akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 673|ئىنكاس: 9

گېرمانىيە لوڭقىسى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
20130417083232017630.jpg


   گېرمانىيە لوڭقىسى (Deutscher Fussball Bund Cup) قسقارتىلىپ DFB-Pokal دپ ئاتىلىدۇ. 1934-يىلدىن باشلاپ ئۆتكۈزىلۋاتىدۇ. بۇنىڭغا گېرمانىيەدىكى كەسپىي پوتبۇل كوماندىسى ۋە ئىشتىن سىرىتقى پۇتبول كوماندىسى قاتناشسا بولدىغان مۇسابىقىدىن ئىبارەت.

   ئەسلىدىكى قائىدە بويىچە ئېلىپ ئېيىتقاندا، كەسپىي پۇتبول كوماندىسى تۇنجى ئايلانمىدىكى مۇسابىقىگە قاتناشمىسىمۇ بولاتتى. ئەمما گېرمانىيە پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى 1999-يىلى 10-ئاينىڭ 23-كۈنى يىغىن ئېچىپ قارار ماقۇللاپ، 2000-2001-يىللىق مۇسابىقە پەسىلىدىن باشلاپ، بارلىق كەسپىي ۋە ئىشتىن سىرىتقى پۇتبول كوماندىلىرى تەڭ قاتنىشىدۇ دەپ ئېلان قىلغان.

   گېرمانىيە لوڭقىسىغا چەك تارتىش بولسا، 18 گېرمانىيە ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىسىدىكى كەسپىي كوماندا بىلەن 14 گېرمانىيە ب دەرىجىلىك بىرلەشمىسىدىكى كەسپىي كوماندا بىرىنچى قېتىملىق چەك تارتىشقا قاتنىشىدۇ. ئىككىنچى چەك تارتىش ساندۇقىغا بولسا 24 ئىشتىن سىرىتقى كوماندا، 4 گېرمانىيە ب دەرىجىلىك بىرلەشمىسىدىكى دەرىجە ئۆرلەپ چىققان كوماندا ۋە 4 دەرىجە چۈشۈپ كەتكەن كوماندا چەك تارتىشقا قاتنىشىدۇ.  چەك تارىتقۇچى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئىككى چەك ساندۇقىدىن ئىككى كوماندىنى تارتىپ چىقىدۇ. بۇ ئىككىسى مۇسابىقىلىشىدۇ. ئىككىنچى ساندۇقتىكى 32 كوماندا ساھىبخان مەيدان ئەۋزەللىكىگە ئېگە بولىدۇ. ئىككىنچى ئايلانمىدىن 4-ئايلانمىغىچە بولغان چەك تارتىش بىرىنچى ئايلانمىدىكى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ. شاللاش باسقۇچىدىكى كوماندىلار كۈچلۈك-ئاجىزلىقىغا ئاساسەن 1- ۋە 2- چەك ساندۇقى دەپ ئايرىلىدۇ. 2-چەك ساندۇقىدىكىلەر بولسا ساھىبخان مەيدان ئەۋزەللىكىگە ئېگە بولىدۇ.

   تۆت ئايلانما ئاخىرلاشقاندىن كىيىن، 4 كوماندا يېرىم ھەل قىلغۇچقا كىرىدۇ. ئۇلارغا ئوخشاشلا چەك تارتىلدىغان بولۇپ، بۇ باسقۇچتىكى چەك تارتىش بۇرۇنقى ئىككى چەك ساندۇقى بىلەن ئوخشىماستىن بەلكى، بۇ تۆت كوماندىنىڭ ھەممىسى ئوخشاشلا بىر چەك ساندۇقىغا تاشلىنىدۇ. بۇ 4 كوماندا بىر چەك ساندۇقىدا بولۇپ، ئالدىدا چەك تارتىلىپ چىققان ئىككى كوماندا ساھىبخان مەيدان ئەۋزەللىكىگە ئېگە بولىدۇ. ئەمما ئەگەر ئىشتىن سىرىتقى كوماندا يېرىم ھەل قىلغۇچقا كىرىپ قالسا، ئۇلار چەك تارتىلغان تەقدىردىمۇ يەنىلا ساھىبخان مەيدانلىق سالاھىيتىگە ئېرىشىدۇ.

   ھەل قىلغۇچقا كىرگەن ئىككى كوماندا بېرلىن ئولىمپىك پۇتبول مەيدانىدا ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە ئوينايدۇ. 90 مىنۇتلىق مۇسابىقىدە تەڭلىشىپ قالسا، ۋاقىت قۇشۇپ بىرىش باسقۇچىغا كىرىدۇ. 120 مىنۇت ۋاقىت ئىچىدە يەنە تەڭلىشىپ قالسا، نوختا توپ جېڭى ئېلىپ بارىدۇ.

   ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە ئېلىپ بېرىلدىغان مەيدان بولسا بېرلىن ئولىمپىك پۇتبول مەيدانى بولۇپ، 1984-1985-يىللىق مۇسابىقە پەسىلدىن باشلاپ، ھازىرغىچە مۇشۇ مەيداندا ئېلىپ بېرىلۋاتىدۇ. ئۇنىڭدىن بۇرۇن ئورنى مۇقىم ئەمەس ئىدى.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +50 يىغىش سەۋەبى
زەربىدار + 50 قالتىس!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-8-18 22:09:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەئە  ئەسلى مۇنداقكەندە بۇنىمۇ چۈشىنۋالدۇق ،رەھمەت سىزگە.. .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-8-18 22:11:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە، ئسيانچى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-8-18 22:58:08 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەل قىلغۇچنى ھەر قىتىم بىرلا مەيداندا ئوينامدا؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-8-18 23:04:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
7RoNALDo يوللىغان ۋاقتى  2014-8-18 22:58
ھەل قىلغۇچنى ھەر قىتىم بىرلا مەيداندا ئوينامدا؟

شۇنداق بىرلا مەيداندا....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-8-18 23:54:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چۇشۇنىۋالدۇق رەھمەت سىزگە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-8-19 01:20:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يىللىق مۇسابىقىلەردە نەدىكى ئىسمىنىمۇ بىلمەيدىغان كۇماندىلار داڭلىق كۇلۇپلارنى مەغلۇپ قىلۋاتىدۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-8-19 06:24:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بېرلىن ئولىمپىك مەيدانى گېتلىر زامانسىدا قۇرۇلغان مەيدان شۇمۇ؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-8-19 11:23:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى يوللاپسىز، چۈشىنىۋالدۇق
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-8-19 16:37:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت ئەتراپلىق چۈشەندۈرۈش بوپتۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-5-10 18:25

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش