىللىرىنى دەل ۋەقىتدا تولۇق كۆرەي دىسىڭىز يەنىلا توردا كۆرگەن ياخشى .
لىكىن ياۋروپا ئۇزغۇنلار لوڭقىسىنى كۆرۈشتە مەركىزى تېلىۋىزىيە ئىنتانسى ئەڭ ياخشى تاللىشىڭىز بولالايدۇ . بۇ مۇسابىقە ھەرقاندا مۇسابىقىلەرگە ئورۇن بوشاتمايدۇ . مەركەز 5-قانىلى ، 风云足球 قانىلى ۋە سۈزۈكلۈك دەرىجسى يۇقىرى بولغان 5+ تەنتەربىيە مۇسابىقىسى قانىلى قاتارلىقلار سىزنىڭ تەلىپىڭىزنى تولۇق قاندۇرالايدۇ . ياۋروپا ئۇزغۇنلار لوڭقىسىنىڭ كىچىك گورۇپ مۇسابىقىسىدە ، مۇشۇ 3 قانالدا تەسىر كۈچى كۈچلۈك بولغان كوماندىلارنىڭ مۇسابىقىسى قويىلىدۇ ، تاللاپ كۆرۈش ئۆزىڭىزنىڭ ئەركىنلىكىڭىز .
ئۆيىڭىزدە سىملىق تېلىۋىزىيە تورى + سۈرۈلۈك دەرىجىسى يۇقىرى رەقەملىق قوبۇللۇغۇچ (高清机顶盒) بولسا يۇقارقى قاناللارنى ھەقسىز كۆرەلەيسىز . لىكىن 风云足球 قانىلىغا ئايلىقىغا 5 يۈەن كىتىدۇ . بەزىدە 套餐 بىجىرسەڭلا ھەقسىز قېتىپ بىرىدۇ .
ئىنگىلاند بىرلەشمىسىنى كۆرۈش
بۇ پەسىلدىن باشلاپ ئىنگىلاند پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ قارارىغا ئاساسەن جىق مۇسابىقىلەرنى توردا كۆرمەكچى بولساڭلا پۇلغا كۆرىسىلە . شۇ سەۋەپتىن سىنا تورى ئىنگىلاند بىرلەشمىسىنى ئۇلاپ تارقىتىشنى توختاتتى . ھەممەيلەن ياقتۇردىغان دۆلىتىمىزدىكى 1-دەرىجىلىك ئىنگىلاند بىرلەشمسىنى چۈشەندۈرگىچى جەنجۈن ئامالسىز pptv غا ئىنگىلاند بىرلەشمىسىنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن يۆتكەلدى . pptv تورىدا بۇ پەسىللىك ئىنگىلاند بىرلەشمىسىنىڭ 50 نەچچە مەيدان مۇسابىقىسى ھەقسىز ئۇلاپ تارقىتىلىدىكەن ، مۇشۇ 50 نەچچە مەيدان مۇسابىقىنى جەنجۈن چۈشۈندۈرمەكچى ، شۇڭا بۇ يىل ئىنگىلاند بىرلەشمىسىنى توردا كۆرۈشتىكى ئەڭ ئەقىلانە تاللاش pptv تورى بولۇپ قالدى . لىكىن pptv تورىدا بەزى مۇسابىقىلەرنى يەنە پۇل تۆلەپ كۆرىشىڭىزگە توغرا كىلىدۇ . ئەمما ئەنسىرىمەڭ جەنجۈن ھەقلىق مۇسابىقىلەرنى چۈشەندۈرمەيدۇ . ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ئىنگىلاند بىرلەشمىسىنىڭ كۆپ قىسىم كۈچلۈكلەر ئۇچۇرشىشى ھەقلىقكەن . جەنجۈن پەقەت ئىنگىلاند بىرلەشمىسىنىڭ ھەقسىز مۇسابىقىلەرنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن pptv بىلەن توختاملاشتى . ئۇ يەنىلا سىنا تورىنىڭ ئادىمى ، ياۋروپا ئۇزغۇنلار لوڭقىسىنى جەنجۈن سىنا تورىدا چۈشەندۈرىدۇ .
ئەگەر ئۆيىڭىزدە سىملىق تېلىۋىزىيە تورى + سۈرۈلۈك دەرىجىسى يۇقىرى رەقەملىق قوبۇللۇغۇچ (高清机顶盒) بولسا ، سىز 高清频道 ئىچىدىن 新视觉高清频道 نى بىلىۋېلىڭ . مەخسۇس ئىنگىلاند دەرىجدىن تاشقىرى قانىلى . ئىنگىلاند بىرلەشمىسنىڭ توردىن تاپالمىغان مۇسابىقىللىرى شۇ قانالدا ، نەخ مەيدان ، مەيلى ھەپتە ئاخرىدىكى مۇسابىقىلەر بولسۇن مەيلى ھەپتە بېشى ياكى ھەپتە ئوتتۇردىكى مۇسابىقىلەر بولسۇن ھەممىسى بار . نەخ مەيدان تارقىتىدۇ . ئىلان يوق ، 24 سائەت ئىنگىلاند دەرىجدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىنىڭ گىپى ، ئىلان پەقەتلا يوق . بىرلەسىللىك ئىنگىلاند بىرلەشمىسىنىڭ بارلىق مۇسابىقىللىرىنى تولۇق ئۇلاپ تارقىتىدۇ ، ئەمدى بىر قانچە مەيدان مۇسابىقە تەڭ باشلىنىپ قالسا قانداق بولاكى .
ئىنگىلاند ئۇياشما لوڭقىسىنى يىللاردىن سىنا تورى ئۇلاپ تارقىتىۋاتقان بۇ يىل ئۇلاپ تارقىتىش قانداق بوپ كەتتى بۇنى ئۇقمىدىم . ئىسپانىيە شاھلىق لوڭقىسىنى بەزىدە pptv بەزىدە letv تورى قاتارلىقلار تارقىتىۋاتىدۇ ، لىكىن ئېنىق بىر قانال يوق .
ئۇزۇن گەپنىڭ قىسقىسى ، مۇسابىقىنى خاتېرجەم كۆرۈشنىڭ ئاقىلەنە ئۇسۇلى توردا كۆرۈش . مۇنبىرىمىزنىڭ تور تېلىۋىزىيەسى دە ئاساسەن ھەممە مۇھىم پۇتبول مۇسابىقىللىرىنىڭ ئادىرىسى بار . ئەگەر بۇنىڭغىمۇ ئىشەنچ قىلالمىساڭلا 直播吧 تورىغا كىرسەڭلا بولىدۇ . |
|