akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 744|ئىنكاس: 7

ئىنگىلاد بىرلەشمىسى تۇنجى ئايلانما مۇنەۋۋەر سەپ شەكلى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]


1.ۋاراتار: مىكگىرىگىر( خول شەھىرى)
   
     خول شەھىرى تۇنجى ئايلانمىدا ئايال پادىشاھ باغچىسى كوماندىسىنى 1-0 نەتىجە بىلەن مەغلۇپ قىلدى،بۇ مەيدان مۇسابىقىدا ۋاراتار مىكگىرىگىرنىڭ ئىپادىسى قالتىس بولدى،ئۇ 6 قىتىم خەتەرلىك توپنى ئۈنۈملۈك توسۇپ كوماندىنىڭ ئەڭ چوڭ تۆھپىكارى بولۇپ قالدى،شۇنداقلا ئاسمان تەنتەربىيىسى تەرىپىدىن ئەڭ يۇقىرى 7 نۇمۇرغا ئىرىشتى.

2.مۇداپىئە: دىئىر (توتىنھام رىس)،چىسىت ( خول شەھىرى)،فىلار (ۋىيلا)

     رىس بۇ ئايلانمىدا دىئىر نىڭ بوغۇزلاش خاراكتىرىدىكى توپى بىلەن غەلبىنى قولغا كەلتۈردى،ئۇندىن باشقا دىئىر يەنە مۇسابىقە جەريانىدا 8 قىتىم خەتەرلىك توپنى ئۈنۈملۈك مۇداپىئە قىلغان.  

     چىسىت خول شەھىرى بىلەن ئايال پادىشاھ باغچىسى ئوتتۇرىسىدىكى مۇسابىقىدا بىردىنبىر توپنى كىرگۈزدى،ئۇ مۇسابىقە جەريانىدا 14 قىتىم خەتەرلىك توپنى ياخشى مۇداپىئە قىلدى  ،ئاسمان تەنتەربىيىسى ئۇنىڭغا 8 نۇمۇر بەردى.

     فىلار:ۋىيلا 1دە0 نەتىجە بىلەن سىتوك شەھىرىنى يەڭدى، مۇسابىقە جەريانىدا ۋىيلا كوماندىسى بىكى فىلارنىڭ ئىپادىسى ناھايىتى تۇراقلىق بولدى،ئۇ جەمئىي 6 قىتىم خەتەرلىك توپنى بىر تەرەپ قىلدى، ئاسمان تەنتەربىيىسى ئۇنىڭغا 7 نۇمۇر بەردى.

3. ئوتتۇرا مەيدان: سىتىرلىڭ (لىۋىرپول)،سىگۇدىسىن (سىۋانىش)،فىرنەندۇ(مانچىستىر شەھىرى)، سىنەيدىلىن(جەنۇبى ئامپىتۇن)،رامسىي(ئارسىنال)

     لىۋىرپول تۇنجى مەيدان 2-1نەتىجەن بىلەن جەنۇبى ئامپىتۇننى ئاران يەڭدى،سىتىرلىڭ تۇنجى توپنى كىرگۈزدى،ئۇ جەمى 4 قىتىم ۋارتارغا توپ تەپكەن بولۇپ 3ى ئۇدۇل ماڭغان،سىتولىچنىڭ كىرگۈزگەن توپىمۇ سېتىرلىڭنىڭ ياردىمى بىلەن بولغان.

     سىۋانىس 2-1مانچىستىرنى مەغلۇپ قىلدى، بۇنىڭدا مۇز ئارالدىن كەلگەن سىگۇدىسىننىڭ تۆھپىسى زور،ئۇ ئالدى بىلەن بىر ياردەمچى پاس چىقاردى، كىيىن ئۆزى بىر توپ ئۇرۇپ غەلبىنى مۇقىملىدى، ئاسمان تەنتەربىيىسى ئۇنىڭغا 8 نۇمۇر بەردى.

     مانچىستىر شەھىرىگە ۋەكالىتەن تۇنجى قىتىم مەيدانغا چىققان فىرنەندۇنىڭ ئىپادىسى ھەممىنى قايىل قىلدى، ئۇ ئارقا بەللىك ۋەزىپىسىنى ياخشى ئۇرۇنداپ جەمئى 9قىتىم خەتەرلىك توپنى بىر تەرەپ قىلدى.

   جەنۇبى ئامپىتۇن كوماندىسىكى سىنەيدىلىن لىۋىرپول بىلەن بولغان مۇسابىقىدە جەمئى 43 قىتىم پاس بىرىپ 8 خەتەرلىك توپنى بىر تەرەپ قىلدى، ئۇ كوماندىنى تەشكىلەپ لىۋىرپولغا كۆپ بىسىم ئىلىپ كەلدى.مۇسابىقىدىن كىيىن ئۇنىڭغا 7 نۇمۇر بىرىلدى.

    رامسىي 90 مىنۇت بولغاندا خىروستال ئوردا كومانسىدىنى بوغۇزلاپ غەلبىنى قولغا كەلتۈردى، ئۇ 54 قىتىم پاس بىرىپ، 8 قىتىم خەتەرلىك توپنى توسۇپ،4 قىتىم ۋارتارغا توپ تەوكەن.

4.ھۇجۇم:ھۇلۇئا (لەسىت شەھىرى)،بىلاسىنو(غەربى ھام)

   يىڭى دەرىجە ئۆرلىگەن لەسىت شەھىرى 2-2 ئىۋىرتون بىلەن تەڭلەشتى، ھۇلۇئا تۇنجى توپنى ئۇردى، مۇسابىقە جەريانىدا ۋارتارغا 3 قىتىم توپ تەپتى 2سى ئۇدۇل ماڭدى.پۈتكۈل مۇسابىقە جەريانىدىكى ئىپادىسى قالتىس بولدى.

    غەربى ھام  2-2 ساندىرلاند بىلەن تەڭلەشتى،ۋىلاسىنو 2 توپ كىرگۈزدى، ئۇندىن باشقا ئۇ ئىككى خەتەرلىك توپنى بىر تەرەپ قىلدى، 4 قىتىم ۋارتارغا توپ تىپىپ 2نى كىرگۈزدى،ئۈنۈمى ھەقىقەتەن يۇقىرى بولدى،ئاسمان تەنتەربىيىسى ئۇنىڭغا 8 نۇمۇر بەردى.   
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-8-19 21:07:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چېلسىدىكى فابرىگاسنىڭمۇ ئىپادىسى ناھايىتى ياخشى بولغان  بولۇپ ھالقىلىق ئىككى ياردەمچى پاس بەرگەن ئەپسۇس مۇنەۋۋەر سەپ شەكلىگە كىرەلمەپتۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-8-19 21:19:29 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممە بىرلەشمە ھەر ئايلانما تۈگىگەندىكىن مۇشۇنداق سەپ شەكلى چىقىرامدۇ ئىنېگىلاد بىرلەشمىسلا چىقرامدۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-8-19 22:58:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇلار قانداق تاللايدىكى ئىشقىلىپ ئوزى بىلۇدۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-8-20 00:07:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭچىمۇ جايىدا بوپتۇ ............
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-8-20 00:21:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنگىلاد بىرلەشمىسى مۇسابىقىسى بەك كەسكىن بوپ كىتىپ بارىدىغۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-8-20 02:37:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ستىرلىڭ بىلەن سىتۇرىچنىڭ ئىپادىسى بەك ياخشى بولدى تۇنجى ئايلانمىدا ، ئالغا قىزىل قۇشۇن!~!~
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-8-20 14:53:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭچە توغرا تىزىلىپتۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-5-9 13:56

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش