akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 940|ئىنكاس: 20

ئاقسۇ ئاتال لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى . بۇ مۇنبەرنى سىرىتتىن زىيارەت قىلۋاتقىنىمغا .ئۇزۇن بولدى .بۇگۈن مۇنبەرگە رەسمىي ئەزا بولۇپ تۇنجى تېمىنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن . كونا -يېڭى بارلىق ئەزالار بىلەن تونۇشقانلىقىمدىن خوشالمەن  
تونۆگۈن ئاقسۇ كەسپىي تېخنىكا ئىنىستىتۇتىدا ئاتال لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئۇينالدى  . چۈغتىن بۇرۇن ئوينالغان  3-،4- لىكنى تالىشىش مۇسابىسىدە كورلا تەكلىماكان كوماندىسىنىڭ ۋاز كېچىشى بىلەن  (كوماندىنىڭ يادرولۇق توپچىسى 24- نومۇر  يارلانغانلىقى ئۈچۈن) بۈگۇر دىنار كوماندىسى 3 - لىكنى قولغا كەلتۈردى . چۈشتىن كېيىن .ئوينالغان ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى بىردىنبىر ئەنگە ئېلىنغان (قانۇنلۇق) كۇلۇپ ئاتئال پۇتبول كوماندىسى  قەشقەر ۋىلايىتىدىن كەلگەن ئەمىن پۇتبول كوماندىسىنى كۈتۋالدى . توختىماي يامغۇر يېغۋاتقان ھاۋا سوغوق ھەم مۇسابىقە ئۇيۇشتۇرغۇچى تەرەپ بېلەت باھاسىنى ئۆستۇرۋالغان شارائىتتىمۇ مەستانىلەر ئاز بولمىدى (مۇسابىقە ئوينىمىسىمۇ  نۇرغۇن ئىشتىن سىرىتقى كوماندىلارنىڭ كوماندا باشلقى ، تېرنېر ،ئەزالىرى مۇسابىقە كۆرگىلى كەپتۇ ) .
مۇسابىقە باشلىنىپ  ئالدىنقى يېرىم مەيدان ئاقسۇ ئاتال كوماندىغا ناھايىتى ئورنى ياخشى ئىختىيارى توپ تېپىش پۇرسىتى كەلدى  . بۇ توپنى قەشقەردىن  تەكلىپ قىلىپ ئەكەلگەن 15 - نۇمۇرلۇق ماھىر بىۋاستە ۋارتاغا ئۇرۇپ كىرگۈزدى  . 2 مىنۇتتىن كېيىنلا قەشقەر ئەمىن كوماندىسىنىڭ 9 - نومۇرلۇق ۋۇجۇمچىسى بىر قېتىملىق قايتۇرما ۋۇجۇم پۇرسىتىنى چىڭ تۇرۇپ پاسمۇ بەرمەي ئۆزى يالغۇز ئالداپ چىرايلىق بىر توپ ئۇردى (خۇددى روبىننىڭ ئىسپانىيەگە ئۇرغان توپىغا ئوخشاش). مۇسابىقە داۋاملىشىپ ئۇزاق ئۆتمەي ئاتئال كوماندىسىغا بۇلۇڭ توپ پۇرسىتى كەلدى . سەپدىشى تاشلاپ بەرگەن بۇلۇڭ توپنى  11 - نومۇرلۇق ۋۇجۇمچى ئېرشات ئورۇق  ۋارتاغا تېپ كىرگۈزدى  . ئالدىنقى يېرىم مەيدان 2 دە 1 نەتىجە بىلەن .ئاياغلاشتى
كېيىنكى مەيدان باشلىنىپ  ئۇزاق ئۆتمەي ئاقسۇ ئاتئال كوماندىسى بىر قېتىملىق ۋۇجۇم پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ يەنە بىر نۇمۇر ئالدى  . نەتىجە( 3 دە 1  ).  مۇسابىقە ئاياغلىشىشقا ئاز قالغاندا  يەنە شۇ 11 - نۇمۇرلۇق ئېرشات  ئوڭدىن ۋۇجۇم قىلىپ  1 توپ كىرگۈزدى .  مۇسابىقە داۋامىدا ئەمىن كوماندىسىدىن بىر ئەزا رېپىر بىلەن تاكاللاشقانلىقى ئۈچۈن قىزىل كارتا يېدى  .  مۇسابىقىنىڭ ئاخىرقى مىنۇتلىرىدا ئەمىن كوماندىسى بىر ئىختىيارى توپ كىرگۈزۈپ  4 دە 2 نەتىجە بىلەن مۇسابىقە ئاياغلاغتى(ئاقسۇنىڭ لوڭقىسىنى قەشقەرگە بەرمىدۇق  ھې ھې ھې)
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-8-19 11:14:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىرىنداشلارغا مۇبارەك بولسۇن ،
ئاقسۇنىڭ لوڭقىسىنى قەشقەرگە بەرمىدۇق  ھې ھې ھې،
قەشقەر ئالسىمۇ قىرىنداش ،ئاقسۇ ئالسىمۇ قىرىنداش ،
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-8-19 11:17:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
موسابىقىدىن ئوت چىكەتكەن چىرايغۇ ؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-8-19 11:38:57 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن. ئەمدى شىنجاڭ دېربىسى كۇردىكەنمىزدە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-8-19 11:46:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
januzay يوللىغان ۋاقتى  2014-8-19 11:38
مۇبارەك بولسۇن. ئەمدى شىنجاڭ دېربىسى كۇردىكەنمىزدە

قارماي نەۋائىي كوماندىسى كەلمەيدىغان بولۇپتۇ  . ۋەزىيەت ماس كەلمىگەن چېغى  ......
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-8-19 11:55:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-8-19 12:10:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مانا تاماششا  ..........  مۇبارەك بولسۇن   ئاقسۇ كوماندىسى ...   

  خىزمەت بېلەن بۇلۇپ كىتىپ مۇسابىقىنى كۆرەلمىدىم
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-8-19 12:18:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىھمان بولۇپ بارغاندىكىن لوڭقىنى بەرمەپتۇيا قەشقەر كوماندىسىغا.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-8-19 12:23:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-8-19 12:26:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لاچېن يوللىغان ۋاقتى  2014-8-19 12:18
مىھمان بولۇپ بارغاندىكىن لوڭقىنى بەرمەپتۇيا قەشقەر كو ...

تەسەللىي دەپ بىر مۇنچە كاۋا تۇتقۇزۇپ قويدۇققۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-8-19 13:17:57 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەشقەر باللىرى بىز توڭماي تىترەيمىز دەپ يامغۇر ياغسىمۇ ئويناۋىرىپتۇ ببىزنىڭ باللىغا نىمە بولغاندۇ بۇقىتىم چوقۇم مىنى ئالغاچ بامىغاننىڭ كاساپىتى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-8-19 13:23:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۇيارېز يوللىغان ۋاقتى  2014-8-19 12:26
تەسەللىي دەپ بىر مۇنچە كاۋا تۇتقۇزۇپ قويدۇققۇ

ئۇمۇ بەلەن سوۋغىكەن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-26 02:19

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش